سوقۇنۇپ كىرىش تىپىدىكى چوڭ سىغىملىق ئويۇن – ھۈجەيرە بۆلۈنمىسى6: قارا تىزىملىك
تورخۇمارغا چوڭ تىپتىكى ئويۇن يوللانمىغىلىمۇ ئۇزۇن بولۇپ كېتىپتۇ ھە؟ بۈگۈن كۆپچىلىككە يېقىندا ئېلان قىلىنغان چوڭ تىپتىكى ئويۇن – ھۈجەيرە بۆلۈنمىسى: قارا تىزىملىكنى تونۇشتۇرىۋېتەي.
«ھۈجەيرە بۆلۈنمىسى: قارا تىزىملىك»تە، ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ تەڭداشسىز دۆلەت غايەت زور تەھدىتكە دۇچ كېلىدۇ، ئۆزىنى «پلانلىغۇچى» دەپ ئاتىۋالغان بىر توپ جىنايەتچىلەر ئامېرىكىغا قارىتا بىر قاتار تېرورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالىدۇ ھەمدە ئامېرىكىنىڭ 153 دۆلەتتىكى ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈپ ئېلىپ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ؛ سام.فىش يېڭى قۇرۇلغان تۆتىنچى ئەترەتكە باشچىلىق قىلىپ، ئامېرىكا پرىزدېنتتىنىڭ ئالاھىدە تەيىنلىشى بىلەن ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا ئاتلىنىدۇ ۋە بۇ تېرورچىلارنىڭ تېگى تەكتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن تەلتۆكۈس بىر قېتىملىق قارا تىزىملىك تازىلاش ھەرىكىتى باشلىنىدۇ.
ئۇف، قۇرۇق ۋەقەلىكنى ئاران تەرجىمە قىلىپ بولدۇم. ئەمدى نەق كۆرۈنۈشلەردىن بىر كۆرۈپ باقايلى. تۆۋەندىكى كۆرۈنۈشلەرنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىپ ئاندىن ئويۇنغا بولغان كۆز قارىشىڭىز ھەققىدە ئىنكاس يېزىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
«ھۈجەيرە بۆلۈنمىسى6: قارا تىزىملىك» نىڭ CG تەشۋىق فىلىمى
ئويۇن نەقمەيدانىدىن بىر قىسىم ئاخباراتلار
قانداق؟ ناۋادا سىزنىڭ ئىشتىھايىڭىزغا ياقىدىغان ئويۇن بولسا، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى سەپلىمىلەرنى بىر كۆرۈپ چىقايلى.
ئويۇننىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىسىگە بولغان ئەڭ تۆۋەن تەلەپ:
مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ: Intel Core 2 Duo 1.8GHz/Athlon X2 64 2.4GHz
ئىچكى ساقلىغۇچ: 2GB
قاتتىق دېسكا: كامىدا 30G يە بىكار بولسۇن
سىنكارتا: GeForce 9800 S or Radeon HD 4830
يۇقارقىسى ئەڭ تۆۋەن تەلەپ، يەنى مۇشۇ تەلەپتە ئويۇننى ئاران ئوينايسىز دېگەن گەپ، ئەگەر سەپلىمىڭىز ياخشى بولسا، كومپيۇتېرىڭىزنى قۇراشتۇرغىلى ئىككى يىلدىن ئاشمىغان بولسا ئۇنداقتا ئىككىلەنمەي چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.
قاچىلاش ئۇسۇلى:
- كېڭەيتىلگەن نامىغا .重命名 قويۇلغان ھۆججەتتىكى .重命名 دېگەن خەتنى ئېلىۋېتىپ قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز
- چۈشۈرگەن ھۆججەتلەر ئارىسىدىكى Uplay.rar نى پرىستىن يېشىپ چىققان ھۆججەتنى قاچىلايمىز(دىققەت: ئىككىنچى باسقۇچنى قىلغان چاغدا ۋىرۇسخور ياكى 360 بولسا ھۆججەتنى ۋىرۇس دەپ تونىۋېلىپ ئۆچۈرىۋېتىدىكەن. قايتا قاچىلاپ قويساق ياكى ۋىرۇسخورنىڭ 隔离区(ئايرىش رايونى دەمدۇق؟) شۇ يەرگە كىرىپ خاتا ئۆچۈرۈپ قويغان ھۆججەتنى ئاق تىزىملىككە ئاچىقىپ قويساق بولىدىكەن. ئامال بار ئوينىغاندا ۋىرۇسخورنى توختىتىپ قويۇپ تۇرۇپ ئويناڭلار. ياكى قاچىلىغاندىن باشلاپلا ۋىرۇسخورنى توختىتىۋېتىڭلار)
- 3DM破解当 دېگەننىڭ ئىچىدىكى يېشىش يامىقىنى ئويۇن قاچىلانغان مۇندەرىجىگە باستۇرىمىز
- ئېكراندىكى ئايكون ئارقىلىق ئويۇننى باشلىساق بولدى
چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دە چۈشۈرۈڭ):
迅雷 تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار | بەيدۇ تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ACT، ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,251 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 08-ئاينىڭ 28-كۈنى
- يازما مەنزىلى: splinter-cell-blacklist.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يەرشارىنى بىر مەھەل قاپلىغان دۇنياغا داڭلىق ئويۇن – ماشىنا ئوغرىسى(GTA) نىڭ تور(Online) نۇسخىسى چىقماقچى!
- كېيىنكى يازما > Microsoft شىركىتىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد ئويۇن ئويناش ماشىنىسى Xbox360 توغرىسىدا چۈشەنچە
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- قاتىل ئەقىدىسى تارىخ قىسمى : جۇڭگو
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- قاتىل ئەقىدىسى – ئىنقىلاب
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
- يەنە پاركور – قاتىل ئەقىدىسى : چوڭ ئىنقىلاب
- [ئويۇن] مەكس: قېرىنداشنىڭ قاغىشى
نوكىيا تىلفۇندا بەك ئوينىغان بۇنى
ۋاي ئانىمەي!ئۇيۇنلاغۇ پەيزىكەن، دائىم ئەڭ تۆۋەن سەپلىمە ئۆلچىمىگە قارىسلا چىۋىن يەۋاغاندەك بوپ قالدىكە ئەدەم …بۇ سەپلىمە دىگەننى بازاغا چىقىپلا ئالما ئامۇت ئاغاندەك ئېلىۋەگىلى بوممىسا يا ، ئېلىۋەگەن بىلەن ئۆيدىكى خۇتۇن بالا نان يەيتىم دەپ كۈزىنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ ئولتاسا كونا سىنكارتىنى پۇشۇرۇپ يە دىگىلى بوممىسا يا ، ھەي تۇرمۇش … جاننى بەگەن خۇدايىم مۇشتا ئىلغار سەپلىمە ئالدىغان قەغەز پۇلنىمۇ بىرىپ قالا … شۈكرى دەيلى شۈكرى ، ئوينىياممىساق ئىۋۇ قىسقا فىلىمنىمۇ بوسا كۈرەپ قۇيامىز
كورۈنۇشى بەك ئېسلكەنغۇ…. بىر ئوينىغۇدەك ئويۇنكەن…
ھوللىۋود كىنولىرىدەك ئىشلەپتۇ سىننى ھەممە ئىشنى ئالدىن بىكىتىپ قويغاندەكلا، قىنى چۈشۈرۈپ ئويناپ باقاي ماڭىمۇ شۇندا ئاسان توختامدۇ يوق.
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=443504614&uk=1613833693
ماۋۇ ئادېرستىن چۈشۈرۈپلا ئوينىغىنى بولىدىغان شەكلىنى چۈشۈرۋىلىڭلا،قاچىلاش ھاجەتسىز.
Xbox360 ئويۇن ماشىنسىدىن بىرنى 2000 سوم ئەتىراپىدا سېتىۋالسا ھەر قانداق ئويۇن ئويناشتىن غەم قىلمىسىمۇ بولىدۇ.
كومپىيوتىرنىڭ مېڭىسى دەمدۇق سىز دىگەن ئىۋ 360نى…
ئوبدانراق چۈشەنچە بەرسىڭىز…
Xbox360 دېگەن مەخسۇس ئويۇن ماشىنىسى….
مەنمۇمۇشۇXbox360دىن بىرنى ئالاي دىگەنتىم لىكىن بەزىلەدىن ئاڭلىسام بۇنىڭ جۇڭگۇدامۇلازىمىتىرى يوق بۇنى تورغائۇلاپ ئىشلىتىسەن ئۇيۇنلىرىنى مەخسۇس مۇلازىمىتىرىدىن چۈشۈرىسەن دەيدۇ .بۇگەپ راسمۇ بازاردىن سېتىۋالغان دىسكىدىنلا قاچىلاپ ئوينىغىلى بولمامدۇ؟بولسا ھازىرتىلغائېلنىۋاتقان ئۇيۇننىمۇ چۈشۈرۈپلا قاچىلاپ ئويناشقا بۇلامدۇ ؟تەپسىلىرەك چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز رەھمەت.
مەندىغۇ ماندا ئويانلارنى ئوينىغىدەك كومپىيۇتىرمۇ يوق ، لىكىنغۇ خىلى پەيزى چىققان ئوياندەك قىلىدۇ .
ھە راست ….. تورخۇمارغا كىرمىگىلى ئۇزۇن بوپتىكەن، ھىلىقى راكىتا يوقاپ كىتىپتا ؟؟؟؟؟؟؟؟
بارغۇ ئوڭ تەرەپ ئاستى بۈرجەكتە، بىرەرنى ئېتىپ باقايمۇيە سىزگە؟
xpئىشلەتكەن چاغدىغۇ چىقىۋاتىتتى ، ما Win7 دە چىقماۋاتقان ئوخشايدۇ تارتىنىپ تور كۆرگۈچ IE9
ما ئويۇنمۇ قالتىسكەن غۇ لىكىن مەن يەنىلا ئاشۇ GTA نىڭ تور نۇسقىسىنى ساقلاۋاتىمەن
كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا كوچا قاراقچىسى دەپ ئويۇنچۇقخانىلاردىن چىقمايتتۇق
شۇ ۋاقىتلاردىمۇ بىرلىشىپ ئوينىغىلى بولماسمۇ دىگەندەك خىياللارنى سۈرۈپ خېلى ۋاقىتلار شۇ ئويۇننى ئويناش بىلەن ئۆتكەن.. بولسا شۇنداق بولسا بەك ياخشىتتى ھە!
5- ئويناپ باققان بۇ ئويۇننىڭ خېلى پېچەت ئويۇن › ئەمما بۇنىڭغا سەپلىمە يەتمەسمىكىن
قىنى بىر چۈشۈرۈپ ئويناپ باقامدۇق.تورخۇماردا تورلاشتۇرۇپ ئوينايدىغانلار بولسا بىرگە ئوينايلى ،
مەن 5- ئوينىغان 6- چۇشىۋاتىدۇ. كەچكىچە چۇشۇپ بولدىغان ئوخشايدۇ.
مەن رەسىمىمنى چىقىراي دىگەن قانداق چىقىرىمەن دەپ بىرىڭلا؟
ئويونچى ماڭا دەپ بىرىڭ بولامدۇ.
مەن ئويۇننې ئاچسام بۇ خەت چېقۋالدېuplay_r1_loader.dll
مېنىڭمۇ شۇ.
قاچىلاش ئۇسۇلىدىكى 2-باسقۇچنى قىلغانلىقىڭلارنى جەزملەشتۈرەلەمسىلەر؟
سەۋەبىنى تاپتىم. ئىككىنچى باسقۇچنى قىلغان چاغدا ۋىرۇسخور ياكى 360 بولسا ھۆججەتنى ۋىرۇس دەپ تونىۋېلىپ ئۆچۈرىۋېتىدىكەن. قايتا قاچىلاپ قويساق ياكى ۋىرۇسخورنىڭ 隔离区(ئايرىش رايونى دەمدۇق؟) شۇ يەرگە كىرىپ خاتا ئۆچۈرۈپ قويغان ھۆججەتنى ئاق تىزىملىككە ئاچىقىپ قويساق بولىدىكەن. ئامال بار ئوينىغاندا ۋىرۇسخورنى توختىتىپ قويۇپ تۇرۇپ ئويناڭلار.
360 نىڭ ئۇ يېرىنى ئىزدەپ تاپالمىدىم. شۇنداقراق بىر يېرى بار ئىكەن لېكىن قايسى ھۆججەتلىكىنى ئۇقالمىدىم.
باشقا ھەل قىلىش چارىسىنى تاپتىم. ھەم ئويۇننى چىقىرىپ ئويناشنى باشلىۋەتتىم. بۇ ئادرېستىكى ئۇسۇلدىن پايدىلاندىم. http://www.gamersky.com/Soft/201308/291226.shtml
بۇ uplay_r1_loader.dll چىقىۋالغانلار پايدىلىنارسىلەر
مەن ئويوننى باشلىۋەتتىم . كارامەت پەيزىكەن
رەخمەت سىلەرگە يەنە بىرەر مەسىلىگە يولۇقسام سىلەردىن ياردەم سورايمەن ياردىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر
D3DX9_43.dll ھۆججىتى كام دەپ چىقىۋالدى، توردىن ئىزدەپ قاچىلىساممۇ يەنىلا ئوخشاش
DirectX نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرىنى تېپىپ قاچىلاڭ
مەن ئويناپ تۇگەتتىم لىكىن ئا كۇرنۇشتىكى مەيدان
چىقمىدى
مەن ئويناپ تۈگەتتىم، روسچىكىن خەتلىرىمۇ روسچىكەن ئۇ يەر بۇيەرلىرىنى بىسىپ ئاران تىپىپ ئوينىدىم ئىلاندىكى مەيدان چىقمايدىكەن ،ئاخىرلىشىشىمۇ بەك ئاددىلا ئىكەن.
ئىچىلمىدىغۇ Blacklist-dx11 دەمدۇ ئىشقىلىپ بىر نەرسە چىقىپ تۇردۇ ئويۇن قوزغۇلۇپ بىردەمدىن كىيىن ئاشۇنداق چىقىۋالىدۇ سىن ئارتام gtx 660 ئىدى بولمىسا 2GBلىق چى سەي خوڭ ئاركىلىق