ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-10-21

    مۇھەممەد يۇسۇف : يۈر مۇھەببەت، كەتتۇق بۇ يەردىن - [تۈركىيلەر ئەدەبىياتى]

    يۈر مۇھەببەت، كەتتۇق بۇ يەردىن

     

     

    ئاددىي ۋە يەڭگىل ئۇسلۇبتا يېزىلغان چوڭقۇر مەزمۇنلۇق شېئىرلىرى بىلەن ئۆزبېكىستان ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە زور تەسىرگە ئىگە تالانتلىق ئۆزبېك شائىرى مۇھەممەد يۇسۇف 1954-يىلى 26-ئاپرېل ئەندىجان ۋىلايىتىدىكى مەرھەمەت دىگەن يەردە  تۇغۇلغان. 1978-يىلى رۇس تىل-ئەدەبىياتى ئېنىستىتۇتىنىڭ رۇس تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1985-يىلىدىن باشلاپ شائىرنىڭ «تونۇش تېرەكلەر»، «ئىلتىجا»، «ئۇيقۇدىكى قىز»، «ھەلىمە ئانام ئەللەيلىرى»، «ئىشق كېمىسى»، «كۆڭلۈمدە بىر يار»، «بىۋاپا كۆپ ئىكەن»، «يالغانچى يار»، «ئەركە كىيىك»، «ئاسمانىمغا ئېلىپ كېتىمەن»، «ئۇلۇغىمسەن ۋەتىنىم»، «مۇھەممەد يۇسۇف»...قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان. نەچچە يۈز پارچە شېئىرى ناخشا قىلىپ ئېيتىلغان. شۆھرەت قازانغان ئۆزبېك سەنئەتكارلىرىدىن مۇھەممەد يۇسۇف بىلەن ھەمكارلاشمىغىنى يوق دىيەرلىك. ئۇ بۈيۈك خىزمەتلىرى بەدىلىگە «ئۆزبېكىستان خەلق شائىرى» ئۇنۋانى بىلەن تارتۇقلانغان.

            ئۆزىنىڭ ئاجايىب بەدىئىي ئىستېئداتى بىلەن ھەممىنى قايىل قىلغان بۇ مەشھۇر شائىر 2001-يىلى 31-ئىيۇل يوشۇرۇن يۈرەك كېسىلى بىلەن ئەللىك قەلئە دېگەن جايدا، 47 يېشىدا تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتكەن.

     

    شائىرنىڭ «مۇھەممەد يۇسۇف » ناملىق ئۆزبېكچە توپلىمىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:

    مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار

     

    يۈر مۇھەببەت، كەتتۇق بۇ يەردىن

     

    ئاي يۈزىدىن نۇر ياغدى سىم – سىم،

    يۈر مۇھەببەت، كەتتۇق بۇ يەردىن.

    شېرىن چۈشلەر كۆرسۇن سۆيگىنىم،

    يۈر مۇھەببەت، كەتتۇق بۇ يەردىن.

     

    نە قىلدىم ئەي يۈزلىرى زىبا؟!

    «ئەيىبىم نە؟» دەپ سورىما ئەسلا،

    بۇ دۇنيا شۇ قەدەر بىۋاپا،

    يۈر مۇھەببەت، كەتتۇق بۇ يەردىن.

     

    بىز كەتسەك، يەر كېڭىيىپ قالار،

    ئاسمانلار ھەم مۇڭلىنىپ قالار،

    بىر قارا كۆز جىلمىيىپ قالار،

    يۈر مۇھەببەت، كەتتۇق بۇ يەردىن.

     

    سۆيگۈ دىلدا چېچەكتۇر، ئاپئاق،

    ئۇ بىز بىلەن، قايدا ياشىساق،

    نە بوپتۇ بىر قىزغا ياقمىساق؟!

    يۈر مۇھەببەت، كەتتۇق بۇ يەردىن.

    分享到: