ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-26

    قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئىسلام مەدەنىيىتى (5) - [تارىخ پەلسەپە تەتقىقاتى]

    قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئىسلام مەدەنىيىتى (5)

    شائىر ئۆزى ياشىغان دەۋرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىلغار بىر ئىدىيىۋى مەۋقەدە تۇرغان بولۇپ، ئەنە شۇ ئىدىيىسىنى تېخىمۇ ئوبرازلىق، جانلىق ئىپادىلەش ئۈچۈن غايىۋى ئوبرازلارنى ياراتقان، ئۇلار ئادەلەت ۋە قانۇننىڭ سىمۋۇلى - پادىشاھ كۈنتۇغى، بەخت-سائادەت ۋە دۆلەتنىڭ سىمۋولى ۋەزىرى ئايتولدى، بىلىم ۋە ئەقىل-ئىدراكنىڭ سىمۋۇلى ئۆگدۈلمىش، قانائەتنىڭ سىمۋۇلى - ئۇدغۇرمىشلاردىن ئىبارەت. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز ئەسىرىدە مۇشۇ پېرسۇناژلارنىڭ مۇنازىرە - سۆھبەتلىرى ئارقىلىق جەمئىيەت تۈزۈلمىسى، دۆلەت باشقۇرۇش يوللىرى ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى، پەلسەپىۋى، ئەخلاقىي قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن.

        «قۇتادغۇبىلىك» تە ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىيىنىڭ مەركىزىدە دۆلەتنىڭ قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش مەسىلىسى تۇرىدۇ. ئەسەردىكى باشقا مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ مەركىزىي ئىدىيە ئەتراپىغا ئويۇشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلغان. شائىرنىڭ بۇ مەركىزىي ئىدىيىسى ئەسەردە تۆت ئاساسىي پېرسۇناژ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت، سۆھبەتلەرگە سىڭدۈرۈلگەن ئاساسىدا جەمئىيەتنى (دۆلەتنى) قانۇن ئارقىلىق، بىلىم ۋە ئەخلاق - پەزىلەت ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى بىر قاتار ئىلغار قاراشلىرى نامايان قىلىنىدۇ. ئۆز دەۋرىدىكى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدىكى بەزىبىر ئىجتىمائىي تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. جەمئىيەتتىكى رېئاللىقنى پەدازلاپ كۆرسەتمەستىن، بەلكى ئۇنىڭدىكى مەۋجۇد ئىللەتلەرنى دادىللىق بىلەن پاش قىلىدۇ. ئادالەت، پەزىلەتلىك، بىلىملىكلەر كۆپ بولغان غايىۋى بىر دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» داستانى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يالقۇنجاپ يانغان بىر «مەرىپەت مەشئىلى» بولۇپ كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىمىزدا يۇقىرى ئىدىيىۋى پەللە ياراتقان.

        ئەينى دەۋردىكى ئوتتۇرا-مەركىزىي ئاسىيادا ئىسلام ئەقىدىسى ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلەپ، ئەرەب-پارىس ئەدەبىياتى قىزغىنلىقى كۈچۈيۈپ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى خىرىسقا دۇچ كەلگەن بىر پەيىتتە يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىلاسسىك ئۇيغۇر تىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى قوغدىغان ۋە تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، ساپ نەپىس ئۇيغۇر تىلى بىلەن مەزكۇر داستاننى يېزىپ چىققان ھەم ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ گۈزەللىكىنى، غايەت زور بەدىئىي ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى نامايەن قىلدى. بۇنىڭ بىلەنئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلنىڭ يەنىمۇ بىر بالداق يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ مەۋقەسىنى مۇستەھكەملەپ، ئۇنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس تىكلەپ بەردى.

        ئەھمەد يۈكنەكى

        ئەھمەد يۈكنەكى قاراخانىيلار دەۋرى ئەدەبىياتىنىڭ ئاخىرىقى دەۋرىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى شائىرلارنىڭ بىرى بولۇپ، تەخمىنەنئەسىرنىڭ ئاخىرىسىرىنىڭ باشلىرىدا ياشىغان. ئۇنىڭ بىزگىچە «ئەتەبەتۇل ئەققايىق» (ھەقىقەتلەر بوسۇغىسى) ناملىق دىدكتىك داستانى يېتىپ كەلگەن.

        ئەھمەد يۈكنەكىينىڭ تولۇق ئىسمى ئەدىب ئەھمەد بىننى مەھمۇد يۈكنەكى. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرنى يازغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس. لېكىن ئالىملار داستاننىڭ مەزمۇنى ۋە تىل خۇسۇسىيەتلىرىگە ئاساسەن ئەسەرنى قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا يېزىلغان دەپ تەخمىنەن قىلغان.

        ئەسەر 14 باب 484 مىسرادىن تەركىپ تاپقان. ئۇنىڭغا كېيىن باشقىلار تەرىپىدىن ئىلاۋە قىلىنغان ئۈچ پارچە شېئىرنى قوشقاندا ھەممىسى 215 مىسرا بولىدۇ، ئالدىنقى بەش باب 11 بوغۇمدىن تۈزۈلگەن مەسنەۋى (ھەربىر كۇپلېتى ئىككى مىسرالىق شېئىر) كېيىنكى توققۇز بابنىڭ ھەربىر مىسراسى 11 بوغۇمۇمدىن تۈزۈلگەن 1-، 2-، 3- مىسرالىرى قاپىيەلىشىپ كېلىدىغان رۇبائىي شەكلىدە يېزىلغان. كېيىن دۇنيا تۈركولوگىيە ساھەسىدىكى ئالىملاردىن بىر قانچىلىرى ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئىلاۋە قىلغان مىسرالىرىنى قوشقاندا بۇ ئەسەر جەمئىي 512 مىسرادىن تەركىپ تاپقان داستان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان.

        بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر تىلى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۈيۈك ئەمىر ئارسلان خوجا تارقان تەرىپىدىن يېزىلىپ ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا ئىلاۋە قىلىنغان بىر شېئىردا ئەسەر «قەشقەر تىلى» بىلەن يېزىلغان دەپ مۇنداق ئەسكەرتىلگەن:

        تامامى ئەرۇر كاشغەر تىلى،

        ئايتمىش ئەدىب رىققاتى دىل بىلەن.

        ئەگەر بىلسە كاشغەر تىلىن ھەر كىشى،

        بىلور ئول ئەدىبنىڭ نەكىم ئايمىش.

        دېمەك داستاننىڭ تىلى مۇشۇ ئىلاۋىدە كۆرسىتىلىنىدەك «قەشقەر تىلى» دۇر. بۇ قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئەدەبىي تىلنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. يەنى «قۇتادغۇبىلىك» تىلىغا قارىغاندا، ئەرەب پارىسچە سۆزلەرنىڭ بىر قەدەر كۆپەيگەنلىكى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ، شۇڭا بۇ ئەسەر تىلىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىن چاغاتاي تىلىغا كۆچىۋاتقان ئۆتكۈنچى تىلىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز. شۇڭا بۇ ئەسەر ئىدىيىۋى خاھىش، بەدىئىي ئۇسلۇب، تىل ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.

        داستاندا قاراخانىيلار ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمىي ئەنئەنىسى داۋاملاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاپتور ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي ۋە پەلسەپەۋى كۆز قاراشلىرىنى، ئىلىم-مەرىپەتنىڭ ئەھمىيىتىنى، تىلغا پىششىق بولۇشنىڭ پايدىسىنى ئوبرازلىق شېئىرىي تىل بىلەن بايان قىلىدۇ. ئادىللىق، مەردلىك، كەمتەرلىك ئاداۋەت ساقلىماسلىققا ئوخشاش ئىنسانىي خىسلەتلەرگە قىزغىن مەدھىيە ئوقۇيدۇ. بىلىمسىزلىك، جاھىللىق، خەسسىلىك، ئاچكۆزلۈك، تەكەببۇرلۇق قاتارلىق ئىللەتلەرنى سۆكىدىغان پىكىرلىرىنى شېئىرىي يول بىلەن ئوبرازلىق مىسرالار ئارقىلىق بايان قىلغان. ئاپتورنىڭ بۇ خىل قاراشلىرى ئەينى زامان ئۈچۈن خېلى ئىلغارلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بەزى پىكىرلەر ھازىرمۇ رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. «ئەتەبەتۇل ھەققايىق» نىڭ ھازىرغىچە ئۈچ خىل قوليازما نۇسخىسى مەلۇم بولغان بولۇپ، بىرىنچىسى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى (A نۇسخا) بولۇپ 1444- يىلى زەيتۇل ئابىدىن، سۇلتان بەخت، ھۈسەيىن قاتارلىقلار تەرىپىدىن سەمەر قەندتە كۆچۈرۈلگەن. ھازىر ئىستانبۇلدىكى ئاياسوفىيا مۇزېيىدا ساقلانماقتا. ئىككىنچىسى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئەرەب يېزىقىدا قۇرمۇقۇر پاراللېل قىلىپ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى(B نۇسخا) بولۇپ، 1480- يىلى ئابدۇلراززاق قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا كۆچۈرۈلگەن بۇ نۇسخىمۇ ئىستانبۇلدىكى ئاياسوفىيا كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا. ئۈچىنچىسى، يالغۇز ئەرەب يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى (C نۇسخا) بولۇپ، بۇمۇ ئىستانبۇلدا كۆچۈرۈلگەن، بۇ نۇسخىنىڭ كۆچۈرۈلگەن ۋاقتى ۋە كۆچۈرگۈچىسى ئېنىق ئەمەس. بۇ نۇسخا ھازىر ئىستانبۇلدىكى توپكاپى ساراي (Topkapi-Sarayi) كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا. تارىخىي مەلۇماتلاردىن قارىغاندا بۇ كىتابنى 1- جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدە تۈركىيىلىك ئالىم نەجىب ئاسىم ئىستانبۇلدىكى ئايا سوفىيا (Ayasofya) مەدرىسىنىڭ كىتابخانىسىدا «موڭغۇل تىلىدىكى رىسالىلەر توپلىمى» دېگەن نام ئاستىدىكى مەجمۇئەلەر ئىچىدىن تاپقان. ئەسەر قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغانىكەن. نەجىپ ئالىسىم 1915- يىلى بۇ مەشھۇر ئۇيغۇر پادىكارلىقىنى نەشر قىلدۇرۇپ، يورۇق دۇنياغا چىقارغان. 1951- يىلى پروفېسسور رەشىت رەھمەتى ئارات قايتا ئىلمىي نەشرىگە تەييارلاپ تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان. 1981- يىلى پروفېسسور خەمىت تۆمۈر، پروفېسسور تۇرسۇن ئايۇپلار، تۈركىيىلىك پروفېسسور رەشىت رەھمەتى ئاراتنىڭ تەييارلىشى بىلەن تۈركىيە ئاتەش نەشرىياتى تەرىپىدىن 1951- يىلى ئىستانبولدىكى نەشر قىلىنغان نەشرىدىكى قوليازما نۇسخىسىغا ئاساسەن سېلىشتۇرۇپ توغرىلاش ئاساسىدا بېكىتكەن تېكىستى ۋە تۈركچە تەرجىمىسىدىن پايدىلىنىپ، كونا ئۇيغۇر يېزىقىدا ترانسكرىپيىلەشتۈرۈپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ مىللەتلەر نەشرىياتى (بېيجىڭ) تەرىپىدىن نەشر قىلدۇرۇپ، كەڭ ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنى ئۆزىنىڭ نەچچە يۈز يىللار بۇرۇن ئۆتكەن قىممەتلىك يادىكارلىقى بىلەن كۆرۈشتۈردى.

    رەتلەپ يوللىغۇچى:ئەلى ئەمەت

    مەنبە: شىنجاڭ پەلسەپە -ئىجتىمائىي پەنلەر تورى

    分享到: