ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-24

    ئارخىئولوگىيىلىك ماتېرىياللاردىن لوپنۇر رايونىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ (1) - [ئۇيغۇرشۇناسلىق ۋە فولىكلور]

    ئارخىئولوگىيىلىك ماتېرىياللاردىن لوپنۇر رايونىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ

     ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىقىغا نەزەر (1)

    浅谈罗布淖尔地区古代居民的原始崇拜思想

    ئەلى ئەمەت

    قىسقىچە مەزمۇنى: ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىق قەدىمكى دەۋرلەردىكى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئىنتايىن مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ شۇ دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي مەدەنىيىتىگە چوڭقۇر تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەن. بۇ ماقالىدە لوپنۇر رايونىدىكى بۇنىڭدىن 4000 يىللار ئىلگىرىكى مەدەنىيەت تىپىغا تەۋە بولغان كىچىك مۈرەن، گۇمۇگۇ ۋە تېبەن دەرياسى قەبرىستانلىقى قاتارلىق قەدىمىي قەبرىستانلىقلار، قەبرىستانلىقلاردا ئەكس ئەتكەن دەپنە ئادەتلىرى ۋە قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان نۇرغۇنلىغان بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش، سېلىشتۇرۇش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق لوپنۇر رايونىدا ياشاپ ئۆتكەن قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا ساقلانغان ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىق تىپلىرى توغرىسىدا تەھلىل يۈرگۈزۈلىدۇ.

     

    ھالقىلىق سۆزلەر: ئارخىئولوگىيە   لوپنۇر   قەدىمكى ئاھالىلەر  ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىق

     

     

    ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن تاكى ھازىرغا قەدەر ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە دىندىن ئىبارەت بۇ ئىجدىمائىي ھادىسە ئىزچىل ھالدا ئىنسانلارغا ھەمرا بولۇپ، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىپ، ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ، تولۇقلىنىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ كەلمەكتە. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا سىنىپ شەكىللەنمىگەن دەۋرلەردىلا كىشىلەردە ئىپتىدائىي دىنى ئاڭ شەكىللەنگەنلىكى مەلۇم. ئىپتىدائىي دىنلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىپادىلىنىش شەكلى دەل بىز دەۋاتقان ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىقتۇر.

    ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئىشلەپچىقىرىش كۈچىلىرى تەرەققىي قىلمىغان ۋە كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر قابىلىيىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان شارائىت ئاستىدا ئىنسانلارنىڭ بىلىش دائىرىسى ناھايتى چەكلىك بولغانلقى سەۋەبلىك ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى بىلىش، چۈشىنىش ۋە ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى بولمىغانلىقتىن، ئۇلاردا پەقەت ۋە پەقەت تەبىئەتكە بويسۇنماقتىن باشقا چارە يوق ئىدى. مانا مۇشۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، كىشىلەر خىلمۇ- خىل تەبىئەت ھادىسىلىرى، ئاسمان- زىمىن، تاغ- سۇ، دېڭىز- ئوكيان شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ تىپىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى بولغان «كۆپىيىش» ئىقتىدارى ۋە باشقلارنى ئىلمىي ھالدا چۈشىنەلمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ خىل ئۆزگىرىشلەرنى بىر خىل ئىلاھىي سىھرى كۈچ دەپ قاراپ، بارا- بارا ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىق بارلىققا كەلدى.

    19- ئەسىرلەردىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ئالىملار ئىنسانشۇناسلىق، پەلسەپە ۋە دىنشۇناسلىق قاتارلىق ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن چىقىپ، دىننىڭ كېلىپ چىقىشى، تەرەققىياتى، ماھىيىتى ۋە رولى قاتارلىق تەرەپلەردىن ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ناھايتى قىممەتلىك بولغان كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەنگىلىيىلىك داڭلىق ئىنشانشۇناس تايلور (E· B· Tylor) « بارلىق مەۋجۇدىيەتتە روھ بولىدۇ» دىگەندىن ئىبارەت ئانىمىزىملىق كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ خىل ئىشىنىش بارلىق دىنلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى دەپ قارىدى؛ ئەنگىلىيىلىك ئىنسانشۇناس فىرازېر (James Geoege Frazer) بولسا ئىنسانلارنىڭ ئەقىل پاراسىتىنىڭ  تەرەققىياتى « پېرىخونلۇق دىن پەن» دىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن دەپ قارايدۇ؛ دىنشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى گىرمانىيىلىك ئالىم مۇللىر (Mueller) « تەبىئەت ئىلاھچىلىقى نەزەرىيىسى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دىننىڭ كېلىپ چىقىشى ھەرخىل تەبىئەت ھادىسىلىرىنى ئىلاھلاشتۇرۇشتىن كەلگەن، دىن ۋە ئەپسانىۋى ئىلاھ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەبئەت شەيئىلىرى ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىنى ئادىمىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت دەپ قارايدۇ؛ ئەنگىلىيىلىك ئالىم سېپنسىر (Herbert Spencer) بولسا بارلىق دىنلار ئەجدادقا چوقۇنۇشتىن تەرەققىي قىلىپ كەلگەن دەپ قارايدۇ؛ ئەنگىلىيىلىك روبىنسون شىمىس (Robinson Smith)، فىرانسىيىلىك ئېمىل دورىكخام (Emile Durkheim)، ئاۋىستىرىيىلىك فىروئد (S·Freud) قاتارلىقلار تۇتىم ئېتىقادچىلىقى بارلىق دىنلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى دەپ قارايدۇ. دېمەك، دىنلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى توغرىسىدا ھەرخىل كۆز قاراشلار مەجۇت، بىز بۇ كۆز قاراشلارنى ئومۇملاشتۇرساق ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىقنىڭ بارلىق دىنلارنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالالايمىز.

     ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىقنىڭ شەكىللىرى ناھايتى كۆپ، بۇنىڭغا قارىتا تەبىئەتكە چوقۇنۇش، جىنىسقا چوقۇنۇش، ئەجدادقا چوقۇنۇش، تۇتىم ئېتىقادچىلىقى( دەل-دەرەخ تۇتىمى، قۇش تۇتىمى، ھايۋانات تۇتىمى)، خاسىيەتلىك سانغا چوقۇنۇش ۋە كۆك تەڭرىگە چوقۇنۇش قاتارلىق مىساللارنى ئېلىش مۇمكىن. ئۇنداقتا بىز موشۇ نوقتىلارنى چىقىش قىلىپ، ئارخىئولوگىيىلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغان ھالدا لوپنۇر رايونىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىقىغا بىر نەزەر سېلىپ باقايلى.

       لوپنۇر رايونى ئىنسانلار پائالىيىتى بىر قەدەر بالدۇر باشلانغان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ رايوندا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىلەر پارلاق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقانلىقى بىلەن مەشھۇردۇر. لوپنۇر رايونى غەرپ- شەرق ئالاقىسىدىمۇ ناھايتى مۇھىم ئورۇن تۇتقان، دۇنياغا داڭلىق يىپەك يولى چاڭئەندىن باشلىنىپ، دەل لوپنۇرغا كەلگەندە جەنۇپ ۋە شىمال لىنىيىلەرگە ئايرىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا، ھىندىستان ۋە ياۋروپالارغا تۇتاشقان، ھەر ئىككى لىنىيىدىن كەلگەن راھىپ، سودىگەر، دىن تارقاتقۇچى ۋە ئەلچىلەر بۇ جايدا ئۇچراشقان بولۇپ مەدەنىيەتلەر گىرەلەشكەن مۇھىم ئۆتكەل ئىدى. كىيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە تەبئىي ۋە ئىجدىمائىي شارائىت شارائىتلارنىڭ نەتىجىسىدە بۇ جاي بىر مەزگىل كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىن ساقىت بولغان بولسىمۇ، لىكىن 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ چەتئەل ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرىنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى. بولۇپمۇ شىۋىتسىيىلىك سېۋىن ھىدىننىڭ دۇنياغا داڭلىق كىروران شەھەر خارابىسىنى بايقىشى نەتىجىسىدە بىر مەھەل كىشىلەرنىڭ كۆرۈش دائىرىسىدىن يوقالغان بۇ يۇرت باشقىچە جانلىنىشقا باشلىدى. قىسقىغىنە 50 يىل مابەينىدە ئېلىمىز ئارخېئولوگلىرى تەرىپىدىن بۇ رايوندىن گۇمۇگۇ، يىڭپەن، كىچىك مۈرەن قاتارلىق نۇرغۇنلىغان قەدىمىي قەبرىلەرنىڭ قىزىلىشى ۋە بەس- بەستە تەتقىق قىلىنىشى داۋامىدا  لوپنۇر رايونى يەنە بىر قىتىملىق قاينام- تاشقىنلىق دەقىقىلەرنى كۈتىۋالدى.

       دېمەك، لوپنۇر تارىخى ئۇزۇن رايون بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن قەدىمكى كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئۆرپ- ئادەت، مەدەنىيەتىنى تەتقىق قىلىشتا بەلگىلىك قىممەتكە ئېگە. بولۇپمۇ لوپنۇردىن تېپىلغان قەبرىلەر ۋە قەبرىلەردىن بايقالغان بۇيۇملاردا بۇ رايوندا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىق ئەھۋاللىرى ناھايتى روشەن ئەكىس ئەتكەن بولۇپ، تۆۋەندە مەن بۇ نوقتىلار ئۈستىدە كۆز قاراشلىرىمنى دەپ باقماقچىمەن.

    1.  جىنىسقا چوقۇنۇش

    جىنسىي ئالاقە ئىنسانلارنىڭ كۆپىيىپ زورىيىشىنىڭ تۈپ نېگىزى بولغاچقا جىنىسقا چوقۇنۇش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قەدىمكى خەلىقلەردە ئومۇميۈزلۈك بولغان بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇپ شەكىللەنگەن. بۇ خىل چوقۇنۇش ئەڭ دەسلەپتە ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر قابىلىيىتى ناھايتى تۆۋەن بولغان ئەھۋالدا ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ بەدەنلىرىدىكى جىنسى پەرق ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنى چۈشەنمىگەنلىكتىن، جىنسى ئىقتىدار ۋە كۆپىيىش ئىقتىدارىنى تولىمۇ سىرلىق بىر خىل كۈچ دەپ چۈشىنىشىدىن تەرەققىي قىلىپ بارلىققا كەلگەن چوقۇنۇش شەكلىدىن ئىبارەت.  ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا جىنىسقا چوقۇنۇش ئەڭ دەسلەپ كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىلا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، يېڭى تاش قوراللىرى دەۋرىگە كەلگەندە جىنىسقا چوقۇنۇش مەدەنىيىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا ئوخشىمىغان ئىپادىلىنىش شەكىللىرىدىكى پەرقلەر بارغانسىرى روشەنلىشىپ، ئوخشاش بولمىغان جىنىسقا چوقۇنۇش مەدەنىيەت سىستىمىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئارخىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان قەدىمكى ئىنسانلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان جايلار ۋە قەدىمىي قەبرىلەردىن مۇشۇ خىل چوقۇنۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇيۇملار بايقالغانلىقى مەلۇم. رايونىمىزدىمۇ قۇتۇبى ناھيىسىگە جايلاشقان كاڭجىيا شىمىنزى (康家石门子生殖崇拜岩画) دىكى جىنىسقا چوقۇنۇشقا ئائىت قىيا تاش رەسىملىرى ۋە لوپنۇر رايونىدىكى كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىدىكى بايقالغان مول مەزمۇنغا ئېگە بۇيۇملار بىزنى رايونىمىزدا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ جىنىسقا چوقۇنۇش ئەھۋاللىرى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. رايونىمىزدىن كۆپلەپ بايقالغان بۇ خىل ئەھۋاللارغا قارىتا لىيۇ شۆتاڭ قاتارلىق كىشىلەر « جىنىسقا چوقۇنۇش تارىختىن ئاۋالقى دىنىي ئېتىقادلارنىڭ يادرولىرىنىڭ بىرى» دەپ قارايدۇ[1]. يەنە بەزىلەر بۈگۈنكى كۈندىكى جۇڭگونىڭ مەشھۇر قۇرۇلۇشى «مۇنار» نىمۇ جىنىسقا چوقۇنۇش بىلەن باغلاپ، ئۇنى جىنىسقا چوقۇنۇشنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە سەنئەتلىشىشى دەپ قارايدۇ[2].

       ئوخشاشلا، جىنىسقا چوقۇنۇش لوپنۇر كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىدا ئەڭ گەۋدىلىك ئەكس ئەتكەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى. كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان جىنىسقا چوقۇنۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملارنىڭ كۆپلىكى كىشىنى ھاڭ- تاڭ قالدۇرىدۇ. كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىدا ئەكس ئەتكەن جىنىسقا چوقۇنۇش ئەھۋالىنى دۆلىتىمىزنىڭ باشقا رايونلىرىدىكى جىنىسقا چوقۇنۇش ئىزلىرى بىلەن سېلىشتۇرساق، ئوخشاشلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە دەپنە ئادىتى، جىنىسقا چوقۇنۇشقا تەقلىد قىلىنغان بۇيۇملار قاتارلىق جەھەتلەردىن باشقا ھەرقانداق جايدىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ.. يىغىنچاقلىساق بۇ قەبرىستانلىقتىكى جىنىسقا چوقۇنۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇيۇملار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    ① ئەر- ئاياللارنىڭ جىنسى ئەزاسىغا سىمۋول قىلىنغان ھەرخىل تىكلىمە ياغاچلار ۋە جەسەت ساندۇقلىرى

       كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقى بىر ئېللىپىس شەكىللىك قۇم دۆۋىسىگە جايلاشقان بولۇپ، قۇم دۆۋىسىنىڭ ئۈستىگە كۆپ قىرلىق، يۇمىلاق ۋە پالاق شەكىللىك توغراق ياغاچلىرى زىچ قادالغان. 1934- يىلى بۇ قەبرىستانلىقنى بايقىغان بېگمان پالاق شەكىللىك ياغاچلارغا قارىتا «ئىلگىرى بۇ جايدا ياشىغانلار دائىم قولۋاق ھەيدىگەن» دىگەن يەكۈننى چىقارغان[3]. بىراق شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە تەكشۈرۈش ئەترىتىدىكىلەر ئىنچىكە تەكشۈرۈش ۋە قىزىش ئارقىلىق « ئاياللارنىڭ قەبرىسى ئالدىغا قىزىل رەڭ بىلەن بويالغان ئەرلەرنىڭ جىنسى ئەزاسىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ياغاچلارنىڭ قادالغانلىقىنى، ئەرلەرنىڭ قەبرىسى ئالدىغا بولسا پالاق شەكىللىك ياغاچلارنىڭ قادالغانلىقى» دەك بىر خىل قانۇنىيەتنى بايقىغان.

       يوقىرىقىلاردىن سرت، بۇ قەبرىستانلىقتىن بىر نەچچە لاي بىلەن سۇۋالغان ياغاچ قەبرىلەردىن باشقا بارلىق قەبرىلەرنىڭ جەسەت ساندۇقى قولۋاق شەكىللىك بولۇپ، ئاياللارنىڭ جىنسى ئەزاسىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئارخىئولوگلار قەبرىستانلىقنىڭ قورۇلمىسى، جەسەت ساندۇقىنىڭ شەكلى، تېپىلغان بۇيۇملار ۋە تىكلىمە ياغاچلارغا قارىتا ئىچكىرلىگەن ھالدا ئانالىز ئېلىپ بارغاندىن كېيىن « بۇلارنىڭ ئەكس ئەتتۈرگىنى بۇ جايدىكى كىشىلەر دائىم قولۋاق ھەيدىگەنلىكى ئەمەس، بەلكى قەدىمكى كىشىلەرنىڭ ئوي تەپەككۇرىنىڭ دەپنە ئادەتلىرىدە ئىپادىلىنىشى، يەنى جىنىسقا بولغان چوقۇنۇشنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە مۇبالىغىلەشتۈرۈلۈشى» دەپ يەكۈن چىقاردى[4].

       كىشىنىڭ دېققىتىنى تارتىدىغان يەنە بىر ئەھۋال شۇكى، قەبرىستانلىقتىكى بەزى قەبرىلەرنىڭ ئالدىغا تىكلەنگەن ياغاچلار ناھايتى چوڭ، شۇنداقلا ناھايتى ئېگىز، يەنە بەزىلىرى بولسا پاكار ۋە كىچىك. بۇ خىل ئەھۋال بىزدە بۇ ياغاچلارنىڭ چوڭ- كىچىك بولۇشى نىمە بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇ دېگەندەك مەسىللەرنى تۇغۇلدۇرىدۇ. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆزەمنىڭ بۇ خىل ئەھۋالغا بولغان كۆز قارىشىمنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويۇپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

     

    -داۋامى بار

    分享到: