ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-05-08

    لوپنۇرلۇقلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ـ 3 - [ئۇيغۇرشۇناسلىق ۋە فولىكلور]

    لوپنۇرلۇقلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ـ 3

    ئەمدى بىز «لوپ» سۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەر جاي ناملىرىغا قاراپ باقايلى، مەسلەن: لوپنۇر ناھيىسى؛ چاقىلىق ناھيىسىدىكى لوپلۇقلار، لوپنۇر كۆلى، لوپ لەنگەر، ماركوپولو خاتىرىسىدە قەيت قىلىنغان لوپ بازىرى؛ كورلىدىكى لوپئېرىق؛ پىچاندىكى لوپ كارىز؛ قۇمۇلدىكى لاپچۇق؛ خوتەندىكى لوپ ناھيىسى قاتارلىقلار. بۇ ناملاردىن قارىغاندا «لوپ» سۆزى بىلەن ئاتالغان جاي ناملىرى ئاساسلىق لوپنۇر ۋە چارقىلىق ناھيىسىگە تارقالغانلىقىنى، قارا شەھەر تەۋەسىدە بىرمۇ مۇناسىۋەتلىك جاي نامى يوقلىقىدىن لوپنۇرلۇقلار يەنىلا لوپنۇر رايونىدا ياشاپ كەلگەن دېگەن چۈشەنچىگە كىلىمىز. پىچان، قۇمۇلدىكى «لوپ» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ناملارغا كەلسەك، بۇ جايلار لوپنۇر رايونى بىلەن قوشنا رايونلار بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە لوپنۇرلۇقلار لۈكچۈن ۋاڭى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغان، شۇڭلاشقا لوپنۇرلۇقلارنىڭ بۇ جايلارغا كۆچۈپ بارغان بولۇش ئېھتىماللىقى يوقىرى. پىچاننىڭ دىغار يېزىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ھازىرمۇ ئۆزلىرىنىڭ لوپنۇردىن كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

    يېغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، لوپنۇرلۇقلار قەدىمدىن بۇيانلا لوپنۇر رايونىدا ياشاپ كەلگەن يەرلىك ئاھالىدۇر، ھەرگىزمۇ يېقىنقى دەۋىرلەردە باشقا جايلاردىن كۆچۈپ كېلىپ لوپنۇرلۇقلار دەپ ئاتىلىپ قالغان خەلق ئەمەس. لىكىن، شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، تارىخى تەرەققىيات داۋامىدا مىللەتلەرنىڭ، ئاھالىلەرنىڭ يۆتكىلىشى، كۆچۈشى ۋە ئۆز ئارا قوشۇلۇپ يۇغۇرۇلىشى تامامەن نورمال ئەھۋال، تارىختا ھەقىقەتەنمۇ قارا شەھەر، دولان، خوتەن، تۇرپان، پىچان ۋە قۇمۇل قاتارلىق جايلاردىن لوپنۇرغا ئاھالىلەرنىڭ كۆچكەنلىكى (لوپنۇردىن ھەم يوقىرىدا تېلغا ئېلىنغان جايلارغا ئاھالىلەرنىڭ كۆچكەنلىكى) مەلۇم، بىراق بۇ جايلاردىن كۆچكەن ئاھالىلەر لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئاساسى گەۋدىسى ئەمەس، بەلكى لوپنۇرلۇقلارنى تەشكىل قىلغان ئايرىم قىسىملاردىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا بىز لوپنۇرلۇقلارنى ئەھۋالىنى تولۇق ئېگەللىمەي تۇرۇپلا بەزى يازما ماتىرىياللارغا ئاساسلىنىپلا لوپنۇرلۇقلارنى پۈتۈنلەي باشقا جايلاردىن كۆچۈپ كەلگەن دېگەن يەكۈننى چىقارساق بولمايدۇ (ئۇنىڭ ئۈستىگە يازما ماتىرىياللاردىمۇ مەلۇم چەكلىمىلەر ۋە نۇقسانلار ساقلانغان بولىدۇ). خۇلاسىمىز شۇكى، لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەجدادلىرى ئېھتىمال قەدىمكى كىرورانلىقلارغىمۇ، ۋىي دەۋرىدىكى «乙弗敌»لارغىمۇ، «چۇمۇل»لارغىمۇ ۋە ياكى لوپنۇردا ياشىغان باشقا ئاھالىلەرگىمۇ چېتىلىشىمۇ مۇمكىن، بىراق ئۇلار پۈتۈنلەي چىڭ دەۋرىدە قارا شەھەردىن كۆچۈپ كەلگەن ئەمەس. لىكىن شۇنىسى ئېنىقكى لوپنۇرلۇقلار قەدىمدىن لوپنۇردا ياشىغان يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن كىيىنكى دەۋىرلەردىكى سىرتلاردىن كۆچۈپ كەلگەن خەلىقلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز قوشۇلۇپ، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە ئۆزئارا يۇغۇرۇلىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر.

    بىر مىللەتنىڭ ياكى بىر قوۋمنىڭ ئېتنىك مەنبەسى كۆپ مەنبەلىك، تولىمۇ مۇرەككەپ بولىدۇ. بۇنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن چوڭقۇر تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. ئوخشاشلا لوپنۇرلۇقلارنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدەنگەندىمۇ يەكۈن چىقىرىشقا ئالدىرىماسلىقىمىز لازىم. بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپلىگەن ماتىرىياللارنى ئىگەللەشكە، توپلاشقا، شۇنداقلا لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئىچىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ.

    ئىزاھاتلار:

    لى يىنپىڭ، لى نىڭ «لوپنۇرلۇقلارنىڭ كىلىش مەنبەسى توغرىسىدا» (خەنزۇچە)، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى 1999- يىللىق 4- سان.

    لى يىنپىڭ «خوتەن ۋە لوپنۇر رايونىدىكى قوش يۆنىلىشلىك كۆچمەنلەر» (خەنزۇچە)،شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرىسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى 2008- يىللىق 4- سان.

    ③ مىرسۇلتان ئوسمانوف «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىيالېكتى» شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2006-يىل 3- ئاي، 910-بەت.

    ④ بۇ ياپونىيەلىك تەتقىقاتچى زوكۇتوۋنىڭ «1819 –ئەسرلەردىكى شىنجاڭ جەمئىيىتى ئۈستىدە تەتقىقات» (خەنزۇچە) ناملىق كىتابنىڭ 550-بىتىدىكى 204-نەقىلدىن ئېلىندى.

    ⑤ زوكۇتوۋ «18-19 –ئەسرلەردىكى شىنجاڭ جەمئىيىتى ئۈستىدە تەتقىقات»(خەنزۇچە)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1983- يىل، 11-ئاي، 530- بەت.

    ⑥ كىرىم رېھىم، ئابلا ئۆمەر «لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئېتنىڭ تەركىۋى توغرىسىدا»، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ژۇرنىلى 1983-يىللىق 2- سان.

    ⑦⑰⑲ مىياۋ پۇشېڭ «چىڭ دەۋرىدىكى دولان ئۇيغۇرلىرى توغرىسىدا»(خەنزۇچە)، شىنجاڭ ئىجدىمائىي پەنلەر ژورنىلى 1989- يىللىق 4- سان.

    ⑧ غالىپ بارات ئەرك «كىروراننىڭ سىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى»، 2004- يىل، 415- بەت.

    ⑨ مىرسۇلتان ئوسمانوف «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىيالېكتى» شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2006-يىل 3- ئاي، 24-بەت؛ يەنە مىرسۇلتان ئوسمانوف «لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەجدادى كىملەر؟» شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى ژورنىلى 1998-يىللىق 3- سان.

    ⑩ ماركوپولو «ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرىسى»(خەنزۇچە)، لىياڭ شېڭجىي تەرجىمىسى، جۇڭگو مەدەنىيەت تارىخ نەشرىياتى 1998-يىل، 9-ئاي، 61- بەت.

    ⑪⑫⑬ مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان«تارىخى رەشىدى» شنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2007-يىل 7-ئاي، 51، 165،144- بەتلەر.

    25 موللا مۇسا سايرامى «تارىخى ھەمىدى» مىللەتلەر نەشىرىياتى 2007- يىل1-ئاي، 648، 650- بەتلەر

    ⑮ ئەسلى كىتاب تېپىلمىغانلىقى ئۈچۈن مويدىن سايىت بوستاننىڭ «لوپنۇر ئەسلىمىلىرى» ناملىق كىتابىنىڭ 193- بېتىدىكى نەقىلدىن ئېلىندى.

    ⑯⑳ «ۋىينامە»، 110- جىلىد (خەنزۇچە)، تۇيغۇنلار ھەققىدە قىسسە.

    ⑱ يۈ تەيشەن «ئېفتالىت تارىخى»(嚈哒史研究)، چىلۇ نەشرىياتى،(خەنزۇچە)، 1986-يىل، 34-بەت.

    21 «جۇڭغارلارنى تىنجىتىش پىلانى» (خەنزۇچە)، 52- جىلىد.

    22 «جۇڭغارلارنى تىنجىتىش پىلانى»(خەنزۇچە)، (داۋامى)، 13- جىلىد.

    23 «مۇسۇلمان يۇرتلىرىنىڭ تەزكىرىسى»،(خەنزۇچە)، 1-جىلىد.

    24 «غەربى يۇرتتا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىم»(خەنزۇچە)، 2- جىلىد. شاڭخەي قەدىمكى كىتابلار كىتابخانىسى.

    26 لوپنۇر كۆلى رايونىدىكى قۇم دەريا (كىچىك مۈرەن) قەبرىستانلىقىغا نەزەر سالساق، ئومومەن قەبرىلەرنىڭ ئالدىغا ئوخشىمىغان شەكىلدىكى ياغاچلار تىكلەپ قويۇلغان. بۇنىڭغا قارىتا ئارخىئولوگلار چۈشەندۈرۈش بېرىپ «قەدىمكى دەۋىرلەردىكى جىنىسقا چوقۇنۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دەپ قارايدۇ. بىراق دېققەت قىلىپ قارايدىغان بولساق، قەبرە ئىچىدىكى جەسەت ساندۇقى لوپنۇرلۇقلارنىڭ قولۋىقىغا، قەبرە ئالدىدا تىكلەنگەن نەيزە شەكىللىك ياغاچ لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىق تۇتۇشتا ئشلىتىدىغان نەيزە ۋە توقمىقىغا، پالاق قولۋاقنىڭ پالېقىغا ئەينەن ئوخشايدۇ. مېنىڭچە، بۇ قەبرىستانلىقتىكى تىكلەنگەن ياغاچلار تارىختىن ئىلگىرىكى جىنىسقا چوقۇنۇش بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.

    27 ئارخىئولوگ ۋاڭ بىڭخۇا «كۆنچى دەرياسى گۇمۇگۇ قەبرىستانلىقىنىڭ قېزىلىشى ۋە دەسلەپكى تەتقىقات» ناملىق ماقالىسىدە «چارۋىچىلىق ۋە ئاز ساندىكى تېرىقچىلىقتىن سىرت، بېلىقچىلىق كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ تولوقلىمىسى، قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان بىر دۆۋە كونا بېلىق تورى بۇنىڭ دەلىلى» دەپ كۆرسەتكەن.

    28 پىرژىۋالىسكىي«لوپنۇر كۆلىگە سەپەر»(خەنزۇچە)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1999-يىل، 132-بەت.

     

    پايدىلانغان ماتىرىياللار:

    يوقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ماتىرىياللاردىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى ماتىرىياللارغا قارالسۇن:

    1.      مويدىن سايىت بوستان «لوپنۇر ئەسلىمىلىرى» قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2003- يىل 4- ئاي نەشرى

    2.      ئابرۇرەھىم ھەبىبۇللا «لوپنۇر ۋە لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى توغرىسىدا» شىنجاڭ ئىجدىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ژورنىلى 1986-يىللىق5-سان.

    3.      ۋاڭ يېپىڭ «لوپنۇرلۇقلار توغرىسىدا» شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى 1993-يىللىق 3-سان(خەنزۇچە)

    4.      ۋاڭ يېپىڭ «لوپنۇر ۋە لوپنۇرلۇقلار» غەربى شىمال مىللەتلەر تەتقىقاتى» 1994-يىللىق1-سان(خەنزۇچە)

    5.      خۇ باڭتاۋ «دولانلىقلار ۋە لوپنۇرلۇقلار» شىنجاڭ سەنئىتى 1994- يىللىق 4-سان(خەنزۇچە)

    6.      ئابدۇكىرىم راخمان «لوپنۇر ۋە لوپنۇرلۇقلار» شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئىلمىي ژونىلى 1980-يىللىق 4-سان

    7.      ئابدۇرھىم ھەبىبۇللا«ئۇيغۇر ئېتنوگىرافىيىسى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993- يىل 4-ئاي نەشىرى.

     

    ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان. ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئەزىزتۈرك بىلوگىدا ئېلان قىلىندى.

    分享到: