ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-10-26

    مۇھەممەد يۇسۇف :سىر - [تۈركىيلەر ئەدەبىياتى]

    مۇھەممەد يۇسۇف (ئۆزبېكىستان):

    سىر

     

    شامالدەك بىقارار شائىر سۆيگۈسى،

    سۆلىتى ـــ ئۇنىڭ بار مالۇ-مۈلكى شۇ.

    ھىجرانىم تارقىتار رەيھان ھىدىنى،

    مېنى تاللىغىنىڭ غەلىتە ئىشقۇ؟!

     

    شېرىن سۆز ئېيتمايدۇ زەخمەتلىرىڭگە،

    نە بىر سالامىڭنى ئىلىك ئالىدۇ؟!

    مۇھەببىتىڭ نېمە مۇھەممەدىڭگە؟

    قەلەمنى قۇچاقلاپ ئۇخلاپ قالىدۇ.

     

    قەسىرى سۆھبەت ئارا قان يىغلاپ يۈرەك،

    كۆكسۈڭدە نېمىدۇر غىجەك چالىدۇ.

    ئۇنىڭغا شېئىر كېرەكتۇر، ساڭا ئەر كېرەك،

    (ئۇ شائىر كۆڭلۈڭنى ھېچ چۈشەنمەيدۇ.)

     

    ئۇ سۆز كۈتەر، سەن ئۇنى ئويلاپ،

    بىر ئۆمۈر تەلمۈرۈپ كۆزۈڭ تالىدۇ.

    «سۆيگىنىم، پەرىشتەم...» دەپ سېنى ئالداپ،

    شېئىرىم بەختىڭنى خاراب قىلىدۇ.

     

    گۇناھىڭ نە ئىدى، ئەي مۇڭلۇق دىلبەر؟

    سېنى تاللىغىنىم غەلىتە ئىشقۇ؟!

    ئېسىل شائىر ئەسلا ئۆيلەنمەي ئۆتەر،

    ئۆيلەنسە ھەم كۆرمەي خوتۇن ئالىدۇ.

    شائىرنىڭ «مۇھەممەد يۇسۇف » ناملىق ئۆزبېكچە توپلىمىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:

    مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار

    «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژورنىلى 2011-يىللىق 9-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

     

     

     

    分享到: