ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-05-08

    لوپنۇرلۇقلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش_2 - [ئۇيغۇرشۇناسلىق ۋە فولىكلور]

    لوپنۇرلۇقلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ـ 2

     

    4. لوپنۇرلۇقلار راستىنلا سىرتتىن كۆچۈپ كەلگەنلەرمۇ؟

    ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك، لوپنۇرلۇقلار زادى قەيەردىن كەلگەن، ئۇلار ھەقىقەتەن چىڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدە قارا شەھەر، خوتەن، دولان قاتارلىق جايلاردىن كۆچۈپ كەلگەنمۇ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن لوپنۇر رايونىدا ئاھالىلەر يوقمىدى دېگەندەك مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر تەھلىل ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ.

    ئەڭ ئاۋۋال لوپ دېگەن بۇ ئىسىم ماركوپولۇنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە ئۇچرايدۇ. خاتىرىدە «چەرچەندىن چىقىپ شارائىتى بەكمۇ ناچار بىر چۆللۈكتە بەش كۈن يول ماڭغاندىن كېيىن ، چۆللۈكنىڭ چېتىدىكى لوپقا يېتىپ بارغىلى بۇلىدۇ. لوپ راباتى شەرقى شىمال تەرەپتە، لوپ چۆللۈكىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا جايلاشقان. ئۇ ئۇلۇغ خاننىڭ زېمىنىغا تەۋە بۇلۇپ ، ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن⑩. خاتىرىدىكى «لوپ» ھەرگىزمۇ ھازىرقى خوتەننىڭ لوپ ناھيىسى ئەمەس. قەدىمكى لوپنىڭ ئورنى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان كۆز قاراشلار بار، بەزىلەر ھازىرقى چاقىلىق ناھيە بازىرى دەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر مىرەننى كۆرسىتىدۇ دەيدۇ؛ غالىپ بارات ئەرك ئەپەندى بولسا ۋاششەھرى خارابىسى دەل قەدىمكى لوپ دەپ قارايدۇ، مېنىڭچىمۇ ۋاششەھرى خارابىسى قەدىمكى لوپ بولۇشى ئېھتىمالغا ئەڭ يېقىن. ماركوپولو ئېيىتقان لوپ بازىرى مەيلى ھازىرقى چاقىلىق بازىرى بولسۇن، ياكى مىرەن خارابىسى بولسۇن ۋە ياكى ۋاششەھرى خارابىسى بولسۇن، ئورتاقلىق شۇكى بۇ جاي چاقىلىق تەۋەلىكىدە بولۇپ لوپنۇرلۇقلار بۇرۇندىنلا بۇ جايلارغا خىلى كۆپ تارقالغان.

    بۇندىن باشقا «تارىخى رەشىدى» نىڭ ئۈچىنچى بابىدا «قارا قۇرۇم خاراب بولغاندا، مەۋلانا شۇجائىددىننىڭ ئوغلى خوتەن بىلەن تۇرپان ئارىلىقىدىكى بىر ئۇلۇغ شەھەر كەتىك (خەنزۇچە نەشىرىدە 罗布·怯台Lob katak دەپ ئېلىنغان) شەھىرىگە كۆچۈپ بېرىپتۇ، ئۇلار ئۇ يەردە ناھايتى ئىززەتلىنىپتۇ» دەپ خاتىرلەنگەن⑪. يەنە مۇشۇ كىتابنىڭ 32- بابىدا «ئۇۋەيىسخان ناھايتى تەقۋادار ئادەم ئىكەن، ھاياتىنى پاكلىق بىلەن ئۆتكۈزىدىكەن. خان ھەر يىلى ياۋا تۆگە ئوۋلاش ئۈچۈن تۇرپان، تارىم، لوپ ۋە كەتىك تەرەپلىرىگە باراتتى» دەپ خاتىرلەنگەن⑫.

    دېققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يوقىرىدىكى يازما ماتىرىياللاردا تىلغا ئېلىنغان «لوپ» نامى ھەرگىز تاساددىپي قويۇلۇپ قالمىغان، چۈنكى لوپنۇرلۇقلار ئۆزىنى بۇرۇن «لوپلۇق»،«لوپتۇق» دەپ ئاتاپ كەلگەن. شۇڭا «لوپ» تىن ئىبارەت بۇ جاي نامى مۇشۇ يەردە ياشاپ، پائالىيەت ئېلىپ بارغان لوپلۇقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. شۇنداق بولغاندا چىڭ دەۋرىدىن نەچچە ئەسرلەر ئىلگىرىلا بۇ رايۇندا لوپنۇرلۇقلارنىڭ ياشىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

    ئىسلام دىنىنىڭ ئومۇملىشىش ئەھۋالىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، لوپنۇر ئىلگىرى قۇچۇ خانلىقىغا تەۋە رايون بولۇپ، ئىسلام دىنى بۇ رايوندا خىلى كېيىنكى دەۋرلەردە ئومۇملاشقان. جۇغراپىيىلىك شارائىتتن قارىغاندا چەت، قاتنىشى قولايسىز، ئاھالىلەر تارقاق رايون، شۇڭلاشقا ئىسلام دىنىنىڭ بۇ رايونغا كىرگەن ۋاقتى تۇرپان بىلەن بىر ۋاقىت بولۇشى مۇمكىن ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كېيىن.

    «تارىخى رەشىدى»دە «خان (يەنى خىزىر خاجە) شۇ كۈنلەردە خىتاي ( بۇيەردە قىتانلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ) تەرىپىگە يۈرۈش قىلدى. تۇرپان ۋە قاراخوجا شۇ ۋاقىتلاردا خىتاي مەملىكىتىگە قوشۇۋىلىنغانىدى، بۇ شەھەرلەر شۇ ۋىلايەتلەردىكى شەھەرلەرنىڭ چوڭراقى ئىدى. خىزىر خاجەخان ئۆزى يۈرۈش قىلىپ ئۇ دىيارنى ئىشغال قىلىپ ئىسلامغا كىرگۈزدى، ھازىرمۇ ئۇ يەرلەر ئىسلام يۇرتلىرىدۇر» دەپ خاتىرلەنگەن⑬. تارىخى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا بۇ ۋەقە 1392- يىللىرىنىڭ ئالدى كەينىدە يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم. ئەمما ئىسلام دىنىنىڭ تۇرپاندا ھەقىقىي ئومۇملاشقان ۋاقتى تەخمىنەن 15- ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ.

    مۇشۇ ۋەقەدىن ئېلىپ ئېيتقاندا قارا شەھەر رايونىدا ئىسلام دىنى ئەڭ كېچىككەندىمۇ 15- ئەسرلەردىن بۇرۇن تولۇق ئومۇملىشىپ بولغان بولىدۇ. بىراق چىڭ دەۋرىدە لوپنۇرلۇقلار قارا شەھەردىن لوپنۇرغا كۆچكەن بولسا ئۇلاردا ئىسلام دىنىنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن قويوق بولۇشى كېرەك، ئەگەر خوتەن ياكى دولاندىن كەلگەن بولسا تېخمۇ گەپ كەتمەيدۇ. بىراق ئەھۋال دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. مەسلەن: «تارىخى ھەمىدى» دە «بۇ زېمىندىن خوتەن، يەكەن، ئاقسۇ، كورلا دەريالىرى ئۆتىدۇ. بۇ دەريالار بەزىدە قوشۇلۇپ، بەزىدە پارچىلىنىپ ئېقىپ بېيجىڭ تەرەپكە كېتىدۇ. بۇ دەريالارنىڭ ئەتراپ ۋە ياقىلىرىدا ياكى ئارالچە ۋە شاخچىلىرىدا ئون ئىككى مىڭ ئۆيلۈكتىن ئارتۇق ئادەم ياشايدۇ. ئۇلارنى مۇسۇلمان دىسە مەسچىدى يوق، كۇپار دىسە بۇتخانىسى يوق» دەيدۇ⑭. «ئەرشىدىن ۋەلى تەزكىرىسى» دە بولسا «مۇسۇلمانمىكىن دىسە ناماز ئوقۇمايدۇ، روزا تۇتمايدۇ، سەدىقە قىلمايدۇ؛ مۇسۇلمان ئەمەسمىكىن دىسە ئىمان ئېيتىدۇ، مۇسۇلمانچە كېيىم كېيىدۇ، مۇسۇلمانچە سۆزلەيدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن⑮. بۇ ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، لوپنۇرلۇقلار ھەرگىزمۇ باشقا جايلاردىن كۆچۈپ كەلگەن ئەمەس. لى يىنپىڭ ئاساسلانغان خەنزۇچە ماتىرىياللاردىكى قارا شەھەردىن كۆچكەن ئاھالە لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ئەمەس. بەلكى، لوپنۇرلۇقلاردىكى «يانلار»دۇر. بۇ خىل ئەھۋال مىرسۇلتان ئاكىمىز ئېيتقان يانلار ئاساسلىق تۇرپان، پىچان، قۇمۇلدىن تەرەپلەردىن كەلگەن دېگەن بايانغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ.

    لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىقنى ئاساس قىلغان بىر توپ ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە مەلۇم. تارىخى ماتېرىياللار ۋە ئارخېئولوگىيىلىك بايقالمىلارغا ئاساسلانغاندا لوپنۇر رايونىنىڭ بېلىقچىلىق تارىخى ناھايتى ئۇزۇن.

    لوپنۇرلۇقلارنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدەنگەندە بىز چوقۇم كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك بولغان مەسىلىنىڭ بىرى شۇكى جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى (乙弗敌国) غا دائىر خاتىرىلەردۇر. «ۋىينامە» نىڭ 110-جىلىدتا « تۇيغۇنلارنىڭ شىمالىدا乙弗敌国 بار، ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى تۇيغۇنلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ، بېلىق ۋە زىسۇ ئۇرۇقىنىلا ئوزۇق قىلىدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن⑯. يەنە «قانۇنلار قامۇسى» (通典·边防) دىمۇ « 乙弗敌 نىڭ شىمالىدا چوڭ كۆل (屈海) بار، ئەتىراپىدا نۇرغۇنلىغان ئاھالىلەر بار، ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى تۇيغۇنلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ، بېلىق ۋە زىسۇ ئۇرۇقىنىلا ئوزۇق قىلىدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن⑰. (屈海)نىڭ ئورنى توغرىسدا بەزى تەتقىقاتچىلار ئىزدەنگەن بولۇپ، بۈگۈنكى چىڭخەي كۆلىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ⑱. ئەمما مىياۋ پۇشېڭ ئەپەندى تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا ئاساسلىنىپ يازما ماتىرىياللاردا تىلغا ئېلىنغان (屈海)نىڭ چىڭخەي كۆلىنى ئەمەس بەلكى لوپنۇر كۆلىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى⑲. بۇ ئۈچ نوقتا تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: «بىرىنچى، چىڭخەي كۆلى تۇيغۇنلارنىڭ دائىرىسى ئىچىدە، شىمالىدا ئەمەس؛ ئىككىنچىدىن، ‹ۋىينامە تۇيغۇنلار ھەققىدە قىسسە›دە چىڭخەي كۆلىنىڭ ئەھۋالى ئېنىق خاتىرلەنگەن، يەنى ‹چىڭخەي كۆلىنىڭ ئەتراپى تۈمەن چاقىرىم كېلىدۇ، كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا كىچىك تاغ بار› دېيىلگەن بولۇپ، ئوخشاش بىر تەزكىرىدە جۇغراپىيىلىك ئورۇن چوقۇم ئېنىق بولىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، تەيخېنىڭ 17-يىلى، يەنى 497-يىلى، شىمالى ۋىي تۇيغۇن خانىغا غەرپنى ئىدارە قىلغۇچى سانغۇن(征西将军)، غەربنى نازارەت قىلغۇچى تۇتۇق (都督西垂诸军事) ۋە غەربى چوڭ كۆلنىڭ مەمۇرى (西海郡开公) دېگەندەك ئەمەللەرنى بەردى، تۇيغۇنلارنىڭ تەسىر دائىرىسى كېڭىيىپ كىروران(ئەسلى ماتىرىيالدا鄯善 دەپ ئېلىنغان، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان鄯善 نىڭ كۆرسىتىدىغىنى كىروران بەگلىكى بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 77- يىلى كىروران بەگلىكى 楼兰 نامىنى 鄯善 گە ئۆزگەرتكەن، بۇ ھازىرقى پىچان ناھيىسىنى كۆرسەتمەيدۇ)، چەرچەن قاتارلىق جايلارغىچە يېتىپ باردى دېيىلگەن»⑳؛ تۇيخۇنلارنىڭ چارقىلىق، چەرچەن قاتارلىق جايلاردا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى تارىخى ئەمەلىيەتتۇر، بىز بۇ خاتىرىلەردىن (屈海) لوپنۇر كۆلىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىز.

    ئەمدى بىز چىڭ سۇلالىسى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى دەۋرلەردە يېزىلغان خاتىرىلەرگە نەزەر سالساق، لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىقنى ئاساس قىلىپ ياشىغانلىقى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ. مەسىلەن: جۇڭغارلارغا جازا يۈرۈشى قىلغان چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارى يوقىرىغا يوللىغان دوكلاتىدا «لوپنۇر كەڭرى زىمىن، ئورمانلىرى بۈك- باراقسان. كەمىنە 2-ئاينىڭ 9- كۈنى مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىقى قاشقا(哈什哈) بىلەن كۆرۈشتۈم. ئېيتشلارغا قارىغاندا يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان 2000دىن كۆپرەك ئاھالە ئاقسۇ، دولان قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ، پەقەت 600 ئادەملا قاپتۇ، ئۇلار بېلىقچىلىق بىلەن جان كەچۈرىدۇ» دەپ يېزىلغان21؛ چىيەنلۇڭنىڭ 26- يىلى (1761) شۈ خىدى لوپنۇرلۇقلارنى تەكشۈرگەندىن كېيىن يوللىغان دوكلاتىدا بولسا «لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئىككى قەبىلىسى بار، بىرى قارا كۆل، يەنە بىرى قارا قوشۇن (哈喇和卓)دۇر. (ئىزاھات: بۇ يەردىكى哈喇和卓 قارا قوشۇننىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، لوپنۇر كۆلىگە يېقىن ئەترەپتا مۇشۇنداق بىر جاينىڭ بارلىقى مەلۇم، بۇ تۇرپاندىكى قاراغوجىنى كۆرسەتمەيدۇ. بۇ توغرىلىق لى يىنپىڭ ئەپەندىمۇ ماقالىسىدە ئالاھىدە ئىزاھات بەرگەن) ئۇلار دانلىق زىرائەت تېرىمايدۇ، بېلىقنى ئاساسى ئوزۇق قىلىدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن22؛ «مۇسۇلمان يۇرتلىرىنىڭ تەزكىرىسى» دە : «لوپنۇرلۇقلار دانلىق زىرائەت تېرىمايدۇ، چارۋا باقمايدۇ، قولۋاقتا يۈرۈپ بېلىق تۇتۇپ ئوزۇقلىنىدۇ، ياكى ياۋا كەندىر، ياكى خاش قۇش تېرىسىدىن كىيىم تىكىپ كېيىدۇ، ياكى بولمىسا قۇندۇز تېرىسى ۋە خاش قۇش مامۇقىنى شەھەرگە ئاپىرىپ سېتىپ، رەخت سېتىۋىلىپ كىيىم تىكىپ كېيىدۇ» دېيىلگەن23؛«مۇسۇلمان يۇرتلىرىنىڭ تەزكىرىسى» دىن كېيىنرەك يېزىلغان «غەربىي يۇرتتا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىم» دا بۇ ھەقتە قوشۇمچە قىلىپ «بەزى - بەزىدە كورلىدىكى مۇسۇلمانلار شەھىرىگە كېلىپ قالىدىغانلار دانلىق ئاشلىق، گۆش يېمەيدۇ، بۇ خىل نەرسىلەرنى كۆرسە كۆڭلى ئېلىشىدۇ، كورلىدا بېلىق كۆپ بولغاچقا ئۇلار كورلىغا كېلىدۇ، باشقا جايغا بېرىشقا پېتىنالمايدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن24؛ ئۇلۇغ ئۇيغۇر تارىخچىسى موللا مۇسا سايرامى ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى«تارىخى ھەمىدى»دە بۇ ھەقتە توختىلىپ «بۇ زېمىندىن خوتەن، يەكەن، ئاقسۇ، كورلا دەريالىرى ئۆتىدۇ. بۇ دەريالارنىڭ ئەتراپ ۋە ياقىلىرىدا ياكى ئارالچە ۋە شاخچىلىرىدا ئون ئىككى مىڭ ئۆيلۈكتىن ئارتۇق ئادەم ياشايدۇ... ئۇلار دەريادىن بېلىق تۇتۇپ تائام قىلىپ يەيدۇ. ھەتتا بېلىقلارنى قۇرۇتۇپ تالقان قىلىپمۇ يەيدۇ. يەتتە ياشتىن-يەتمىش ياشقىچە بولغان ھەر قانداق ئەر-ئايال سۇ ئۈزۇۈشنى بىلىدۇ» دەپ خاتىرلىگەن25.

    بۇلاردىن باشقا، بىز يەنە لوپنۇر رايونىنىڭ ئارخىئولوگىيىلىك ئەھۋالىغا نەزەر سالساق، بۇ رايوندىن بېلىقچىلىققا ئائىت بىر قىسىم بايقالمىلارمۇ تېپىلدى. مەسىلەن: قۇم دەريا قەبرىستانلىقىدىكى قولۋاق شەكىلىدىكى جەسەت ساندۇقلىرى ۋە قەبرە ئالدىغا بېكىتىلگەن پالاق شەكىللىك تىكلىمە ياغاچلار26، گۇمۇگۇ قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن بايقالغان بېلىق تورى27، ئارخىئولوگ خۇاڭ ۋىنبى لوپنۇر رايونىدىن بايقىغان قولۋاقلىق قەبرىلەر... ۋە پىرژىۋالىسكى تىلغا ئالغان يېقىنقى «لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۆلگۈچىنى قولۋاققا دەپنە قىلىپ، ئۈستىدىن يەنە بىر قولۋاقنى يېپىپ»28 قويىدىغان دەپنە ئادەتلىرىگە قارىساق، گەرچە ئايرىم بىر قىسىم ئارخىئولوگىيىلىك بايقالمىلارنىڭ يىل دەۋرى بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى بولسىمۇ لىكىن، يەنە بەزى بايقالمىلار خەن، جىن دەۋىرلىرىگە توغرا كېلىدۇ. بىز بۇلارنى يازما ماتىرىياللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئانالىز قىلساق لوپنۇر رايونىدا بېلىقچىلىق كەسپىنىڭ خىلى بۇرۇنلا ئومۇملاشقانلىقىنى ھىس قىلىپ يېتەلەيمىز. شۇنداقلا مەيلى يازما ماتىرىياللار ياكى ئارخىئولوگىيىلىك ماتىرىياللاردىكى ئەھۋال بىلەن يېقىنقى دەۋىرلەردىكى لوپنۇرلۇقلار ئەھۋالى ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، شۇڭلاشقا بىز لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەجدادلىرىنى مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدىكى كىرورانلىقلار ياكى كىيىنكى دەۋىرلەردىكى (乙弗敌) لار بىلەن بىۋاستە باغلىنىشى بار دەپ ھۆكۈم چىقىرالمىساقمۇ، لىكىن بىز لوپنۇرلۇقلاردىكى بېلىقچىلىقنىڭ ھەرگىز تومتاقلا پەيدا بولۇپ قالمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ مەنبەسىنىڭ دەل بىز يوقىرىدا تىلغا ئالغان ئەھۋاللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كىسىپ ئېيتالايمىز. مۇشۇ نۇقتىدىن چىقىپ ئويلانغىنىمىزدا بىز لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۇزاق تارىخى دەۋىرلەردىن بۇيانلا لوپنۇر رايونىدا ياشاپ كەلگەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ پۈتۈنلەي سىرتتىن كۆچۈپ كەلمىگەنلىكىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىز.

     

     

    分享到: