ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-26

    ئىسلام دىنىنىڭ لوپنۇر رايونىغا تارقىلىشى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالى - [ئۇيغۇرشۇناسلىق ۋە فولىكلور]

    ئىسلام دىنىنىڭ لوپنۇر رايونىغا تارقىلىشى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالى

    ماقالە ئاپتۇرى : ئەلى ئەمەت

    (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى تارىخ ۋە مىللەتشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى ماگىستىرانتى)

     

       بىرىنچى. ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالى

       ئىسلام دىنى مىلادىي 7- ئەسىردە ئەرەپ يېرىم ئارىلىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسالام تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان بولۇپ، بۇ دىن بارلىققا كەلگەندىن بۇيان ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان ھاكىمىيەتلەرنىڭ كۈچەپ ئومۇملاشتۇرۇشى ئارقىسىدا ناھايتى تىز تەرەققىي قىلىپ دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار بىر مىلىياردىن كۆپرەك بولۇپ، پۈتۈن ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئېگەللەيدۇ. ھازىر مۇسۇلمانلار ئەڭ كۆپ تارقالغان رايونلار ئەرەپ يېرىم ئارىلى، غەربى ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقا قاتارلىق جايلار بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئازدۇر- كۆپتۇر مۇسۇلمانلار بار.

       ئىسلام دىنىنىڭ  ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭغا كىرگەن ۋاقتى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خانى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان(دىنىي ئىسمى ئابدۇلكەرىم) دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خانى بولۇشتىن ئىلگىرىلا ئىسلام دىنىغا كىرگەن بولۇپ، تەخمىنەن 9- ئەسرنىڭ ئاخىرى 10- ئەسرنىڭ باشلىرىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتلاردا قارا خانىيلار سۇلالىسىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر ۋە يوقىرى تەبىقىدىكىلەر بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى، خەلق بولسا مانى دىنى، زورو ئاستىر دىنى، بۇددا دىنى ۋە ئىسلام دىنى قاتارلىقلارغا ئىتىقاد قىلاتتى. مىلادىي 915- يىلى سۇتۇق بۇغراخان سامانىيلار سۇلالىسىنىڭ ياردىمى بىلەن تاغىسىنىڭ قولىدىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى ۋە ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئاشكارىلىدى ۋە خانلىق دائىرىسىدە ئىسلام دىنىنى كۈچەپ ئۆزلەشتۈردى. سۇتۇق بۇغراخان ئۆلگەندىن كېيىن ئوغلى بايتاش( دىنىي ئىسمى مۇسا بىنني ئابدۇلكەرىم) تەخىتكە ئولتۇردى ۋە دادىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىسلام دىنىنى داۋاملىق كېڭەيىتتى. دېمەك مۇسا دەۋرىدە ئىسلام دىنى قاراخانىيلار سۇلالىسىدە رەسمىي ھالدا دۆلەت دىنى بولۇپ شەكىللەندى.

       يوقارقى بايانلاردىن شۇنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇكى، ئىسلام دىنى رايونىمىزغا ئەڭ ئاۋۋال قەشقەرگە كىرگەن، بىراق ئىسلام دىنىنىڭ قەشقەرگە كىرىشى ھەرگىزمۇ ئىسلام دىنىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيتى. چۈنكى، شىنجاڭ كەڭرى زىمىن، پۈتۈن مەملىكەت زىمىنىنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئېگەللەيدۇ، بۇنداق كەڭرى زىمىندا ئىسلام دىنىنىڭ تولۇق تارقىلىپ بولۇشى ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت كېرەك. ئەڭ مۇھىمى شۇكى ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ زىمىنىدا بۇددا مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكلىرىدىن بولغان خوتەن بۇددا ئىلى ۋە قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى قاتارلىق مۇستەققىل بۇددىسىت ھاكىمىيەتلەر مەۋجۇت ئىدى. شۇ سەۋەبلىك ئىسلام دىنى شىنجاڭدا تارقىلىش ئۈچۈن ئۇزۇنغا سوزۇلغان تارىخى دەۋرنى ۋە قانلىق جەڭلەرنى باشتىن كەچۈردى. ئۇنداقتا بىز ئىسلام دىنىنىڭ خوتەن ۋە تۇرپان رايونلىرىدىكى تارقىلىش ۋە تەرەققىيات ئەھۋاللىرىغا نەزەر سېلىپ باقايلى.

    1.  ئىسلام دىنىنىڭ خوتەن رايونىغا تارقىلىشى

    ئىسلام دىنى قاراخانىيلار سۇلالىسىدە گۈللەنگەندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي قوشنا ئەللەرگە تارقىلىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئەڭ ئاۋال قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ قوشنىسى بولغان بۇددا ئېلى ئۇدۇنغا قاراپ تارقالدى. قاراخانىيلار دەسلەپتە سۇلالە ئىچىدىكى بۇددا راھىپلىرىغا قاتتىق قوللۇق قىلىش، ئىسلام دىنىغا كىرىشكە مەجبۇرلاش ياكى ئۇنىمىسا زىيانكەشلىك قىلىشتەك ئۇسۇللارنى قوللاندى، بۇنىڭ بىلەن خانلىق تەۋەسىدىكى بۇددا راھىبلىرى ئۇدۇنغا قاراپ قېچىشقا باشلىدى، بۇ ئەھۋال ئۇدۇن دۆلىتىدىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا ئۇچىرىدى، شۇنىڭ بىلەن قەشقەر بىلەن ئۇدۇن ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش باشلىنىپ ئەڭ ئاخىرىدا ئۇدۇن خانلىقىنىڭ ھالاك بولۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

    «ئۇدۇن خانى ۋىسارا بىلەن ساجۇ بىگى ساۋيۈەنجۇڭنىڭ خەت چەكلىرى» ناملىق بىر پارچە ئۇدۇن پۈتۈكىگە ئاساسلانغاندا قەشقەر بىلەن خوتەن بۇددا ئېلى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ 962- يىلى باشلانغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۈزۈلمەي چوڭ- كىچىك جەڭ بولۇپ تۇرغان بولۇپ ئەڭ ئاخىرىدا 1024- يىلى ئۇدۇن خانلىقىنىڭ بويسۇندۇرۇلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. بۇ جەريان ناھايتى ئۇزۇن ھەم نۇرغۇن ۋەقەلەر بولغان بولۇپ، قەشقەردىن خوتەنگىچە بولغان ئارىلىقتىكى نۇرغۇنلىغان داڭلىق مازارلار دەل مۇشۇ ۋاقىتتا شەكىللەنگەن، بۇلار ئەسلى دىمەكچى بولغان مەزمۇن بولمىغانلىقتىن تەپسىلىي توختالمايمىز. 1024- يىلى خوتەن بويسۇندۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق 11- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا كېيىنكى دەۋرلىرىگە بارغاندا ئاندىن ئىسلام دىنى ھەقىقىي تۈردە تارقالغان. بۇنىڭغا خوتەننىڭ قەدىمدىنلا بۇددا دىنىنىڭ مۇھىم مەركىزى بولۇپ كەلگەنلىكى ۋە كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەنلىكى سەۋەبچى بولغان. يىغىنچاقلىغاندا ئىسلام دىنى قەشقەرگە كىرىپ تاكى بىر ئەسىردىن كېيىن قورال كۈچى ئارقىلىق ئۇدۇندا ئومۇملاشتى.

    2.  ئىسلام دىنىنىڭ قوچۇ رايونىغا تارقىلىشى

    قاراخانىيلار سۇلالىسى ئۇدۇن بۇددىسىتلىرى بىلەن بولغان جەڭدە غەلبە قازانغاندىن كېيىن، يەنە تۇرپاننى مەركەز قىلغان قوچۇ ئېلىگە قاراپ ئىسلام دىنىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە «غازات ئۇرۇشى» نى قوزغىدى. ئەينى ۋاقىتتا قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى كۈچلۈك ھاكىمىيەت بولۇپ، قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمەنلىرىنىڭ بىرى ئىدى. بۇلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقى مەلۇم. «سۇتۇق بۇغراخان رىۋايىتى» گە ئاساسلانغاندا 1071- يىللىرى قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ 30 مىڭ ئەسكىرىنىڭ قەشقەرگە بېسىپ كىرگەنلىكى خاتىرلەنگەن، گەرچە جەڭ ئىنتايىن شىددەتلىك بولغان بولسىمۇ لىكىن ئەڭ ئاخرىدا قاراخانىيلار سۇلالىسى ئاقسۇ رايونىدىن ئۆتەلمىگەن، دېمەك بۇ دەۋردە ئىسلام دىنى ئاقسۇنىڭ شەرقىدىكى رايونلارغا تارقىلالمىغان ئىدى. بۇ ۋەزىپە ئەڭ ئاخىرىدا شەرقى چاغاتاي خانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە ئاندىن ئورۇندالدى.

    13461347- يىللىرىدىكى شەرقى چاغاتاي خانى تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشى شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يەنە بىر چوڭ ئىش، دەل مۇشۇنىڭ تەسىرىدە 14- ئەسرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كۈسەن(كۇچا)دا ئىسلام دىنى تارقىلىشقا باشلىدى.

    ئىسلام دىنىنىڭ تۇرپانغا كىرگەن ۋاقتى ئىسلام دىنىنىڭ كۇچاغا كىرگەن ۋاقتىدىنمۇ كېيىن، تارىخى ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا 14- ئەسرنىڭ ئاخىرىدا چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئاخىرقى خانلىرىدىن بىرى بولغان خىزىر خاجەخان تۇرپانغا يۈرۈش قىلغانلىقى خاتىرلەنگەن. «تارىخى رەشىدى»دە «خان (يەنى خىزىر خاجە) شۇ كۈنلەردە خىتاي ( بۇيەردە قىتانلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ) تەرىپىگە يۈرۈش قىلدى. تۇرپان ۋە قاراخوجا شۇ ۋاقىتلاردا خىتاي مەملىكىتىگە قوشۇۋىلىنغانىدى، بۇ شەھەرلەر شۇ ۋىلاياتلەردىكى شەھەرلەرنىڭ چوڭراقى ئىدى. خىزىر خاجەخان ئۆزى يۈرۈش قىلىپ ئۇ دىيارنى ئىشغال قىلىپ ئىسلامغا كىرگۈزدى، ھازىرمۇ ئۇ يەرلەر ئىسلام يۇرتلىرىدۇر» دەپ خاتىرلەنگەن. تارىخى ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا بۇ ۋەقە 1392- يىللىرىنىڭ ئالدى كەينىدە يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم.

    كىشىلەر ئومۇمەن مۇشۇ ۋەقەدىن كېيىن تۇرپان رايونى پۈتۈنلەي ئىسلام دىنىنىڭ تىرىتورىيىسىگە ئايلاندى دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇددا دىنىنىڭ تەسىرى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، بۇددا دىنى بىلەن ئىسلام دىنى بىرمەزگىل بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. 15- ئەسرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندىلا بۇددا دىنىنىڭ تەسىرى ئاندىن بۇ رايوندىن پۈتۈنلەي يوقالغان دېيىشكە بولىدۇ. دېمەك، ئىسلام دىنىنىڭ تۇرپاندا ھەقىقىي ئومۇملاشقان ۋاقتى تەخمىنەن 15- ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ.

    ئىككىنچى. ئىسلام دىنىنىڭ لوپنۇر رايونىدىكى تارقىلىش ۋە تەرەققىيات ئەھۋالى

    ئىسلام دىنىنىڭ قايسى دەۋرلەردە لوپنۇر رايونىغا تارقالغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق. لىكىن ۋىنىتسىيىلىك سەيياھ ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرىسىگە ئاساسلانغىنىمىزدا لوپنۇرنىڭ جەنۇبىدىكى ئاھالىلەرنىڭ 13- ئەسىرلەردىلا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر بار. ماركوپولۇنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە «چەرچەندىن چىقىپ شارائىتى بەكمۇ ناچار بىر چۆللۈكنى بەش كۈن يول مېڭىپ بېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەمما ھەممە يەرنىڭ سۈيى ئىچكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئاچچىق بولىۋەرمەيدۇ.  بەشىنچى كۈنلۈك يولنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، چۆللۈكنىڭ چېتىدىكى لوپقا يېتىپ بارغىلى بۇلىدۇ. لوپ (Lop) راباتى شەرقى شىمال تەرەپتە، لوپ چۆللۈكىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا جايلاشقان. ئۇ ئۇلۇغ خاننىڭ زېمىنىغا تەۋە بۇلۇپ ، ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن. خاتىرىدىكى «لوپ» ھەرگىزمۇ ھازىرقى خوتننىڭ لوپ ناھيىسى ئەمەس، قەدىمكى لوپنىڭ ئورنى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان كۆز قاراشلار بار، بەزىلەر ھازىرقى چاقىلىق ناھيە بازىرى دەيدۇ، يەنە بەزىلەر مىرەننى كۆرسىتىدۇ دەيدۇ، غالىپ بارات ئەرك ئەپەندى بولسا ۋاششەھرى خارابىسى دەل قەدىمكى لوپ دەپ قارايدۇ، مىنىڭچىمۇ ۋاششەھرى خارابىسى قەدىمكى لوپ بولۇشى ئېھتىمالغا ئەڭ يېقىن. ماركوپولو ئېيىتقان لوپ بازىرى مەيلى ھازىرقى چاقىلىق بازىرى بولسۇن، ياكى مىرەن خارابىسى بولسۇن ۋە ياكى ۋاششەھرى خارابىسى بولسۇن، ئورتاقلىق شۇكى بۇ جاي چاقىلىق تەۋەلىكىدە. بىز بۇنىڭدىن 13- ئەسىرلەردە لوپنۇرنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا ئىسلام دىنىنىڭ ئاللىقاچان تارقىلىپ بولغانلىقىنى بىلەلەيمىز.

     بۇندىن باشقا «تارىخى رەشىدى» نىڭ ئۈچىنچى بابىدا «قارا قۇرۇم خاراب بولغاندا، مەۋلانا شۇجائىددىننىڭ ئوغلى خوتەن بىلەن تۇرپان ئارىلىقىدىكى بىر ئۇلۇغ شەھەر كەتىك(خەنزۇچە نەشىرىدە罗布·怯台Lob katakدەپ ئېلىنغان) شەھىرىگە كۆچۈپ بېرىپتۇ، ئۇلار ئۇ يەردە ناھايتى ئىززەتلىنىپتۇ» دەپ خاتىرلەنگەن. يەنە مۇشۇ كىتابنىڭ 32- بابىدا «ئۇۋەيىسخان ناھايتى تەقۋادار ئادەم ئىكەن، ھاياتىنى پاكلىق بىلەن ئۆتكۈزىدىكەن. خان ھەر يىلى ياۋا تۆگە ئوۋلاش ئۈچۈن تۇرپان، تارىم، لوپ ۋە كەتىك تەرەپلىرىگە باراتتى» دەپ خاتىرلەنگەن.  بىز بۇ خاتىرىلەردىن شۇ ۋاقىتلاردىلا چەرچەن، چاقىلىق قاتارلىق جايلارنىڭ ئىسلاملاشقانلىقىنى، ئىسلام خانلىرىنىڭ دائىم بۇ جايلارغا كېلىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.

    ئەمما بىز بۇ خاتىرىلەرگە ئاساسلىنىپلا پۈتكۈل لوپنۇر رايونى ئىسلاملاشقان دەپ ئېيتالمايمىز. گەرچە چاقىلىق رايونىدىكى لوپنۇرلۇقلار ئىسلاملاشقان بولسىمۇ، لوپنۇر رايونىنىڭ شىمالى بولغان، لوپنۇرلۇقلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان بۈگۈنكى لوپنۇر ناھيىسى ئەتىراپىغا زادى قايسى ۋاقىتتا ئىسلام دىنىنىڭ كىرگەنلىكىنى ئېنىق ئەمەس. چۈنكى بۇ جايلار قوچو ئۇيغۇر خانلىقىغا تەۋە جايلار بولۇپ، جۇغراپىيىلىك شارائىتىدىن قارىغاندا چەت، قاتنىشى قولايسىز، ئاھالىلەر تارقاق رايون، شۇڭلاشقا ئىسلام دىنىنىڭ بۇ رايونغا كىرگەن ۋاقتى تۇرپان بىلەن بىر ۋاقىت بولۇشى مۇمكىن ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كېيىن.

    بۇنىڭدىن سرت، تارىخى ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندىمۇ، لوپنۇردىكى كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ ئىنتايىن سۇس، باشقا دىنلارنىڭ تەسىرىنىڭ يەنىلا كۈچلۈك ئىكەنلىكى يېزىلغان. مەسلەن: «تارىخى ھەمىدى» دە «بۇ زېمىندىن خوتەن، يەكەن، ئاقسۇ، كورلا دەريالىرى ئۆتىدۇ. بۇ دەريالار بەزىدە قوشۇلۇپ، بەزىدە پارچىلىنىپ ئېقىپ بېيجىڭ تەرەپكە كېتىدۇ. بۇ دەريالارنىڭ ئەتراپ ۋە ياقىلىرىدا ياكى ئارالچە ۋە شاخچىلىرىدا ئون ئىككى مىڭ ئۆيلۈكتىن ئارتۇق ئادەم ياشايدۇ. ئۇلارنى مۇسۇلمان دىسە مەسچىدى يوق، كۇپار دىسە بۇتخانىسى يوق» دەيدۇ. «ئەرشىدىن ۋەلى تەزكىرىسى» دە بولسا «مۇسۇلمانمىكىن دىسە ناماز ئوقۇمايدۇ، روزا تۇتمايدۇ، سەدىقە قىلمايدۇ؛ مۇسۇلمان ئەمەسمىكىن دىسە ئىمان ئېيتىدۇ، مۇسۇلمانچە كېيىم كېيىدۇ، مۇسۇلمانچە سۆزلەيدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن.

    يوقارقى ئەھۋاللاردىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇكى، لوپنۇر رايونى تەبىئي، ئىجدىمائىي ۋە جۇغراپىيىلىك ئەھۋاللارنىڭ چەكلىمىلىكى تۈپەيلىدىن، ئىسلام دىنى بۇ رايونغا كىرگەندىن كېيىن تىز تەرەققىي قىلالمىغان. گەرچە كىشىلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلسىمۇ، بىراق ئىسلام دىنىنىڭ ئەمىر- مەرۇپ، قائىدە- قانۇن، نىزاملىرى ئانچە قاتتىق بولمىغان. ھەتتا ئسلامغا كىرىشتىن بۇرۇنقى دىنلارنىڭ بەزى تەسىرلىرىنى ئىسلام دىنىغا سىڭدۈرىۋەتكەن بولغاچقا، ئىسلام مەدەنىيىتى ئۇلارغا باشقا رايونلاردىكىدەك چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتەلمىگەن.

    ئۈچىنچى. لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئىسلاملاشقاندىن كېيىنكى دىنى- ئېتىقاد ئەھۋالى

     ئىزاھ: بۇ مەزمۇندا لوپنۇر لىنىيىسى تورىدىكى لوپچىن (lopqin) ئەپەندىنىڭ «لوپنۇرئۇيغۇرلىرىنىڭدىنىي-ئېتىقاد ئادەتلىرى» ناملىق يازمىسىدىن ئاساسلىق پايدىلىنىلدى.

    ئىسلام دىنى لوپنۇر رايونىغا تارقالغاندىن تارتىپ 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىغا قەدەر ئىسلام دىنىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە باشقا رايونلار بىلەن ئارىلىق ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، پەرىقلىق بولغان ئىسلام مۇھىتى ۋە كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇلار تۆۋەندىكى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ.

       1. بەش ۋاق نامازنىڭ ئۆتىلىشى ۋە باشقا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ئىسلام دىنى مەجبۇرىيەت- قائىدىلىرىنىڭ ئادا قىلىنىشى ئىزچىل ۋە ئومۇمىيۈزلۈك ئەمەس، دىنىي مائارىپمۇ ئومۇملاشمىغان. 30-يىللاردىن كېيىن تىكەنلىك، كۆنچى، چوڭكۆل، كۈزلە قاتارلىق يېزا-كەنتلەرگە مەسچىت بىنا قىلىنغان بولسىمۇ، باشقا مۇتلەق كەڭ يېزا- كەنتلەردە دىنىي خادىملار يوق دېيەرلىك ھالەتتە ئىدى. شۇڭا ئىلمى- مەرۇپ قىلىش، مەۋلۇت ئوقۇش، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش ھەيدەكچىلىك- دالالەت قىلىدىغان پائالىيەتلەرمۇ ئېلىپ بېرىلمايتتى.

       2. ئازساندىكى دىنىي خادىملار ۋە تەقۋادارلارنىڭ ئاياللىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆپچىلىك ئاياللار ئىچىدە بۈۋىمۇ يوق.

       3. ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا ئىسلام دىنىدا قاتتىق چەكلەنگەن، نامەھرەمچىلىككە ياتىدىغان ھادىسلەر بىر قەدەر كۆپ ئۇچراپ تۇرسىمۇ، جەمئىيەتتە ئەجەبلىنەرلىك ئىشلاردىن ھېسابلانمايدۇ.

       4. ئىسلامىيەتتىن كېيىن تا يېقىنقى دەۋىرلەرگىچە قۇياشقا، ئاسمانغا، ئوتقا قاراپ تۈكۈرۈشنى، كۈندۈزى قۇياشقا، كىچىسى ئايغا قاراپ چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىشنى، ئوت-چۆپ ئۈستىگە كىچىك تەرەت قىلىشنى «يامان بۇلىدۇ» دەپ قارايدىغان؛ تويدا قىزنى ئوتتىن ئاتلىتىدىغان، بارات ئېيىدىكى تۈنەك كىچىسى قاپاق كۆيدۇرىدىغان؛ ياشانغان كىشلەرئۆلگەن ئۆيدە يەتتە ياكى قىرىق كۈنگىچە كىچىسى چىراق ئۆچۈرمەيدىغان ۋە ئۇنداق كىشلەرنى سۇغا ئالغاندا، قول بارماقلىرىغا قاپچۇق سېلىپ تۇرۇپ سۇغا ئېلىش بىلەن، ئۇ قاپچۇقلارنى ھايات ياشاۋاتقان تۇققانلار تەۋەرۈك قىلىپ ساقلايدىغان ۋە ئۇنى كۆز ئاغرىقىغا داۋا دەپ كۆزگە سۈرتىدىغان؛ ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە شەكىللەنگەن تەبىئەت ھادىسلىرىگە، توتىملارغا، ئەجدادلارغا چوقۇنىدىغان ئادەتلەرنى ئىسلام شارائىتىغا ماسلاشتۇرۇپ كەلگەن.

       5. پالغا ئىشىنىش ناھايىتى ئومۇملاشقان. لوپنۇرلۇقلار ئادەتتە بېلىقنىڭ دولا سۆڭىكىدە پال سالىدۇ. پالچى دولا سۆڭەكنى ئوتقا سېلىپ كۆيدۈرۈپ، ئۇنىڭدا ھاسىل بولغان قاپارتمىلارغا قاراپ ھاجەتمەننىڭ مۇددىئاسىغا تەبىر بېرىدۇ.

       6. لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا مازايى-ماشايىقلارغا، سۇ-دەريا بويلىرىغا چىقىپ داش قاينىتىپ، مازايى-ماشايىقلارغا سېغىنىدىغان، تەڭرىدىن سۇ، يامغۇر تەلەپ قىلىدىغان، زارا-خەتمە قىلىدىغان ئادەت يوق. شۇنىڭدەك لوپنۇر ناھىيسى دائىرىسىدە ئاتالمىش «ئۇلۇغلىرىم»نىڭ مازارلىرىمۇ يوق.

       7. لوپنۇرلۇقلاردىكى قەبرە ياساش ئادەتلىرىمۇ باشقا جايلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. قەبرىنىڭ تاشقى كۆرۈنىشى، ياسىلىشى، قەبرىنىڭ ئىچى، چوڭ- كىچىكلىكىمۇ ئوخشاشمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قەبرىستانلىقتىكى قەبرىلەرنىڭ ئالدىغا قوۋزىقى سويىۋىتىلگەن ئېگىز توغراق ياغاچلار قاداپ قويىدىغان، ۋە ئاق رەڭلىق داكا، قوشقار مۈڭگۈزلىرى ئېسىپ قويىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. بۇ ئەھۋاللار بۇنىڭدىن 4000 مىڭ يىللار بۇرۇنقى قۇم دەريا(كىچىك مۈرەن) قەبرىستانلىقىدىكى تىكلىمە ياغاچ ۋە ئېسىپ قويۇلغان كالا مۈڭگۈزلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ يوق؟ بۇ تېخى تەتقىق قىلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە.

       تۆتىنچى. لوپنۇرلۇقلاردا يىقىنقى دەۋرلەردىكى ئىسلام دىنىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى

       يوقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، تاكى 1920- يىللىرىغا قەدەر پۈتكۈل ناھيە تەۋەسىدە بىرەر مەسچىت ياكى بىرەر دىننىي مەكتەب بولمىغان. 1880- يىللاردىن باشلاپ تۇرپان، پىچاندىن تىكەنلىككە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلارنىڭ ئىچىدە ساۋاتلىق كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا، يەرلىك كىشىلەر مەيكى دىننىي ياكى پەننىي جەھەتتىنمۇ ساۋاتسز ئۆتكەن. ئازراق دىننىي ساۋاتى بار كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئۆيىدە دۇئا- تەگبىر قىلىپ قويسا قالتىس خوش بولۇپ كەتكەن. غۇسلى- تاھارەت، ناماز، مىيىت ئۇزىتىش ئىشلىرى يۇرت مۆتىۋەرلىرىنىڭ تۈزۈپ بەرگىنى بويىچە يەرلىك تىلدا ئادا قىلىپ كىلىنگەن [11].

       1919- يىلى قەشقەرلىك ئالاۋۇدۇن ئىشان تىكەنلىككە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ھەمدە كىيىنكى يىللىرى مەسچىت سالدۇرغان. يەنە قەشقەردىن ئىنىسى ھاجىخان مىرزىنى چاقىرتىپ ئەكىلىپ، ئىزچىل دىن تەرغىباتى ئېلىپ بارغان. ئۇلار يەنە دىننىي ۋە پەننىي مەكتەپ ئېچىش مەقسىتىدە 1926- يىلى تۇرپاندىن بەكرى قارىنى ئەكەلدۈرگەن. بۇ كىشى دىننىي جەھەتتە مول بىلمگە ئېگە بولۇپلا قالماي، يەنە تۇرپاندىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇپ، مەخسۇت مۇھىتى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان. بۇلار دەسلەپتە دىننىي مەكتەپ ئېچىپ بالىلارنىڭ ساۋاتىنى چىقارغان، 1933- يىلىغا كەلگەندە ئاقارتىش، پەننىي مەكتەپ ئېچىش دولقۇنىنىڭ تۈرتكىسىدە ھەرقايسى يۇرتلاردىن ئوقۇتقۇچى ئەكىلىپ، دىننىي ۋە پەننىي جەھەتتىكى ساۋاتسىزلىققا خاتىمە بېرىلگەن[12].

       كېيىنكى دەۋرلەردە بولسا لوپنۇرلۇقلار باشقا يۇرتتىن كەلگەنلەر بىلەن ئارلىشىپ ئولتۇرۇش، سىرت بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىش نەتىجىسىدە ئۇلار مەيلى دىننىي جەھەتتىن بولسۇن ياكى پەننىي جەھەتتىن بولسۇن تېخىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلغان، دىننىي ئېتىقادىمۇ چوڭقۇرلاشقان. بولۇپمۇ دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن كېيىن دىننىي ئەركىنلىك سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە لوپنۇرنىڭ ھەرقايسى يىزا كەنىتلىرىدىمۇ مەسچىتلەر سېلىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىننىي ئېتىقادىغا كاپالەتلىك قىلىندى. ھەر يىلى ھەجگە بارىدىغانلارمۇ بارغانسىرى كۆپەيدى. دېمەك، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئىسلام دىنى لوپنۇر رايونىدا يېڭىچە تەرەققىياتلارغا ئېگە بولدى.

       ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يەنە بىر مەزمۇن شۇكى، لوپنۇرلۇقلار ئىسلام سوپىزىمىنىڭ تەسىرىگە مەلۇم دەرىجىدە ئۇچرىغان بولۇپ، ئالدىنقى ئەسرنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر تۈنەك كىچىسى ۋە باشقا كۈنلەردە قەبرىستانلقتىكى مەسچىتلەرگە بېرىپ، ھۆكمەت ئېيتىپ، داپ چېلىپ، ساما ئوينايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت بولغان، بۇلار دەل سوپىزىمنىڭ تەسىرىدىن ئىبارەت.  ئۇنىڭدىن باشقا، لوپنۇرنىڭ دۆڭقوتان ۋە قارچۇغا يېزىلىرىدا كۇچا خوجا جەمەتلىرىنىڭ تەسىرى ئالاھىدە چوڭ بولۇپ، كۇچادىن ئۇلار كېلىپ قالسا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن كۈتىۋالىدۇ. ئاغرىق- سىلاق، قول- پۇتى تۇتماس بولۇپ قېلىش، ئاغزى مايماق بولۇپ قېلىشتەك ئەھۋاللار بولسا دوختۇرخانىغا بارغاندىن سرت، كۆپرەك كۇچاغا بېرىپ خوجىلارغا كۆرسىتىدىغان ئەھۋال ئىنتايىن ئومۇملاشقان.

       يىغىنچاقلاپ ئېيىتساق، لوپنۇر رايونى تارىخى ۋە جۇغراپىيىلىك ئەھۋاللارنىڭ سەۋەبىدىن، لوپنۇر رايونى تاڭ سۇلالىسىدىن تاكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگىچە 10 ئەسىرگە يېقىن قاراڭغۇلۇق باسقۇچىنى باشتىن كەچۈردى، بۇ دەۋردە لوپنۇرلۇقلار ئاساسىي جەھەتتىن سرت بىلەن ئالاقە قىلماي بېكىك ھالەتتە ياشىغان. مۇشۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن لوپنۇرلۇقلار تىل، ئۆرپ- ئادەت، مەدەنىيەت ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەھەتتە قەدىمىي ئالاھىدىلىكلەرنى ساقلاپ قالغان. مانا مۇشۇ خىل سەۋەپلەرمۇ ئىسلام دىنىنىڭ لوپنۇرغا كىرگەندىن كېيىن تىز تەرەققىي قىلالماسلىقىنىڭ بىر سەۋەپلىرىدۇر. ئەمما يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيان ئىسلام دىنىنىڭ لوپنۇر رايونىدىكى تەرەققىياتى يەنىلا تىز بولدى دېيىشكە بولىدۇ.

       يوقارقىلار ئىسلام دىنىنىڭ لوپنۇر رايونىغا تارقىلىش ۋە تەرەققىيات ئەھۋالى بولۇپ، گەرچە لوپنۇرلۇق بولساممۇ بۇ جەھەتتىن تەپسىلى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ توغرۇلۇق ماتىرىياللار ناھايتى ئاز بولغاچقا بۇ يازمامدا نۇرغۇن نۇقسانلار ساقلانغان بولۇشى مومكىن. شۇڭا بۇ ساھەدىكىلەرنىڭ ۋە يۇرتداشلىرىمنىڭ سەمىمىي تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

     

    ئىزاھاتلار:

        لى جىنشىن «شىنجاڭدىكى دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 10 ئاي، 197، 198، 202-بەتلەر

    ③⑤ جۇڭگو شىنجاڭ رايونى ئىسلام دىنى تارىخىنى تۈزۈش كومىتىتى تۈزگەن «جۇڭگو شىنجاڭ رايونى ئىسلام دىنى تارىخى» بىرىنچى قىسىم، شنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2007-يىل 17-ئاي. 209، 229-بەتلەر

    ④⑦⑧ مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان« تارىخى رەشىدى» شنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2007-يىل 7-ئاي، 51، 165،144- بەتلەر

    ⑥ ماركوپولو «ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرىسى» لىياڭ شېڭجىي تەرجىمىسى، جۇڭگو مەدەنىيەت تارىخ نەشرىياتى 1998-يىل، 9-ئاي، 61- بەت

    ⑨ موللا مۇسا سايرامى «تارىخى ھەمىدى» مىللەتلەر نەشىرىياتى 2007- يىل 1-ئاي 648، 650- بەتلەر

    ⑩ ئەسلى كىتاب تېپىلمىغانلىقى ئۈچۈن مويدىن سايىت بوستاننىڭ «لوپنۇر ئەسلىمىلىرى» ناملىق كىتابىدىكى نەقىلدىن ئېلىندى

    [11][12]مويدىن سايىت بوستان «لوپنۇر ئەسلىمىلىرى» قەشقەر ئۇيغۇر نەسىرىياتى 2003-يىل 4- ئاي 193،194- بەتلەر


    ئەسكەرتىش : مەزكۇر ماقالە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئەزىزتۈرك ئەدەبىيات – سەنئەت تەتقىقاتى بىلوگىدا ئېلان قىلىندى.

    分享到: