ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-24

    «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]

    «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى

     

    تۈنۈگۈن يەنى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋە بۈگۈن 2010-يىلى 10-ئاينىڭ24-كۈنى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، شىنجاڭ يازغۇچىلار بىرلەشمىسى بىلەن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات نەزىرىيەسى تەتقىقاتى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى مۇھاكىمە يىغىنى» شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى خەلقئارا ئوقۇتۇش بىناسىدا ئىككى كۈن غەلبىلىك ئېچىلىپ تاماملاندى.

    بۇ يىغىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رايۇنىمىز بويىچە ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە تەنقىدچىلىك توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىن بولۇپ، يىغىنغا شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى، ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى، خوتەن پېداگوگىكا ئالى تېخنىكومى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردىن كەلگەن ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى، «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى»، «شىنجاڭ گېىزىتى»، «تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «يېڭى قاشتېشى»، «كروران» قاتارلىق ئاخبارات، مەتبۇئات ئورۇنلىرى، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن كەلگەن ئەدىب، يازغۇچى، شائىر، ئەدەبىي تەتقىقاتچىسى ۋە تەنقىدچىلەر، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدىكى بىر قىسىم ماگىستىر ئاسپىرانتلار، تولۇق كۇرۇستىكى بىر قىسىم ھەۋەسكارلار بولۇپ 400 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

    يىغىندا ئاساسلىقى ئۇيغۇر ۋە شىنجاڭ موڭغۇل ئەدەبىياتى ئەدەبىيات نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى توغرىلىق مۇھاكىمىلەر ئۇيغۇر تىل گورۇپپىسى ۋە موڭغۇل تىل گورۇپپىسىدىن ئىبارەت ئىككى گورۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئىلىپ بېرىلدى. ئۇيغۇر تىل گورۇپپىسىدا جەمئىي 30 پارچە ماقالە ئوقۇلۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نەزەرىيە تەتقىقاتى، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك توغرىسىدا ناھايىتى قىزغىن مۇھاكىمىلەر ئىلىپ بېرىلدى.

    يېغىندا پىشقەدەملەردىن ئەدەبىي تەنقىدچىمىز مۇھەممەد پولات ئەپەندى «روس ئەدەبىيات تەنقىدچىلىكىدىن ئالغانلىرىم»، تونۇلغان يازغۇچى ئەخەت تۇردى «مېنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىم»، تەتقىقاتچى، پىروفىسسور ئىمىن ئەخمىدى «دۇنياۋىيلىشىش ۋە ئەدەبىياتىمىز»، ئەدەبىي تەنقىدچى ئەنۋەر ئابدۇرېھىم «ئەدەبىياتتىكى ئىنسان مەسىلىسى»، پىشقەدەم تەتقىقاتچى ماھمۇد زەيدى ئەپەندى «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ خەلقئاراغا يۈزلىنىشى»، پىشقەدەم قازاق تەتقىقاتچىسى قاۋسىلقان قامىجان «تىيىپجان ئىلىيوپ تەتقىقاتى» ... دېگەندەك تېمىلاردا ماقالىلىرىنى ئوقۇدى.

    ئۇنىڭدىن باشقا، پىروفىسسور ئابدۇقادىر جالالىدىن «ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىدىكى قاتماللىق»، پىروفىسسور مامبەت تۇردى «تەنقىدچىلىك قارىشىمىزنى يېڭىلاش توغرىسىدا»، تەتقىقاتچى شائىر پەرھات ئىلىياس «يېڭىچە شېئىرلار توغرىسىدا»، شائىر ئۆمەر مۇھەممەدئىمىن «بۈگۈنكى شېئىريىتىمىز ۋە شېئىرىيەت تەتقىقاتى»، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئەنۋەر ھوشۇر «ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنى يۈكسەلدۈرۈش توغرىسىدا»، تەتقىقاتچى كېرىمجان ئابدۇرېھىم «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەنقىدچىلىكى پەن قۇرۇلۇشى توغرىسىدا»، پروفىسسور غەيرەتجان ئوسمان «ئەھمەد زىيائىي تەتقىقاتى توغرىسدا»، دوكتۇر مەتتۇرسۇن ئىلى «يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىمىزدىكى باياننىڭ تۈرلىرى»، ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى تەتقىقاتچى مەريەم مۇئەللىم «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا ئىستېتىك ئۆلچەم قارىشى توغرىسىدا»، يالقۇن روزى «يازغۇچىلار نېمىشقا پۇشايمان قىلىدۇ»، تەتقىقاتچى ئابدۇقەييۇم مىجىت «ئەدەبىياتىمىزدا ‹ساياھەتنامە›»، شائىر، تەتقىقاتچى مۇختەر سۈپۈرگى «تىيىپجان ئىلىيوف شېئىرىلىرىدىكى فولكلۇر تەركىبلىرى»، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتۇر مامۇتجان مۇئەللىم «‹ئۆلىۋىلىش سەنئىتى› ۋە بىزنىڭ ئەدەبىيات قارىشىمىز»، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پىروزىنىڭ بىخلىنىشى توغرىسىدا»،  قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ماگىستىرى، شائىرە ئايسىمە ئىدرىس «شېئىرىيىتىمىزدىكى لېرىك ئىيتىم، ئىماگ توغرىسىدا»، ئامېرىكىلىق ماگىستىر ئوقۇغۇچى جاش فىيرىمەن «80-، 90-يىللاردىكى ئەدەبىيات سالونلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشىگە بولغان تەسىرى»، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ماگسىتېر ئاسپىرانتى ئابدۇمىجىت «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى شېئىر ۋە شائىر قارىشى» دېگەندەك ماقالىلەر ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

    يېغىندا ئوقۇلغان ماقالىلەر كۆپ، سەۋىيەسى، سالمىقى خىلى يۇقىرى بولغاچقا، ماقالە ئوقۇش جەريانىدا ماقالىگە قارىتا باھالارمۇ بىر قانچە پارچىگە بىر قېتىمدىلا باھالار بېرىلىپ ئۆتۈلدى. ۋاقىت قىسلىقى سەۋەبىدىن يىغىنغا قاتناشتۇرۇلغان ماقالىلەردىن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىسىتۇتى ئاسپىرانتىلىرىدىن ئالمىجان ئابدۇخالىقنىڭ «ئۇيغۇر ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكىمىز ۋە توختى باقى ئارتىشى»، مىنەۋەرنىڭ «يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن يوللىرى»، ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن (ئۆزۈم)نىڭ «پىروزا ئىسىتىلىستىكىشۇناسلىقى توغرىسدا» قاتارلىق ئاخىرىقى ئۈچ پارچە ماقالە نەخ مەيداندا ماقالە ئوقۇشتىن قالدۇرۇلدى. ئەمما يىغىن ئاخىرىدا ئازغىنە ۋاقىت ئىلىپ بېرىلغان «ئەركىن سۇئال – جاۋاب مۇنازىرىسى» ئالاھىدە قىزغىن كەيپىياتتا بولدى. يىغىن ئاخىرىدا يۇقىدا تىلغا ئېلىنغان تۆت ئالىي مەكتەپتىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆز مەكتەپلىرىنىڭ ھازىرقى ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى ئەھۋالىدىن خەۋاردار قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «كروران»، «يېڭى قاشتېشى» ئۈچ ژورنالنىڭ مەسئۇللىرىدىن بەگمەت يۈسۈپ، ئۆمەر مۇھەممەدئىمىن كروران، تۇرسۇنجان مۇھەممەد قاتارلىقلار ئۆز ژورناللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنى قوللاش ئەھۋالى ۋە كېيىنكى پىلان، ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

    يىغىن ئىككى كۈن قىزغىن ھالدا ئىككى تىل گورۇپپىسى بويىچە ئۇتۇقلۇق ئىلىپ بېرىلىپ، مول نەتىجىلەر بىلەن تاماملاندى. شەخسەن مېنىڭ بۇ يىغىندىن ئالغان تەسىراتىممۇ ناھايىتى زور بولدى. دىيارىمىزدا مۇشۇنداق ئەدەبىي، مەدەنىي پائالىيەتلەرنىڭ، ئىلمىي پائالىيەتلەرنىڭ يەنىمۇ كۆپرەك بولىشىنى، شۇ ئارقىلىق ئىلمىي كەيپىياتنىڭ كۈچىيىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلدىم. ئەدەبىيات سەنئىتىمىز ئۈچۈن بىر ئۆمۈر قان – تەر تۆككەن ئۇستازلارغا ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى. ئۇلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر، سالامەتلىك تىلىدىم.

     

     

    تامام.


    收藏到:Del.icio.us