ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • ھەزرەتئەلى ئەلىنىڭ قەلئەسى

     

    ئاپتورنىڭ بايانى:  ئەقلىمگە كەلسەم بەش ياشقا كىرىپتىمەن.ئۇندىن ئىلگىرىكى ھاياتىم نەلەرگىدۇر كۆمۈلۈپ كەتكەن. ھېچ ئىشلارنى ئەسلىيەلمەيمەن.بۇنىڭغا قاراپ خاتىرە ئىقتىدارىمدىن گۇمانلىنىپمۇ قالىمەن. لاي سۇداك ئۆتكەن بالىلىقىمنى تۈگىتىپ، ئالىي مەكتەپكە كېرىپ ،فرېئۇدنىڭ نەزەرىيەلىرى بىلەن چالا-بۇلا تونۇشۇپلا ئۆزۈمگىمۇ نامەلۇم بولغان ئاشۇ ھاياتىمنى ، كەچۇرمىشلىرىمنى خاتىرەمگە ياندۇرۇپ كېلىش ئۇچۇن مەقسەتلىق قىلىقلارنى چىقىرىپ باقتىم .بۇنداق ئۇرۇنۇشنىڭ،بۇ خىل ئۆز-ئۆزىنى قېزىشنىڭ ئورۇنسىز بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئولتۇرمىدىم .ئەدەبىياتقا كېرىپ قېلىشىم ئىرسىيەتتىن ئەمەس. گاھىدا كىچىككىنە سەۋەبلەر ھاياتقا چوڭ تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىكەن.ئاشۇ كىچىككىنە تەسىر بىلەن مۇشۇ كوچىدا كېتىۋاتىمەن. تۇغۇلغىنىمغا تەرتىپ سان ھېسابىدا بىر ئەسەر ۋاقىت ئۆتتى .قانداقلا بولمىسۇن ئىككى ئەسىرگە تەۋە ئادەممەن. لىكىن يېڭى بىر ئەسىردە تۇرمۇشقا ماسلىشىپ ياشاشنىڭ قىيىنلىقىنى، ئون مىليونغا يېقىن نوپۇشقا ئىگە ،ئۇنىڭ سەككىز مىليۇندىن ئارتۇقى دېھقان بولغان بىر مىللەتنىڭ ئەزاسى بولۇپ، قەلەم بىلەن ھەپىلىشىپ، تۇرمۇشنى پاك-پاكىز، رەتلىك، كەلگۈسى ئائىلىنى خاتىرجەم قىلىپ ياشاشنىڭ نەقەدەر مۈشكۈللىكىنى ھېس قىلغىنىمدا بۇ كوچىغا كېرىپ قالغىنىمدىن پۇشايمانمۇ قىلىپ قالىمەن. بىراق، تاللاش ئالدىدا ھامان مۇھەببەت كۈچلۈك كېلىپ قالىدىكەن. شېئىر ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلىم ۋە مۇھەببىتىم كۆپ. شۇڭا شېئىر چەمبىرىكىدىن چىقىپ ياشاش مېنى مۇھەببەتسىز ياشاشتەك ئېغىر بىر قىيىن-قىستاققا ئالىدۇ. 

  • لوپنۇرلۇقلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش _1

    ئەلى ئەمەت

    شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسېتىتى تارىخ ۋە مىللەتشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى ئازسانلىق مىللەتلەر تارىخى كەسپىنىڭ 2008-يىللىق ماگستىر ئاسپىرانتى

     

    ئاساسى مەزمۇنى: لوپنۇرلۇقلار ئۇزاق تارىخى دەۋىرلەردىن بۇيانلا لوپنۇر رايونىدا ياشاپ كەلگەن يەرلىك ئاھالىدۇر. ئۇلار تارىخى تەرەققىيات داۋامىدا قاراشەھەر، تۇرپان، قۇمۇل ۋە دولان قاتارلىق جايلاردىن كۆچۈپ كەلگەنلەر بىلەن قوشۇلۇپ، تەسىر كۆرسىتىپ ۋە ئۆزئارا يۇغۇرۇلىشىنىڭ نەتىجىسىدە بۈگۈنكى لوپنۇرلۇقلارنى شەكىللەندۈرگەن. ماقالىدە بىر قانچە نۇقتىدىن چىقىپ لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئاساسى گەۋدىسىنىڭ ئەزەلدىن لوپنۇر رايونىدا ياشاپ كەلگەن يەرلىك ئاھالە ئىكەنلىكى ئىسپاتلاپ چىقىلىدۇ.

  • ئىسلام دىنىنىڭ لوپنۇر رايونىغا تارقىلىشى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالى

    ئەلى ئەمەت

       بىرىنچى. ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالى

       ئىسلام دىنى مىلادىي 7- ئەسىردە ئەرەپ يېرىم ئارىلىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسالام تەرىپىدى...


  • بېشى ئالدىنقى پارچە تېمىدا:

    ئارخىئولوگىيىلىك ماتېرىياللاردىن لوپنۇر رايونىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ

     ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىقىغا نەزەر (4)

     

    1.  ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇلۇغلاش

    ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇلۇغلاش قەدىمكى لوپنۇر رايونىدا ياشىغان...

  • بېشى ئالدىنقى پارچە تېمىدا.

    ئارخىئولوگىيىلىك ماتېرىياللاردىن لوپنۇر رايونىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ

     ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىقىغا نەزەر (3)

     ئالاقىدار ماتېرىياللار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ شەرق ۋە غەرب مەدەنىيىتىدىكى يىلان نۇسخلىق بۇيۇملارنى...

  •  بېشى ئالدىنقى پارچە تېمىدا.

    ئارخىئولوگىيىلىك ماتېرىياللاردىن لوپنۇر رايونىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭشىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ژورنىلىنىڭ (خەنزۇچە) 2007- يىللىق 1-سانىدا بېرىلگەن «2003- يىللىق كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىنى قېزىشتىن ...

  • ئارخىئولوگىيىلىك ماتېرىياللاردىن لوپنۇر رايونىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ

     ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىقىغا نەزەر

    浅谈罗布淖尔地区古代居民的原始崇拜思想

    ئەلى ئەمەت

    قىسقىچە مەزمۇنى: ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىق قەدىمكى دەۋرلەردىكى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىد...