مۇكاپاتقا ئېرىشكەن قالتىس يانفون ئويۇنى – Gesundheit
ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئاجايىپ نەپس چىققان كۆرۈنمە يۈزى، كونترول ۋە مەشغۇلات قولايلىقلىقى جەھەتلەردە باھالىغۇچىلارنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نادىر يانفون ئويۇنى – Gesundheit. ئىلگىرىكى كېيىن بولۇپ، App Store دا ھەپتىلىك نادىر ئويۇن بولۇپ باھالانغان، IGN كۆچمە قۇراشتۇرما ئويۇن مۇسابىقىسىنىڭ يىللىق چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن، iPad يىللىق نادىر ئويۇن باھالىشىدا 3-دەرىجىگە ئېرىشكەن.
ئەسلى باھاسى 18 يۈئەنلىك بۇ ئويۇننىڭ iPhone نۇسخىسى بۈگۈن ھەقسىز ۋاقىتلىق چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگەن بولۇپ، نۆۋەتتە iOS 5 تىن يۇقىرى سىستېمىنى قوللايدۇ. مۇشۇ پۇرسەتتە ھەقسىز چۈشىرىۋېلىشىڭلارنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.
ئويۇن ھەققىدە
Gesundheit دېگەن سۆز گېرمان تىلىدا بىر خىل قەدەھ سوقۇشتۇرۇش تەبرىكلەش سۆزى بولۇپ(خوشە دېگەندەك گەپ ئوخشايدۇ)، كۆپچىلىككە سالامەتلىك تىلەش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. ئويۇندا بولسا، يېشىل رەڭلىك كىچىك چوشقىچاق ھەمىشە بۇرنىدىن پوتلىسى ئېقىپ تۇرغاچقا، ھەمىشە باشقا چوشقىلار تەرىپىدىن زاڭلىق قىلىنىدىكەن، ئەمما غەلىتە مەخلۇق باستۇرۇپ كەلگەندە، ھەممىدىن ئاۋال بۇ يېشىل چوشقىچاق باش كۆتۈرۈپ چىقىپتۇ. ئۇنداق بۇ چوشقىچاق ئەڭ ئاخىرىدا قىز دوستىنى قۇتقۇزالامدۇ يوق؟
ئويۇندىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر
ئويۇننى چۈشۈرۈش
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: يانفون ئويۇنى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 39,240 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2015-يىلى 05-ئاينىڭ 27-كۈنى
- يازما مەنزىلى: gesundheit.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- كېيىنكى يازما > [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
تلفۇن دىگەن ئوقەت يوقتى مەندە
ۋەي ۋەي دىۋانمۇيا؟
ياق ئەمەس…
ۋو چى دو لى.
بەك پەيزىمۇنىمە رەھمەت
راس بەك پەيزىكە.. مۇشۇ( ۋاقىتلىق ھەقسىز) دىگەن گەپكە بەك ئۆچ بولدۇم ..
چۈشىۋاتىدا
بوپ قويدىغان ئويۇنكەن بۇ….ئادىيى ئەمما قىيىن ..
چۈشۋاتىدۇ،
ھەجەپ سىغىندىم جۇما، 1يىلدىن ئىشىپتۇ تورخۇمارنى پەتىلىمىگىلى.
يېڭى تېمىلار يوقاپ كەتتىغۇ