كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
يانفون ئەپلىرى ياكى ئويۇنلىرى تونۇشتۇرمىغىلى ئۇزۇن بوپتۇ. بۈگۈن شۇ پۇرسەتتە يانفونۇمدا تۇرۇۋاتقىلى ئۇزۇن بولغان، ئۆزۈم ئىنتايىن ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان كىچىك ئويۇن – كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) نى تونۇشتۇرىۋېتەي.
كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) ناملىق بۇ ئويۇننىڭ ياسىلىشىنى ئىنتايىن نەپس چىققان دېيىشكە بولىدۇ. مەيلى كارتون ئوبرازلىرىنىڭ سىزىلىش ئۇسلۇبى جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئوينىلىشچانلىقى تەرەپتىن بولسۇن، ئەڭ ئالدىنقى سەۋىيەدە دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. ھەتتا ئوماقلىقىدىن بۇ ئويۇن قىزلارنىڭ ئوينىشىغىمۇ ئالامەت ماس كېلىدۇ.
كىچىك ئوغرى(Tiny Thief)
ئويۇندا ئويۇن ئوينىغۇچى مەخسۇس بايلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئوغرىلايدىغان بىر كىچىك ئوغرىنىڭ رولىنى ئالىدۇ، قاتمۇ-قات ھەر خىل تەس ئۆتكەللەر ۋە يوشۇرۇنغان بۇيۇملارنى تېپىش ئارقىلىق شۇ ئۆتكەلنى تاماملايمىز، ھەر بىر ئۆتكەلدىكى بارلىق بۇيۇملارنى تولۇق يىغقاندىلا ئاندىن 3 يۇلتۇز بىلەن شۇ ئۆتكەلنى تاماملىغىلى بولىدۇ.
ئويۇننىڭ كۆرۈنمە يۈزى ئىنتايىن ئوماق. باشقا يانفون ئويۇنلىرىغا سېلىشتۇرغاندا كىشىگە شۇنداق راھەت تۇيغۇ بېرىدۇ. تەگلىك مۇزىكىسىمۇ شۇنداق يېقىشلىق، ئومۇمەن ئېيتقاندا، يانفون ئويۇنلىرى ئارىسىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان نادىر ئەسەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئويۇندىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر
ئويۇننىڭ ئاشكارىلانمىغان بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرى
نۆۋەتتە ئويۇن ھەقسىز چۈشۈرۈشكە ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ناۋادا يېقىندىن بېرى ياخشى بىر يانفون ئويۇنى ئويناشنى ئارزۇ قىلىپ يۈرگەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) بۇ ئېھتىياجىڭىزغا نەق ماس كېلىشى مۇمكىن.
مۇناسىۋەتلىك چۈشۈرۈش مەنزىللىرى
Android ئىشلەتكۈچىلىرى ئېنگلىزچە ئىسمى ئارقىلىق ئۆزۈڭلارغا قولايلىق بازاردىن تېپىپ چۈشۈرىۋالساڭلار بولىدۇ، دۆلەت ئىچىدە Google Play ئەپ بازىرى ئېچىلمايدىغان بولغاچقا ئادرېسىنى قالدۇرۇپ يۈرمىدىم.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئويۇن، يانفون، يانفون ئويۇنى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 37,339 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2015-يىلى 05-ئاينىڭ 20-كۈنى
- يازما مەنزىلى: tiny-thief.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > قاتىل ئەقىدىسى تارىخ قىسمى : جۇڭگو
- كېيىنكى يازما > مۇكاپاتقا ئېرىشكەن قالتىس يانفون ئويۇنى – Gesundheit
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- مۇكاپاتقا ئېرىشكەن قالتىس يانفون ئويۇنى – Gesundheit
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
ئوماقكە ..
دىۋانما بۇ ….
Android نۇسخسىنى GG助手 دا چۈشەرسىڭىز Google Play بولمىسىمۇ ئوينىغىلى بولىدۇ
8ئاينىڭ ياقى دىۋانغا ئەڭ يېقىن ئولتۇرۇشۇم ، 520، خاتىرلەپ قويايچا
ماۋۇ تېمىغا ياخشى ئەپتىن 3 نى تەۋسىيە قىلمىغانلارنىڭ ئىنكاسىغا مازكەن بېسىلىدۇ ،
پىكىرىمگە قوشۇلىدىغانلار سازكەننى بىر چەككەچ ئەپتىن 3 نى تەۋسىيە قىلىۋىتىڭلا …
مەن باشلاي ئەمسە :
1- ئويۇن ، ئەپ ئىسمى : Bike Baron
2-ئويۇن ، ئەپ ئىسمى : The Line Zen
3-كامېرا تىپىدىكى ، ئەپ ئىسمى : FiLMiC Pro
ئەگەشتىم
مۇزىكا تۈرىدىكى ئويۇندىن 《古树旋律》
خەلقارالىق تور ئويۇنىدىن 《部落冲突》
يەنە بىر چوڭ تىپتىكى ئويۇندىن 《掠夺之剑:暗影大陆》
بەك كۆپتى،لېكىن ھازىرچە ئېسىمگە كەلگىنى مۇشۇلا…
1.一度蜜 , ئالما ۋە ئەنجۈر تىلفۇنلىرى، پەن تېخنىكىغا ئائىت ئەڭ يېڭى ئۇيۇن ۋە خەۋەرلەر يوللىنىدۇ ، تەۋسىيە قىلغان ئۇيۇنلىرى بەك ئىسىل
2.图吧导航 ، يول باشلاش سېستىمىسى، مۇشۇنىڭغا تايىنىپ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۈچ كۈن يۈرۈپتىمە ئېزىپ قامماي ، توۋا ،يەنە كىلىپ 固定超速نى بىرىنىمۇ قويماي تاپىدىكەن
3.纪念碑谷 ئىشقىلىپ مىنى بەك ھەيران قالدۇرغان ئۇيۇن ، ئۇيۇن دىمەيلى بولدى ، سەنئەتنىڭ ئۈزىكەن بۇ
4.直播吧,توپچى باللا چۇقۇم ئۇقۇدۇ بۇنى ، پۇتبۇل ، ۋاسكىتبولغا ئائىت ئەڭ يېڭى خەۋەر ، 直播地址,比赛集锦,比赛回放 دىگەندەك
5.kork ئېكرانى ……ھې ھې ھې (مەن ئاشپەزدىن باشقىسىنى كۈرۈپ باقمىدىم(
ئانجىرويىدنىڭ 魔珠دېگەن ئويۇنىمۇ بەك ياخشى. قېنى سىناپ باقارسىلەر.
مەنمۇ تېفۇنۇمدىكى ئۆزەم ئەڭ ياخشى كۆردىغان ئەپتىن 3نى تەۋسىيە قىلاي.
1.懂球帝
پۇتبول توغرىسىدىكى ھەرقانداق نەرسىلەر بار، مەن ھازىرغىچە ئىشلەتكەن ئەڭ ياخشى پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك ئەپ.
2.内涵段子
خەنچە نۇسخىدىكى ھېلىدىدەك پاراڭ،ھېلىقىدەك رەسىم،ھېلىقىدەك فىلىم
3.脑力达人
ئەقىل سىناش تىپىدىكى ئويۇن، يانفۇندىكى تەلەي يۇلتۇزى.
ياخشى ئەپلەرنىڭ ئىسمى چىقىۋاتىدۇ، باشقىلارمۇ يوللاپ بېقىڭلار
مىنىڭمۇ تىلفۇنۇمدا ياخشى بىر ئەپ بار كىچىك ۋاقىتلاردا ئوينىغان موگو رامبۇ ،ئىشقىلىپ بىرە مىڭ تالدەك ئويۇن بار ،ئويناشنى خالايدىغانلار happy bay دەپ چۈشۈرۋالساڭلار بولىدۇ .
air control pro ئايروپېلان قوندۇرىمىز. photo collage ئەڭ كۆپ بولغاندا9تال سۈرەتنى ئۇلايدۇ ئۇزۇنلام. MP3播放机 مۇزىكاكىسىدۇ، بۇ ئادەتتىكى ئىش.ئەمما ئۇلايدىغان ئىقتىدارىمۇ بار. grisly manor بۇئويۇننى1سائەت ئوينىسىڭىزئويۇن ياسىغۇچىنى كەم دىگەندە6قىتىم تىللايسىز.
ئەمدى شاھماتقاھەۋىسى بارلار ئۈچۈن توردا ئوينايدىغان شاھمات دېتالىدىن2سى تەۋسىيە chess online يەنەبىرسى chesscom
كەينىدىكى 3 مەيدان ھەقلقككەن
مەنمۇ 3نى تەۋسىيە قىلاي 1.aa 2. plague inc 3.直播8
مېنىڭ يانفۇنۇمدا تۈزۈك ئويۇن ياكى ئەپلەر يوق. ئىنكاسىمنىڭ مازلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بىر-ئىككى ئەپنى قالدۇرۇپ قۇياي. باشقىلارغا نىسبەتەن ھېچنىمە ئەمەس بەلكىم، ئەمما …. يانفۇنۇمدا ھەقىقەتەن باشقا ئەپ يوق يۇقاردىكى خۇمارداشلارنىڭ قالدۇرغان ئەپلىرىنى كۈرۈپ يانفۇنۇمنى خارلىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قېلىۋاتىمەن
1، بىلكان لۇغىتى
2. 触宝输入法国际版
3. TVAPP ، بۇ تەيۋەن،شياڭگاڭ، چەتئەلنىڭ تېلىۋىزىيە قاناللىرىنى كۆرگىلى بولىدىغان ئەپ. HBOنىڭ «ئەمەل نەيرىڭى»نى ئامېرىكىلىقلار بىلەن تەڭ بىللە كۈرىمىز دەيمە
سىلمۇ «ئەمەل نەيرىڭى» نى كۆرەۋاتامسىلە ؟ تورخۇماردا بۇ كىنوغا قىزقىدغانلا خىلى كۆپ ئوخشايدۇ ھە ..
(ئەمەل نەيرىڭى) فىلىمىنى؟ مۇنداق دىتال بار دەڭ تېخى، مەن بۇ فىلىمنى كۆرىمەن دەپ تېڭشۈن قويغۇچقا ھەقلىق ئەزا بولۇپ يۈرۈپتىمەن تېخى…
ئاھ خۇدا مۇشۇ ئويۇننىڭ بىر مەيدىنىدىن پەقەت ئۆتەلمىدىم ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ بولالماي ،يۇيېىتەيمىكى يە