نۇرۇللا تەۋەككۇل
1. ئىچ سۈرۈشنى توختىتىپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ
ئالمىنىڭ تەركىبىدە تاننىك كىسلاتا، ئورگانىك كىسلاتا، پېكتىن ۋە يېمەكلىك تالالىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى تاننىك كىسلاتا بىلەن ئورگانىك كىسلاتالارنىڭ ئورگانىك توقۇلمىلارنى قورۇش رولى بار. پېكتىن ۋە سېلليۇلوزالارنىڭ باكتېرىيە ۋە توكسىنلارنى سۈمۈرۈش رولى بولغاچقا، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئالمىنىڭ تەركىبىدىكى يىرىك تالالار چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئالما دائىم قەۋزىيەت بولۇپ قالىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئەڭ ماس كېلىدۇ. ئالمىنىڭ يەنە يېنىك دەرىجىدىكى ئىچ سۈرۈشكە نىسبەتەن ئۈنۈمى ياخشى.
2. قان بېسىمنى چۈشۈرۈپ، ھېرىپ – چارچاشنى تۈگىتىدۇ
ئالمىنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كالىي بولۇپ، ئورگانىزمدىكى كالىي ۋە ناترىيلارنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش تەڭپۇڭلۇقىنى ياخشىلاپ، ھېرىپ – چارچاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئالما يەنە قان تومۇرلارنىڭ دىۋارىنى يۇمشىتىپ، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.
3. ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىپ سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ئالما ئارتۇق مىقداردىكى ئاشقازان كىسلاتاسىنى نېيتراللاپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆت كىسلاتاسىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تال، ئاشقازان ئاجىز بولۇش، ھەزىم قىلىش ناچار بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە قارىتا مەلۇم دەرىجىدە داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]