ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-26

    قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئىسلام مەدەنىيىتى (4) - [تارىخ پەلسەپە تەتقىقاتى]

     قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئىسلام مەدەنىيىتى (4)

        «تۈركىي تىللار دىۋانى» غا يەنە ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىگە ئېتقاد قىلىشتىن ئىلگىرىكى ئېتقادىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىپتىدائىي ئېتقادى، مانى دىنى، بۇددا دىنىغا ئائىت ئاتالغۇلار ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قوشاقلار، ماقال-تەمسىللەرمۇ كىرگۈزۈلگەن. بۇ مەنبەلەر بىزنىڭ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتقاد دۇنيا قاراشلىرى ھەققىدە قىممەتلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى. قىسقىسى Ⅹ-Ⅺ ئەسىرلەردە ئىسلام دىنى ئاساسىدىكى ئەرەب مەدەنىيىتى (ئەرەب يېزىقى مەەدنىيىتى) بارغانسېرى ئوتتۇرا مەركىزىي ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىدېئولوگىيە ۋە مەدەنىيەت ساھەسىگە تەسىر قىلىۋاتقان مەزگىلدە تۈركىي تىللار مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇشۇنداق بىر قامۇسىي ئەسەرنىڭ ئىجاد قىلىنىشى شۇبھىسىزكى بۇ خىل مەدەنىيەتكە قوشۇلغان زور تۆھپە ۋە ئۇنى يۈكسەلدۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. ھازىر بىز ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ ئۇ دەۋردىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتكەنلىكىنى سەزدۇق.

        يۈسۈپ خاس ھاجىپ

        يۈسۈپ خاس ھاجىپ قارا خانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىرى، بۈيۈك ئالىم ۋە پەيلاسوپ، دۆلەت ئەربابى. ئۇ ئەينى دەۋردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا «قۇتاغۇبىلىك» دىن ئىبارەت ئىنسىكلوپېدىيىلىك داستانىنى ئەكىرىپ، كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا يۈكسەك بىر مۇنار تىكلىدى.

        يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەخمىنەن 1019- ياكى 1020- يىللىرى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئىلگىرىكى پايتەختى ۋە ئاساسلىق شەھەرلىرىدىن بولغان بالاساغۇندا تۇغۇلغان. كېيىن ئۆز ئەسىرىنى تاماملاش مەقسىتىدە كاشغەرگە كەلگەن. مەشھۇر ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھاياتىدا قاراخانىيلارنىڭ ئىنتايىن گۈللەنگەن دەۋرىنى ۋە كېيىن بىر مەزگىل زەيىپلەشكەن دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ياشلىق دەۋرىدىكى يېتىلىش جەريانى ۋە قانداق بىلىم ئالغانلىقى بىزگە مەلۇم ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭ ئەسىرى ئارقىلىق شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىزگە بولىدۇكى، ئۇ ياش ۋاقتىدا ئوبدان تەربىيە كۆرگەن، ئالىي پەزىلەتلىك، ئىمان-ئېتقادلىق كىشى، مول بىلىملىك چوڭقۇر پىكىرلىك، ئەقىل-پاراسەتتە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان يۈكسەك كامالەت تاپقان ئالىم ئىدى. ئۇ ئەينى دەۋر تۈركىي تىللىرىنىڭ بارلىق شىبۋىلىرىنى پىششىق بىلىپلا قالماي يەنە ئەرەب، پارىس تىللىرىنىمۇ پىششىق بىلەتتى، يەنە ئەينى دەۋردە ئىراننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا قوللىنىلغان سوغدى تىلىنىمۇ بىلەتتى. ئاپتور «قۇتادغۇبىلىك» نى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن يۇرتىدىن ئايرىلىپ، بىرقانچە جايلارغا ئىلىم تەھسىل قىلىشقا ھەم ساياھەتكە بارغان، بۇ جەرياندا نۇرغۇن خام ماتېرىيال توپلاپ كېيىنكى ئىجادىيىتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس تىكلىگەن. ئۇ ئۆز ئەسىرىنى بالا ساغۇندىكى ۋاقتىدىلا يېزىشقا باشلىغان. تەخمىنەن ھىجىرىيىنىڭ 462- يىلى (مىلادىيە 1069 - 1070- يىللىرى) جەمئىي 18 ئايدا قەشقەردە يېزىپ تاماملىغان. كېيىن بۇ كاتتا ئەسىرىنى قاراخانىيلارنىڭ خاقانى تاۋغاچ بۇغراخان ئەبۇ ئەلى ھەسەن بىن سۇلايمانغا تەقدىم قىلغان. ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان بۇ كىتابنىڭ قەدىر-قىممىتىگە يېتىپ، مۇئەللىپنىڭ بىلىم ۋە ئەقىل-پاراسىتىگە قايىل بولۇپ، ئۇنىڭغا «خاس ھاجىپ» دېگەن ئۇنىۋاننى بەرگەن. ھەمدە ئۇنى ئۆزىگە ياردەمچى بولۇشقا تەكلىپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئالىمنىڭ كېيىنكى ھاياتى قەشقەر ئوردىسىدا ئۆتكەن پاك دانىشمەن سەردار ئىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز ئەسىرىنى تاماملىغان ۋە ئوردىدا «خاس ھاجىپ» بولغان يىللاردىن قارىغاندا ئۇنىڭ ئۆز سۆزى بىلەن ئېيتقاندا «چېچەكلىرى خازان بولغان، قېيىندەك (قاتتىق)، ئوقتەك تۈز قەددى يادەك ئىگىلگەن، قۇزغۇندەك قارا چاچلىرى ئاققۇدەك ئاقاغارن» مەزگىل ئىدى. يەنى «ئارىپ» لىق دەرىجىسىگە يەتكەن مەزگىلى ئىدى. شۇڭا ئۆزىنىڭ ۋەتەن خەلقىگە بولغان مەسئۇلىيىتى بىلەن ئۇزۇن يىللىق تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىشنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ياراتقان «قۇتادغۇبىلىك» داستانى مەيلى ھەجىمنىڭ چوڭلۇقى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، ئوتتۇرىغا قويوغان ئىدىيىۋى پىكىرىنىڭ سالمىقى ۋە ئەھمىيىتى جەھەتتىن بولسۇن ياكى بەدىئىي جەھەتتىكى ئىقتىدارى، ئىشلەتكەن تىلىنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئوبرازلىقى جەھەتتىن بولسۇن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى يەنە بىر يېڭى يۈكسەك پەللىسىنى نامايىش قىلدى.

        شائىر ياشىغان دەۋردىن ئالغاندا بۈيۈك قاراخانىيلار سۇلالىسىدا مەركەزلەشكەن ھاكىمىيەتنىڭ ئەۋزەللىكى بىلەن ئۇنىڭ پارچىلىنىشى خەۋىپى ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەتنى ئىپادىلىگۈچى تارىخىي ھادىسىلەر يۈز بەرگەن بولۇپ، يۈسۈپ قادىرخان ئەھمەد تۇغانخاننى قەشقەردىن ھەيدىۋەتكەندىن كېيىن كۆرۈلۈشكە باشلىغان ئەلى نەسەيىدىكلەر بىلەن ھەسەن جەمەتىدىكىلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت يىل سايىن كەسكىنلىشىپ ھىجىرىيىنىڭ 433- يىلى (مىلادىيە 1041-1042- يىللار) ھەسەن نەسەبىدىكىلەردىن ناسىر ئىلىكىغاننىڭ ئوغلى ئېلى تېكىننىڭ تابغاچ بۇغراخان دەپ ئاتىشى بىلەن قاراخانىيلار سۇلالىسى شەرق ۋە غەرب ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. غەربىي قاراخانىيلار سۇلالىسىدا ئىبىراھىم (ئېلى تېكىن) دەۋرىدىن باشلاپ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە خېلى يۈكسۈلۈشلەر كۆرۈلگەن بولسىمۇ ئەمما دەھرىي ھۆكۈمرانلار بىلەن دىنىي يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ھاكىمىيەت بىلەن دىنىي ھوقۇق جەھەتتىكى زىدىيىتى ناھايىتى مۇرەككەپلىشىپ، توقۇنۇش ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كەتكەنىدى. شۇڭا ئىلى تېكىن ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە ئۇ يارلىق چۈشۈرۈپ داڭلىق شەيخ - ئىمام ئوبۇل ھاشىم سەمەر قەنتنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان. مىلادىيە 1068- يىلى ئېلى تېكىن قازا قىلىپ چوڭ ئوغلى ناسىر تەختكە چىققان مەزگىلدە ئۇنىڭ ئىنىسى ئاكىسىغا قارشى چىقىپ ئۇرۇش پارتىلىغان، ئۇرۇشتا ناسىر غەلبە قىلغا بولسىمۇ، بۇ مەزگىلدە ھاكىمىيەت بىلەن دىنىي يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش يەنىلا كەشكىنلەشكەن. ئىسلام دىنى تەشكىلاتلىرىنىڭ بەزى يۇقىرى تەبىقە كۈچلىرى دىنىي قائىدىلەر بىلەن ئۇنى چەكلىمەكچى بولغان. مىلادىيە 1069- يىلى ناسىر بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بۇخارالىق ئىمام ئەبۇ ئىبىراھىم ئىسمائىلنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان. بۇ مەزگىلدە سالجۇقىيلار سۇلالىسى غەربىي قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى دىنىي يۇقىرى تەبىقىلەرنى ھىمايە قىلىپ ماۋرا ئۇننەھىر رايونىغا ھۇجۇم قىلغان. بۇ جەرياندا سەمەرقەندىدىكى دىنى يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر سالۇق سۇلتانى مالىكشاھنى قوللاپ غەربىي قاراخانىيلار خانلىقىغا خايىنلىق قىلدى. 1089- يىلى مالىكشاھ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، بۇخارا بىلەن سەمەر قەنتنى بېسىۋالدى. ئەنە شۇ سەۋەبلەردىن غەربىي قاراخانىيلار سۇلالىسى كۈندىن-كۈنگە زەيىپلىشىپ سالجۇقىيلار سۇلتانلىقىنىڭ قورچىقىغا ئايلاندى.

        شەرقىي قاراخانىيلار تەۋەسىدە بولسا يۈسۈپ قادىرخان (1024 - 1032- يىللار) دىن كېيىن كۆپ قېتىم خاقان ئالماشقان بولۇپ، جەمئىيەت خېلىلا داۋالغۇش ئىچىدە ئىدى. يۈسۈپ قادىرخاننىڭ چوڭ ئوغلى بۇغرا تېكىن سۇلايمان ئارسلانخان (1032 - 1057- يىللار تەخىتتە ئولتۇرغان) دەۋرىدە خانلىق تېررىتورىيىسىدىكى كۆچمەنلەرنىڭ دىنىي ئېتقادىمۇ ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت ئىدى. ئىبنى ئاتھېرى «تارىخىي ئومۇمىيە» سىدە خاتىرىلىشىچە: مىلادىيە 1043- يىلى 9 - 10- ئايلاردا 10 مىڭ چېدىر (كېگىز ئۆي) لىق تۈرك كۆچمەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان. ئۇلار ئىلگىرى بالاساغۇن ۋە قەشقەرنىڭ چېتىدىكى مۇسۇلمان شەھەرلىرىگە كېچىلىرى بېسىپ كىرىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، كىشىلەرگە ئارام بەرمىگەنىكەن. ئۇلار قۇربان ھېيت كۈنى 20 مىڭ قوي ئەكىلىپ قۇربانلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى تۈگىگەن. ئۇلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى جايلارغا تارقىتىۋېتىلگەن. تۈركلەردىن ئىسلام دىنىگە كىرمىەنلىرى پەقەت تارلار بىلەن قىتانلار بولۇپ، ئۇلار چىن تەۋەسىدە ئىدى. يەنە شۇ «تارىخىي ئومۇمىيە» دە خاتىرىلىنىشىچە، مىلادىيە 1046 - 1047- يىلى ئارىلىقىدا «سانسىزلىغان تۈركلەر تىبەتتىن ئايرىلىپ، بالاساغۇن ھۆكۈمرانى ئارسلانخان تەرەپكە كەلگەن. ئۇ پۇقرالارغا ياخشى مۇئامىلە قىلغان بولغاچقا، بۇ ئادەملەر ئۇنىڭ دۆلىتىگە قارشى ھەرىكەتتە بولۇپ باقمىغان، ئۇلار ئاخىرقى ھېسابتا شۇ يەردە تۇرۇپ قالغان. ئارسلانخان ئۇلار تۇرغان يەرلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلارنى ئىسلام دىنىگە كىرىشكە دەۋەت قىلغان، ئۇلار ئۇنىمىغان، لېكىن قېچىپ كەتمىگەن. غەربىي لياۋ رايونىدىن كەلگەن تۈركلەردىن 16 مىڭ چېدىرلىق ئاھالە قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ شەرقىي چېگرىسىغا ئەۋەتىلىپ، چارۋا بېقىش ۋە تاغ ئىچىدىكى ئېغىزنى ساقلاشقا قويۇلغان ھەم ئۇلارنى قاتتىق چەكلەش چارىسىنى قوللانغان. ئۇلار كارۋانلارنىڭ يول باشلىشى بىلەن بالاساغۇنغا كۆچۈپ بارغان ۋە خانلىقنىڭ ھۆكۈمرانى بىلەن قارشلاشقان، كېيىنكى چاغلاردا يوللۇغ تاشىن غەربكە يۈرۈش قىلغاندا، ئۇلار غەربىي لياۋ ئىستېلاچىلىرىغا ئىچكى جەھەتتىن ماسلاشقۇچى كۈچ بولۇپ قالغان②.

        دېمەك شەرقىي قاراخانىيلار سۇلالىسىدىمۇ دىنىي ئېتقاد جەھەتتىكى زىددىيەتلەر ھەمدە ھاكىمىيەت ساھەسىدىكى خاقانلارنىڭ كۆپ قېتىم ئالمىشىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىچكى نىزالار سەۋەبىدىن خانلىق نورمال تەرتىپ ۋە قانۇن ئىزىدىن چەتنىگەن، ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە ئىدى. ئىدىراكنىڭ ئورنىنى ئەسەبىيلىك، قانۇننىڭ ئورنىنى قاراملىق باسقانىدى. شۇڭا «قۇتادغۇبىلىك» تە ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىيىلەرنىڭ مەركىزىدە دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش ئىدىيىسى ئالغا سۈرۈلگەن. ۋەتەن ھەم خەلقىگە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قارايدىغان شائىر جەمئىيەتنى تۈزەش، ئىسلاھ قىلىش، باياشات، گۈزەل، ئىناق بىر جەمئىيەت قۇرۇشقا رىقابەتكار بولۇش ئىستېگىدە كۆپ ئويلىنىپ، يۇقىرىدا خاقانلاردىن تارتىپ پۇقرالارغىچە ماس كېلىدىغان ھەم رېئاللىققا ئۇيغۇن ھەم يۈكسەك غايىۋى پىكىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نادىر ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك» نى يېزىپ بۇغراخان ئىبنى ھەسەنگە تەقدىم قىلىپ ئۆزىنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئورۇنلىغان.

    داۋامى بار

    分享到: