نېمە ئۈچۈن ئادەم ئاچچىقلانغان چاغدا ۋاقىراپ ئۈنلۈك ئاۋازدا سۆزلەيدۇ؟
خۇددى ماتېماتكىدىكى قارشىسىدىن چىقىپ ئىسپاتلاش ئۇسۇلىغا ئوخشاش، بەزى ئىشلارنى قارشىسىدىن چىقىپ تەپەككۇر قىلغاندا، ناھايىتى ئاسانلا ھەل قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، نېمە ئۈچۈن ئادەم ئاچچىقلانغان ھالەتتە، يۇقىرى ئاۋازدا ۋاقىراپ سۆزلەيدۇ؟
بىر كۈنى، بىر پراففېسور ئوقۇغۇچىلىرىدىن سوراپتۇ: نېمە ئۈچۈن ئادەم ئاچچىقلانغان چاغدا ۋاقىراپ ئۈنلۈك ئاۋازدا سۆزلەيدۇ؟
ئوقۇغۇچىلار ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ كېتىپتۇ، بىر ئازدىن كېيىن ئارىسىدىن بىرسى دەپتۇ: چۈنكى ئاچچىقلانغاندا ئۆزىمىزنى بېسىۋالالمايمىز، شۇڭا ۋاقىراپ ئۈنلۈك ئاۋازدا سۆزلەپ سالىمىز.
– ئەمما باشقىلار سىلەرنىڭ يېنىڭدىلا تۇرسا، پەسراق ئاۋازدا گەپ قىلساڭلارمۇ بولىدىغۇ؟ نېمىشقا دائىم ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋاقىرايسىلەر؟ – دەپ سوراپتۇ پراففېسور.
بۇ سوئالنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىشقىلىپ ھەممە ئوقۇغۇچى ئاغزىغا كەلگەننى دەپ بېقىپتۇ، ئەمما بىرمۇ جاۋاپ پراففېسورنى قايىل قىلالماپتۇ. شۇنىڭ پراففېسور ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەندۈرۈشكە باشلاپتۇ: ئىككى ئادەم سوقۇشۇپ قالغاندا، قەلبىدىكى ئارىلىق ئىنتايىن يىراق بولىدۇ، ھالبۇكى، بۇ ئارىلىقنى يوقىتىش ۋە ئاۋازىنى قارشى تەرەپنىڭ ئېنىق ئاڭلىيالىشى ئۈچۈن، چوقۇم ۋاقىراپ تۇرۇپ سۆزلەش لازىم بولىدۇ. ئەمما ۋاقىرىغان چاغدا ئادەم ئوخشاشلا غەزەپلىنىدۇ، غەزەپلەنگەنسىرى ئارىلىق تېخىمۇ يىراقلايدۇ، ئارىلىق يىراقلىغانسىرى تېخىمۇ يۇقىرى ئاۋازدا ۋاقىراشقا توغرا كېلىدۇ…
پراففېسور يەنە ئۇلاپ چۈشەندۈرۈشكە باشلاپتۇ: ناۋادا ئىككى ئادەم مۇھەببەتلەشكەن چاغدا قانداق بولىدۇ بىلەمسىلەر؟ ئەھۋال دەل ئەكسىچە بولىدۇ، پاراڭلاشقاندىمۇ ئىنتايىن بوش ئاۋازدا گەپ قىلىدۇ، نېمىشقا؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئارىلىق ئىنتايىن يېقىن، قەلب بىلەن قەلب ئارىسىدا ئاساسەن ئارىلىق يوق دېيەرلىك، شۇڭا مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئىككى ئادەم ئادەتتە ئاساسەن پىچىرلاپ بوش ئاۋازدا پاراڭلىشىدۇ، ئەمما قەلبىدىكى مۇھەببەت شۇ سەۋەپتىن تېخمۇ چوڭقۇرلىشىپ بارىدۇ ۋە شۇنىڭغا ئەگىشىپ پاراڭلىشىشنىڭمۇ ھاجىتى قالمايدۇ، بارا-بارا پەقەت كۆز ئىشارىسى ئارقىلىقلا قارشى تەرەپنىڭ مەقسىدىنى چۈشىنەلەيدۇ، ھالبۇكى بۇ چاغدا، قەلب بىلەن قەلب ئارىسىدا ھېچقانداق ئارىلىق قالمىغان بولىدۇ…
ئەڭ ئاخىرىدا پراففېسور مۇنداق يەكۈن چىقىرىپتۇ: ئىككى ئادەم سوقۇشۇپ قالغان چاغدا، ئەڭ ياخشىسى قەلب بىلەن قەلبنىڭ ئارىلىقىنى يىراقلاشتۇرىۋەتمەسلىك كېرەك، قەلب ئارىلىقىنى يىراقلاشتۇرىدىغان گەپلەرنى تېخىمۇ قىلماسلىق كېرەك، نەچچە كۈن تەبىئىيلا ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئاندىن، قەلب بىلەن قەلب ئارىسىدىكى ئارىلىق سەل يېقىنلىغان چاغدا، ياخشىراق پاراڭلىشىپ باقسىڭىز، بەلكىم تېخىمۇ ياخشى نەتىجە كۆرۈلىشى مۇمكىن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: پىسخىكا، مۇھەببەت، ھېسىيات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 7,965 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 07-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: why-angry-shout.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > «قىز دوست7.0» يۇمشاق دېتالىنى «خوتۇن1.0» نەشىرىگە كۆتۈرگەندىن كېيىن چىققان Bug
- كېيىنكى يازما > «تۈنۈگۈن»- ئۇ بىر تارىخ، «ئەتە»- ئۇ بىر سىر، ئەمما «بۈگۈن» نىڭ ئۆزى بىر سوۋغا
- ھوللىۋود سەھىيسىدىكى قىسقا فىلىم – ئانا مۇھەببىتىنىڭ قۇدرىتى
- سەھنە تۇيغۇسى ئاجايىپ كۈچلۈك چولپان بوۋاق
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- ئادىمىيىتىڭىز ۋە نەپسىڭىزنى ئاشكارىلاپ قويىدىغان ئاجايىپ قالتىس سىناق
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان كارتون فىلىم – باتارىيە ئالماشتۇرۇش
- ئاتىنىڭ كۆچمە قەلئەسى – قىزى ئۈچۈن تۆت يىل ۋاقىت مىليون دوللار خەجلەپ كاتتا ئاپتوموبېل ياساپ چىققان دادا
- نورۋىگىيە كوچىسىدىكى كىچىككىنە مۇھەببەت، سىز بولسىڭىز چاپىنىڭىزنى بېرەلەمتىڭىز؟
- بىر دادىنىڭ ئوغلىغا ئېيتقانلىرى
مىنىڭچە ئۆزىنىڭ ئاچچىغلانغانىلىقىنى قارشى تەرەپكە ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئۈنلۈك ئاۋازدا سۆزلىشى مۇمكىن ،،، باشقىلار قانداق قارايدىكىن ،؟!!
ئاچچىغىم كەلگەندە تورخۇمارغا كىرىپ دىۋان دەپ ۋارقىرايمەن ….
ئاچچىق كەلگەندە ۋارقىراش تەبىئىي ئەھۋال. بايىلا تېخى نەۋرە ئىنىم بىلەن بىر پەس ۋارقىراشتىم. كىچىك بالا بىلەن تەڭ بولمايمەن دېسىمۇ، بەزى قىلىقلىرى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ. بىلىپ بىلمەيلا ۋارقىراپ سالىدىغان ئىش.
مەنمۇ دائىم يۇقرى ئاۋازدا ۋاقىراپ سالىمەن ئاچچىغىم كەلگەندە لىكىن ،ۋاقىراپ بولۇپ بەكلا نومۇس قىلىپ كىتىمەن
مىنىڭ ۋارقىرغىنىمنى ئاڭلىغان ھەر بىركىشى ئىشتىنىغا سىيۋىتىدۇ….
ما گەپنى، بىزنىڭ سەھرادىكى ئۆيگە كىلىپ ۋارقىراپ باقسىنا، پەگاھتا ۋارقىرىسا تۆرگە ئاڭلانمايدۇ
بايام بىر بوۋاق ئۇكام ئىشتىنىغا سىيىۋەتكەنتى، ئەسلى سىنىڭ ئاۋازىڭىز ئاڭلىنىپ قاپتىكەندە ئۇنىڭ قۇلىقىغا.
ھە راست …. يولدا كېلىۋاتسام ئىككى – ئۈچ ئادەم ئىشتىنىغا سىيىۋىتىپتىكەن ، ئەسلى سىلىنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ قاپتىكەندە .
ئۇكىلىرىنىڭ قۇلاقلىرى خىلى ئۆتكۈر بالا بوپتۇ، مەن تىخى ئۇكىلىرىغا ئاڭلىنىشىنى ئۇخماي ۋارقىراپ ئۇكىلىرىنى سىيدۈرۋىتىپتىمەن ئەمەسمۇ،خىجىلمەن كەچۈرسىلە، ئاپلا يۆگگكمۇ يۆل بولۇپ كەتكەندۇ ھەقچان، ئالدىرماي ئولتۇرۇپ داسقا چىلاپ يۇيۋەتسە يۆل يۆگەكنى ئىشلەتسىلە بالىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق.
سىللى بولسىمۇ مىنىڭ ۋارقىرشىمنىڭ خاسىيەتلىكىنى بىلدىلا مانا.
باشقىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش : مەن يەنە چۈشتىن كىيىن سائەت 2 ئەتراپىدا مەلۈم ئىشلار تۈپەيلىدىن ئاچچىقلىنىشىم مۇمكىن، ئاۋازىم يەنە دولقۇنجاننىڭ ئۇكىسىغا ئاڭلانغاندەك، سىلەرنىڭ ئۇكاڭلارغا ئاڭلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئۇكاڭلارنىڭ قۇلقىغا بىرنەرسە سىلىپ قويۇڭلار بولمىسا دولقۇنجانغا ئوخشاش سۈدۈك يۆگەك يۇيىسلە….
(ھەممىسى چاقچاق جۇما!)
ھې ھې ھې
ئاۋۇ تورداشنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ مېنىڭمۇ قىستاۋاتىدا ،ئاستا چىقىپ كىرەي، ئىشخانىدا ئەش بولمىسۇن
ما گەپنى كۆرۈڭ سىلەر قىز دوستىڭلارغا ۋارقىرىمايدىغانسىلەر
ھې ھې ھې
ئاچىق كەلگەندە پىچىرلاي ئەمسە
ئاچچىق كەلگەندە بوش ئاۋازدا«تىللاپلا ۋىتەيمۇ» دەيمىز، كۇچا شىۋىسىدە
ئىلمىي جەھەتتىن قارىغاندا…كىم پىسخىك؟؟؟
يەنىلا مىكرافۇندا ياكى ناخشا قىلىپ ئۇكىۋىتىش كېرەك،مۇزىكا چۈشەنمەيدىغانلا سىنىڭ تىللاۋاتقىنىڭنى بىلمەيلا قالىدۇ .