ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-05-08

    1-تەۋسىيەم : باھادىرنامە رومانى - [تەۋسىيە كىتابلار]

    1-تەۋسىيەم : باھادىرنامە رومانى

     

    «باھادىرنامە» رومانى ئۇيغۇر يېڭى دەۋىر ئەدەبىياتىدىكى ياش ئىستىداتلىق قەلەم ساھىبى ياسىنجان سادىق چوغلان ئەپەندىنىڭ ئىجتىھاتىنىڭ سەمەرىسى بولۇپ، جەمئىي ئالتە توملۇق تارىخىي روماندۇر.

    كىتاب باھاسى : ئالتە قىسىم كىتاب 270 يۈەن

    ·    ياسىنجان سادىق چوغلان ئەپەندىنىڭ بۇ ئالتە قىسىملىق تارىخىي رومانى ئۇنىڭ «جاللات خېنىم» رومانىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يەنە بىر قېتىملىق ئوقۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرگەن بىر رومانى بولدى.  رومان مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن قىلىنغان بولۇپ، ناھايىتى نەپىس ئىشلەنگەن. روماندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئىككى - ئۈچ يۈز يىللىق تارىخىي ئۆزگىرىشلىرى ئاجايىپ ئىستىدات بىلەن مۇۋەپپىقىيەتلىك يورۇتۇپ بىرىلگەن. رومان نەشىردىن چىققاندىن كېيىن جەمئىيەتتە خېلى كۈچلۈك داغىدۇغا قوزغىدى. قەشقەردە 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 12 -كۈنى ئىمزالىق سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. جاي – جايلاردا ياسىنجان سادىق چوغلان ئەپەندىگە «چاي سۇنۇش»، «تون كىيدۈرۈش»لەر ئۈزۈلمىدى. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «مەدەنىيەت بوستانى»مۇ ئۇشبۇ ئەسەرنىڭ روياپقا چىققىنى يۈزىسىدىن يازغۇچىنى زىيارەت قىلىپ ئالاھىدە بىر سان پروگرامما ئىشلىدى. ئۇيغۇرسوفىت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى كومپىيۇتېر مۇتەخەسىسى ئالىم ئەھەت يازغۇچى ياسىنجان سادىق «باھادىرنامە»دە ئىشلەتكەن سۆزنىڭ سانىنى ئېنىقلاپ چىققان بولۇپ، تۆۋەندىكىسى «يازغۇچىلار مۇنبىرى»دىكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر:

    «باھادىرنامە»دە ئىشلىتىلگەن بارلىق سۆز 587,822 بولۇپ، بۇلار ئىچىدە تەكرارلانمىغان سۆز (ھەر خىل تۈرلىنىشلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغاندا) 32646 ، چاستوتىلىق سۆز: 5120.

    «باھادىرنامە» رومانى مەن يېقىندا ئوقۇپ تۈگەتكەن چوڭ ھەجىملىك ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردا تەتقىقات بىلەن بولۇپ كېتىپ، نەزىرىيە ئىگەللەش ھەلەكچىلىكىدە چوڭ ھەجىملىك ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆپ ئوقۇيالمىغانىدىم. ئۇشبۇ روماننىڭ نەشىردىن چىقىشتىن بۇرۇنلا ئۇچۇرىنى ئاڭلىغان بولساممۇ، نەشىردىن چىققۇچە خېلى تەقەززا بولدۇم. سېتىۋىلىپ ئەكىلىپلا ئوقۇشقا باشلىدىم. پۈتۈن كۈنلەپ، ئاش – تاماقنى، دۇنيانى ئۇنتىغان ھالدا كىتاب ئىچىگە كىرىپ كەتتىم. تۇرۇپ ھاياجاندىن سىلكىنسەم، تۇرۇپ ئۈنسىز ئۆكسۈدۈم. تۇرۇپ قاھ قاھلاپ كۈلسەم، تۇرۇپ سۈكۈتتىن ئىچىمنى تىڭشىدىم. روماننى ئوقۇپ بولغۇچە نەچچە كۈن مەندىكى بارلىق كەيپىياتلارنى شۇ بىر نەچچە ئېغىز جۈملە بىلەن سۈپەتلەش مۇمكىن. شۇنداق، رومان ئاجايىپ بەدئىي پاساھەت بىلەن يېزىلغانكى، ئۇنىڭ بەتلىرى ئارىسىدىن تارىخىمىزنىڭ قانلىق ئۇپۇقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

    روماننى ئوقۇپ بولۇپ، كۆڭلۈمدە رومانغا قارىتا ياخشى قىلىپ بىر ئىككى پارچە ماقالە يېزىپ چىقىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم. ئەپسۇس، ئوقۇشنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا بۇنىمۇ قىپ بولالمىدىم. يەنە تەرەپتىن، بۇ روماننى بىر ئوقۇپ قويۇپ قەلەم تەۋرىتىش يەڭگىلتەكلىك بولاتتى. شۇڭا مۇۋاپىق پۇرسەتنى كۈتىۋاتىمەن. ئاللاھ خالىسا شۇ كۈنلەرگىمۇ ئاز قالغاندۇر بەلكىم.

    بۈگۈن بىلوگىمدا «كىتابلار» سەھىپىسى ئېچىشنى ئويلىشىپ قالدىم. بۇ يەرگە ئۆزۈم ئوقۇغان ياكى ئوقۇماقچى بولغان ياخشى كىتابلارنى تونۇشتۇرۇپ بىر ئىككى كەلىمە يوللاشنى، شۇ ئارقىلىق بۇ كىتابلارنىڭ ماڭا بەرگەن ھوزۇرىدىن ئىلىمخۇمار دوستلار بىلەن بەھىرلىنىشنى توغرا كۆردۈم. مانا مۇشۇ نىيەتلەر بىلەن تۇنجى قېتىمدا سۆزنى «باھادىرنامە»دىن باشلىدىم.

    بۇ يەرگە تەپسىلىي تونۇشتۇرۇش ھېسابىدا، «مۇئەللىم بىلوگى»دا بېرىلگەن كىتابتىن كەلتۈرۈلگەن ئۈزۈندە تونۇشتۇرۇشنى قىستۇرۇشنى لايىق كۆردۈم:

    ياسىنجان سادىق چوغلان ھەققىدىكى ئۈگىنىش ۋە تەتقىقاتلارغا پاىدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ قالار دېگەن مەقسەتتە، «باھادىرنامە»گە نەشرىيات سۆزى ئورنىدا بېرىلگەن مەزكۇر رومان تونۇشتۇرۇلغان يازمىنى ماتېرىيال بولۇپ قالسۇن دېگەن نىيەتتە بۇ يەرگە يوللىدۇق.

    14-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 16-ئەسىرنىڭ بېشىغىچە بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا ، جۈملىدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنىشى ئەتراپلىق سۈرەتلەنگەن بۇ ئالتە قىسىملىق رومان ئوقۇرمەنلەرنى چوڭقۇر ئويغا سېلىپ ،تەپەككۇرىنى يىراق ئوتتۇرا ئەسىرگە باشلاپ بارىدۇ .

      تۇغلۇق تۆمۈر ئەۋلادلىرى بىلەن ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرىنىڭ تەخت-سەلتەنەتكە ۋارىلىق قىلىش ،گۈللىنىش ،زاۋاللىققا يۈزلىنىش ۋە قايتا باش كۆتۈرۈش تارىخىي جەريانى بۇ روماندا داستان(ئىپوس) خاراكتىرلىك يورۇتۇپ بېرىلگەن .

      قوۋم –قېرىنداشلىق ، ئۇرۇق-تۇققاندارچىلىق مېھرى ،تەخت ماجرالىرى ،ئىستېلاچىلىق ،چىرىكلىك ،سوپى-ئىشانلارنىڭ ئەينى دەۋر جەمئىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ،جاھىلىيەت ،تەپرىقچىلىق ،ئەخلاقىي يىمىرىلىشتىن بىخلانغان مەنىۋىي پۈچەكلىك ،سەلتەنەت ،ئىستېلاچىلىق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان قانلىق جەڭ كۆرۈنۈشلىرى ،باھادىرلىق ،مەردلىك ،ۋاپادارلىق مىساللىرى ئوقۇرمەنلەرنى مول تارىخىي مەلۇماتلارغا ،قانلىق ساۋاقلارغا ،قايناق ھاياجان ۋە زور مەنىۋى قۇۋۋەتكە ئېگە قىلىدۇ .

      ئەينى دەۋردە ياشاپ ئۆتكەن سۇلتان ئۇۋەيسخان، ئەمىر خۇدايداد، سەركەردە سەييىد ئەلى ئالپ، سۇلتان ئىسا بۇغاخان، دوستمۇھەممەدخان، سانىز مىرزا، مۇھەممەد  ھەيدەر مىرزا، سۇلتان يۇنۇسخان، مۇھەممەد ھۈسەيىن مىرزا، سەييىد مۇھەممەد مىرزا، شاھرۇھخان، مىرزا ئۇلۇغبەگ، ئەبۇ سەئىد مىرزا، سۇلتان مەھمۇدخان، سۇلتان ئەھمەدخان(ئالاچەخان) ، زەھىرىددىن مۇھەممەد  بابۇر، سۇلتان سەئىدخان، جاھانگىر مىرزا، مەسئۇد مىرزا، يادىكار مۇھەممەد مىرزا، مىرزا ھەيدەر كوراگان، سۇلتان خاتۇن، دۆلەتسۇلتان مەلىكە، خانىش ئىسان دۆلەت بېگىم، خانىش شاھ بېگىم، ئايجامال ئاغىچا، خانىش گۆھەرشاد بېگىم، شۇنداقلا ئىشان شەيخ نىزامىددىن خامۇش، خوجا ئەھرار، مەۋلانا مۇھەممەد قازى، مىرزا ئابابەكرى، مۇھھەممەد شەيبانىخان …قاتارلىق تارىخي شەخسلەرنىڭ ئاپتور قەلىمى ئاستىدا يورۇتۇلغان بەدىئىي ئوبرازى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىدە يارقىن بىر سىيما بولۇپ چاقنايدۇ.

      قىسقىسى، ياش يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىشىنىڭ سەمەرىسى بولغان بۇ رومان ئوقۇرمەنلىرىمىزگە ئۆزگىچە بەدىئىي زوق بېغىشلىغۇسى .

      مەزكۇر روماندا ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆرۈشىگە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن قىسمەن ئىزاھلار مەزمۇن ئېھتىياجى بويىچە تەكرار ھەم مەزمۇن جەھەتتىن قىسمەن پەرقلىق بېرىلدى. كىتابقا جىددىي تۇتۇش قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزمۇن دائىرىسى كەڭ بولغانلىقتىن سەۋەنلىكلەردىن خالىي بولالمىغانلىقىمىز تەبئىي .كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەنقىدىي پىكىر بېرىشىنى سورايمىز .

                                         مىللەتلەر نەشرىياتى

                                      2010-يىلى ئاۋغۇست  

     

    قېنى سىزنى كىتابقا تەكلىپ ئېتىمەن. كىتابتىكى باھادىرلىققا بېغىشلانغان قۇرلاردىن قەلبىڭىز ئوزۇق ئالسۇن. ئۇشبۇ كىتابنى چوقۇم ئۆيىڭىزگە ئېلىپ ساقلاپ قويۇڭ. ئەۋلادلىرىڭىزغا قالدۇرغان ياخشى بايلىقلىرىڭىزنىڭ بىرى بولۇپ قالسۇن!

    分享到: