ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-24

    ئارخىئولوگىيىلىك ماتېرىياللاردىن لوپنۇر رايونىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ (3) - [ئۇيغۇرشۇناسلىق ۋە فولىكلور]

    بېشى ئالدىنقى پارچە تېمىدا.

    ئارخىئولوگىيىلىك ماتېرىياللاردىن لوپنۇر رايونىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ

     ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىقىغا نەزەر (3)

     ئالاقىدار ماتېرىياللار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ شەرق ۋە غەرب مەدەنىيىتىدىكى يىلان نۇسخلىق بۇيۇملارنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، يىلان ۋە يىلان شەكىللىك ئويمىلار جىنىسقا چوقۇنۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ئېتىمالغا ئەڭ يېقىن بولۇپ، ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسى يىلاننىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى[8]. دېمەك، يىلان كىچىك مۈرەندىكىلەرنىڭ جىنىسقا چوقۇنغانلىقنىڭ ماددىي ئىسپاتىدۇر.

       ⑤ ياغاچ ھەيكەل

       ياغاچ ئويمىلىق ئادەم ھەيكىلى لوپنۇر رايونىدىكى قەدىمىي قەبرىلەدە بىر قەدەر كەڭ ئۇچرايدىغان بۇيۇم. ئادەتتە تېپىلغان ياغاچ ھەيكەللەر كۆكسى قىسمى مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن، ئاياللىق خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئېگە. بۇ ئەھۋاللارغا قارىتا بەزىلەر « ھەمدەپنە قىلىنغان ئايال ياغاچ ھەيكەللەر مول- ھوسۇلنى تىلەشتىكى پېرىخونلۇق قورالى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆلگۈچىنى قوغداش ۋە كۆز تېگىشتىن ساقلاش رولىمۇ بار»[9] دەپ قارايدۇ. دېمەك ياغاچ ھەيكەللەرمۇ مەلۇم دەرىجىدە جىنىسقا چوقۇنۇشنى ئەكس ئەتتۈرگەن.

       يوقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇيۇملاردىن سرت، لوپنۇر رايونىدىكى قەبرىلەردىن بايقالغان كەسلەنچۈك ۋە ئەرلەرنىڭ جىنسى ئەزاسىغا سىمۋول قىلىنغان ياغاچنىڭ ئۇچىدىكى تۇخۇم شەكلىدىكى يۇمىلاق قاتارلىق بۇيۇملارنىڭ ھەممىسى لوپنۇر رايونىدا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىلەردە جىنىسقا چوقۇنۇش ھادىسىسى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. يىغىنچاقلىساق، بۇنىڭدىن 4000 يىللار بۇرۇنقى كىچىك مۈرەن، گۇمۇگۇ، تېبەن دەرياسى قاتارلىق قەدىمىي قەبرىلەرنىڭ ئېگىسى بولغان ئاھالىلەرنىڭ ئىدىيۋى ئېڭىدا جىنىسقا چوقۇنۇش يېتەكچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، جىنسقا چوقۇنۇش شۇ دەۋىردىكى موشۇ رايوندا ياشىغان ئاھالىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئۆرپ- ئادەت ۋە مەدەنىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.

    1.  سانغا چوقۇنۇش

    سان ئۇقۇمى بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، ئۇنىڭ ماتىماتكىلىق ھېسابلاش رولى بولغاندىن سرت،

    مەدەنىيەت جەھەتتىكى رولى تېخىمۇ گەۋدىلىكتۇر. ساننىڭ بۇ خىل رولى ئىنسانىيەتنىڭ دىن، پەلسەپە، ئىلىم-پەن ۋە سەنئەت قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلىرىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن ۋە تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. ئىنسانلارنىڭ سانغا بولغان ئۇلۇغلاش ۋە پەرھىزلىرى ھەرگىزمۇ ساننىڭ ماتىماتكىلىق ھېسابلاش جەھەتتىكى رولىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى بولماستىن، ئەكسىچە ساننىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى رولىغا قارىتىلغان.

       سانغا چوقۇنۇش پۈتۈن يەرشارى خارەكتىرلىق ئومۇمىي ھادىسە بولۇپ، ئۇ ئىپتىدائىي ئېتقادچىلىقنىڭ مۇھىم بىر تىپىدۇر. قەدىمدىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگە قەدەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە ئوخشىمىغان شەكىل، ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى سانغا چوقۇنۇش ۋە پەرھىزلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. سابىق سوۋېت ئىتىپاقى ئالىمى توبولۇپ «سان بىر خىل كىشىنىڭ دېققىتىنى تارتىدىغان ئالاھىدە بولغان شەرتلىك بەلگە، بۇ خىل شەرتلىك بەلگىنىڭ ياردىمىدە دۇنيا، ئادەملەر ۋە خىلمۇ- خىل ئەپسانىۋى سېستىمىلار كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا زاھىر بولماقتا» دەپ قارايدۇ[10].

       نۆۋەتتە لوپنۇر رايونىدىكى كىچىك مۈرەن ۋە گۇمۇگۇ قەبرىستانلىقلىرى دۆلىتىمىز تەۋەلىكىدە بايقالغان سانغا چوقۇنۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بايقالمىلار ئەڭ كۆپ بولغان قەدىمىي قەبرىلەر بولۇپ، «7» دىن ئىبارەت بۇ سان ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. تۆۋەندە لوپنۇر رايونىدىكى «7» سانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەھۋاللارغا قاراپ باقايلى:

    ① يەتتە چەمبىرەكتىن ھاسىل قىلىنغان قۇياش شەكىللىك قەبرىلەر: لوپنۇر گۇمۇگۇ قەبرىستانلىقىدىكى قەبرىلەرنىڭ شەكلى ئىككى خىل بولۇپ، بىرىنچى تىپقا تەۋە 36 قەبرىدە چەمبەر يوق، ئىككىنچى تىپقا تەۋە بولغان 6 قەبرە بولۇپ، تاشقى كۆرۈنىشى بولسا توغراق كۆتىكىنى رەتلىك قىلىپ تىزىپ يەتتە چەمبەر شەكلىنى چىقارغان. قادالغان توغراق كۆتەكلىرى ئەڭ ئىچىدىكى چەمبىرەكتىن سرتىغا قاراپ كىچىكلەپ بارغان. ئارخىئولوگلارنىڭ سىتاتىستكا قىلىشىغا ئاساسلانغاندا بۇ خىل قەبرىدىن بىرنى ياساش ئۈچۈن 900 تال ياغاچ كۆتىكى كەتكەن[11].

    ② مەلۇم بىر خىل بۇيۇمغا ئويۇپ، ياكى سىزىپ چىقىرىلغان «7» بىلەن مۇناسىۋەتلىك سىزىق ۋە نەقىشلەر: بۇ خىل بۇيۇملارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى بۇ خىل بۇيۇملارنىڭ مەلۇم جايلىرىغا «7» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سىزىقچە، نەقىش ئويۇلغان ياكى يىپ يۆگەلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا چوقۇم مەلۇم بىر مەنا يوشۇرۇلغان. بۇ تىپتىكى بۇيۇملارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، كىچىك مۈرەندىن بايقالغان ئادەم يۈزلۈك ياغاچ ھەيكەل، ياغاچ ئىلغۇ (يىڭنە)، تاش پارچىسى قىستۇرۇلغان ئاتنىڭ تۇيىقى شەكىللىك ياغاچ ئەسۋاپ، پەي بېزەك، چىغ سېۋەت، پىلاش، بەللىك، كۆن سومكا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەلۇم قىسمىسدا يەتتە بىلەن مۇناسىۋەتلىك سىزىقچىلار بار.

    ③ ياسىلىشى «7» بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋاتلىك بۇيۇملار: بۇ خىل بۇيۇملارنى ياساشتىن ئاۋاللا ياسىغۇچىنىڭ ئىدىيىسىدە «7» دىن ئىبارەت بۇ سىھرىلىك سان مەۋجۇت بولۇپ، بۇ بۇيۇمنىڭ يەتتە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ پۈتۈپ چىقىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسلەن: يەتتە چىشلىق ياغاچ تارغاق ۋە يەتتە ئورالغان بىلەيزۈك. ئەلۋەتتە بۇ بۇيۇملارنى ياسىغۇچى ئالتە چىشلىق ياكى سەككىز ئورام قىلىپ ياسىسىمۇ بولىۋىرىدۇ، لىكىن، ياساشتىن ئاۋاللا «7» دىن ئىبارەت بۇ ئاڭ كىشىنىڭ ئىدىيىسىدە مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈن دەل يەتتە بولۇپ چىققان. بەزىدە 4-5 چىشلىق تارغاقلارمۇ بايقالدى، لىكىن سانى ناھايتى ئاز.

    ④ ھەمدەپنە قىلىنغان «7» دانە ئوخشاش بىر خىل بۇيۇم: ئارخىئولوگلار كىچىك مۈرەندىكى مەلۇم بىر قەبرىدىن ھەمدەپنە قىلىنغان يەتتە دانە يىلاننى بايقىغان. بۇنىڭدىن باشقا بېگمان تىلغان ئالغان ياغاچ ئۆي قۇرۇلمىلىق قەبرىدىن يەتتە قەۋەت دۆۋلەنگەن كالىنىڭ بىشىنى بايقىغان.

    يوقىرىقىلاردىن كۆرىۋالالايمىزكى، قەدىمكى لوپنۇردا ياشىغان ئاھالىلەردە ساننى ئۇلۇغلاش، سانغا چوقۇنۇش ئەھۋاللىرى ئاللىبۇرۇن مەۋجۇت بولغان بولۇپ، بولۇپمۇ «7» گە بولغان چوقۇنۇش ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان.

    ئىنسانىيەتنىڭ سانغا بولغان چوقۇنۇشى ئالاھىدە بىر خىل مەدەنىيەت كاتىگورىيىسى بولۇپ، ئوخشاش ياكى ئوخشاش بولمىغان سانلار ئوخشىمىغان مىللەت، ئوخشىمىغان ۋاقىت ۋە ئوخشىمىغان رايونلاردا ئوخشاشلا مۇقەددەس، مۇكەممەللىك ۋە بەختنىڭ سىمۋولى بولغان. ئۇيغۇرلاردىكى «يەتتە تەزىم»، «يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس»، «يەتتە قات ئاسمان، يەتتە قات زىمىن»،«بارمايمەن دېگەن تۈگمەنگە يەتتە قىتىم بېرىپتۇ»...دېگەندەك ماقال تەمسىللەر ۋە لوپنۇرلۇقلاردا «كىچىك باللارنىڭ بېشىغا چاچراتقۇ(تەمرەتكە) چىقىپ قالسا، چارشەنبە كۈنىدە يەتتە ئۆيدىن ئۇن ماي تىلەپ كېلىپ شۇ ئۇندا خىمىر يۇغۇرۇپ، خىمىرنى قاق چوڭلۇقىدا مونەك قىلىپ مايدا قورۇپ بالىغا يېگۈزۈپ، ماينى بېشىغا سۈركىسە ساقىيىدۇ»... دېگەندەك نۇرغۇنلىغان ئۆرپ- ئادەتلەر بار. ماقال- تەمسىللەر ۋە خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ئۆرپ- ئادەتلەردىكى بۇ«7» دەل ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىقتىكى سانغا چوقۇنۇشتىن كەلگەن بولۇپ، ئۇزاق تارىخى دەۋرلەردە كىشىلەر ئېتىقاد قىلغان شامان، نېتسۇرىئان، زورۇ ئاستىر، بۇددا ۋە ئىسلام دىنلىرى بىلەن سىڭشىپ ۋە داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنىڭ مەھسۇلىدۇر.

    2.  ھايۋاناتقا چوقۇنۇش

    ھايۋاناتقا چوقۇنۇش ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىقنىڭ يەنە بىر خىل تۈرى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى

    جايلىرىدىكى قەدىمىي مىللەتلەردە مەيلى كۆپ بولسۇن، ياكى ئاز بولسۇن ھايۋاناتقا چوقۇنغانلىقى مەلۇم. قەدىمكى جۇڭگو مەنبەلىرىدە تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ بۆرە، شىر، ئات قاتارلىق ھايۋانلارنى ئۇلۇغلاش ۋە چوقۇنۇش ئەھۋاللىرى خاتىرلەنگەن. جۇنامە تۈركلەر ھەققىدە قىسسەدە «تۈركلەر ئاشنا ئۇرۇقىدىن.....ئەجدادلىرى بۆرە بىلەن جۈپلەشكەنلىكىدىن بۆرە ھامىلدار بولۇپ ئون ئوغۇل تۇغۇلۇپتۇ» دېگەندەك خاتىرىلەر بار[12]، بۆرە تۇتىمى تارىخى ئۇزۇن، تارقىلىش دائىرىسى كەڭ بولغان ئىپتىدائىي ئېتىقاد تىپىدۇر. ئەجدادلىرىمىز بۆرىدىن ئىبارەت بۇ ھايۋاننى ئۆزلىرىنىڭ نەسلى، ئەجدادى، قوغدىغۇچى ئىلاھى، ھەتتا جەڭ ئىلاھى دەپ مۇقەددەسلەشتۈرگەن[13].

    قىزىش ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا كىچىك مۈرەندىكى خەلقلەردىمۇ ھايۋاناتقا چوقۇنۇش مەۋجۇت بولغان. قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان نۇرغۇنلىغان «كالا» غا ئائىت بۇيۇملار ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا مەلۇم دەرىجىدە كالىنى ئۇلۇغلاش ۋە چوقۇنۇش ئەھۋالى بار ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.

    ئارخىئولوگلار قەبرىستانلىقنىڭ جەنۇبى رايونىنى قېزىش داۋامىدا ياغاچ تۈۋرۈككە ئېسىقلىق كالىنىڭ بېشىنى بايقىغان، مۇشۇ تۈۋرۈك ۋە ئەتراپىدىكى بەش دانە تۈۋرۈك بىر چەمبەرنى ھاسىل قىلغان. بۇ خىل ئەھۋال شىمالى رايون بىلەن ئوپمۇ- ئوخشاش. ئارخىئولوگلار يەنە بېگمان تىلغا ئالغان ياغاچ ئۆي قۇرۇلمىلىق قەبرىدىن دۆۋلەنگەن يەتتە قەۋەت كالىنىڭ بېشىنى بايقىغان، قەبرە ئەتراپىدا چېچېلىپ ياتقان كالا ۋە قوينىڭ بېشى 100 دانىدىن ئاشىدۇ. يەنە قەبرىستانلىقتىكى مۇتلەك كۆپ ساندىكى قەبرىلەردىكى ھەر بىر جەسەت ساندۇقى ئۈچ پارچە ئوخشىمىغان رەڭدىكى كالا تېرىسى بىلەن ئورالغان، ئارخىئولوگلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا بۇ كالىلار جەسەتنى دەپنە قىلغان نەق مەيداندا ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، جەسەت ساندۇقى ۋە توپىدا قاننىڭ ئىزى بار. بۇلاردىن سرت، ھەمدەپنە قىلىنغان كالىنىڭ قۇلىقى، كالا سىڭىرىدىن ئىشلەنگەن ئارغامچا پارچىسى ۋە كالىنىڭ بېشى قاتارلىقلاربار.

    مەيلى قەدىمكى جەمئىيەت بولسۇن، ياكى يېقىنقى دەۋرلەردە بولسۇن كالىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىكى رولى ئىنتايىن چوڭ. كىچىك مۈرەندىكىلەرنىڭ كالىنىڭ بېشىنى قەبرە ئالدىغا ئېسىپ قويۇشى، جەسەت ساندۇقىنى كالا تېرىسى بىلەن ئورىشى ۋە كالا بېشى، كالا قۇلىقى قاتارلىق دۇنيادا كەمدىن- كەم ئۇچرايدىغان دەپنە ئادىتىدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ ئېڭىدا كالا مەيلى چوڭلۇقى جەھەتتىن بولسۇن ياكى كۈچ قۇۋۋەت جەھەتتىن بولسۇن ئالاھىدە سىھرى كۈچكە ئېگە ھايۋان، كالىنى بىرگە دەپنە قىلىغاندا كۆز تېگىشتىن ساقلانغىلى، قەبرىستالىقنى جىن- شاياتۇنلاردىن قوغدىغىلى بولىدۇ دېگەن بىر كۆز قاراش ئەكس ئەتكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى.

    كالىغا چوقۇنۇش باشقا رايونلاردا ياشىغان ئاھالىلەردىمۇ مەۋجۇت بولغان. مەسلەن: قەدىمكى قوسلار توغرۇلۇق «تەڭرىتاغنىڭ شەرقى قىسمىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبلىرىدا ياشىغان قوسلار ئۆكۈزنى خاسىيەتلىك ھېسابلايتتى، ئۇلار بىرەر ھەركەت قىلماقچى بولسا ئاۋال قوش (بىر جۈپ ئۆكۈز) نى قويۇپ بېرىدىكەن، قوش بېرىپ چۆككەن جايدا ماكان تۇتىدىكەن. جەڭدە قوش ئىلگىرىلىسە يۈرۈش قىلىۋېرىدىكەن . شۇڭا ئۇلار قوش قۇيارلار دەپ ئاتالغان»[14]دەپ خاتىرە بار. سابىق سوۋىت ئىتىپاقى ئالىمى باسكاكوف مۇنداق دەيدۇ: «تۈركى تىللىق خەلقلەرنىڭ ئوغۇز قەبىلىسىنىڭ نامى، ئۆكۈز مەنىسىنى بېرىدىغان  oguzhÖkÖzدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆكۈزنى تۇتىم قىلغان قەبىلە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ»[15]. يىغىنچاقلىساق، مەيلى لوپنۇر رايونىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەردە بولسۇن، ياكى كىيىنكى دەۋىرلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىجدىمائىي تۇرمۇشىدا «كالا» ئىلاھىي كۈچ سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان. بۇ مىساللار قەدىمكى دەۋىرلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ كالىغا چوقۇنغانلىقى توغرىسىدا بىزگە ئېنىق ئۇچۇرلارنى بېرىدۇ.

    بۇ يەردە سۆزلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە شۇكى، لوپنۇر رايوندا ھازىرمۇ قەبرىلەر ئېگىز قۇم دۆڭلەرگە جايلاشقان. يېقىنقى 30-40 يىللارغا قەدەر قەبرىنىڭ ئالدىغا توغراق ياغاچ تىكلەپ ئاق رەخىتلەرنى ۋە قوچقار مۈڭگۈزى ئاسىدىغان ئادەت بولۇپ، ئاستا- ئاستا يوقىلىپ كېتىۋاتماقتا. مىنىڭچە لوپنۇر رايونىدىكى بۇ مۈڭگۈزلەر قەدىمكى ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىقنىڭ ئۈزلۈكسز داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنىڭ مەھسۇلىمۇ ياكى؟ بۇ توغرىسىدا ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.

    3.  قۇياشقا چوقۇنۇش

    قەدىمكى كىشىلەرنىڭ قۇياشنىڭ ھاياتلىقتىكى رولىنى چۈشىنىپ، قۇياشقا تېۋىنگەنلىكى توغرىسىدا مەيلى يازما ماتېرىياللار بولسۇن، ئارخىئولوگىيىلىك بايقاشلار بولسۇن، ۋە ياكى خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقالغان رىۋايەتلەر ناھايتى مول. مەسلەن: تارىخى خاتىرىلەرنىڭ 110-جىلىد ھونلار تەزكىرىسىدە «تەڭرىقۇت ھەر تاڭدا قارارگاھىدىن چىقىپ كۈنگە قاراپ تازىم قىلاتتى، ئاخشىمى ئايغا تازىم قىلاتتى» دەپ خاتىرلەنگەن[16].

     1979-يىلى شىنجاڭ ئىجدىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئارخىئولوگىيە تەتقىقات ئورنى لوپنۇر كۆنچى دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىغا جايلاشقان گۇمۇگۇ قەبرىستانلىقىنى قازغاندا قۇياش شەكىللىك 6 قەبرىنى بايقىغان. بۇ 6 قەبرە بۇ قەبرىستانلىقتىكى باشقا قەبرىلەر بىلەن ئالاھىدە پەرقلىق بولۇپ، ھەر بىر قەبرە توغراق كۆتىكىنى قانۇنىيەتلىك تىزىشتىن شەكىللەنگەن 7 چەمبەر بىلەن ئورالغان بولۇپ، ياغاچلارنىڭ دىئامېتىرى ئىچىدىكى چەمبەردىن سىرتىدىكى چەمبەرگە قاراپ كىچىكلەپ بارغان بولۇپ، دەل نۇر چېچېۋاتقان قۇياشقا ئوخشايدۇ. بۇ قەبرىلەر ئاشۇ ۋاقىتتىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا قۇياشقا چوقۇنۇش ھادىسىسىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنىڭ ماددىي ئىسپاتىدۇر.

     

    -داۋامى بار

     

     

    分享到: