ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-24

    ئارخىئولوگىيىلىك ماتېرىياللاردىن لوپنۇر رايونىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ (4) - [ئۇيغۇرشۇناسلىق ۋە فولىكلور]

    بېشى ئالدىنقى پارچە تېمىدا:

    ئارخىئولوگىيىلىك ماتېرىياللاردىن لوپنۇر رايونىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ

     ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىقىغا نەزەر (4)

     

    1.  ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇلۇغلاش

    ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇلۇغلاش قەدىمكى لوپنۇر رايونىدا ياشىغان ئاھالىلەرنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىقىدىكى يەنە بىر مۇھىم تەرەپتۇر. ئارخىئولوگىيىلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا لوپنۇردىكى گۇمۇگۇ، كىچىك مۈرەن ۋە تېبەن دەرياسى قەبرىستانلىقى قاتارلىق ئوخشاش مەدەنىيەت تىپىغا ئېگە قەبرىلەردە كۆپ ئۇچىرايدىغان دەپىنە بۇيۇمى بولۇپ، ئارخىئولۇگلار مەيلى ئەرلەرنىڭ قەبرىسى بولسۇن ياكى ئاياللارنىڭ قەبرىسىدىن بولسۇن ئومۇمەن ھەمدەپىنە قىلىنغان چاكاندىنى بايقىغان. بۇ قەبرىلەردىن بايقالغان چاكاندىلارنىڭ مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى جەسەتنىڭ بويۇن ۋە كۆكرەك قىسىملىرىغا قويۇلغان.

    چاكاندا تىپىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان جۇڭگوچە ئوت- چۆپ دورا ماتېرىيالى قىلىنماقتا. لوپنۇر رايونىدىكلەر بەلكىم چاكاندا جەسەتنى چىرىشتىن ساقلايدۇ دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن.  بېگمانمۇ « چاكاندا دورىلىق قىممىتىگە ئېگە بولغاندىن تاشقىرى، ئۇنىڭ دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى، بەلكىم قەدىمكى دەۋر ئىنسانلىرىنىڭ ئۇنى ھاياتلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارىشىغا سەۋەبچى بولغان» دەپ قارايدۇ. بۇندىن باشقا، بۈگۈنكى كۈندىكى بومبايدىكى ھىندى ئاتەشپەرەستلەر دىنىنىڭ مۇرتلىرى چاكاندا قىيامىنى دىنىي نەزىر- چىراغلاردىكى ئىچىملىك- سۇما سۇيۇقلىقى قىلماقتا. ئاتەشپەرەستلەر دىنىنىڭ مىسسئونېرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ خىل سۇيۇقلۇق چىرىمەيدىكەن[17].

    بۇنىڭدىن سرت، داڭلىق ئارخىئولوگ ۋاڭ بىڭخۇا « كۆنچى دەرياسى گۇمۇگۇ قەبرىستانلىقىنىڭ قېزىلىشى ۋە دەسلەپكى تەتقىقات» ناملىق ماقالىسىدە گۇمۇگۇ قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان چاكاندا ۋە ئۇنىڭ رولىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ « گۇمۇگۇدىكى قەدىمكى ئاھالىلەردە ئاللىبۇرۇن دىنى ئاڭ شەكىللىنىپ بولغان، بۇ ئالاھىدە بولغان قەبرە ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن، بەلكى چاكاندىنى ھەمدەپىنە بۇيۇمى قىلغان دەپنە ئادىتىنمۇ كۆرىۋلغىلى بولىدۇ» دەپ يەكۈن چىقارغان[18].

    يوقىرىقى بايانلار ۋە خۇلاسىلەردىن بىز لوپنۇر رايوندىكى قەدىمى ئاھالىلەرنىڭ چاكاندىنى مەلۇم سېھرى كۈچكى ئېگە دەپ قاراپ، ئۇنى مۇھىم دەپىنە بۇيۇمى قىلغانلىقىدىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا مەلۇم دەرىجىدە چاكاندىنى ئۇلۇغلاش ئىدىيىسى شەكىللەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى دەپ ئېيتالايمىز.

    2.  ئەجدادلارغا چوقۇنۇش

    ئەجدادلارغا چوقۇنۇشمۇ قەدىمكى دەۋرلەردىكى ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىقنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئەنگىلىيىلىك ئالىم سېپىنسىر ئەجدادقا چوقۇنۇشنى بارلىق دىنلارنىڭ مەنبەسى دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەجدادقا چوقۇنۇش جەمىئيەت تەرەققىياتنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىپتىدائىي تەپەككۇرىدىكى يۈكسىلىشنىڭ نەتىجىسى. سەۋەبى شۇكى ئىنسانلارنىڭ چوقۇنۇش ئوبىيېكىتلىرىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، تەبىئەت ھادىسىسىلىرىگە چوقۇنۇشتىن تەدىرىجى ئىنسانلارغا چوقۇنۇشقا يۈزلەنگەنلىكىنىڭ نامايەندىسىدۇر.

    ئىنسانلارنىڭ بۇ خىل چوقۇنۇش شەكىللىرىنى ئىنچىكىرەك كۆزەتكەندە ئانا ئەجدادلار روھىغا چوقۇنۇش، ئاتا ئەجدادلار روھىغا چوقۇنۇش، ئۇرۇق ئاقساقاللىرىغا چوقۇنۇش، قەھرىمانلارغا چوقۇنۇش قاتارلىق تەركىبلەرگە بۆلۈش مۇمكىن[19]. لوپنۇر رايونىدىكى قەبرىلەرگە نەزەر سالغاندا مەلۇم دەرىجىدىكى ئانا ئەجدادلار روھىغا چوقۇنۇش ۋە ئاتا ئەجدادلار روھىغا چوقۇنۇشقا مۇناسىۋەتلىك  ئەھۋاللارنى بايقىغىلى بولىدۇ.

    ① ئانا ئەجدادلار روھىغا چوقۇنۇش: لوپنۇر رايونىدىكى قەبرىلەردىن ئانا ئەجدادلار روھىغا

    چوقۇنۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بايقالما يەنىلا كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىدا ئۇچرايدۇ. كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىدىن ئارخىئولوگلار ئۈچ قېتىملىق قېزىشتا جەمىئىي 167 قەبرە قازغان بولۇپ، قەبرىلەرنىڭ شەكلى ئومۇمەن قولۋاق شەكىللىك، بىراق قەبرىستانلىقنىڭ 5- قەۋىتىگە تەۋە بولغان ئەڭ تىگىدىكى، ئەڭ قەدىمكى تىپقا تەۋە قەۋەتتە بىرنەچچە سىرتى لاي بىلەن سۇۋالغان، ئىچكى قىسمى ياغاچ قۇرۇلمىلىق قەبرىلەرنى بايقىغان بولۇپ، بۇ قەبرىلەرگە دەپنە قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى ئايال.

    بۇنىڭدىن سرت، ئارخىئولوگلار بېگمان « شىنجاڭ ئارخىئولوگىيسى» ناملىق كىتابىدا تىلغا ئالغان ياغاچ قۇرۇلمىلىق قەبرىنى تاپقان. ئەينى ۋاقىتتا ئۆردەكنىڭ بېگمانغا دەپ بېرىشىچە بۇ قەبرىگە ئايال دەپىنە قىلىنغان ئىكەن. ئارخىئولوگلار بۇ قەبرىنى قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق 7 قەۋەت دۆۋلەنگەن كالا، قوي كاللىلىرىنى ۋە ھوقۇقنىڭ سىمۋولى بولغان پالاق بېشىنى بايقىغان. بۇ قەبرىلەرنىڭ ياسىلىشى، شەكلى ۋە ئورنى جەھەتلەردىن بولسۇن قەبرىستانلىقتىكى باشقا قەبرىلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ.

    ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيتىدە ئاياللار قانداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ھالقىسى، جەمئىيەتتىكى بارلىق ئىشلارنىڭ يېتەكچىسى ۋە ئۇرۇق نەسلىنىڭ كۆپىيىشىدە ھەل قىلغۇچ كۈچ بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ ھوقوق، يوقىرى ئورۇندىن بەھرىمەن بولغان.موشۇ خىل تۇرمۇش شارائىتىدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئاياللار، كۆپ پەرزەنت كۆرگەن ئاياللار ۋە ئايال قەبىلە باشلىقلىرى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تەدىرىجى ئېلاھلاشتۇرۇلۇپ، ئايال ئەجدادلارغا چوقۇنۇش شەكىللەنگەن. كىچىك مۈرەندىكى يوقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قەبرىلەر ۋە قەبرىلەرنىڭ ئېگىسمۇ چوقۇم ئاشۇ دەۋردىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر، مەرتىۋىلىك ئاياللار بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار مۇشۇ خىل ئالاھىدە دەپىنە قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن.

    ② ئاتا ئەجدادلار روھىغا چوقۇنۇش: بۇخىل چوقۇنۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بايقالما لوپنۇر گۇمۇگۇ قەبرىستانلىقىدىن بايقالغان. بۇ قەدىمىي قەبرىستانلىقتىكى قەبرىلەر ئىككى خىل تۈرگە بۆلۈنگەن. بىرىنچى خىلدىكىسى لوپنۇر رايونىدا دائىم ئۇچرايدىغان ئادەتتىكى قەبرىلەر، ئىككىنچى خىلى بولسا بىز ئالدىنقى مەزمۇنلاردا تىلغا ئالغان قۇياش شەكىللىك قەبرىلەردۇر. بۇ تۈردىكى قەبرە جەمئىي 6 بولۇپ، بارلىق قەبرىگە ئەرلەر دەپنە قىلىنغان. ئارخىئولوگلار گۇمۇگۇ قەبرىستانلىقىنىڭ يىل دەۋرىنى بۇنىڭدىن 3800 يىل ئىلگىرى دەپ بېكىتكەن. ئارخىئولوگلار يەنە كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقى بىلەن گۇمۇگۇ قەبرىستانلىقىنى سىېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىپ ، كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىنىڭ دەۋرىنىڭ تۆۋەن چېكى گۇمۇگۇ قەبرىستانلىقىنىڭ بىرىنچى تىپقا تەۋە قەبرىلىرى بىلەن تەڭ ياكى كېيىن بولسىمۇ، يوقىرى چىكى گۇمۇگۇ قەبرىستانلىقىدىن خىلىلا بۇرۇن دېگەن يەكۈننى چىقارغان. كىچىك مۈرەندىكى ئانا ئەجدادلار روھىغا چوقۇنۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك قەبرىلەر كىچىك مۈرەندىكى ئەڭ قەدىمكى تىپقا تەۋە، ئەكسىچە گۇمۇگۇدىكى خاس ئەرلەر دەپنە قىلىنغان قۇياش شەكىللىك قەبرىلەر بولسا گۇمۇگۇدىكى ئىككىنچى تىپقا تەۋە قەبرە ھېسابلىنىدۇ، يەنى تارىخى بىر قەدەر كېيىنكى تىپقا كىرىدۇ. بىز بۇنىڭدىن بۇ ۋاقىتلاردا جەمئىيەت تۈزۈلمىسىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىقنىڭ ئانىلىق ئۇرۇقداشلىقنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىدە ئاتا ئەجدادلار روھىغا چوقۇنۇش ئېڭى يېتىلگەنلىكىنى تولۇق ھىس قىلالايمىز، يەكۈنىمىز شۇكى گۇمۇگۇدىكى قۇياش شەكىللىك بۇ قەبرىلەر ئاتا ئەجدادلار روھىغا چوقۇنۇشنىڭ مەھسۇلى، بۇ يەكۈنىمىزنى ئىككى قەبرىستانلىقتىكى ئىككى خىل چوقۇنۇش تىپىغا تەۋە بولغان قەبرىلەر ئوتتۇرىسىدىكى يىل پەرقى ۋە دەپنە ئالاھىدىكى قاتارلىق ئەھۋاللار تولۇق پاكىت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

     ھەممىزگە مەلۇم، دۆلىتىمىز قۇرۇلۇشتىن لوپنۇر رايونىدىكى ئارخىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاساسلىقى چەتئەللىكلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، مەيلى تېخنىكا جەھەتتىن بولسۇن، ياكى ماكان- زامان جەھەتتىن چەكلىمىلىككە ئېگە بولغاچقا يۈزەكى ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان شىنجاڭ ئارخىئولوگىيىسىدە  نۇرغۇنلىغان بۆسۈش خارەكتىرلىك نەتىجىلەر يارىتىلدى. لوپنۇر رايونىدىكى گۇمۇگۇ، يىڭپەن، كىچىك مۈرەن ۋە باشقا قەدىمىي قەبرىستانلىقلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك قېزىلىشى بىزنى لوپنۇر رايونىدا ياشاپ ئۆتكەن قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ تارىخى، ئىجدىمائىي تۇرمۇشى، جەمئىيەت تۈزۈلمىسى، ئىقتىساد، دىن، ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيىتى قاتارلىق جەھەتلىرىنى چۈشىنىشىمىز ۋە تەتقىق قىلىشىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئەتتى. بۇ قەبرىلەردىن تېپىلغان بۇيۇملار ۋە بۇيۇملارغا بولغان تەتقىقات پۈتكۈل لوپنۇر رايونىنىڭ  قەدىمىي يادىكارلىقلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ئارخىئولوگىيىلىك مەدەنىيەت سېستىمىسىنى تۇرغۇزۇشتا مۇھىم قىممەتكە ئېگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىزنىڭ غەربى يۇرت ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قەدىمكى دەۋر مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشىمىزغىمۇ ياردەم بېرىدۇ. 

    يوقىرىدا مەن لوپنۇر رايونىدىكى قەدىمكى قەبرىلەر، قەبرىلەردە ئەكس ئەتكەن دەپنە ئادەتلىرى ۋە قېزىۋېلىنغان ھەمدەپىنە بۇيۇملارغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق قەدىمكى ئاھالىلەردە ساقلانغان ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىق ئەھۋاللىرىنى جىنىسقا چوقۇنۇش، سانغا چوقۇنۇش، ھايۋاناتقا چوقۇنۇش، قۇياشقا چوقۇنۇش، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇلۇغلاش ۋە ئەجدادلارغا چوقۇنۇش قاتارلىق تەرەپلەرگە يىقىنچاقلاپ چىقپ ئۆزەمنىڭ ئاددىيغىنە كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتۈم. كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك قەدىمكى لوپنۇردىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى ناھايتىمۇ مول مەزمۇنلۇق بولۇپ، ھەر خىل ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىق ئەھۋاللىرى ئۆزئارا سىڭىشىپ ۋە گىرەلىشىپ رەڭگارەڭ بولغان دەپنە ئادەتلىرى شەكىللەنگەن. ئاخىرىدا دېمەكچى بولغىنىم شۇكى ماقالىدە مەن بايقىمىغان نۇرغۇنلىغان نوقتىلار ۋە نۇقسانلار ساقلانغانلىقى تۇرغانلا گەپ. شۇڭلاشقا مۇشۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقانلارنىڭ سەمىمىي تەكلىپ- پىكىرلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    [1]刘学堂:丰产巫术: 原始宗教的一个核心——新疆考古新发现的史前丰产巫术遗存新疆师范大学学报学报2007年第2

    [2]李刚:东北少数民族的生殖崇拜学理论,2008年第3

     [3](瑞典)贝格曼着、王安洪译:新疆考古记新疆人民出版社,199711月,第76

    [4]伊第利斯、李文瑛解读楼兰史前文明之谜——新疆罗布泊小河墓地载中国文物报社、中国考古学会编中国年度十大考古新发现2004年卷,生活·讀書·新知 三联书店。第150

     [5]王炳华.生殖崇拜:早期人类精神文化的核心——新疆罗布淖尔小河五号墓地的灵魂寻根,2004

    4

    [6](瑞典)贝格曼著、王安洪译新疆考古记新疆人民出版社,199711月,第87

    [7]刘学堂:新疆史前宗教研究民族出版社,20097月,第262263

    [8]刘学堂:新疆史前宗教研究民族出版社,20097月,第268

    [9]陈星灿:孔雀河古墓沟木雕人像分析,华夏考古,1995年第2

    [10]成良斌:中外数字崇拜与禁忌透视华中理工大学学报,1995年,第2

    [11]刘学堂:新疆史前宗教研究民族出版社,20097月,第8988

    [12]周书·突厥传

    [13] ئابلىمىت ئۆمەر بىلگە «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي ئېڭى ۋە پەلسەپە بىخلىرى» مىللەتلەر نەشرىياتى 2008-يىل5-ئاي 113-بەت

    [14]ئىمىن تۇرسۇن: «قەدىمقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2000-يىل-3-ئاي، 64-بەت

    [15] ئابلىمىت ئۆمەر بىلگە «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي ئېڭى ۋە پەلسەپە بىخلىرى» مىللەتلەر نەشرىياتى 2008-يىل5-ئاي 123-بەت

    [16] سىماچىيەن «تارىخى خاتىرلەر»(ئۇيغۇرچە نەشىرى)  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1987-يىل9-ئاي، 402-بەت

    [17](瑞典)贝格曼著、王安洪译新疆考古记新疆人民出版社,199711月,第102

    [18]王炳华:丝绸之路考古研究新疆人民出版社,199311月,第190

    [19]ئابلىمىت ئۆمەر بىلگە «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي ئېڭى ۋە پەلسەپە بىخلىرى» مىللەتلەر نەشرىياتى 2008-يىل5-ئاي 137-بەت

     

    تامام

    ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن بلوگىمدا ئېلان قىلىندى.

    分享到: