ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-05-08

    لوپنۇرلۇقلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش_1 - [ئۇيغۇرشۇناسلىق ۋە فولىكلور]

    لوپنۇرلۇقلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش _1

    ئەلى ئەمەت

    شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسېتىتى تارىخ ۋە مىللەتشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى ئازسانلىق مىللەتلەر تارىخى كەسپىنىڭ 2008-يىللىق ماگستىر ئاسپىرانتى

     

    ئاساسى مەزمۇنى: لوپنۇرلۇقلار ئۇزاق تارىخى دەۋىرلەردىن بۇيانلا لوپنۇر رايونىدا ياشاپ كەلگەن يەرلىك ئاھالىدۇر. ئۇلار تارىخى تەرەققىيات داۋامىدا قاراشەھەر، تۇرپان، قۇمۇل ۋە دولان قاتارلىق جايلاردىن كۆچۈپ كەلگەنلەر بىلەن قوشۇلۇپ، تەسىر كۆرسىتىپ ۋە ئۆزئارا يۇغۇرۇلىشىنىڭ نەتىجىسىدە بۈگۈنكى لوپنۇرلۇقلارنى شەكىللەندۈرگەن. ماقالىدە بىر قانچە نۇقتىدىن چىقىپ لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئاساسى گەۋدىسىنىڭ ئەزەلدىن لوپنۇر رايونىدا ياشاپ كەلگەن يەرلىك ئاھالە ئىكەنلىكى ئىسپاتلاپ چىقىلىدۇ.

    ھالقىلىق سۆزلەر:  لوپنۇرلۇقلار  كىلىش مەنبەسى   قارا قوشۇنلۇق

     

    摘要:罗布人是维吾尔族的重要部分。罗布人本身不是外来移民,他们是长期以来在罗布淖尔地区活动的土著居民。在历史发展过程中从焉耆、吐鲁番、哈密、多浪(刀郎)、和田等地迁移过来的外来移民继续融合、形成了今天的罗布人。本文从几个观点观点出发,证明“罗布人的主体是自古以来生活在罗布淖尔地区的土著居民”的现实。

    关键词: 罗布人   来源    喀喇和顺人

     

    لوپنۇرلۇقلار (ياكى لوپلۇقلار، بۈگۈنگە قەدەر بۇلارنى ئاتاشتا مۇشۇ ئىككى خىل ئاتالغۇ ئىشلىتىلمەكتە، مەيلى قايسى ئاتالغۇ ئىشلىتىلىشىدىن قەتئىينەزەر كۆزدە تۇتىدىغىنى قەدىمدىن لوپنۇر كۆلى رايونى، جۈملىدىن تارىم دەرياسى، كۆنچى دەرياسى ۋە چەرچەن دەريالىرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنلىرىدىكى بوستانلىقلاردا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردۇر) ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ، ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان لوپنۇر رايونىدا ياشاپ كەلگەن. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان لوپنۇرلۇقلارنىڭ تىلى، تارىخى، مەدەنىيتى ۋە ئۆرپ- ئادەتلىرى ئۈستىدە بىر قىسىم تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، لىكىن لوپنۇرلۇقلار كىملەر، ئۇلار قەيەردىن كەلگەن دېگەندەك مەسىلىلەر ئۈستىدىكى  تەتقىقاتلار تېخى دىگەندەك چوڭقۇرلاشقىنى يوق. بولۇپمۇ بەزى كىشىلەر لوپنۇرلۇقلارنى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۈگۈنكى قارا شەھەردىن كۆچۈپ كەلگەن دېگەندەك قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. تۆۋەندە مەن بىر لوپنۇرلۇق ئىزدەنگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ توغرىسىدا ئۆزەمنىڭ كۆز قاراشلىرىمنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن.

    1. مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى

    لى يىنپىڭ، لى نىڭ قاتارلىق تەتقىقاتچىلار «لوپنۇرلۇقلارنىڭ كىلىش مەنبەسى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىدە «لوپنۇرلۇقلار ئەسلى قاراشەھەردە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار بولۇپ، جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ يەرلەرنى ئىگىلىۋىلىشى ۋە باستۇرۇشى تەسىرىدە كىشىلەر ھەر تەرەپكە تارقىلىپ كەتتى، شۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر لوپنۇر رايونىغا كېلىپ قالدى. تەبىئىي شارائىتنىڭ چەكلىمىلىكى سەۋەبىدىن ئۇلار ئىپتىدائىي بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرمۇش كەچۈردى، شۇنداقلا دىننىي ئېتىقادىدىمۇ سۇسلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى» دەپ خۇلاسە چىقارغان①. لى يىنپىڭ يەنە «خوتەن ۋە لوپنۇر رايونىدىكى قوش يۆنىلىشلىك كۆچمەنلەر» ناملىق ماقالىسىدا لوپنۇرلۇقلارنى تەشكىل قىلغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ خوتەندىن كۆچۈپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا توختىلىدۇ②. بىز بۇ يەردە لى يىنپىڭ ئەپەندىنىڭ قارا شەھەر ۋە خوتەندىن لوپنۇرغا ئاھالە كۆچكەن دېگەن قارىشىنى چەتكە قاقماقچى ئەمەسمىز. گەرچە قارا شەھەردىن لوپنۇرغا كىشلەرنىڭ كۆچكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بولسىمۇ، لىكىن ئۇ لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ئەمەس. ئەگەر لى يىنپىڭ قاتارلىقلارنىڭ قارىشى بويىچە ئېلىپ ئېيىتقاندا قارا شەھەردىن لوپنۇرغا ئاھالىلەر كۆچۈپ كېلىشتىن ئاۋال لوپنۇر رايونىدا باشقا ھىچقانداق ئاھالە يوق دېگەن يەكۈن كېلىپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۈگۈنكى كۆنچى، تارىم دەريالىرىنىڭ لوپنۇر ناھيىسى تەۋەلىكى ۋە چارقىلىق قاتارلىق جايلارنىڭ سۇ- تۇپرىقى ئىنتايىن مۇنبەت بولۇپ، بۇنداق جايدا ئاھالىلەرنىڭ يوق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن نۇقتىلاردىن بىز لى يىنپىڭ قاتارلىقلارنىڭ كۆز قارىشىنىڭ مەلۇم چەكلىمىلىككە ئېگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يىتەلەيمىز. بىز بۇ نوقتىلار ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىشتىن بۇرۇن بۇ تىما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بەزى ئەھۋاللار ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.

    2. بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان ئىزدىنىشلەر

    بۇنىڭدىن ئېلگىرى لوپنۇرلۇقلار توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار بىر قەدەركۆپ بولسىمۇ، لىكىن لوپنۇرلۇقلارنىڭ مەنبەسىنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات ناھايتى ئاز. بۇ توغرىسىدا چەتئەللىك بەزى تەتقىقاتچىلار ناھايتى بۇرۇنلا توختالغان بولۇپ، س. ي. مالوف، ئە. ر. تېنىشىۋ قاتارلىقلار لوپنۇرلۇقلارنىڭ تىلىنى قىرغىز تىلىغا باغلاپ، «لوپنۇرلۇقلار قىرغىزلارنىڭ ئەۋلادىدۇر» دېگەن كۆز قاراشنى ياقلايدۇ③؛ يەنە بەزىلەر بولسا «لوپنۇرلۇقلار بىلەن دولانلىقلار بىر سىستىمىغا مەنسۇپ» دەپ قارايدۇ④. ياپونىيەلىك تەتقىقاتچى زوكوتوۋ ئەپەندى 1761- يىلى لوپنۇرنى تەكشۇرگەن شۈ خىدىنىڭ دوكلاتى، «غەربى يۇرتتا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىم», «غەربى يۇرتنىڭ سۇ يوللىرى خاتىرىسى» ۋە «جۇڭغارلارنى تىجىتىش پىلانى» قاتارلىقلاردىكى خاتىرىلەرنى سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلغاندىن كېيىن «دولانلىقلار بىلەن لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئوخشاش بىر تىپقا(同一种族) تەۋە بولۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى، 1720-يىلىدىكى جۇڭغارلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان ۋاقىتتا لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى كىشىلەر قارا شەھەر (كورلا، بۈگۈرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئاقسۇ، بارچۇق قاتارلىق تارىم دەريا بويلىرىدىكى جايلارغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ دولانلىقلار دەپ ئاتالغان» دەپ قارايدۇ⑤.

    كىرىم رىھىم، ئابلا ئۆمەرلەر لوپنۇرلۇقلار توغرىسىدا بىرقەدەر بالدۇر ئىزدەنگەن بولۇپ، ئۇلار «لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئېتنىڭ تەركىبى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىدە لوپنۇرلۇقلارغا كەڭ تارقالغان رىۋايەتلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا تەھلىل قىلىپ، قارا قوشۇنلۇقلارنىڭ يەنىلا لوپنۇر ئاھالىسىنىڭ ئاساسى قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان⑥.

    تارىخ تەتقىقاتچىسى مىياۋ پۇشىڭ ئەپەندى «چىڭ دەۋرىدىكى دولان ئۇيغۇرلىرى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىدە لوپنۇرلۇقلار ئۈستىدە تەپسىلىي توختالغان بولۇپ، ماقالىدە «مەيلى ۋىينامە ۋە ياكى قانۇنلار قامۇسىدا خاتىرلەنگەن (乙弗敌国) بولسۇن، ھەممىسى چىڭ دەۋرىدىكى تارىخى ماتىرىياللاردا تەسۋىرلەنگەن لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن بىردەك، بۇنىڭدىن ھېچ بولمىغاندا لوپنۇرلۇقلارنىڭ تارىخى ئۇزۇن قەبىلە ياكى ئۇرۇق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ» دەپ قارايدۇ⑦.

    لوپنۇرلۇقلارنىڭ تارىخ- مەدەنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ياش تەتقىقاتچى غالىپ باراتمۇ بۇ توغرىسدا ئىزدەنگەن بولۇپ «لوپلۇقلار قەدىمدىن لوپ رايونىدا ياشاپ كەلگەن ئاھالە، كىرورانلىقلارنىڭ ئەۋلادى سېرىق ئۇيغۇرلاردۇر» دەپ قارايدۇ⑧.

    تىلشۇناس، ئالىم مىرسۇلتان ئاكىمىزمۇ «لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەجدادى كىملەر؟» ناملىق ماقالىسىدە لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەجدادى توغرىسىدا ئىنتايىن قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى بەرگەن. ئالىم تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن چىقىپ، تارىخى ماتىرىياللارنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا «چۇمۇللار لوپنۇرلۇقلارنىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلغان» دېگەن يەكۈننى چىقىرىدۇ⑨.

    ئەمما لى يىنپىڭ ئەپەندى بولسا لوپنۇرلۇقلارنى چىڭ دەۋرىلىرىدە قارا شەھەردىن لوپنۇرغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار دەپ قارايدۇ.

    يوقىرىقى تەتقىقاتلارنىڭ كۆپىنچىسىدە لوپنۇرلۇقلار قەدىمدىن لوپنۇر رايونىدا ياشاپ كەلگەن ئاھالىدىن ئىبارەت دېگەن كۆزقاراشقا بولغان مايىللىقنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

    3. لوپنۇرلۇقلارنى تەشكىل قىلغۇچى تەركىبلەر

    مىرسۇلتان ئوسمانوف ۋە مويدىن سايىت قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ئېيتىپ ئۆتكەندەك، لوپنۇرلۇقلار ئۆز ئىچىدىن قارا قوشۇنلۇق، يان (ياللا، يانلار)، جوداقتا، قالماقتا (قالماقلار)، قالۇچى، قىرغىزلار دېگەندەك تەركىبلەرگە بۆلۈنگەن بولسىمۇ لىكىن بىردەك لوپنۇر دىيالېكىتىدا سۆزلىشىدۇ.

    بۇ تەركىبلەرنىڭ ئىچىدە قارا قۇشۇنلۇقلار لوپنۇرلۇقلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگەللەيدىغان بولۇپ، چارقىلىق ناھيىسىدىكى مىرەندىن تاكى لوپنۇر ناھيىسىنىڭ غەربىگە 200 كىلومىتىر كىلىدىغان دائىرىدىكى قارچۇغا يېزىسىغچە (ئەمەلىيەتتە قارچۇغا يېزىسى لوپنۇردىن 108 كىلومىتىر، لىكىن يېزىغا قاراشلىق ئاقياسىق كەنتى، بۇرۇنقى غوداي، بوز كۆل، چايان، يېڭى مەھەللە قاتارلىق جايلار قارچۇغا يېزىسىنىڭ تېخىمۇ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ ئورنى يېزىدىن تەخمىنەن 100 كىلومىتىر كېلىدۇ) بولغان  كۆپ قىسىم جايلىرىغا تارقالغان. بىز دەۋاتقان لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەڭ تۈپكى گەۋدىسى دەل موشۇ قارا قوشۇنلۇقلاردىن ئىبارەت.

    قارا قوشۇنلۇقلاردىنلا قالسا لوپنۇرلۇقلارنى تەشكىل قىلغان ئاھالىلەر ئىچىدىكى سانى بىر قەدەر كۆپرەكى يانلاردۇر. مىرسۇلتان ئاكىمىزنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە يانلار ئاساسلىق تۇرپان، پىچان، قۇمۇلدىن كەلگەن. مىنىڭچە لى يىنپىڭ  ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان قارا شەھەردىن كەلگەنلەرمۇ دەل مۇشۇ يانلار بولۇشى مۇمكىن.

    لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىنى قىرغىزلارنىڭ ئەۋلادى دەپ ئاتايدىغانلار ئىنتايىن ئاز بولۇپ، لوپنۇرنىڭ غەربىگە جايلاشقان. ھازىرمۇ قارچۇغا يېزىسىدىكى بەزى كىشىلەر ئۆزىنى قىرغىز دەپ ئاتايدۇ. مىرسۇلتان ئاكىمىز قىرغىزلارنىڭ كىلىش مەنبەسى ئۈستىدە توختىلىپ «بەلكىم ئۇلار يېقىنقى دەۋرلەردە غەربتىن (ئېھتىمال باي ناھيىسى تەرەپتىن) كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان» دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ لوپنۇرنىڭ قارچۇغا يېزىسىدىكى كىشىلەر ئارىسىغا تارقالغان بىر رىۋايەتتىن مەلۇم بولۇشىچە كۇچانىڭ ياقا دېگەن يېرىدىن بۇرۇن بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ كۆچۈپ كەلگەنلىكى مەلۇم. ھازىرمۇ قارچۇغا يېزىسىنىڭ غەربىدىكى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسى يەنى ئۆگەن دەرياسى بويىدا «قىرغىز»، «ئوپقان» دېگەن مەھەللىلەر بار. بۇلاردىن بىز مىرسۇلتان ئاكىمىزنىڭ پەرىزىنىڭ توغرىلىقىنى، يەنى بىز قىرغىزلارنىڭ غەربتىن كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىز.

    ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كىرەككى، بەزى كىشىلەر لوپنۇرلۇقلارنىڭ كەيگەن قالپىقىغا قاراپلا ئۇلارنى قىرغىز دەپ ئاتىۋالماقتا. 2008- يىلى ئورخۇن تورىدا بۇ ھەقتە قاتتىق مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى، بەزى كىشىلەر ھەتتا قالپاقلا كەيگەن لوپنۇرلۇقلارنىڭ رەسىملىرىنى قىرغىزىستان ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى توربەتلەردە «لوپنۇر قىرغىزلىرى» دەپ ئېلان قىلغانمۇ بولدى. بىز لوپنۇردا ناھايتى ئاز ساندىكى ئۆزىنى قىرغىزلارنىڭ ئەۋلادى دەيدىغانلارنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىمىز، ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى ئۇلار لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ئەمەس. لوپنۇرلۇقلارنىڭ تىلى توغرىسىدا مىرسۇلتان ئوسمانوف تولۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، يوسۇن مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «جوسۇن»، يىرگىنىش مەنىسىدىكى «جىرگەن» قاتارلىق ئىككى سۆزدىن باشقا «ي» ئورنىغا «ج» ئىشلىتىدىغان سۆز يوق، ھەم ھازىر بۇ سۆزلەرمۇ تولۇق يوقىلىپ ئاممىبابلىشىپ كەتتى. بىز ناھايتى ئاز ساندىكى ئادەمگە، ئىككى دانە سۆزگە ۋە كەيگەن قالپاققا قاراپلا لوپنۇرلۇقلارنى قىرغىز دېسەك تازا ئىلمىي بولماي قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە لوپنۇرلۇقلارنىڭ قالپىقى بىلەن قىرغىز قالپىقىدىمۇ مەلۇم پەرق بار.

    يوقىرىقى ئۈچ تەركىبدىن باشقا جوداق، قالماقتا(قالماق)، قالۇچى قاتارلىقلار توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق، گەرچە بۇلار توغرىسىدا بەزى رىۋايەتلەر بار بولسىمۇ، لىكىن ئەمەلىيەتكە ئانچە ئۇيغۇن ئەمەس. لوپنۇرلۇقلار ئىلگىرى سرتتىن كەلگەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ يانلار دەپ ئاتىغان، ئۇلار بىلەن ئانچە قويۇق ئالاقىدە بولۇپ كەتمىگەن، شۇنداقلا ئۆزئارا قىزمۇ چىقارمىغان. بۇ خىل ئەھۋاللاردىن بىز ئۇلارنىڭ سرتتىن كەلگەنلەر ئىكەنلىكىنى، قارا قوشۇنلۇقلارنىڭلا لوپنۇرلۇقلارنىڭ قەدىمدىن بۇيانقى ئاساسىي گەۋدىسى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يېتەلەيمىز.

    分享到: