-
2010-06-02
باھار كۈلسە قەلبىڭدە جانىم - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
سۈبھىلەرنى ساڭا ئەۋەتتىم،
نۇرلىرىنى بىر ساڭا تۆكسۇن.
تاتلىققىنە تاڭنىڭ شامىلى،
ئىھ! بەختلىك مەڭزىڭگە ئۆپسۇن.
ئېقىنلاردا بولساڭ شوخ بېلىق،
يامان كۆزلەر تۇنجۇقسۇن، چۆكسۇن.
قۇشلار مېنى سىلىپ ئېسىڭگە،
بىر دەم توختاپ يېنىڭدىن ئۆتسۇن.
ئېلىۋالسۇن سېنىڭدىن ئەنداز،
ۋىلىقلىغان بۇلاقلارغا بار.
بارچە بەخت مېنىڭكى دەيمەن،
تاپسا ئەگەر سۆيگۈم ئىتىبار.
كۆزۈڭدىكى چوغنى ئىلتىماس،
بەختىم ئۈچۈن ماڭا ساقلاپ قوي.
باھار كۈلسە قەلبىڭدە جانىم،
ئەتىرگۈلگە تولدۇراي خۇشبۇي.
评论
ۋىلىقلىغان بۇلاقلارغا بار
تاتلىق سۆزلۈك شۇ جاناندەك تاتلىق چىققان شېئىركەن بۇ
رەھمەت سىزگە مەنمۇ شۇنداق گۈزەل سىزىمدە تاتلىق ھېسلارغا چۆكتۈم