ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • ئىچىمدىكى قار (2)

     

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

    ھاياتنىڭ كۆزىدە پەقەتلا بىر سۆز،

    تاماكا چوغىدەك تۇرار يىلىنجاپ.

    قۇرىغان چۈشلەرنىڭ يېلتىزى چوڭقۇر،

    كۆتۈرۈپ يۈرگەنچە باردى ئېغىرلاپ.

  • يۈر مۇھەببەت، كەتتۇق بۇ يەردىن

     

     

    ئاي يۈزىدىن نۇر ياغدى سىم – سىم،

    يۈر مۇھەببەت، كەتتۇق بۇ يەردىن.

    شېرىن چۈشلەر كۆرسۇن سۆيگىنىم،

    يۈر مۇھەببەت، كەتتۇق بۇ يەردىن.

  • ...غا

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

    بەك يېراق سەھەردە ئېچىلغان گۈلسەن،

    ئېھ!، بۇندا ئەمدىلا ئويغاندى قۇياش.

    جىگدىنىڭ چېچىكىدەك سۇس ۋە يېقىملىق،

    سېنىڭدىن بەختىمنى قىلىمەن قىياس.

  • سوغۇق قىرغاق

     ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

    سوغۇق شامال ئۇرمىغىچە مەڭزىمگە،

    تۇرۇپ قالدىم نەم قىرغاقتا مۇڭلۇنۇپ.

    كۆل سۈيىمۇ مۇڭلاندىمۇ بىلمىدىم،

    لىغىلدايدۇ كۆز ئالدىمدا تولغۇنۇپ.


  • nawaiنەۋائى داستانلىرىدىكى مۇھەببەت تراگېدىيىسى

    ئاپتور: مۇھەممەد ئىمىن(سەبۇرى(

    ئەلشىر نەۋائى (1441-1501)ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ۋەكىللىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بەش يېرىم ئەسىردىن بۇيان خەلقىمىزگە ئىزچىل ھەمراھ بولۇپ كەلدى ۋە پەن – مەدەنىيەت، سەنئەت، مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. نەۋائى يەنە جاھان ئەدەبىياتى مۇنبىرىدىمۇ بۈيۈك مۇتەپەككۇر ۋە مەشھۇر گۇمانىستىك شائىر سۈپىتىدە پەخىرلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ كەلدى.

  •  

    مۇھەببەت ئۈچۈن ياشايمىز، مۇھەببەت ئۈچۈن سۆزلەيمىز

    رۇقىيە ئابدۇللانىڭ «مۇھەببەت»[①] ناملىق داستانىنى ئوقۇغاندىن كېيىن

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى 2008-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى)

       ئەدەبىيات تارىخىمىزغا نەزەر سالساق، ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان، بىزدە مۇھەببەت توغرىسىدا تالاي قىسسەلەر، تالاي غەزەل، داستانلار يېزىلىپ، بىر – بىرىدىن بەسلەشكۈدەك ئېسىل دىۋانلار تۈزۈلدى.

  • ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    بىزنى ئۇچراشتۇرغان شۇ يوللارغا كۆڭلۈمدە نەچچە رەت كايىپ قالىمەن. گەرچە ئۇنىڭدىن كۈندە نەچچە رەت كەلسەممۇ.

    بىزنى ئۇچراشتۇرغان شۇ يوللارغا كۆڭلۈمدە نەچچە رەت رەھمەت ئېيتىمەن.گەرچە ئۇنىڭ باغرىدا باغرىم ...