ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-24

    ئارخىئولوگىيىلىك ماتېرىياللاردىن لوپنۇر رايونىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ (2) - [ئۇيغۇرشۇناسلىق ۋە فولىكلور]

     بېشى ئالدىنقى پارچە تېمىدا.

      شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ژورنىلىنىڭ (خەنزۇچە) 2007- يىللىق 1-سانىدا بېرىلگەن «2003- يىللىق كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىنى قېزىشتىن دوكلات» (كىيىنكى مەزمۇنلاردا قىسقارتىلىپ دوكلات دەپلا ئېلىندى) نىڭ ئاخىرىدا بۇ قەبرىستانلىقتىن قېزىلغان بىرىنچى، ئىككىنچى قەۋەتكە جايلاشقان 40 قەبرىنىڭ  قىسقىچە ئەھۋالى، تىكلىمە ياغاچ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراش ياكى ئۇچىرىماسلىق ئەھۋالى، بايقالغان بويۇملار تەپسىلىي بېرىلگەن بولۇپ دېققەت بىلەن قارىساق بىر خىل قانۇنىيەتنى بايقايمىز. تۆۋەندە تىكلىمە ياغاچلىرى تولۇق بولغان 13 قەبرە جەدۋەللەشتۈرۈلۈپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزەرىگە سۇنۇلدى. (ئەسكەرتىش: بۇ يەردە بىر پارچە جەدىۋەل بولۇپ، بلوگ جەدۋەلنى قوللىمىغاچقا ئېلىۋىتىلدى. ھەقىقى كېرەك كىشىلەر ئالاقىلاشسا بولدى)

     

     يۇقىرىقى جەدۋەلدىن ئېنىق كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، مەيلى ئەر بولسۇن، ياكى ئايال بولسۇن، يېتىلگەن بولسىلا ئۇنىڭ جەسەت ساندۇقى ئالدىغا تىكلەنگەن ياغاچنىڭ ئېگىزلىكى ئومۇمەن 150cm دىن ئېگىز بولغان (ئۇزۇن مۇددەت ئاپتاپ، شامالنىڭ تەسىرى ۋە ئوغۇرلۇقچە قەبرە قازغۇچىلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغانلار بۇنىڭ سرتىدا) ، تىكلىمە ياغاچلارنىڭ دىئامىتىرى ۋە كەڭلىكىمۇ ماس ھالدا چوڭ، دەپنە بۇيۇملىرىمۇ مول بولغان. ئەكسىچە يېتىلمىگەن بالىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ جەسەت ساندۇقىنىڭ ئالدىغا تىكلەنگەن ياغاچلار بولسا ئومۇمەن 145cm دىن پاكار بولغان. بۇنىڭدىن بۇ ياغاچلارنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى كىشىلەرنىڭ يېشىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېگەن يەكۈنگە كېلەلەيمىز. ئەمەلىيەتتىمۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى داۋالاش ھىچقانچە تەرەققىي قىلمىغان شارائىتتا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش باشقىلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيىتقاندا ناھايتىمۇ سىھرىلىك بولغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا كىشىلەر ئۆلگۈچىنىڭ ياش پەرقىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن بۇ خىل ئوخشىمىغان چوڭلۇقتىكى ياغاچلارنى قاداپ بەلگە قىلىش ئۇسۇلىنى تاللىۋالغان بولۇشى ئېتىمالغا ئەڭ يېقىن. شۇنداق بولغاندا ئۆلگۈچىنىڭ يېشى قانچە چوڭ بولسا ئۇنىڭغا قادالغان ياغاچ شۇنچە چوڭ، شۇنچە ئېگىز بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا تىكلىمە ياغاچ پاكار، ئىنچىكە بولىدۇ.        

    ② ياغاچ زەكەر

       جەسەت بىلەن ياغاچ زەكەرنى بىرگە دەپنە قىلىش كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىدىكى يەنە بىر ئۆزگىچە دەپنە ئادىتىدۇر. 1934- يىلى بېگمانمۇ بۇ قەبرىستانلىقتىن 12 قەبرە قازغان ۋە 5 دانە ياغاچ زەكەرگە ئېرىشكەن بولۇپ، چوڭ- كىچىكلىكى 9cm دىن 11cm ئەتراپىدا. شىنجاڭ ئارخىئولوگىيە ئەترىتىمۇ كىچىك مۈرەننى قېزىش داۋامىدا زور مىقداردىكى ئوخشاش بۇيۇمغا ئېرىشكەن. يوقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دوكلاتتىكى 40 قەبرە ئىچىدە ھەقىقى ئاياللارنىڭ قەبرىسى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدىغان قەبرە 10، بۇنىڭ ئىچىدە 8 قەبرىدىن ھەمدەپنە قىلىنغان ياغاچ زەكەر بايقالغان. ئارخىئولوگ ۋاڭ بىڭخوا «كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان يېمەكلىك ۋە كۆز تېگىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان چاكاندىدىن سرت، كۆپىيىشنىڭ رولىنى ئوينايدىغان ياغاچ زەكەرنى بىرلىكتە دەپنە قىلىش ئاياللارنىڭ كەلگۈسىدىكى تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىپ، كۈچلۈك بولغان كۆپىيىش ئىقتىدارىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ» دەپ قارايدۇ[5].

       ③ ئوقيا

       ئاخىرەتلىك يا ۋە ئاخىرەتلىك ئوق لوپنۇر رايونىدىكى ئەرلەرنىڭ قەبرىلىرىدە بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان ھەمدەپنە بۇيۇملاردۇر. بۇ خىل دەپنە ئەھۋالى كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىدا تولۇق ئەكس ئەتكەن بولۇپ، مەيلى يېتىلگەن ئەر بولسۇن، ياكى كىچىك ئۆسمۈرلەرنىڭ قەبرىلىرىدە ئومۇميۈزلۈك مۇھىم دەپنە بۇيۇمى قىلىنغان. «دوكلات» تىكى 40 قەبرىنىڭ ئىچىدىن ئەرلەرنىڭ قەبرىسى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدىغان قەبرە 20 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 15 قەبرىدە ئوقيا بىرگە دەپنە قىلىنغان بولۇپ ھەر بىر قەبرىدە ئومۇمەن بىر دانە يا ئۈچ دانە ئوق قويۇلغان. بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى ئوقيا ئەينى دەۋردىكى كىشىلەر تۇرمۇشىدا مۇئەييەن تەسىرگە ئېگە، ئۇنداقتا ئوقيا ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن نىمە؟

       ئىپتىدائىي دىنلاردا «ئوق» ئەرلەرنىڭ جىنسى ئەزاسىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، دائىم ئەرلىك كۆپىيىشنىڭ سىرلىق بەلگىسى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ. «يا» بولسا ئاياللارنىڭ جىنسى ئەزاسىغا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، ئاياللىق كۆپىيىشنىڭ سىرلىق بەلگىسى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ. بۇ نۇقتىئىنەزەردىن ھەمدەپىنە بۇيۇم ئوقيا سىرلىق شەرتلىك بەلگىلىك مەزمۇنغا ئېگە بۇيۇم بولۇپ، بۇ خىل دەپنە ئادىتىدىن ئەينى دەۋردىكى كىچىك مۈرەن جەمىئىيىتىدە جىنىسقا چوقۇنۇش مەۋجۇت بولغان دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا چىقارغىلى بولىدۇ.  

       ④ يىلان

       يىلان كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىدىن بايقالغان جىنسى چوقۇنۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان يەنە بىر بۇيۇم. ئەينى ۋاقىتتا بېگمانمۇ بۇ قەبرىستانلىقتىن ئىككى دانە يىلان شەكلىدە ئويۇلغان ئۇزۇن، سىلىق ياغاچنى تېرىۋالغان. ئۇ« پېرىخونلۇق يىلانغا چوقۇنىدۇ ۋە تىبابەتچىلىك يىلانغا تايىنىدۇ، خۇددى پاقا يامغۇرنىڭ سىمۋولى بولغانغا ئوخشاش، يىلانمۇ كۆپىيىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىپتىدائىي بەلگە، ئۇ  ئەرلەرنىڭ جىنسى ئەزاسىنىڭ سىمۋولى» دەپ قارىغان[6].

       شىنجاڭ ئارخىئولوگىيە ئەترىتىمۇ بۇ قەبرىستانلىقتىكى M24 — نومۇرلۇق قەبرىدىن 3 تال يىلان شەكىللىك ياغاچ ئويمىنى تاپقان. بۇنىڭ ئىككىسى قەبرە ئېگىسىنىڭ ئوڭ پۇتىنىڭ يىنىغا قويۇلغان بولۇپ، ياغاچ ئويما ناھايتى نەپىس، ئىككى ياغاچ ئويمىنىڭ شەكلى پۈتۈنلەي ئوخشاش. ئويمىدىكى يىلان ئاغزىنى يوغان ئېچىپ، ياغاچ تاياقچىنى يۇتۇۋاتقان كۆرۈنۈش ئىپادىلەنگەن. يەنە بىر تال ئويما جەسەتنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى نۇرغۇنلىغان ياغاچ تاياقچىلارنىڭ ئاستىغا قويۇلغان بولۇپ، ناھايتى قوپال ئىشلەنگەن. بۇلاردىن سرت، قەبرىستانلىقنىڭ شىمالىدىكى بىر قەبرىدىن ھەمدەپنە قىلىنغان 7 تال ھەقىقىي يىلاننى تاپقان بولۇپ، يىلان ئاللىقاچان قۇرۇپ قېتىشىپ كەتكەن[7]. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا يىلان شەكىللىك ياغاچ ئويما ياكى ھەمدەپنە قىلىنغان يىلانلار پەقەتلا ئەرلەرنىڭ قەبرىسىدىن تېپىلغان، ئاياللارنىڭ قەبرىلىرىدە بايقالمىغان.

    - داۋامى بار

     

    分享到: