ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-26

    قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئىسلام مەدەنىيىتى (2) - [تارىخ پەلسەپە تەتقىقاتى]

       رىشات گەنج بارتولد ئەسەرلىرىدىن نەقىل ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «… تابغاچ خان ئىبىراھىم زامانىسىدا بۇخاراغا قازى بولغان ئىمام فەخرۇددىن ھاسان ئەل مەرغىلاننىڭ «قازى-خان» دەپ داڭق چىقارغانلىقى بىزگە مەلۇم»، «يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىگە قۇتادغۇبىلىك» تەقدىم قىلىنغان شەرقىي قاراخانىيلار ھۆكۈمدارلىرىدىن تابغاچ بۇغراخان ئەبۇ ئەلى ھەسەن زامانىسىدا، شەيخ ئىمام ئەبۇ بەكر مۇھەممەد بىننى ئابدۇسەمەت بىننى ئىسمايىل ئەل بۇخارى ئىسىملىك بىرىنىڭ يەكەن قازىسى بولغانلىقى ۋە ئەسلى نۇسخىسى بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە ساقلىنىپ قالغان بىر شەرىئەت داۋاسىغا ھۆكۈم چىقارغانلىقى مەلۇم» بۇ دەۋاغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا تۈزۈلگەن ھۆججەتتە ئىمام ئەبۇ بەكر مۇھەممەد ھەم يەركەن ئەتراپىدىكى يەرلەرنىڭ قازىسى ۋە ھاكىمى دەپ تىلغا ئېلىنغان. بۇ مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەيلى جازا بېرىش قازىلىرى، مەيلى ئومۇمىي مەھكىمە قازىلىرى بولسۇن مەلۇم شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى يەرلەرنىڭ دەۋالىرىنى سوراش ئۈچۈن تەيىنلىنەتتى. شۇڭلاشقا قازىلار، مەركەزنىڭ خىزمەتچىلىرى بولۇش بىلەن بىللە يەرلىك تەشكىلاتلاردىمۇ ئورۇن ئالغانىدى.②

        شەرىئەتنى ئىجرا قىلغۇچى ئەمەلدار ئەرەب تىلىدا «قازى» دەپ ئاتىلىدۇ. مەھكىمە شەرىئىي خادىملىرى بىرنەچچە خىل بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىلەر1) قازى كالان (قازى قۇزات دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇلار مەھكىمە شەرئىتىدە ئەڭ چوڭ ھوقۇقدار بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك مەھكىمە شەرىئىي خادىملىرىنى تەيىنلەش، قالدۇرۇش، ئۇلارنىڭ ھۆكۈم، پەتىۋالىرىنى رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. 2) ئەلەم (ئەلەم ئاخۇنۇم دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئۇلار قازى كالاننىڭ ئورۇنباسارلىرى. 3) مۇپتى، ئۇلار مەھكىمە شەرىىڭ باشلىقى، ھۆكۈم چىقارغۇچى. 4) قازى سوراقچى 5) قازى رەئىس، ئۇلار مەھكىمە شەريئنىڭ ئىجرئىيە تەپتىشى. «قازى» مەھكىمە شەرىئىنىڭ سوتچىسى بولۇپ، ئادەتتە قاراخانىلارنىڭ ھۆكۈمەت ئورنى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن. ئۇ، سوت ئىشلىرىنى بېجىرگەندىن باشقا، يەنە ۋەخپە يەر-مۈلۈك، يېتىم-يېسىرلارنىڭ مال-مۈلكىنى باشقۇرغا، ئىگە-چاقسىز ئاياللارنىڭ نىكاھ توختامىنى تۈزگەن. شىنجاڭنىڭ تارىخىدىن ئالغاندا شەرىئەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشى كۆچمەن چارۋىچىلىق رايونلىرىغا قارىغاندا دېھقانچىلىق رايونلىرىدا ياخشى بولغان. مەسىلەن قېرىنداش مىللەتلەردىن قازاق خەلقى شەرىئەت پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ھەربىر «يۈز» (ئۇلى يۈز، ئوتتۇرا يۈز، كىچىك يۈز) لەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مىللىي قانۇنىرى بولغان مەسىلەن «قاسىمخاننىڭ قاشقا زاڭى»، «ئېسىمخاننىڭ ئەسكى زاڭى» دېگەندەك. بۇنىڭدىن مەلۇمكى تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە چارۋىچى مۇسۇلمانلار ئەينى دەۋردە يەنىلا ئەنئەنىۋى قەبىلە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلگەن.

        قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە ئىسلام دىنى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تۇرمۇشقىمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەن. بار تولىد: «قاراخانىيلار دۆلىتىدە، بارلىق كۆچمەن چارۋىچى ئىمپېرىيىدىكىگە ئوخشاش، ئۇرۇقداشلىق مۈلۈكچىلىك قارشى خۇسۇسىي قانۇن مۇناسىۋىتىدىن دۆلەت قانۇنى ساھەسىگە بۇرالغان.»②دەپ كۆرسەتكەن. قاراخانىيلار سۇلالىسىدا ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى قىلىنغاندىن كېيىن شەرىئەتنىڭ يولغا قويۇلۇشى بۇ بۇرۇلۇش جەريانىنىڭ ئورۇندۇلىشىنى تېزلەتكەن.

        قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە بۇخانلىقنىڭ پۈتۈن جەنۇبىي شىنجاڭ، يەتتە سۇ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ بىر تېررىتورىيىسىدە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتى، شەھەرلەردىكى يەرلىك سانائەت ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ گۈللىنىشى، شەھەرلەر ئارا بولغان ئىقتىسادىي-سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، شەھەرلەرنى مەركەز قىلغان فېئوداللىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر راۋاجلاندى ۋە بۇنداق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرگە ماس ھالدا، قەشقەر، بالاساغۇن، سەمەرقەندكە ئوخشاش چوڭ شەھەرلەرنى مەركەز قىلغان شەھەر مەدەنىيىتى يۈكسىلىشكە باشلىغان. بۇنداق بىر ئىجتىمائىي يۈكسىلىش ئەينى تېررىتورىيىدە بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى بىر دەۋرگە كىرىشىگە مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. چۈنكى ئىجتىمائىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى تەبىئىي ھالدا مەدەنىيەت ئىلىم-پەن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

        بۇ خانلىقنىڭ ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشى پۈتۈن ئىجتىمائىي ھايات، جۈملىدىن مەدەنىيەت، ئەدەبىيات-سەنئەتنىمۇ ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام پەلسەپىسى تەسىرى ئاستىغا ئالدى. نەتىجىدە بۇخانلىق تەۋەسىدە ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام پەلسەپىنىڭ رامكىسى ھەمدە ئەرەب-پارىس مەدەنىيىتىنىڭ مەلۇم ئىجابىي تەسىرى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بارلىققا كەلدى.

        بۇ دەۋىردىكى مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى قاراخانىيلار سۇلالىسى تەۋەلىكىدىكى تىل- يېزىقنىڭ كۆپ خىللىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇ مەييە خانلىقىنىڭ خانى ئابدۇمالىك (مىلادى 685 - 705- يىللار) بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئەرەب تىلىنى «مۇقەددەس تىل» دەپ جاكارلىغان، ئۇنى رەسمىي دۆلەت تىلى قىلىپ بەلگىلىگەن. شۇندىن باشلاپ ئەرەب يېزىقى ئىمپېرىيە تەۋەسىدە كەڭ ئومۇملاشقان. دىن، سىياسەت، ئەدەبىيات، تىلشۇناسلىققا دائىر ئەسەرلەر ئەرەب تىلىدا يېزىلىشى كېرەك ئىدى. خەلپىلىكنىڭ مەركەزلىرىدە ئەرەب تىلى ئالىي ھاكىمىيەت تىلى بولغان. ھەم ئىلىم پەن تىلىمۇ قىلىنغان.

        ئەرەب تىلىنىڭ ئوتتۇرا-مەركىزىي ئاسىيا رايونلىرىغا تەسىر قىلىشىنى مۇنداق بىرنەچچە نۇقتىدىن تەھلىل قىلىشىمىزغا بولىدۇ:

        1) ئەرەب تىلى ئىسلام دىنىنىڭ «مۇقەددەس تىلى» قىلىنغان، شۇڭا مەيلى دىن تارقىتىش، «قۇرئان كەرىم» نى ئوقۇش، ناماز-ئىبادەت، ئىمامەتچىلىك قىلىشتىن تارتىپ، ھەرخىل دىنىي ۋە دىن تۈسىنى ئالغان پائالىيەتلەردە پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئەرەب تىلى قوللىنىلىدۇ.

        2) ئەرەب ھۆكۈمرانلىرى دىن بىلەن مەمۇرىيەت بىرلەشكە تۈزۈمني يولغا قويغاچقا، دۆلەت ھاكىمىيىتى نامىدىن ھۆججەت تارقىتىش، باج يىغىش، ئىلىم-مەرىپەت پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بېرىشتا ئەرەب تىلىنى قوللانغان. شۇڭا ئەرەب تىلىنى بىلمىگەنلەر ئىسلام ھۆكۈمرانلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇندىيالمايتتى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلىرىدىكى ئېھتىياجىغا ماسلىشالمايتتى.

        3) ئىلىم ئەھلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر ئۇلار ئەرەب تىلىنى بىلمىسە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خىزمەتكە ئورۇنلىشالمايتتى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالاتتى.

        4) ئەرەب تىلى ئەينى دەۋر مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئورتاق تىلىگە ئايلانغاچقا شۇ دەۋردىكى ئالىم ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر ئەرەب تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئەگەر ئۇلار ئەرەب تىلىدا ئىجادىيەت ئېلىپ بارمىسا، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا كەڭ تارقىلالمايتتى، كەڭ كىتابخانىلار قوشۇنىغا ئېرىشەلمەيتتى، شۇنىڭدەك ئۆز ئاتىقىنى چىقىرالمايتتى، ئابروي قازىنىش شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈشى مۇمكىن بولمايتتى. شۇڭا ئىران ۋە ئوتتۇرا مەركىزىي ئاسىيانىڭ دەسلەپكى چاغدىكى مۇسۇلمان ئالىملىرى ئەرەب تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. شۇنىڭ بىلەن ئىلىم ساھەسىدە ئەرەب تىلى قىزغىنلىقى قوزغۇلۇپ، ئەرەب تىلىنىڭ تەسىرى كېڭەيگەن. ئىلىم ساھەسدىكى ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىشى كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ بۇ تىلنى ئۆگىنىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. «ئەرەب تىلى ئىستېلا قىلىنغان مىللەتلەرنىڭ تىلى ئۈستىدىن غالىپ كېلىش جەريانىدا، ئىستېلا قىلىنغان مىللەتلەر ناھايىتى زور قارشىلىق كۆرسەتكەن، ئۇلار ھەتتا سىياسىي ساداقىتىدىن، دىنىي ساداقىتىدىن ۋاز كېچىشكە رازى بولغانكى، ئۆزى مىللىتىنىڭ تىلىدىن ۋاز كەچمىگەن. دېگەنىدى. بۇ ئەھۋالنى دۇنيا تارىخىدىكى ئومۇمىي قانۇنىيەت دېيىشكە بولىدۇ. ئىسلام دۇنياسىدىكى يەنى ئوتتۇرا مەركىزىي ئاسىيادىكى پارىس ۋە تۈركىي مىللەتلەرمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. شۇڭا ستېلا قىلىنغان رايونلاردا بولسۇن ياكى ئەرەبلەرنىڭ ئات تۇيىقى تەگمىگەن، ئەمما ئۇنىڭ تەسىرى بىلەن ئىسلام دىنى قوبۇل قىلغان رايونلاردا بولسۇن ئەرەب تىلى پەقەت شەھەرلەردە، ئىلىم ساھەسىدە ۋە ھەرقايسى مىللەتنىڭ يۇقىرى تەبىقىلىرى ئارىسىلا بىرقەدەر ئومۇملاشقان، يېزا ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىدا بولسا ئەھۋال پۈتۈنلەي باشقىچە بولغان. كېيىنكى مەزگىللەردە ئەرەب ھۆكۈمرانلىقىنىڭ زاۋال تېپىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي ۋە جەنۇبىي قىسىملىرىدا پارىس تىلى ئەدەبىي تىل بولۇشقا باشلىغان، پارىس تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللىي دۆلەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ پارىس تىلى بارا-بارا ئەرەب تىىنى چەتكە قېقىپ بۇ دۆلەتلەرنىڭ رەسمىي ھۆكۈمەت، تىلى ۋە ئەدەبىي تىلىغا ئايلانغان. ھەتتا مەدرىسلەرنىڭ ئوقۇش-ئوقۇتۇش ئىشلىرىدىمۇ پارىس تىلى مەلۇم ئورۇنغا ئىگە بولغان. دەسلەپتە ئىسلام دىنى «قۇرئان» تىل-يېزىقىنى مۇقەددەس ۋە دەخلىسىز دەپ، دىن ئىېتقادچىلىرىنىڭ ئۇنى ئۆز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىشىغا يول قويماي، تامامەن ئەرەب تىل - يېزىقىدا ئوقۇشنى شەرت قىلغانلىقتىن، مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئاز-تولا ئەرە تىلى بىلىمىگە ئىگە بولۇش ئېھتىياجى تۇغۇلغان. ئەنە شۇ سەۋەبتىن ئەرەب تىلىنىڭ تەسىرى ئۇزۇن ساقلانغانئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندىمۇ قەشقەر رايونىدا ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى، قانۇن ھۆكۈملىرىدە يەنىلا ئەرەبچە سۆز ئىبارىلەر قوللىنىلغان.

        بۇ مەزگىلدە يەنە كونا ئۇيغۇر يېزىقى ئىسلاھ قىلىنىپ ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى بىر خىل يېڭى يېزىق «خاقانىيە يېزىقى» بارلىققا كېلىپ، بۇ يېزىقتا كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر بارلىققا كەلگەن. بۇ يېزىق خېلى ئومۇمىيلىشىپ قاراخانىيلار سۇلالىسى تېررىتورىيىسىنىڭ سىرتىدىكى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدىمۇ «خاقانىيە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى» دا يېزىش ئەنئەنىگە ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن ئەرەب يېزىقى تەدرىجىي ھالدا ئۇيغۇر يېزىقى بولۇپ قالدى ۋە كۆپ قېتىم ئىسلاھ قىلىنىپ ئۇيغۇر ئىملا قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلدى. ئەرەب يېزىقى بىلەن بىللە، بىر قىسىم ئەرەبچە سۆزلۈكلەر ۋە مەلۇم سالماقتىكى پارىس سۆزلۈكلىرى ئۇيغۇر تىلى لوغەت تەركىبىگە كىرىپ كەلدى. ئەرەب يېزىقى شەكلىدە ئۆزگەرتىلگەن ئۇيغۇر خەتتاتلىقى سەنئىتىمۇ يېڭىچە شەكىل نۇسخىلار بويىچە نامايەن بولدى. مەھمۇد قەشقەرى مۇنداق دېگەنىدى: «تۈركىي تىلى بىلەن ئەرەبتىلى بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتتەك تەڭ چېپىشىپ كېلىۋاتاتتى» بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، تىل-يېزىق جەھەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ مېغىزىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

    داۋامى بار

    分享到: