ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-02

    بىزنى ئۇچراشتۇرغان يوللار (نەسىر) - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    بىزنى ئۇچراشتۇرغان شۇ يوللارغا كۆڭلۈمدە نەچچە رەت كايىپ قالىمەن. گەرچە ئۇنىڭدىن كۈندە نەچچە رەت كەلسەممۇ.

    بىزنى ئۇچراشتۇرغان شۇ يوللارغا كۆڭلۈمدە نەچچە رەت رەھمەت ئېيتىمەن.گەرچە ئۇنىڭ باغرىدا باغرىم قاناۋاتقان بولسىمۇ.

    بىزنى ئۇچراشتۇرغان شۇ يوللاردا يۈرۈگىمگە باھار كەلگەن ئىدى.يۈرىكىمدە مۇھەببەتلىك كۆكلەم چېچەكلىرى بەرق ئاتقان ئىدى.بىزنى ئۇچراشتۇرغان شۇ يوللاردا يۈرىكىمدىن بىر ئارمان ئاق ئات بىلەن ئاجايىپ مەرھەمەتلىك بىر سەپەرگە ئاتلانغان ئىدى... .

    بىزنى ئۇچراشتۇرغان شۇ يوللاردا دەرەخلەر نەچچە رەت خازان بولدى. چېچەكلەر نەچچە رەت يېڭىدىن رەڭ تۈزدى. بىزنى ئۇچراشتۇرغان شۇ يوللاردىكى ھەربىر چېچەك، ھەربىر دەرەخ، ھەربىر چىمدىم توپىغا ئىسمىم ئاللىقاچان يادا بولۇپ كەتكەندۇر. ئۇلار چوقۇم مېنى سايەمدىنمۇ، تىنىقىمدىنمۇ، ئېغىر مىسكىن قەدەملىرىمدىنمۇ، ھەممە، ھەممە تەرىپىمدىن تونۇيالايدۇ. بىراق، بەلكىم ساڭا مەن... .

    بىزنى ئۇچراشتۇرغان بۇ يوللار قايتا يەنە ئاشۇ مەرھەمەتلىك، خاسىيەتلىك تاساددىپىي ئۇچرىشىش كۈنىدىكىدەك چىرايلىق بولمىدى. ئۇ كۈنىدىكىدەك قۇشلار ئاغزىدىن چىرايلىق كۈيلەرنى، ئۇ كۈندىكىدەك تاللار بويىدىن نەقەدەر رايىشلىقنى، گۈللەردىن ئۇ كۈندىكىدەك زىبانى كۆرمىدىم.

    مانا ئەمدى كۆزۈمگە بۇ يوللار ھەر قاچان ھىجران خازانلىرى ئۇچۇپ يۈرگەن، قۇشلار مۇڭلۇق، ئەنسىز سايراشقان، تاللار مەيۈس ساڭگىلاپ تۇرغان ۋەيرانە ھالىتى بىلەن ھازىر.

     

           قېنى قۇشلاردىكى لەرزە؟

           قېنى گۈللەردىكى مەززە؟!...

           ھايات ھىجرانغا جاي بولدى،

           كىمىمگە ئېيتايىن ئەرزە؟!

     

    گاھ ئويلاپ قالىمەن، سەنمۇ بۇ يوللارغا مەندەك دىققەت قىلغان سەنمۇ ھە؟ مېنىڭ ئاشۇ چاغدىكى ھەيرانلىق، ھودۇقۇش ئارلىشىپ كەتكەن چىرايىم ئېسىڭدە بارمىدۇ؟! ۋە ياكى... .

    دەل ئاشۇ كۈندىن بۇيان بۇ يولنىڭ يېڭى ھېكايىسى بار بولدى. بۇ ھېكايىنىڭ باش پىرسۇناژى سەن بىلەن مەن ئىككىمىز. بەلكىم بۇ گېپىم ساڭا بەك كۈلكىلىكتۇر. ئەمما بۇ يوللار بىلىدۇكى، مەن بۇ يوللاردا خىيالەن نەچچە رەت سەن بىلەن ئۇچراشتىم، نەچچە رەت سەن بىلەن سەيلە قىلدىم، نەچچە رەت مۇڭداشتىم. مەن بۇ يوللاردا سېنى كېلىدۇ، چوقۇم كېلىدۇ دەپ كۈنلەپ-كۈنلەپ ساقلىدىم. ئاشۇ كۈنلەردە بۇ يوللار ماڭا غەمگۈزار بولدى. ماڭا سېنىڭ ئۈمىدىڭنى تۇتاشتۇردى. كۆزلىرىم يوللاردىن سىمايىڭنى ئىزلەيدۇ. يۈرىكىم ھىدىڭنى ھىدلايدۇ.

    ئاشۇ كۈنى، دەل ئاشۇ كۈنى قەلبىم بېتىگە ئالەمدىكى ئەڭ ئۇستا نەققاش ئاجايىپ بىر نەپىس بىر رەسىمنى چەككەنىدى. ئۇنىڭ جۇلاسى قەلبىم ئاسمىنىدا نۇر ئېتىپ، ھايات تېڭىمغا ئاتەش كەبى بىر ئوت ياققانىدى. ھەيھات، شۇ ئوت مېنى كۆيدۈرمەكتە. مېنى مەڭگۈلۈك بىر ئىشىقنىڭ نامىغا مىخلىماقتا... .

     

    راسىت، ئۇ شۇنداق گۈزەل بىر رەسىم،

    بار ھۆرلەرگە بولىدۇ ئەنداز.

    كۆزلىرىدىن ھايا تۆكۈلەر،

    ئۇندا ئۇيۇپ قالغان سىرلىق ناز.

     

    لەۋلەرىدىن غۇنچە خىجىلدۇر،

    قان بولغاندۇر باغدا لالىلەر،

    كىرپىكلىرى غەليانغا سەۋەپ،

    جانغا قاقار تۈمەن نالىلەر.

     

    قاشلارىگە كۆڭۈل باغلانغان،

    قىزىل گۈللەر بويىگە شەيدا.

    ساچلارىدىن يۈرەك داغلانغان،

    مۇندا يىغلار مەشرەپ، ھۇۋەيدا.

     

    مەڭزى شەپەق سۈبھى ئۇپۇقى،

    ھاياتىمغا نۇر ئاتقان قۇياش.

    ئېيتىڭ قېنى نەدە بار مۇنداق

    بۇ رەسىمگە بولغۇدەك تەڭداش.

     

    قاچانمۇ كېلەرسەن ھە؟!...

    مانا بىزنى ئۇچراشتۇرغان بۇ يوللاردا ھىجران بۇلۇتلىرى سېغىنىش گۈللىرىنىڭ مەڭزىگە تامچىلار تىزماقتا. بىزنى ئۇچراشتۇرغان، بىزگە (ۋە بەلكىم پەقەت ماڭىلا) يېڭى-يېڭى ھېكايىلەرنى ئاتا قىلغان، ماڭا سېنىڭ ئۈمىدىڭنى تۇتاشتۇرغان بۇ يوللار ۋىسال نېيى ياڭراپ تۇرغان، بەخت ئاپتاپلىرى قەدەملىرىمىزنى يورۇتقان، باھاردەك ئاشۇ قۇتلۇق كۈننى كۈتىۋاتىدۇ.

    ئاھ!... بىزنى ئۇچراشتۇرغان يوللار...

     

     

    تامام

    分享到: