ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-26

    قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئىسلام مەدەنىيىتى (3) - [تارىخ پەلسەپە تەتقىقاتى]

    قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئىسلام مەدەنىيىتى (3)

    ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىلا ئۇيغۇرلار باي ئېغىز ئەدەبىياتى ئەنئەنىسىگە ئىگە ئىدى. ئالدىنقى بابلاردا مەلۇم بولغىنىدەك «يىپەك يولى» مەدەنىيەت ئالاقىلىرى ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا سەييارە سودىگەر ۋە تەرجىمان مىللەت قىلىپ قويغان. كىلاسسىك ئەدەبىيات ئۇيغۇرلاردا بىخلىنىشقا باشلىغان. ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەت دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن زور مەدەنىيەت، ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇتۇقلىرىنىڭ ئاساسىي قورغىنى ۋە ئىسلام دەۋرىگە ئۆتۈشنىڭ مەزمۇندار جاراڭلىق پرولوگى (مۇقەددىمىسى) دېيىش مۇمكىن.

        ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت مائارىپ جەھەتتە ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىپ راۋاجلىنىشى سەۋەبىدىن، ئىسلامدىنى پەن-مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام دىنى مائارىپى ھەرقايسى جايلاردا گۈللىنىشكە باشلىغان دەسلەپتە مەخسۇس دىنىي تەبىقە-شەيخۇل ئىسلام، ھەردەرىجىلىك قازى مۇپتىلار، ھەر دەرىجىلىك جامە-مەسچىتلەرنىڭ ئىمام مەزئۇزىنلىرى، قارىيلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان بۇ مائارىپ راۋاجلىىپ كېيىن ھەر دەرىجىلىك مەدرىس، مەكتەپلەرنىڭ مۇدەرسلىرى، ئۆلىمالىرى، شۇنىڭدەك دىنىي بىلىم ۋە پەننىي بىلىم بويىچە ھەر دەرىجىلىك ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان ۋە ئالىملىق مەرتىۋىلىرى مەيدانغا كەلگەن.

        ئىسلام مەدەنىيىتى ئائىلە، يۇرت-مەھەللە، شەھەر قۇرۇلۇشلىرىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە خاس بىناكارلىق ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈردى. ئوردا، قەسىر، جاما، مەسچىت مازارلارنىڭ مەقبەرە گۈمبەزلىرى قاتارلىقلارنىڭ ياسىلىشىدا ئىسلام بىناكارلىقىنىڭ ئەڭ نەپىس شەكىل ۋە نۇسخىلىرى قوبۇل قىلىنغان. بۇ خىل بىناكارلىق مەدەنىيىتىنىڭ شەكىل، نۇسخىلىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر بىناكارلىقى، مەسچىت، دىنىي مەكتەپ قۇرۇلۇشلىرى، مازار مەقبەرە-گۈمبەزلىرىدە ھازىرمۇ ئەسلى نۇسخىسىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

        قاراخانىيلار سۇلالىسى قەشقەرنى خانلىقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى بىلەن ئۇ يەردە شىنجاڭنىڭ ئىسلام مەدەنىيەت-مائارىپ تارىخىدىكى ئەڭ دەسلەپكى مەدرىسلەر بارلىققا كەلگەن. مەسىلەن ساچىيە مەدرىسى (مەدرەسەئى ساچىئە)، تارىخىي مەنبەلەردە بۇ مەدرىسنىئەسىردە سۇتۇق بۇغراخان سالدۇرغان دېيىلگەن. ئەينى دەۋردە بۇ مەدرېس خانلىق مەدرىس بولۇپ، مەخسۇس ئوردا ئاقسۆڭەك-مۆتىۋەرلىرىنىڭ بىلىم ئېلىش ئورنى بولغان. جامال قارشى ئۆزىنىڭ «مۇلھىقاتۇس سۇراھ» (سۇراھ لۇغىتىگە يازغان ئىلاۋىسى) دە بۇ مەدرىسنى تىلغا ئالغان. ئۇ، جەۋھىرىنىڭ «سىھاھ» لۇغىتىنى ئىزدەپ، ئاخىرى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان تەرىپىدىن سېلىنغان ساچىيە مەدرىسىنىڭ كۈتۈپخانىسىدىن تاپقانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەن① ساچىيە مەدرىسى قاراخانىيلار سۇلالىسىدىن كېيىن نايمان شاھزادىسى كۈچلۈك (1211-1218- يىللار) غەربىي لياۋ (قىتان) سۇلالىسىنىڭ خانى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە قەشقەرگە قوشۇن تارتىپ بۇ مەدرىسكە ئوت قويۇپ ۋەيران قىلغان بولسىمۇ چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىياغا ۋالى بولۇپ تۇرغان ئۇيغۇر ئەمەلدارى مەسۇدبەگ 1255-1260- يىللىرى بۇ مەدرىسنىڭ خارابىسى ئورنىغا «مەسئۇدىيە» مەدرىسىنى ۋە ئۇنىڭ يېنىغا «سائادەت» كۈتۈپخانىسىنى سالدۇرغان. جامال قارشىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ مەدرىسكە «ھەممە ئىقلىملاردىن ھەر يىلى مىڭلاپ ئوقۇغۇچىلار كېلىپ بىلىم ئالغان. «سائادەت» كۈتۈپخانىسى ئەينى دەۋردە شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا داڭلىق كۈتۈپخانا بولغان. ساقلانغان كىتابلار نەچچە ئون مىڭ پارچىغا يەتكەن. ئۇلاردىن دىن، تىل-ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە، پەلسەپە، ئاسترونومىيە ۋە يەنە ھەرخىل تەبىئىي پەن ئىلمىگە ئائىت كىتابلار بولغانىكەن.

        ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىقى، مىلادىيە ⅩⅧ ئەسىردە جاھالەت پىرلىرى بولغان خوجىلار قەشقەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە بۇ يەردىكى «سائادەت» كۈتۈپخانىسىدىكى كىتابلار ئۈچ كېچە-كۈندۈز كۆيدۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر كۈتۈپخانا جاھالەت پەرەس خوجىلارنىڭ قولىدا كۈيۈپ كۈلگە ئايلانغان.

        ساچىيە مەدرىسىدە تەسسىس قىلىنغان ئاساسلىق دەرسلەردىن، ئىلمىي تەفسىر، ئىلمىي ھەدىس، دىنىي ئەقىدە، ئەرەب تىلى، ئوقۇتۇش مېتودى، پەلسەپە، ئېتىكا (ئەدەب-ئەخلاق)، ئەدەبىيات، تارىخ، ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، تېبابەت ئىلمىي، جۇغراپىيە قاتارلىقلار بار ئىدى. بۇ مەدرىستە يەنە ئارستوتىل، سوقرات، فارابى، ئىبىنسىنا، ۋە خارەزمى پەلسەپىلىرىمۇ ئوقۇتۇلغان.

        قاراخانىيلار دەۋرىدىكى داڭلىق مەدرىسلەردىن قەشقەر دۆلەتباغ رايونىدا تەسسىس قىلىنغان ھەمىدىيە (مەدرىسەئى ھەمىدىيە) مەدرىسىمۇ بولغان. مەھمۇد قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا «ئۇستازىم» دەپ تىلغا ئالغان. ھۈسەيىن ئىبنى خەلەف قەشقەرى مۇشۇ ھەمىدىيە مەدرىسىدە مۇدەررىسلىك قىلغان. بۇ مەدرىستە قاراخانىيلارنىڭ خان مەمەتى ۋە باشقا ساھەدىكى كىشىلەردىن نۇرغۇن ئالىملار يېتىشىپ چىققان.

        يەنە بىرى قاراخانىيلارنىڭ يازلىق سەيلىگاھى بولغان ئوپالدا، يەنى مەشھۇر ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ مازىرى ئورۇنلاشقان جايدا بولۇپ، بۇمەھمۇدىيە مەدرىسى (مەدرسەئى مەھمۇدىيە) دەپ ئاتالغان. خان جەمەتى نەسەبىدىن بولغان ئالىم مەھمۇد قەشقەرى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا باغدادتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مۇشۇ مەدرىسىنە سەككىز يىل مۇدەررىسلىك قىلىپ نۇرغۇن ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ «ئىلىمگە ھۆددىگەر پىرىم» دېگەن شەرەپلىك نام ئالغان ئالىم ھايات ۋاقتىدا بۇ مەدرىسنىڭ بارلىق ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلغان، ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مەزكۇر مەدرىس ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، مېيىتىمۇ شۇ يەرگە دەپنە قىلىنىپ مازىرى ياسالغان. قەشقەردىكى پېشقەدەملەرنىڭ ماڭا سۆزلەپ بېرىشىچە ئەينى دەۋردە مەھمۇد قەشقەرى مازىرى يېنىدىكى «ھاھاي تېرەك» تۈۋىدىكى «نورۇز بۇلاق» بويىدا ھەريىلى نورۇز كېلىشى بىلەن يېڭى يىل بايرىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلۈپ، شائىرلار «نورۇزنامە» ئوقۇشىدىكەن، مەدرىسلەرنىڭ تالىپلىرىنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىملىرىمۇ مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈلۈپ ئۇلارغا مەكتەپ پۈتتۈرۈش شاھادەتنامىسى تارقىتىلغان. بۇ يەردە ئىلمىي مۇنازىرىلەرمۇ ئۆتكۈزۈلگەن، شۇنداقلا شۇ ئەتراپتا يەنە ھەرخىل مىللىي تەنتەربىيە تۈرلىرى مەسىلەن، دارۋازلىق ئويۇنى، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، قوشقار سوقۇشتۇرۇش، خوراز سوقۇشتۇرۇش ۋە يەنە مەدداھلارنىڭ «جەڭنامە» سۆزلەشلىرى بولۇپ، بۇ بايرام سەيلىسى بىرنەچچە كۈنگىچە داۋاملىشىدىكەن.

        قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە قەشقەردە قۇرۇلغان بۇ مەدرىسلەردە ئەينى دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن، نۇرغۇنلىغان ئالىملار يازغۇچى، شائىرلار ئىلمىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. دېمەك يۇقارقى مەدرىسلەر ئۆز دەۋرىنىڭ بىلىم يۇرتى ھەم ئىلمىي پائالىيەت سورۇنلىرى ئىدى. شۇڭا جامال قارشى «مۇلھاقاتۇس سۇراھ» ناملىق ئەسىرىدە ئۆز زامانىسىدىكى قەشقەرنى «ئىسلام دىيارى، ئەزىزلەر يۇرتى، مەشھۇر زاتلارنىڭ پائالىيەت سەھنىسى، ئېسىلزادىلەرنىڭ ماكانى، ئۇلۇغ ئالىملار تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شەھەر - كاشغەر ئۆز دەرىدە ئاۋات شەھەر بولغان» دەپ يازغان.

        كاشغەر شەھىرىنىڭ پەخىرلىك شەھەر بولۇشى ئۇنىڭ ئىسلام مەركىزى ۋە ئالىم-ئۆلىمالار جايلاشقان ئىلىم-مەرىپەت بۇلىقى، ئېسىل پادىشاھ خاقانلارنىڭ ۋەتىنى، كاتتا ئالىملارنىڭ يۇرتى بولۇشىدا» دەپ يازغان.

        ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى نوقۇل ئىسلام ئېتقادى ۋە كالامىزم چۈشەنچىلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقى بىلەنلا چەكلەنمىگەن بەلكى ئەينى دەۋر جاھان مەدەنىيىتىنىڭ غايەت مۇھىم تەرەققىيات باسقۇچىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان پۈتۈن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئىسلام يىپىنچىسىنى ئارتقان كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيىتىنىڭ جۇغلانمىسىنى قوبۇل قىلغانلىقى بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت ئۆزىدىن ئىلگىرىكى مەدەنىيەت تىپلىرىدىن بىرقەدەر يۇقىرى بولغان ئىسلام مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشى ئوتتۇرا-مەركىزىي ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن باشلامچىلىق ۋە نەمۇنىلىك رول ئوينىغان.

        قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەدەنىيەتنىڭ زور دەرىجىدە گۈللەنگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بۇ دەۋىردە ئىلىم-پەننىڭ ھەرقايسى ساھەرىدىن يېتىشىپ چىققان نۇرغۇنلىغان ئالىملار بارلىققا كېلىپ ئالەمشۇمۇل ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان.

        بۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ ۋەكىللىك نامايەندىلىرىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا چوڭ رول ئوينىغان پەيلاسوپ ئەبۇناسىر فارابى (870 - 850- يىللار) نى، تارىخچىلاردىن ئابدۇجاپپار بىننى ھۈسەيىن كاشغارى ( - 1082)، ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنا، مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەھمەد يەسەۋى، ئەھمەت يۈكنەكى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن.

        ئەبۇ ناسىر فارابى ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىلىم-پەن جەۋھەرلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى راۋاجلاندۇرغان ئۇلۇغ ئالىم سۈپىتىدە ئىسلام دۇنياسىدا شۆھرەت قازانغان، تۈركىي خەلقلەر بىلەن ئەرەب دۇنياسى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان. ئۇ «دىۋانۇلئەدەب فى بايان لۇغەتۇلئەرەب» ناملىق بىر ئەرەبچە لوغەت تۈزگەن. بۇ لۇغەتتىن مەھمۇد قەشقەرى پايدىلانغان. «دىۋانۇلۇغەتىن تۈرك» تە تۈركىي سۆزلەرنى رەتكە تىزىشتا قوللىنىلغان سىستېما ئەرەب لۇغەتچىلىكىدە ئەنە شۇ ئالىم دەسلەپ قوللانغان سىستېما بولۇپ، شۇ دەۋردىكى باشقا ئەرەبچە لۇغەتلەردە بۇ سىستېما ئۇچرىمايدۇ . فارابىي تۈركىي خەلقلەر ۋە ئەرەب خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتى ئۈچۈن زور تەسىر كۆرسەتكەن. فارابى ئىجتىمائىي پەننىڭ ھەرقايسى ساھەسىگە ئائىت نۇرغۇنلىغان ئەسەرلىرى بىلەن ئۆز ئالدىغا بىر فارابىي مەكتىپى - يېڭى بىر پەلسەپە ئېقىمى ياراتقان ئالىم بولۇپ، ئۇنىڭ تەسىرى ئاشۇ دەۋر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەرنىڭ مەنىۋى ھاياتىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان.

    مەھمۇد قەشقەرى

        مەھمۇد ھۈسەيىن بىننى مۇھەممەد قەشقەرى قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئۇلۇغ ئالىم، بۈيۈك تىلشۇناس، تارىخچى ۋە ئېتنوگرافىيە مۇتەخەسىسى ۋە پىشقان ئەدىب. ھازىرغىچە مەلۇم بولغان تارىخىي مەلۇماتلاردىن قارىغاندا مەھمۇد قەشقەرى قەشقەرگە تەۋە ئوپالنىڭ (ھازىر كونا شەھەر ناھىيىسى تەۋەسىدىكى ئوپال يېزىسى) ئازىق (بۇ كەنت كېيىنچە «قۇمباغ» دەپ ئاتالغان) كەنتىدە قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتىگە مەنسۇپ بولغان ئائىلىدە تۇغۇلغان. مەھمۇد قەشقەرى قاراخانىيلارنىڭ ئەڭ مەشھۇرخانلىرىدىن يۈسۈپ قادىرخاننىڭ چەۋرىسى ئىدى. ئۇنىڭ بوۋىسى مۇھەممەد ئىبنى يۈسۈپ قەشقەردە چوڭ خان بولغان، ئاتىسى ھۈسسەيىن دەسلەپ بارسىخان شەھىرىگە ھاكىم بولغان كېيىن 1058- يىلى ئۆز دادىسىنىڭ ئورنىغا خانلىققا چىققان. لېكىن مۇھەممەد ئىبنى يۈسۈپ بۇغراخاننىڭ كىچىك خانىشى بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ئىبىراھىم ئوردىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، بۇغراخان بىلەن خان جەمەتى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدۇ. بەزى ئالىملار مۇشۇ ھۈسەيىن ئېھتىمال «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ مۇئەللىپى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئاتىسى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى مەھمۇد ئىبنى ئەل ھۈسەيىن ئىبنى مۇھەممەد ئەل قەشقەرى. ئۇ مۇشۇ ئوردىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەدە بەختكە يارىشا ھايات قالغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ ۋەقە گەرچە ئوردا تارىخىغا ئائىت ۋەقە بولسىمۇ، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تۈركىي خەلقلەر ئولتۇراقلاشقان كۆپلىگەن يەرلەرنى كەزگەنلىكى، زور ماتېرىيال بايلىقى توپلىغانلىقى ۋە ئاخىرىدا باغداتقا بېرىپ، 1072-1074- يىللاردا ئەسەر يازغانلىقىنى ئىزاھلاشقا بىرقاتار مۇھىم پاكىتلارنىڭ بىرىدۇر.

        مەھمۇد قەشقەرى ياشىغان دەۋردىكى قەشقەر ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم يېقىن شەرق بويىچە ئالىي دەرىجىلىك بىلىم يۇرتى بولۇش بىلەن شۆھرەت قازانغان مەشھۇر بىلىم يۇرتلىرىدىن بىرى بولغانىدى. شۇڭا مەھمۇد قەشقەرى دەسلەپكى بىلىمى ۋە ئوتتۇرا ھەم ئالىي مەلۇماتىنى قەشقەردە ئالغان. بۇ دەۋردە قەشقەرنى مەركەز قىلغان كەڭ رايون خاقانىيە ئۆلكىسى دەپ ئاتالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ « تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئاساس قىلىپ ئالغان ئەدەبىي تىلىنى خاقانىيە تىلى دەپ ئاتىغان.

        مەھمۇد قەشقەرى « تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە ناھايىتى مول تىل ماتېرىياللىرىنى توپلىغان ۋە ئۇلارنى ئىزاھلىغان، شۇنىڭدەك ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى، ئېتنوگرافىيىسى، جۇغراپىيىۋى ئورۇنلىشىشى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى توغرىسىدا ئىنتايىن كەڭ ۋە قىممەتلىك مەلۇماتلار بەرگەن. ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھازىرغىچە بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە « تۈركىي تىللار دىۋانى» كە تەخمىنەن 7500 پارچىدىن ئارتۇق سۆزلەم (سۆز ۋە ئىبارە) كىرگۈزۈلگەن، 242 پارچە شېئىر-قوشاق توپلانغان، 200 پارچىغا يېقىن ماقال-تەمسىل يىغىلغان، شۇنداقلا يەنە بىر قىسىم ئەپسانە، رىۋايەت، قىسسەلەرمۇ كىرگۈزۈلگەن، ئاپتور سۆزلەم شېئىر- قوشاق، ماقال-تەمسىللەرنى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ، بۇلارنى ئەرەبچىگە ئىزاھلىغان، يەنى ئەسەرنى ئەرەبچە يېزىپ «تۈركىي تىلى ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتاتتى» دېگەن رېئاللىقنى ئىسپاتلىغان. ئۆز ئەسىرىگە «دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك» («تۈركىي تىللار دىۋانى») دەپ ئات قويغان.

    分享到:


ئەزىزتۈرك: ئەزىزتۈرك - رەشىدنى تونۇمسىز؟

ئەزىزتۈرك: ئەزىزتۈرك ئەدەبىيات - سەنئەت تەتقىقات بىلوگى. ئېلخەت ئادرېسىمىز: Email:1505858150@qq.com | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى