ھايۋاناتلاردا ھېسىيات يوق دەپ كىم دەيدۇ؟! قارلىغاچنىڭ ھايات-ماماتلىق مۇھەببىتى!
بۇ بىر ئاددى، ئەمما تەسىرلىك ھېكايە. ئۇلار كۆكتە بەسلىشىپ ئۇچۇپ، ئىككى كىشىلىك دۇنيانىڭ ساپ ھاۋاسىدىن ئەركىن نەپەس ئېلىۋاتقاندا، چىشى قارلىغاچ تاشيولدىكى كۆۋرۈك ئاستىدىن ئەگىپ ئۇچماقچى بولىدۇ، ئەمما دەل مۇشۇ چاغدا تراگىدىيە يۈز بېرىدۇ، ئۇچقاندەك كېلىۋاتقان بىر يۈك ماشىنىسى بۇ قارلىغاچنى سوقۇۋېتىدۇ…
چىشى قارلىغاچ يارىلاندى، ئەھۋالى ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى. ئەركەك قارلىغاچ ئۇنىڭغا يەيدىغان نەرسە تېپىپ كەلدى، بۇ ئارقىلىق ئۇنى ئۇخلاپ قالماسلىققا ئۈندىمەكچىدەك تۇراتتى
ئۇ چىشى قارلىغاچنى يەنە بىر قېتىم ئوزۇقلاندۇرۇش ئۈچۈن، يېمەكلىك ئىزدەپ كەتتى، بىراق قايتىپ كەلگەندە، چىشى قارلىغاچ ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقان ئىدى
ئۇ چىشى قارلىغاچنى مىدىرلىتىپ ئويغاتماقچى بولدى، ئەمما بۇ تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ھەممىسى بىكار ئىدى
ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ تۆت ئەتراپقا قارايتى، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، بىراق رەھىمسىز رېئاللىق ئالدىدا، ئۇ قىلچە ئامالسىز ئىدى
ئۇ سۆيگەن يارىنىڭ ئۆزىدىن ئايرىلىپ مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەنلىكىنى بايقىغان چاغدا، ئەلەم بىلەن ۋاقىرىۋەتتى…
ھەممە نەرسە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ناتونۇش كۆرۈنەتتى، بۇدۇنياغا نىسبەتەن، ئۇنىڭغا يەنە بىر تونۇش پۇراق قالمىغان ئىدى
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، فوتوگراف بۇ بىر يۈرۈش سۈرەتلەرنى فرانسىيەدىكى بىر چوڭ گېزىتكە سېتىپ بەرگەن، ئەمما سۈرەتلەر ئۈچۈن پەقەت ئىنتايىن ئاز ساندا ھەق ئالغان. سۈرەتلەر بېسىلغان كۈنىدىكى شۇ كۈنلۈك گېزىت پاك-پاكىز سېتىلىپ تۈگىگەن.
ھايۋانلاردا ھېسىيات يوق، ئەقىلسىز، ھېسىياتسىز دېگەن قارىشىڭىز ھېلىھەم بارمۇ؟
ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇشۇنداق بىر قىسمەت بېشىمىزغا كەلسە، مۇشۇ قۇشقاچچىلىك بولالارمىزمۇ؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: مۇھەببەت,ھېسىيات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,747 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 04-ئاينىڭ 11-كۈنى
- يازما مەنزىلى: love-birds.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 70 ياشلىق بوۋاي ئەسلىدە ئۈچ نومۇرلۇق توپچىكەن ئەمەسمۇ؟! NBA دىكىلەر بېسىم ھېس قىلىۋېتىپتۇدەك!!
- كېيىنكى يازما > سىز ئويناپ باقمىغان ئاجايىپ موگو ئويۇنى، ئويناپ تۈگىتەلىگىنىڭىزنى مەن بىر كۆرەي!!!
گاھىي چاغلاردا ئىنسانلار ھايۋانچىلىكمۇ بولالمايدۇ…
باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش بىزگە بەلگىلەنگەن، بىراق ئەمەل قىلىشتا بەلكىم ئۇچار قۇش، ھايۋاناتلارغا تەڭ كىلىپ بولالماسلىقىمىز مومكىن.
كىچىك ۋاقتىمدا ئاققۇنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغان ئىدىم (قىسقارتىلما):
بىر جۈپ ئاققۇنىڭ قايسى بىرسى ھەر قانداق سەۋەبتىن ئۆلۈپ كەتسە، يەنە بىرسى پۈتۈنلەي ئۆزىنى تاشلىۋىتىدىكەن، قايتا يەنە بىرسى بىلەن جۈپلەشمەيدىكەن، ئوزۇقسىز، ئۇسسۇلۇقسىز ئۇنىڭ ئەتراپىدا سايراپ يۈرىيدىكەن، شۇنداق سايراپ سايراپ ئاخىرى شۇنىڭ ئەتراپىدا جان بىرىكەن.
تۇرنا ئۇ كەپتەركا… ئاققۇ ئەمەس، كەپتەرۋازلىق قىلىپ تۇرۇپمۇ قايسى قۇشنىڭ ئەڭ ۋاپادار ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنلا
بىزنىڭ كىتابدا بارتى بۇ!
رەسىملەر ئېچىلمىدىغۇ ، تەكشۇرۇپ باقامسىز
تەھرىرلەپ قويدۇم، ئىنكاس قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!
بۇ خىل مەنزىرنى ئۆز كۆزۈم بېلەن كۆرگەن.
ئەتراپىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا ،ھايۋانلاردا يەنىلا…………………….بار جۇمۇ!!!!
ئادەم يۇقىرى دەرجىلىك ھايۋان بولسىمۇ بەزىدە شۇلارچىلىك بولالمايدۇ.
ئادەم يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋان ئەمەس…….ئادەم يەنىلا ئادەم.سىز ئۆزىڭزنى يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋان دىسىڭز قانداقكىن ئەمدى دارۋىننىڭ مەھسۇلاتى….سىزگە مۇنۇ بىر سۆزنى ھەدىيە قىلاي
مەن ماشىنا ئادەم ئەمەس، چۇنكى مەندە ھىسىيات بار.
مەن ئەقىللىق ھايۋانمۇ ئەمەس، چۇنكى مەندە ئىتقاد بار.
بەلكىم ھايۋاناتلاردىكى ھېسىيات ھەقىقى ساپ بولسا كېرەك ! چۈنكى ئۇلاردىكى مۇناسىۋەتلەر مەنپەئەت بىلەن گىرەلەشمىگەن. بەك ئەقىللىق بولۇش ئۆز ھېساۋىدا يەنە بىزگە نۇرغۇن تەڭسىزلىكلەرنى ئېلىپ كەلدى بولغاي !
مەزكۇر رەسىمنى كۆرۈپ مەرھوم دىيارىم تورىنى ئەسلەپ قالدىم !
دۇنيادا ئادەمدىلار ئەمەس ھەرقانداق ئۇچار قۇش، ھايۋانات، ھايۋانلاردمۇ مېھىر- مۇھەببەت بولدۇ.
بەك تەسىرلىككەن
بۇنى كۆرۈپ شۇنداق تەسىرلەندىم يىغلۈۋەتگىم كەپ قالدى جۇمۇ! پۈتۈن بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ كەتتى بۇ بىچارە ئاشىققا قاراپ ھەي!!!!
يېغلاڭ ھەي، يېغلىغۇسى كېلىپ يېغلىمىسا..
تەسىرلىك ئىكەن.
ئاۋۇ مۇزىكا ھەجەپ ماسكەپتۇ بۇ يازمىغا. مېنىڭ كۆڭلۈممۇ يېرىم بولدا ئەجەپ. ئالدىنقى قېتىم ياپونىيە ئىشلىگەن بىر كىنونىڭ MTVسىنى كۆرۈرگەن ئىدىم، ئۇنىڭدا بىر ئىتنىڭ ئىگىسىگە ۋە بالىرىغا قىلغان ئازىراق بىر ئىشلىرى سۆزلىنىدىكەنتۇق. http://player.youku.com/player.php/sid/XMjUxNTk2OTky/v.swf قىزىقساڭلار كۆرۈپ بېقىڭلا
ئۆتكەندە مۇشۇ ھاقتە خەۋەر كۆرگەندەك ئېسىمدە
تاش يۈرەك نەزەرىمۇ خىلى ھاياجانلاندى.
ۋېرۇس بۇرادەر توغرا دەپتۇ. ئىنسانلار پايدا مەنپەئەت توقىنىشىسىز شەكىللەنگەن مۇھەببەتلا شۇنداق ئۇلۇغلۇققا يېتىدىكەن.
لىكىن ئەتراپىمدا ، جىسمىمدا ئۇنداق مەنزىرىدىن ئەسەر ئاز…………
يىقىملىق مۇزىكا ئاڭلاپ تۇرۇپ كۆرۈپ كۆزلىرىمگە تامچىلار يىغىلدى…
يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندە بىر ئۆينىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچ سىمى چىقىدىغان تۆشەككە ئاق قۇشقاچ ئۇۋۇلاپتۇ. ئامال يوق ئىشچىلار ئۇۋىنى بۇزۇپ چۈشۈرىۋېتىپ ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئورنىتىپ بەردى. كۆچۈپ كىرىپ نەچچە كۈنگىچە ھېلىقى بىچارە قۇچقاچ شۇ دېرىزە يېنىدىن كېتەلمىدى. بۇنى كۆرۈپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى. ئۈلۈشكۈن قارىسام دېرىزە ئوچۇق قاپتىكەن ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىۋاپتۇ، مېنى كۆرۈپلا دېرىزىدىن ئۇچۇپ چىقىپ كەتتى. نەچچە كۈن قانچە ئازاپلانغىنىنى پەقەت شۇ بىچارە ئۆزىلا بىلسە كېرەك… ئاللاھ ئۆزى كەچۈرسۇن…
راس بەك ۋاپاداركەن بۇ قۇش لىكىن بەزى ئىنسانلاردا مۇشۇنچىلىك ۋاپا يوق
نېمىدىگەن ئىچىىشنىشلىق ھە ، مەنمۇ بىر قۇشقاچنىڭ موشۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەن