يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
كۈندىلىك تۇرمۇشتا يانفون ئىشلىتىش جەريانىدا بايقىشىمىز مۇمكىن، يانفوننىڭ سىگنال ستونىدا بەزىدە E بەلگىسى، بەزىدە بىر يۇمىلاق چەمبەر، بەزىدە H بەلگىسى چىقىپ قالىدۇ، ئۇنداقتا بۇ نەرسىلەرنىڭ نېمە مەنىسى بار؟ بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن مۇشۇ ئۇچۇرلارنى بىر تونۇپ چىقايلى.
ناۋادا G بولسا، ئۇنداقتا بۇ GPRS نى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، 2.5G تورىنى(iPhone دا كىچىك يۇمىلاق چەمبەر شەكلىدە) كۆرسىتىدۇ، بۇ چاغدا تور سۈرئىتى بىر قەدەر ئاستا بولىدۇ.
E بولسا EDGE تورى، يەنى 2.75G تورىغا تەۋە، تور سۈرئىتى GPRS تىن سەل تېز.
3G بولسا 3G تورىنى كۆرسىتىدۇ، تور سۈرئىتى سەل تېز، چۈشۈرۈش سۈرئىتى 2Mb قا يېتىدۇ.
T بولسا TD-SCDMA غا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولىدىغان، 3G تورى ئىشلىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، H بولسا 3G نىڭ دەرىجە ئاشۇرۇلغان نەشىرى HSDPA تورىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، 3.5G تورىغا تەۋە، چۈشۈرۈش سۈرئىتى تېز، 14.4Mb قا يېتىدۇ.
H+ بولسا HSDPA نىڭ دەرىجە ئاشۇرۇلغان نەشىرى HSPA+ نى كۆرسىتىدۇ، 3.75G تورىغا تەۋە، چۈشۈرۈش سۈرئىتى 42Mb غا يېتىدۇ.
LTE بولسا LTE تورىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئادەتتە 3.9G تورى دەپ ئاتىلىدۇ. 2010-يىلى، خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقى LTE Advanced نى رەسمىي تۈردە 4G تورى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، چۈشۈرۈش سۈرئىتى 299.6Mb قا يېتىدۇ.
رەسىمدىكىسى بولسا ھەممەيلەن تونۇشلۇق WiFi تورىنىڭ بەلگىسى.
4G بولسا ئادەتتە 4G تورىنى بىلدۈرىدۇ، چۈشۈرۈش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغاندا 1Gb قا يېتىدۇ.
iPhone دا تور سۈرئىتىنى ئاستىدىن تېزغا قاراپ تىزغاندا مۇنداق بولىدۇ:
G < E < 3G < H plus < LTE < 4G
قانداق؟ كېلەر قېتىم مۇشۇنداق بەلگىلەرنى كۆرگەندە بىر قاراپلا پەرق قىلىشنى بىلىۋالدىڭىزمۇ؟ ئەلۋەتتە، LTE/4G دېگەن بەلگىلەر ئەتراپىمىزدا كۆپ ئۇچرىمايدۇ. بەلكىم يېقىن ئارىدا بۇ بەلگىلەرمۇ يانفونلارنى كەڭ قاپلىشى مۇمكىن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: بىلىم، ساۋات، سىگنال، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 20,190 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 09-ئاينىڭ 27-كۈنى
- يازما مەنزىلى: about-phone-signal.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- كېيىنكى يازما > مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ دەھشەت چىققان ئېلانى – Add Power to You Life
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
مىنىڭكىدە دائىم h دىلا تۇرىدۇ ، تازىمۇ بىر
2پارچە رەسىملا كۆرۈندى قالغانلىرى كۆرۈنمىدى
مەن خ نىمۇ كۆرۈپ باقماپتىمەن دىسە
تىلفۇنداwifi بىلەن تورغا چىققاچقا ئىقىم مىقتارىنى ئىتۋەتكەن ،ئۇ نەرسە چىقمايدىكەن مەندە
لىكىن ئىچىپلا قالدىممۇ ئىچىدىكى پۇل پاكىز تۇگەپ كىتىدۇ ئىشلەتمىسەممۇ .
ما 4G تور دىگەن بىر نىمىنىڭ گىپى ھەجەپ يوقاپلا كەتتىيا دوسلا ، بەك ئۇچۇرۇپ كىتىپ بارىتتى ،ئۇنداق تىز يەي مۇنداق تىز دەپ………….
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش 4G تورىنى يولغا قويۇپ بولدى ئاچقۇزۇپ ئىشلەتسىڭىزلا بولىدىغۇ
مىنڭ غۇ كىچىك گۇرۇش 2s كۆپۇنچە h توردا ئىشلىتىمەن توردا كىنو كۆرىۋىرىمەن ، خۇشلىقى تۇتۇپ قالسا +h چىقىپ كىتىدۇ ، بۇنداق ۋاقىتتا ھېشنىم توغۇر كەلمەيدۇ ،
ئىشقلىپ ئالدىنقى ئايدا بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 20 دوللارلىق 1جى ئىقىم مىقتارنى 15-چىسلا غىچە تۇگۇتۇپ كىيىنكى كۇنلاردا :cry:،،،، بۇ ئايدا 500 م نى 7- چىسلا تۇگتۇپ ھازىرغىچە ………..توشۇمايدۇ تىلىفۇنۇمغا
چۈشۈرۈش سۈرئىتى مانچە ئەم بى دېگەن سان راستما؟ يانفوننىڭ تور تىزلىكى ئۆيدىكى نۇر كابىلنىڭ سۈرئىتىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كېتىپتا؟
يازمىنىڭ ئاپتورى تورخۇمار دەيدۇ
بۇنىڭدا دىيىلگىنى نەزىريەدىكى(يەنى سىزنىڭ تورغا چىقىدىغان ئەسۋابىڭىز ھېچقانداق مۇھىت ۋە سەپلىمە تەسىرىگە ئۇچىرىمىسا ئاندىن شۇنىڭغا يېتىدۇ دىگەن گەپ]ئەلۋەتتە، بۇ مومكىن ئەمەس[)سۈرئەت. تېلاۇنىڭىزدىكى بىچارە مانچە كى بى دىگەن سۈرئەت ، ھەرخىل توسالغۇلار(مۇھىت تەسىرى، تېلفۇننىڭ ئوقۇش سۈرئىتى، ئارلىق ۋەھاكازالار)نى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئاندىن سىزگە يېتىپ كەلگەن ‹قەھرىمان› سۈئەتنى كۆرسىتىدۇ.بۇ خۇددى مارىيو تاشپاقىغا ئۈسسىۋەرسە پارقىراقتىن قىزىلغا، چوڭدىن كىچىككە ئايلىنىپ قالغىنىدەكلا بىر ئىش مەنچە ھازىرقى تور سۈرئىتى ھاجىتىمىزدىن چىقىشقا كەڭ كۇشادە يېتىدۇ، بوممىسا قانداق‹كۈننى كەچ قىلىمىز›
مېنىڭ كارتامنىڭ تور سۆرىتى 3G ، لېكىن قاپلىنىشى تەكشى ئەمەس بەزى يەرلەردە سىگنال يوقاپ كىتىدۇ ، 4G دېگىنىنى ھەقاچان بىرلەشما خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ تېمىغا يۆلىنىپ ئىشلەتكىلى بۇلامىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم ، ئاندىن تېلفۇننىڭ باتاريىسى بەك بىچارە بوپ كىتىدىكەن 3G مۇھىتتا
مىنىڭ نىماندا تۈۋەن ې كەنغۇ
4Gنى ئىشلەتكەن كۈنلەرنى سېغىندىم ..
مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ كارتىسى تورغا چىقمىسام 3
گ بەلگىسى كۆرۈندۇ ،ئەگەر بىرە توربەتنى ئاچساملا دەرھال H+ قا ئۆزگىرەيدۇ بۇ قانداق ئىش؟
سەل ‹قورقۇنۇچلۇق› توربەتنى ئېچىپ قاغان ئوخشايسىز، شۇڭا 3G قوقاپ قېچىپ كېتىپتۇ.
4ج نى ئىشلىتىش ئۈچۈن تېلفۇنىڭىز ماس تىپتىكى ت د تور ئۆزىكىگە ئىگە بولۇشى كىرەك . بۇنى تىخى كۆپ يانفۇنلار قوللىمايدۇ .
تورخۇمار ئەپەندىم تىمىلارنىڭ يىڭىلىشنى سەل تىزلەتسە ھەم تىمىلارنى بىر نەچچىنى ئارتۇق كۆپەيىتسى بۇلىتى تورخۇمار تورىغا بولغان خۇمارىمىز قانمايدىكەن بولمىسا
ۋاي سىز دىققەت قىلىدىڭىزمۇ يا ، ماۋۇ چوشقا چىقىدىغان ئىللانغا مۇزىكا قىتىلىپ قاپتۇ ، بەكلام ئادەمنى بىزار قىلىدىكەن ، بىلمىدىم سىزدە چىقتىمىكى ، سادىغان كىتەي سىز ئۇنچىلىك پۇلغا ئىھىتىياجىلىق بولمىغان كىن ئىلىۋىتىڭىچۇ .
تەدبىركار ھازىر سەپەردە بولۇپ قالغاچقا ئۆزىنىڭمۇ تورخۇمارغا چىقىپ باقمىغىنىغا نەچچە كۈن بولدى ، شۇڭا بىرنەچچە كۈن توغرا چۈشۈنۈپ تۇرساڭلار …
بەلەن گەپ