خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

لىن بىياۋ ئاسىيلىق قىلىپ قاچقان ئايروپىلاندىكى تۆت چوڭ سىر

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-08-28 00:49


 
لىن بىياۋ ئاسىيلىق قىلىپ قاچقان ئايروپىلاندىكى تۆت چوڭ سىر
لىن بىياۋ ئاسىيلىق قىلىپ قاچقان ئايروپىلاندىكى تۆت چوڭ سىر

 

1971-يىلى «13-سېنتەبىر»ۋەقەسى يۈزبەرگەندە ،ھاۋا ئارمىيىسى مەخسۇس ئايروپىلان دېۋىزىيەسىنىڭ باشلىقى ،قوشۇمچە ئۇچقۇچىسى ئىدىم .لىن بىياۋ ئاسىيلىق قىلىپ قاچقاندا ئولتۇرغان«256-نومۇرلۇق سەنسجى(تىرايدېنت)»بەلگىلىك ئايروپىلان ۋە بۇ ئايروپىلان خادىملىرى دېۋىزىيەمىزگە قاراشلىق ئىدىم .سەبداشلىرىم بىلەن 30 نەچچە يىلدىن بۇيان (13-سېنتەبىر)ۋەقەسى مەسىلىسىنى ئىزچىل تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتىمىز .

«قارا قۇتا»دىكى سىر

«قارا قۇتا»ئۇچقۇچىلارنىڭ ھۆكمى بويىچە قارىغاندا ،بۇ «قارا قۇتا» چوقۇم مەلۇم جايدا ساقلىنىۋاتىدۇ .بۇنىڭ ئاساسىي مۇنداق :«256-نومۇرلۇق سەنساجى »ئايروپىلاننىڭ قۇيرۇقى ئايروپىلاننىڭ كۆيمەيدىغان ،پارتىلمايدىغان مېتالدىن ياسالغان قىسمىدۇر .مۇشۇ بويىچە ھۆكۈم قىلغاندا ،بۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۈسكۈنە بۇزۇلمايدۇ.ئايروپىلاننىڭ باش قىسمىغا ئاۋازغا ئېلىش ئۈسكىنىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ،بۇمۇ ياخشى ساقلانغان بولىشى مۇمكىن ،شۇڭا «قارا قۇتا»مۇ ياخشى ساقلانغان ،دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ .

«قارا قۇتا»سىرىنىڭ پەيدا بولىشىغا ئەگىشىپ ،يەنە بىر قىسىم سىرلارمۇ ئوتتۇرغا چىقتى :بىرىنچى «256-نومۇرلۇق سەنساجى»بەلگىلىك ئايروپىلاننىڭ ئۇچقۇچىسى ،ھاۋا ئارمىيە مەخسۇس ئايروپىلان دېۋىزىيەسىنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى پەن جىڭيەن پارتىلاپ ئۆلگەندىن كىيىن ،لىن بياۋنىڭ يىققىنى ھەم ساتقۇن ،دەپ تەكشۈرۈلدى .دېڭ شىياۋپىڭ كىيىن ھەقىقەتنى ئەمىليەتتىن ئىزدەپ ،ئۇنى «ئادەتتىكى ئۆلۈم » دەپ بېكىتتى .ئۇنداقتا پەن جىڭيەن ئۇچۇش جەريانىدا زادى نىمىلەرنى دېگەن ؟ئۇ ئايروپىلاننى باشقا جايغا ھەيدىمەكچى بولغانمۇ-يوق؟ئىككىنچى ئايروپىلان خادىملىرى بىلەن لىن بياۋ ئائىلىسىدىكىلەر نىمىلەرنى دىيىشكەن ؟ئۈچىنجى ،ئايروپىلاندا جىدەل يۈز بەرگەنمۇ –يوق؟تۆتىنچى لىن بىياۋ قاچقاندىن كىيىن جوۋ ئېنلەي ئاۋىئاتسىيە ئالاقە سىستېمىسى ئارقىلىق ئۇنىڭغا گەپ قىلغان ،ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ئۈمۈد قىلغان ،ئەمما لىن بياۋ جاۋاپ قايتۇرمىغان .ئۇنداقتا ،لىن بياۋ جۇئېنلەينىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدىمۇ- يوق؟ئاڭلىغان بولسا قانداق ئىپادە بىلدۈرگەن ؟

جىقلانغان ماي مىقدارىدىكى سىر

لىن بياۋ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن 1971-يىلى 12-سېنتەبىر چۈشتىن كىيىن سائەت 6دە «256-نومۇرلۇق سەنساجى »بەلگىلىك ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ،بېيجىڭدىن شەنخەيگۇەنگە ئۇچقان.ئايروپىلان سائەت 6:30 ئەتراپىدا شەنخەيگۇەن ئايروپورتىغا يېتىپ بارغان .پەن جىڭيەن بۇۋاقىتتا ئايروپىلانغا ماي جىقلاپ 17 توننىغا يەتكۈزۈشكە بۇيرىغان ،ئەمما ماي جىقلانمىغان .بۇ بىرقاتار ئەھۋاللاردىن قارىغاندا ،ئايروپىلان بېيجىڭغا قايتمىغان ،چۈنكى شەنخەيگۇەندىن بېيجىڭغا بېرىپ كېلىشكە ئۇنچە كۆپ ماي كەتمەيتتى .شۇنداقلا سوۋىت ئىتتىپاقىغىمۇ ئۇچمىغان ،چۈنكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىش ئۈچۈن 20 توننىدىن كۆپرەك ماي كېتەتتى ؛ئايروپىلان گۇاڭجۇغا ئۇچقان بولىشى مۇمكىن .

لىن بياۋ زادى نەگە قاچماقچى بولغان ؟پەن جىڭيەن 12.5توننا ماينىڭ سوۋىت ئىتتىپاقىغا بېرىشكە يەتمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى،ئەمما ئۇ يەنىلا سوۋىت ئىتتىپاقىغا ئۇچقان ،بۇزادى قانداق ئىش ؟

چوڭ ئايلىنىشتىكى سىر

لىن بياۋ ئولتۇرغان ئايروپىلاننىڭ نورمال ئۇچۇش تەرتىپىگە ئاساسلانغاندا ،ئايروپىلان چوقۇم 100مېتىردىن 150 مېتىرچە ئۇچقاندا بارماقچى بولغان يۆلىنىشكە ئۇچۇش كېرەك ،ئارقىدىن داۋاملىق ئۆرلەپ ،ئالدىن بېكىتىلگەن ئىگىزلىككە يەتكەندىن كىيىن ،تەكشى ئۇچۇش ھالىتىگە ئۆتۈش كېرەك .بۇ جەريانلارنى تاماملاش ئۈچۈن پەقەت 10 سىكۇنىتلا ۋاقىت كېتىدۇ .ئەمما ئايروپىلاننىڭ يوقۇرىقى جەرياننى تاماملىشىغا 20 مىنۇت ۋاقىت كەتكەن .

ئۆز ئالدىغا قونۇشتىكى سىر

بەزىلەر بۇ ئايروپىلاننى باشقۇرۇلدىغان سىنارەد ئېتىپ چۈشۈرۋەتكەن دەپ قارايدۇ ،ئۇلار بۇنداق دېيىشتە ئايروپىلاندىكى چوڭ تۆشۈكنى ئاساس قىلغان ،ئەمما بۇ ئايروپىلان توغرىسىدا ئىگەللىگەن ماتىرياللىرىمغا ئاساسەن بۇنداق قاراشنى ئىنكار قىلىمەن .

بىرىنچى ،ئايروپىلاندىكى تۆشۈكنىڭ دىئامېتىرى 30سانتىمېتىر بولۇپ ،شەكىل جەھەتتىن قارىغاندىمۇ ،بۇ باشقۇرۇلدىغان سنارەد ئېتىلغان تۆشۈك ئەمەس ؛ئىككىنچى ،ئۇ تۆشۈك قاناتنىڭ ئاستىدا ،ئەگەر باشقۇرۇلدىغان سنارەد ئېتىلغان تۆشۈك بولسا ،ھەر ئىككى يەردە بولۇشى كېرەك ئىدى ؛ ئۈچىنچى باشقۇرۇلدىغان سنارەد ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ئايروپىلان سىيرىلمايدۇ ،بىراق بۇ ئايروپىلان يەر يۈزىدە 29 مېتىر سىيرىلغان .دېمەك ئايروپىلاننى باشقۇرۇلدىغان سنارەد ئېتىپ چۈشۈرمىگەن ،بەلكى ئايروپىلان قوندۇرۇلغان بولىشى مۇمكىن .مۆلچەرىمىزگە قارىغاندا ،ئايروپىلان پارتىلاشتىن ئىلگىرى باكتا يەنە 2500كىلوگرام زاپاس ماي بار ئىدى .شۇنداق ئەھۋالدا نېمە ئۈچۈن داۋاملىق ئۇچمايدۇ ؟ نېمە ئۈچۈن يېرىم يول بولغان موڭغۇلىيەدە قونىدۇ؟

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#0000FF'>ئوقۇتقۇچىلار نىمە ئۈچۈ</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار