قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
تۆنۈگۈن دۇنيا قۇلاقنى سۆيۈش كۈنىكەن، بۇنداق كۈننىڭ بارلىقىنى مەنمۇ تۇنجى ئاڭلىشىم. شۇڭا بۈگۈن قۇلاق ھەققىدە ئازراق بىلجىرلايلى.
1. ھەر بىر ئادەم تۇغۇلغان چېغىدىن باشلاپلا قۇلاقنى مىدىرلىتىش ئىقتىدارى بولىدۇ، ئەمما بالدۇر مەشىق قىلىپ بۇ ئىقتىدارنى قېزىپ چىقمىغاندا، مۇناسىۋەتلىك مۇسكۇللار يىگىلەپ كېتىدۇ. سىز قۇلىقىڭىزنى مىدىرلىتالامسىز؟
2. قۇلاقنىڭ خاتا ئاڭلىشىنى بەلكىم كۆز كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن، مەلۇم شارائىت ئاستىدا، كۆرگىنىڭىز بىلەن ئاڭلىغىنىڭىز ئوخشاش بولمىسا، چوڭ مېڭە قۇلاقنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىپ، كۆزگە بەكرەك ئىشىنىدۇ(مەسىلەن قارشى تەرەپنىڭ ئېغىز ھەرىكىتى دېگەندەك).
3. مېترودا نائۈشنىك تاقاپ ناخشا ئاڭلىغاندا، بەلكىم گاس بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مېترودىكى شاۋقۇن ئاۋازى دېتسىبېلدىن ئاشىدىغان بولۇپ، مېترودا نائۈشنك ئاۋازىنى ئېنىق ئاڭلىغۇدەك دەرىجىدە ئاچسىڭىز، ئاڭلاش ئىقتىدارىغا زور دەرىجىدە زىيانلىق، ھەتتا گاس بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن.
4. بىزنىڭ قۇلىقىمىز ئاۋازلارنى سۈزىۋېتەلەيدۇ، يەنى مۇرەككەپ شاۋقۇنلۇق مۇھىتتا بىز ئاڭلاشنى خالىمايدىغان ئاۋازلارنى توسىۋېتىپ، پەقەت ئاڭلاشنى خالايدىغان ئاۋازلارنى يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ.
5. شۇڭا مۇرەككەپ شاۋقۇنلۇق مۇھىتتا تېلىفون ئۇرغاندا، يەنە بىر قۇلاقنى ئېتىۋېلىش ھاجەتسىز، چۈنكى قۇلاق ئۆزى ئاۋازنى سۈزىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئېغىزنى توسۇپ تۇرۇپ گەپ قىلغاندا تېخىمۇ رولى ياخشى بولىدۇ، بۇنداق گەپ قىلغاندا ئاۋاز بىۋاستە تېلىفوننىڭ مىكروفونىدىن ئۇزىتىلىدۇ، قۇلاقنىڭ ئاۋازنى سۈزۈش رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىلىدۇ.
6. ئەما دوستلارنىڭ قۇلىقىنىڭ «خاسىيەتلىك ئىقتىدارى» بولىدۇ. بىز ناھايىتى تېز گەپ قىلغاندا ھەر سكونتتا 6 بوغۇم تەلەپپۇز قىلالايمىز، ئەمالار بولسا ھەر سكونتتا 25 بوغۇمنى ئېنىق ئاڭلىيالايدۇ. مەسىلەن تۆۋەندىكى ئاۋازنى ئاڭلاپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئەمالار چەستەي ئاڭلىۋېتىدىكەن.
7. قۇلاق تۆشۈكىنىڭ چوڭلۇقى قېرىنداشنىڭ ئۈستىدىكى ئۆچۈرگۈچ قىسمىچىلىك بولىدۇ، ئەمما ئۈستىدە 20000 دانە تۈكچە بولىدۇ.
8. ناۋادا قۇلاق ئوپېراتسىيە قىلىنسا ياكى يارىلانسا، بەزى پۇراقلارنى پۇرىيالماسلىقىڭىز مۇمكىن. چۈنكى پۇراش نېرۋىسىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم چوڭ مېڭە تومۇرلىرى دەل قۇلاق يولىدىن ئۆتىدۇ، شۇڭا بەزىدە بۇرنىنى بەكرەك تارتقاندا قۇلاق ئېتىلىپ قالغاندەك تۇيغۇ بولىدۇ.
9. زىراپە ئۆزىنىڭ قۇلىقىنى يالىيالايدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، ساغلاملىق، ساۋات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 19,326 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2015-يىلى 03-ئاينىڭ 04-كۈنى
- يازما مەنزىلى: 9-on-the-ears-cold-knowledge.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- كېيىنكى يازما > بوئېن 737 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ قۇراشتۇرۇلۇش جەريانى
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- بالدۇر بىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان 10 ھېكمەت
- رېئاللىق ھەمىشە رەھىمسىز كېلىدۇ | كىنو ۋە رېئال تۇرمۇشتىكى پەرق(2)
ئاھ.، ئاۋۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ چۈشىنەلىدىم………………………………………….
ئالامەت كەن بىلۋالدۇق
كاللا دېسە پاقالچاق، قۇلاق دېسە مەمەق دەي.
مۇشۇ ئەرلەرنىڭ بەدىنىدە مەمەق دېگەن ئەزانىڭ، ياز كۈنلىرى ئاممىۋى سورۇنلاردا كىيىمدىن ئۆتۈپ تومپىيىپ چىقىپ قېلىپ، خەقنىڭ ئالدىدا خىجىل قىلغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھېچقانداق يا پايدىسى يا زىيىنى يوقكەن. شۇڭا كىچىك ۋاقتىڭلاردا مەمىقىڭلارنى مىدىلىتىپ كۆندۈرۈپ بەرمىسەڭلار چوڭ بولغاندا ئا قۇلاقتەك مىدىلىتالماس بولۇپ قالامىش.
ۋۇ قېلىن
6-ئاۋاز
خالاغا ئوقتەك كىرىپ ، ئاران ئۈلگۈرگەندىن كىيىنكى ئاۋازغا ئوخشايدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم ئۈزەمچە
ھەر قېتىم ئەلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ قۇلقىنى كۆسەم كۈلۈپ كىتىمە تېخې ، بىرخىل چوڭ كۈرنىدۇ
ئابومجان باكەنسىلە ھە بالو ،تاس قالىتۇق دەنشىگە ئادەم ئىزدەش ئىلانى بەگىلى
شۇندا قىپ دابازادا پەخرى سوپۇنى ساتىدىغان دۇكاندىن بىرنى ئېچىۋالدىم دەڭ ؟ سودا ياخشىدۇ
ۋاي نەچچە قىتىم ئاڭلاپمۇ ھىچنىمىنى چۈشەنمىدىم … قايسىڭلا چۈشەندىڭلا ،،،
ئۇ گەپنى مۇشتا قىلغان چىراي …..
مەن قۇلقۇمنى راس لىڭىشتالايمەن ، بىر كىنو باتىغۇ قىما شاھى دەپ شۇنىڭغا ئوخشاش
ھېچنىمىنى چۈشىنەلمىدىم ،. قانداق ئاۋازكىن ئۇ ؟