ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-05-08

    تۆھپىكار باغۋەن ـــــ مۇھەممەترېھىم سايىت - [سەرخىللار ئارخىپى]

    تۆھپىكار باغۋەن ـــــ مۇھەممەترېھىم سايىت

    مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ پروفېسسورى، كاندىدات دوكتۇر، دوكتۇر يېتەكچىسى، ماگىستىر ئۇستازلار يېتەكچىسى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ـــــ پروفېسسور مۇھەممەترېھىم سايىت 1950-يىلى 7-ئايدا خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيىسىدە دىننىي زات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1976-يىلدىن 1979-يىلغىچە مەكتىپىمىز ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتى قەدىمكى تۈركى تىلى كەسپىدە ئوقۇغان ۋە ئۆزىنىڭ ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىيات ئىككىنچى فاكولتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كافېدىراسىغا قەدىمكى تۈركى تىلى كەسپىدە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان.

    1998-يىلى 8-ئايدىن 1990-يىلى 8-ئايغىچە تۈركىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى مارمارا ئۇنۋېرسىتېتى تارىخ، جۇغراپىيە، تىل-ئەدەبىيات ئىنىستىتوتى تۈركىي تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىدا ئوقۇپ ماگىستېر ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. ئىلىمگە بولغان ئىشتىياق ۋە تىرىشچانلىق روھىنىڭ تۈرتكىسىدە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا، 1900-يىلى 8-ئايدىن 1993-يىلى 5-ئايغىچە گوللاندىيە ئۈترەخت ئۇنىۋىرسىتېتى شەرقى ئاسىيا تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتى( ئەرەب-پارس-تۈركىي تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتى) دە ئوقۇپ كاندىدات دوكتورلۇق ئىلىمىي ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن.( ئاشۇ قىيىنچىلىق شارائىتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، بۇنداق زور نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەقىقەتەنمۇ ناھايتتى مۈشكۈل شۇنداقلا ناھايتتى شەرەپلىك، ئەلۋەتتە).

    پروفېسسور مۇھەممەترېھىم سايىت ئوقۇشنى ئۇتۇقلۇق تاماملاپ قايتقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ يۇقىرى بىلىمى ۋە مول نەتىجىلىرى بىلەن 1993-يىلى مەكتىپىمىز ئوتتۇرا ئاسىيا كافىدىراسىنىڭ مۇدىرى، 1996-يىلدىن 2000يىلغىچە تۈركىي تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر بولۇپ خىزنەت قىلغان ۋە بۇ جەرياندا خىزمەتتىكى ئەستايىدىل مەسئۇلىيەتچانلىقى، ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى كۆرۈنەرلىك تۆھپىلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. 1998-يىلى بېيجىڭ شەھىرى خەيدىيەن رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەيئىتى ۋە دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان( 2004-يىلى يەنە قايتا سايلانغان).

    ئۇنىڭ 2004-يىلى نەشردىن چىققان«تۈركىي تىللىرى تىلشۇناسلىقىغا مۇقەددىمە» ناملىق دەرسلىك كىتابى ئۆزىنىڭ تۈركىي تىللىرى تەتقىقاتدىكى يۇقىرى ئىلىمىي قىممىتى بىلەن بۇ ساھەگە يېڭىدىن كىرىشكۈچىلەر ئۈچۈن كەڭ يول ئاچتى ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلاردا يېتەكچىلىك رول ئوينىماقتا. ئۇ ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن «قەدىمكى ئۇيغۇرچە ‹ئالتۇن يارۇق›» 2002-يىلى بېيجىڭ شەھەرلىك مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاشتا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە «قەدىمقى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر»، « قەدىمقى ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنىڭ تىلىدن قىسقىچە خاتىرە»،« ئۇيغۇر 12 مۇقامى»، «قىسقىچە تىلشۇناسلىق لۇغىتى» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ يېزىلىشىدا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ئەجىرنى سىڭدۈرگەن.

    پروفېسسور مۇھەممەترېھىم سايىت يالغۇز ئۆز كەسپىدە پىشقان ۋە ھوسۇللۇق ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تەرجىمە ساھەسىدىمۇ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ «تىلشۇناسلىقىتىن ئومۇمىي بايان» (1991-يىل)، « تالانتلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 14خىل قابىلىيىتى»( 2004-يىل)، «م. س. سىتېنانىڭ پەرزەنىت تەربىيىسى» (2004-يىل) قاتارلىق يۇقىرى تىل سەۋىيىسى تەلەپ قىلىدىغان ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە خىزمىتىگە باش بولۇپ قاتناشقان. 2003-يىلى تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان « ۋاڭ يەندېنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەت خاتىرسى ھەققىدە»، 2002-يىلى بېيجىڭ تىل-مەدەنىيەت نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرى بىلەنمۇ تەرجىمە ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخىسلەردىن بولۇپ قالغان.
    ئۇ يەنە 1997-يىلدىن 2000يىلغىچە مەمىلىكەتلىك ئىجتئمائىي پەنلەر تەتقىقاتى فوندىنىڭ تەتقىقات تېمىسى بولغان «تۈركىي تىللىرى تۈركۈمىدىكى تىللارنىڭ سېلىشتۇرما تەتقىقاتى» غا بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ بىرىنچى ئەزاسى بولۇپ قاتناشقان ۋە ئۆزىنىڭ تۈركىي تىللىرى ھەققىدىكى ئۇزۇن يىللار مابەينىدە توپلىغان تەجىرىبىلىرى ۋە ئەمەلىي بىلىملىرى بىلەن بۇ تەتقىقات تېمىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىدا زور تۆھپە قوشقان. مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى« مىللەتلەر تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى» نىڭ تەتقىقات تېمىسى بولغان« ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ھازىرقى ھالىتى ئۈستىدە تەھلىل» تېمىلىق تەتقىقاتتا بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان ( 1999-يىلى باشلىنىپ 2000يىلى تاماملانغان) . مەملىكەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىكنىڭ نۇقتىلىق دەرسلىك تۈزۈش تېمىسى بولغان «ئالتايشۇناسلىققا مۇقەدىمە»( 1997-يىلدىن 1999-يىلغىچە)،« 7-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدىكى مىنىستىرلىك دەرىجىلىك مۇھىم تەتقىقات تېمىسى ـــ «قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئالتۇن يارۇق› » (1985-يىلدىن 1993-يىلغىچە) ۋە جۇڭگۇ ياپونىيە بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان خەلقئارالىق تەتقىقات تېمىسى« جۇڭگۇ ئۇيغۇر بالىلىرى بىلەن ياپونىيە بالىلىرىنىڭ تۇرمۇش ۋە تەربىيىلىنىش سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش»( 1996-يىلدىن 1998-يىلغىچە) لاردا باشتىن-ئاخىر تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ نۇقتىلىق ئەزاسى بولۇپ بۇ تەتقىقاتلار ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان.
    ھازىر پروفېسسور مۇھەممەترېھىم سايىت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ئىلىمىي مۇھاكىمە جەمئيىتنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگۇ تۈركىي تىللار ئىلىمىي جەمئيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئيىتنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە.

    پروفېسسور مۇھەممەترېھىم سايىت يۇقىرىقىدەك مول نەتىجىلىرى ۋە تۆھپىلىرى بىلەن تۈركىي تىل-ئەدەبىياتى ساھەسىدە مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە. بىز مېھنەتكەش ئۇستازىمىزنىڭ بۇ ساھەدىكى يېڭى بىر ئەۋلادلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش يولىدا سىڭدۈرگەن ئەجىرىگە زور تەشەككۈر ئېيتىمىز ۋە بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ قۇتلۇق بولۇشىنى تىلەيمىز!

    (ماقالىنى تەييارلىغۇچى: 2003-يىللىق ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات سىنىپىدىن تۇرسۇنئاي تۇراق)
    مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەببىيات فاكولتېتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان«سادا» ژورنىلىدىن ئېلىندى.  مۇھەرىر: ياسىنجان تۇرسۇن.
    ئەسكەرتىش: بۇ تەرجىمھال ئالدى بىلەن ئاپتۇر، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەببىيات فاكولتېتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان«سادا»  ژورنىلىغا  تەۋە. ئەلدوسىت تورىدىن يۆتكەپ كېلىندى.

    分享到: