بىر دادىنىڭ ئوغلىغا ئېيتقانلىرى
ئوغلۇم، ھەقىقى ئەركەك غورۇرلۇق، ۋىجدانلىق، ۋاپالىق، كۆيۇملۈك، مىھرى- شەپقەتلىك، تىرىشچان بولىدۇ، ئەركەكنىڭ ئەركەكلىگىنى قانچە قىز-ئاياللارنى دەپسەندە قىلالىغىنى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەدەپ ئەخلاقى، كىشىلىك ئىززەت -ھورمىتى، جەمىيەتكە قۇشقان تۆھپىسى، ئائىلىسىگە خوتۇن باللىرىغا بولغان مىھرى- مۇھاببىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىغى، ياراتقان كىشىلىك قىممىتى بىلەن ئۆلچىلىنىدۇ.
ئوغلۇم، يارنى تۇتساڭ، كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەي ياخشىسىنى تاللاپ بىرنى تۇت، چۇنكى بۇ سىنىڭ ئەركەكلىك بۇسۇغاڭنىڭ دەرۋازىسى. بۇ دەرۋازىدىن كىرىشتە شاختىن- شاخقا قۇنىدىغان مايمۇنلاردىن بولما، لايىق تاللاشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەپ-ئەخلاق ئۆلچىمىدىن ھالقىپ يىرىم- يالىڭاچ كىيىم كىيىدىغان شەيتانلاردىن، بىرنى دىسە ئوننى دەيدىغان ھازازۇللاردىن، ھاراق تاماكىنىڭ ئۇلپىتى بولغان زابۇيلاردىن، جىننى ئۇسۇلغا سالىدىغان ئالدامچىلاردىن، پۇلغىلا دۈم چۇشكەن قەدىرسىزلەردىن، رازى بولماس تويماسلاردىن ھەزەر ئەيلىگىن، ئەگەر كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ بۇ كوچىغا كىرگەن بولساڭ، ئازاپلانساڭمۇ ۋاختىدا يانغىن. كىيىنكى پۇشمان ئالدىدا ھازىرقى ئازاپ ھىچقانچە ئەمەس. چۇنكى سەن ياخشى كۇرگەن ئەشۇ قىز كەلگۈسىدىكى ئائىلىمىزنىڭ ئەزاسى، سىنىڭ بىر ئۆمۈرلۇك سادىق ھەمرىيىڭ. بىزنى قەدىرلەيدىغان ياكى بىزنى سورۇيدىغان ئىنسان ئەمەسمۇ؟ كونىلارمۇ ئەرنى ئەر قىلىدىغانمۇ ئايال، يەر قىلىدىغىنىمۇ ئايال دىگەن ئەمەسمۇ؟
ئوغلۇم، ئايالىڭغا ئىشەچ، سەمىمى ساداقەت، مىھرى ۋاپا، چوڭلارغا بولغان ھۆرمەت كىچىكلەرگە بولغان ئىززەتنى ئۇگەتكىن، ئۇنىڭ ئالدىدا سەۋرىچان، كەڭ قۇساق، ئەپۇچان بولغىن،ئۆزىنى قەدىرلەشنى، ئائىلىنى قەدىرلەشنى، نىكاھنى قەدىرلەشنى، جەمەتنى قەدىرلەشنى، ئائىلىسىنىڭ جەمىيەتتىكى قەدىر-قىممىتىنى ئۇلۇغلاشنى ئۇگەتكىن.
ئوغلۇم سەن بىرسىگە كۆڭۈل بەرگەن ئىكەنسەن سەن ئۇنىڭغا ئاسىلىق قىلما، ئۇنى قەدىرلە، ئۇنى ئاسرا، ئۇنى قۇغدا، ئازراق ئاغرىق ئاداۋەتنى دەپ ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمە، ساڭا ماس كىلىدىغان كۆڭلۇڭدىكى لايىقنى تاپقانلا بولساڭ قەلىب بىغىمنىڭ باغۋەنى كەلدى دەپ ھاياتىڭنى خاتىرجەم ھالدا ئۇنىڭغا تاپشۇر، لىكىن بىخۇت بولما، ھەر ۋاقىتلىق كۈزۈتۈشنى توختاتما، چۇنكى ھازىرقى جەمىيەت جىننى ئۇسسۇلغا سالالايدۇ ئەمەسمۇ؟ لىكىن ئورۇنسىز گۇمان قىلما، يۈرىگىنى سىقىپ ئۇرۇنسىز كۈنلەمچىلىكمۇ قىلما، ئورۇنسىز ھاقارەتلىمە، كىشىلىك ئەركىنلىگىنى بوغما ،ئەگەر ساڭا ئاسىلىق قىلغىنىنى بايقىغان بولساڭ رىشتىڭنى ئۈز، تارتىشما.
ئوغلۇم چىن ۋاپادارىڭنى ئۇرۇپ، تىللاپ، خورلىماستىن ئەزىزلە، قەدىرلە. چۈنكى بۇ كىشى سىنىڭ بىزدىن كىيىن قىرىپ پۇتۇڭدا جىنىڭ قالمىغاندا سىنىڭ ھالىڭدىن خەۋەر ئالىدىغان ۋاپادار ياخشى رەپىقەڭ، ئۇنى ئازاپلاپ ھاياتىڭنىڭ يىرىمىدا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قىلش سەن ئۇچۇن ئەڭ زور بەختسىزلىك.
ئۇغلۇم ھەقىقى بىر ئەركەك باسقان ئىزىنى ئويلىشىپ باسىدۇ، باسقان ئىزىدىن ئۆكۈنمەيدۇ، تۇرمۇشتىكى ئاددى ئىشلاردا ئۆز-ئارا يول قۇيۇپ، بىر-بىرىڭلارنى قەدىرلەپ، شۇكرى -قانائەتچان، ئىناق -ئىتتىپاق بولۇپ باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك ياشىغىن.
ئوغلۇم ، ھەقىقەتەن پۇل بولمىسا ياشىماق تەس، لىكىن غورۇر پۇلدىمۇ مۇھىم، ئايالىڭنى پۇل تاپقىن دەپ كوچىغا چىقىرىپ قويما، خىزمىتىنى ، كىشىلىك قەدىر- قىممىتىنى ھورمىتىنى قۇغدا. لىكىن سەن تىرىشچان، بىلىملىك ئالدىن كۆرەرلىك بولۇپ، خىزمىتىڭنى ياخشى ئىشلەپ، ئازراق ئۇڭۇشسىزلىقلار بىلەنلا ئۇمىتسىزلىنىپ بەل قۇيىۋەتمەستىن، تىرىشىپ ئۆزەڭنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنۇڭنى، ئىقتىسادى ئاساسىڭنى تىكلە. چۇنكى جەمىيەتتە پۇلى بارنىڭ گىپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گىپى توڭ، يەنە كونىلار گاچا بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن دىگەن ئەمەسمۇ؟
ئوغلۇم پۇل تاپىمەن دەپلا كەسىپ بىلەن بولۇپ كىتىپ، ئائىلەڭگە كۆڭۇل بولۇشنى ئۇنتۇپ قالما، پۇلنى تاپقىلى بولىدۇ، لىكىن قۇلدىن كەتكەن بەختنى سىتىۋالغىلى بولمايدۇ. ھىيىت -بايراملارنى، كۇنلىرىڭنى، ھاياتىڭنى قەدىرلەپ، خۇددى يىڭى توي قىلغان قىز يىگىتلەردەك مەنىلىك ئەھمىيەتلىك خۇشال خۇرام ئۆتكۇزۇپ، ئايالىڭنى قۇپال بۇيرۇق ۋە بىسىم بىلەن تۇتۇپ تۇرماستىن سەمىمى ساداقىتىڭ مىھرى مۇھاببىتىڭ بىلەن تۇتۇپ تۇرالىساڭ ، ئۇنى ھەيدىۋەتساڭمۇ كەتمەيدۇ، مەڭگۇ ساڭا ئاسىلىق قىلمايدۇ.
ئوغلۇم، ھاۋايى ھەۋەسكە بىرىلىپ، پەرزەنتىڭ ئالدىدىكى ئوبرازىڭنى توكىۋالما، پەرزەنتىڭ سەندىن پەخىرلەنسۇن، ئىپتىخارلانسۇن. سەن مەن دىگەندەكلا ياشىيالىساڭ مەنمۇ سەندىن پەخىرلىنىمەن ، ئوزومنىڭ سەندەك ئىسىل بالىنى تۇغۇپ، قاتارغا قۇشالىغىنىمدىن ئىپتىخارلىنىمەن. مىنى كۈلدۈرۈش ۋە ياكى يىغلىتىش سىنىڭ قۇلۇڭدىلا قالدى. ئوغلۇم مىنىڭ تىلىگىم شۇكى: مەن پەخىرلەنەىدەك ئەركەك بول.
ۋاقتى سائىتى كەلگەندە ھەربىر ئەركەكنىڭ ۋىجدانى ئەڭ ئادىل
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: پەرزەنت، تۇرمۇش، مۇھەببەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,576 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 02-ئاينىڭ 06-كۈنى
- يازما مەنزىلى: father-and-son.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > قىزلارغا …! | تەگسىڭىز پىروگىراممېرغا تېگىڭ! ئۇ سىزنى چوقۇم بەختلىك قىلىشى مۇمكىن!
- كېيىنكى يازما > 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ھوللىۋود سەھىيسىدىكى قىسقا فىلىم – ئانا مۇھەببىتىنىڭ قۇدرىتى
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
مېنىڭ گەپلىرىمنىمۇ تېما قىلىپ يوللىغان گەپتە!
تىمىنىڭ ماۋزۇسىنى ئۇقۇپلا ، داداش يازغان تىمىمىدۇ دەپ ئويلىغانتىم ، ھا ھا … ئىنكاسلىرىنى كۈرۈپ كۈلىۋەتتىم … تىمىغا ئەلا كەتتى
ئاخشام ئۆيىڭىزنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتسام ئوغلىڭىزغا شۇنداق ۋارقىراپ دىگىلى تۇرۇپتىكەنسىز شاققىدە خاتىرەمنى ئېلىپ خاتىرلىۋالغان…تۇلۇق خاتىرلىنىپتىمۇ يا؟ چۈشۈپ قالغان يەرلىرى بولسا تۇلۇقلاپ قۇيارسىز…
ماۋۇ تىما راس بوپ قويىدىكەن ياخشى تىما
شۇنداق كەلگۈسى ئەۋلاتلىرمىز پەخىرلىنىپ نەۋرىللىرىگە سۈزلەپ بىرەلىگىدەك دادىلاردىن بۇلايلى .ئاللا خالىسا
بىر دادىنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتلىرى…
ﺋﻮﺯﻭﻣﻨﯩﯔ ﺳﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺴﯩﻞ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﻏﯘﭖ، ﻗﺎﺗﺎﺭﻏﺎ ﻗﯘﺷﺎﻟﯩﻐﯩﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﻟﯩﻨﯩﻤﻪﻥ. ﻣﯩﻨﻰ ﻛﯜﻟﺪﯛﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯩﻐﻠﯩﺘﯩﺶ ﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﯘﯕﺪﯨﻼ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﮕﯩﻢ ﺷﯘﻛﻰ: ﻣﻪﻥ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﻪﻧﻪﯨﺪﻩﻙ ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﺑﻮﻝ.
بىئەپ بولسىمۇ سوراپ باقاي تورداشلار… «بىلمەسلىك ئەيب ئەمەس، سورىماسلىق ئەيب.»
ئەجىبا، ئەر كىشىنىڭمۇ بالا تۇغىدىغانلىرى بارمىدۇ؟؟؟
گەپنى ئويلىماي قىلىپ ساپتۇ – ھە!
شۇنداق بىر ياخشى سىنغا كىرىشتۈرۈپتۇ
ئەمماكى ھەسرەتلىك يېرىگە كەلگەنلىرىدە ئۇنتالمىدىم ناملىق ناخشا شالاققىدەك چىقىپ
رومانتىك ئەسلىمىلەر باشلاندىلەر ھەي ناخشىنىڭ سىنغا ئېلىنىش جەريانلىرىمۇ بەك ياخشى چىقىپتۇ رەھمەت ھە
ۋاقتى سائىتى كەلگەندە ھەربىر ئەركەكنىڭ ۋىجدانى ئەڭ ئادىل
ماۋۇ سۆز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتا
شۇنداق ياخشى چېقىتۇ بۇ سىن شۇنداق بىر خىل تۇيغۇغا ئەكەلىدى جېمۇ مىنى . بۇلۇپمۇ تۇگەشكە ئاز قالغاندا ئۆز سۆيگۇنى بىلەن ئۆزنىڭ بىللە ماڭغاننى كۆرگەندك بولغان يېرى شۇنداق تەسرلاندۇرۋەتتى
ھەقىقەتەن ياخشى تىما بۇپتۇ
بەك ياخشى تېما بوپتۇ جۇمۇ …
ياخشى
سەن بىلەن بىر قاراردىكى بىر خەت پەرقلىق كەسىپتىكىلەر نېمە قىلىۋاتىدۇ، سەن نېمە قىلىۋاتىسەن ھەي تەرخەمەك!
تېما ياخشى، سىن ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى…
«ۋاقتى سائىتى كەلگەندە ھەربىر ئەركەكنىڭ ۋىجدانى ئەڭ ئادىل قانۇن» دېگەن گەپنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم
ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلىنىپتۇ
تىمىڭىزنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتسەم بولامدۇ
تېمىڭىزنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتسەم بولامدۇ ،تورخۇمارنى ئەسكەرتكەن ئاساستا .
تور بېكەتكە مەنبەنى ئەسكەرتكەن ئاساستا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ۋېيشىن، سالون دېگەندەك باشقا جايلارغا يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.