نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما مەزمۇنى

Microsoft شىركىتىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد ئويۇن ئويناش ماشىنىسى Xbox360 توغرىسىدا چۈشەنچە

xbox-360

xbox360 دېگەن مەخسۇس ئويۇن ماشىنىسى. بۇ پۈتۈن دۇنياغا داڭلىق  كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى گىگانىت چولپان Microsoft شىركىتىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد ئويۇن ئويناش ماشىنىسى. بۇنىڭ ئاساسلىق ئىقتدارى ئويۇن ئويناش، كۆڭۈل ئېچىش. 2010-يىلى6 ئاينىڭ 14-كۈنى مىكروسوفىت(Kinect(体感器 نى ئېلان قىلىپ ئويۇن ئويناش، كۆڭۈل ئېچىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئويۇن ماشىنسى 7 ياشتىن 70 ياشقىچە ھەممە ئادەم ياقتۇردىغان مەھسۇلاتقا ئايلاندى.

676705347_36213360

2012-يىلى 10-ئايدا Xbox360 نىڭ پۈتۈن دۇنيادا يىللىق سېتىلىشى مىقدارى  700 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. kinect بولسا Xbox360 كە سەپلەيدىغان ئايرىم ئۈسكۈنە. باھاسى 800 سوم ئەتىراپىدا، ئالاھىلدىلىكى بەدىنىڭىز بىلەن ھەرىكەت قىلىپ ئويۇندىكى پىرسوناژلارنى باشقۇرىسىز، قولىڭىزغا بىرەر نەرسە تۇتىشىڭىزنىڭ، بەدىنىڭىزگە بىرەر ئۈسكۈنە كىيىشىڭىزنىڭ ياكى تاقىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئويۇننىڭ پۈتۈن جەريانىنى قول-پۇت بەدەن ئارقىلىق كونترول قىلىدىغان بولغاچقا ئۆزىڭىز سەزمىگەن ھالدا بەدىنىڭىزدىن تەر چىقىپ چېنىقىپ قالىسىز. ھە راست، مۇشىتلىشىدىغان ئويۇن ئويناپ قالسىڭىز دىققەت قىلىپ ئويناسىز، بەك ھاياجانلىنىپ كىتىپ ئەتراپىڭىزدىكى كۆرۈپ ئولتۇرغانلارنى ئۇرۇپ تاشلىماڭ.

kinect-family-fun-e1321884127372

ھازىر بازارلاردا 500 گېگابايىتلىق، 750 گېگابايىتلىق، 1000 گېگابايىتلىق قاتارلىق قاتتىق دىسكىلىق نۇسخىلىرى بار.سېتىۋالسىڭىز لىق ئويۇن قاچىلاپ بېرىدۇ. Xbox360 قا نۇر دېسكا سېلىپ قاچىلىماي بىۋاستە ئوقۇتۇپ ئويۇن ئوينىغىلى ھەم قاتتىق دېسكىغا كۆچۈرۋېلىپ ئويۇن ئوينىغىلى بولىدۇ. Xbox360 نى تورغا ئۇلاپ باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ياكى ئۆز ئارا رىقابەتلىشىپ  ئوينىغىلى بولىدۇ. Xbox360 نىڭ ئۆزىدىن تورغا چىقىپ ھەقسىز ئويۇن چۈشۈرگىلى بولىدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە: Xbox360 نىڭ يېشىۋېتىلگەن نۇسخىسى ياكى يېشىۋېتىلمىگەن نۇسخىسى دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. بۇ نى خەنچە 破解版 未破解版 دەپ ئاتايدۇ. بۇ خۇددى iPhone نى تۇرمىدىن قاچۇرغانغا، Android نىڭ Root ھوقۇقىنى ئالغانغا ئوخشايدۇ. يېشىۋېتىلمىگەن نۇسقىسى 未破解版 نى پەقەت ھەقىقي نەشىردىكى ئويۇن پىلاستىنكا سېتىۋىلىپ ئوينايسىز، ئوغرى نەشىرىنى ئوينىغىلى بولمايدۇ. لىكىن ئارتۇقچىلىقى، تورغا ئۇلاپ باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ياكى ئۆز ئارا رىقابەتلىشىپ  ئوينىغىلى بولىدۇ. ھەقىقي نەشىردىكى ئويۇن پىلاستىنكىسىنىڭ باھاسى 200ياكى 250 سوم ئەتىراپىدا، 350 سوملۇق ئويۇنلارمۇ بار.

تۆۋەندە Xbox360 نىڭ يېشىۋېتىلگەن نۇسخىسىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي. يېشىۋېتىلگەن نۇسخىسىمۇ 2 خىل. بۇنداق دېسەم بەك مۇرەككەپ ئويلاپ كەتمەڭ. بەك ئاسان.

1.ئوپتىك دىسكا ئوقۇغۇچ  يەنى 光驱 يېشىۋېتىلگەن نۇسقىسى

بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، بازاردىن ياكى توردىن 5 سوم ياكى 3 سومغا ئوغرى نەشىردىكى ئويۇن پىلاستىنكىسىنى سېتىۋىلىپ ئوينىيالايسىز. بىر پىلاستىنكىدىكى ئويۇننىڭ سىغىمى 7-8 گېگابايىت كېلىدۇ. ئوپتىك دىسكا ئوقۇغۇچ  يەنى 光驱 يېشىۋېتىلگەن نۇسخىسىدا قاتتىق دېسكىغا ئويۇن كۆچۈرۈپ ئوينىغىلى بولمايدۇ. ئويناش ئۈچۈن يەنە بىر 破解 قىلىش جەريانى كېتىدۇ. كومپىيۇتېر بىلىمىڭىز نورمال بولسا توردىن ئىزدەنسىڭىز ئۆزىڭىزمۇ قىلالايسىز.

2.قوش تەرەپلىك يېشىۋېتىلگەن نۇسقىسى

بۇنى خەنچە 双破解版 دەپ ئاتايدۇ. ھەقىچان ئاخىرىنى پەرەز قىلىپ بولدىڭىز، بۇ نۇسقىسىدا ھەم ئەرزان ئويۇن پىلاستىنكىسىنى ئوينىغىلى ھەم قاتتىق دېسكىغا كۆچۈرۋىلىپ ئوينىغىلى ھەم توردىن ئويۇن چۈشۈرۈپ ئوينىغىلى بولىدۇ.

ئەسكەرتىش :单破解版 ياكى 双破解版 نۇسخىسى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يېشىۋېتىلگەن نۇسخىسىنى تورغا ئۇلاشقا  بولمايدۇ، ئەگەردە ئۇلاپ سالسىڭىز مەشغۇلات سېستىمىسىنى توردىن ئاپتوماتىك يېڭىلاپ ئۇيۇن ماشىنىڭىزنى ھەقىقىي نەشىردىكى پىلاستىنكىدىن باشقا پىلاستىنكىنى ئوينىغىلى بولمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. ھەتتا قاتتىق دېسكىدىكى ئويۇنلارنىمۇ ئوينىيالمايسىز، بىر مۇنچە ئاۋارچىلىق بولىدۇ. شۇڭا ھەرگىز تورغا ئۇلىماڭ، Xbox360 نىڭ WIFI ئىقتىدارىنىمۇ ئاچماڭ. باھاغا كەلسەك،  يېشىلمىگەن نۇسخىسى ئەرزانراق، 1600 سوم ئەتراپىدا، يېشىۋېتىلگەن نۇسقىسى 2000 سوم ئەتىراپىدا. Kinect قوشۇلغان قوش تەرەپلىك يېشىۋىتىلگەن 750 گېگابايىتلىق نۇسقسى 3000 سوم ئەتىراپىدا.
ئەگەر سىز ھەقىقى ئويۇن مەستانىسى بولسىڭىز، كومپىيۇتېردا ئويۇن ئوينايمەن دەپ ئاۋارە بولغىچە Xbox360 سېتىۋالغىنىڭىز تۈزۈك. چۈنكى Xbox360 تا ئويۇن قېتىۋالىدىغان ئويۇننى سۆرىيەلمەيدىغان ئىشلار مەۋجۇت ئەمەس، Xbox360 نىڭ كۆرۈنمە يۈزى ۋە سۈزۈكلىكى كومپىيوتېردىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن. Xbox360 نىڭ ئويۇن ئويناش ئىقتىدارى 20 مىڭ سوملۇق كومپىيوتېردىنمۇ يۇقىرى تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇ دىگەن مەخسۇس ئويۇن ئويناش ئۈچۈن لايىھەلەپ ياسالغان.
ئويۇننىڭ تۈرىگە كەلسەك، Xbox360 نىڭ ئويۇنىنىڭ كۆپلىگىدىن بېشىڭىز قېيىپ كىتىدۇ. چۈنكى ھەر قانداق بىر ئويۇن شىركىتى ئالدى بىلەن ئويۇن ماشىنىلىرى ئۈچۈن ئويۇن ياسايدۇ، كىيىنچە PC نۇسخىسىنى چىقىرىدۇ. كۆپىنچە ئويۇنلارنىڭ PC نۇسخىسى چىقمايدۇ. چۈنكى PC نۇسقىدىكى ئويۇنلارنى يېشىۋىتىش بەك ئوڭاي بولۇپ كەتتى، ئەتىگىنى ئېلان قىلسا كەچتە 破解 نۇسخىسى تورغا چىقىپ بولغان. يەنە كېلىپ PC نىڭ رەسمىي نەشىردىكى ئويۇنلارنىڭ سېتىلىشى ياخشى ئەمەس، باساسىمۇ ئەرزان. مەسىلەن 使命召唤10 نىڭ Xbox360 رەسمىي نەشىرى 330 يۈەن بولسا، PC  رەسمىي نەشىرىنىڭ باھاسى 150 يۈەن ئەتىراپىدا. يەنە كىلىپ PC رەسمىي نەشىرىنى ئالىدىغانلارمۇ ئاز. Xbox360 تا ئويۇن ئويناپ كۆنۈپ قالسىڭىز ئېسىت!ئاۋارە بولۇپ PC دىمۇ ئويۇن ئويناپ يۈرۈپتىمەن دەپ قالىسىز.
ئەمدى تۆۋەنىدىكى سىنى كۆرۈپ بېقىڭ.بۇ ئويۇنلارنىڭ ھېچقايسىنى كومپىيۇتېردا ئوينىغىلى بولمايدۇ. بۇلارنى كۆرسىڭىز Xbox360 نىڭ ھەقىقەتەن نوچى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز.

بۇ مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينىغان ئويۇن قاقاس دالىدىكى مۇھاپىزەتچى خەنچە ئىسمى: 荒野大镖客

بۇ بولسا Xbox360 نىڭ نادىر ئويۇنلىرىنىڭ بىرى (ئۇرۇش ماشىنسى)دىگەن ئويۇن

نىنجا دىگەن ئويۇن

رىقابەت تىپىدىكى (ھايات ۋە مامات)دىگەن ئويۇن

xbox-hitler

قانداق؟ يۇقارقى چۈشەندۈرۈشلەرنى كۆرۈپ XBox ھەققىدە بىرەر چۈشەنچىگە ئىگە بولدىڭىزمۇ؟ بىرەرنى سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز؟



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. موگو 2013.09.02 , 13:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئامما ئويۇن بولا ماشتا بولا،نىمىدىگەن پەيزى ئويۇن بۇ ،كىلەر ئايدا بىرنى ئىلىشقا ھەممە تەييارلىق پۈتتى لىكىن شۇ…:mrgreen:

  2. باتۇر413 2013.09.02 , 13:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    لىكىن شۇ پۇل يوق.:mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  3. تىرويان 2013.09.02 , 14:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي ئەجەپ ئونىغىم كەپ كەتتى دىسە نىمىدىگەن قالتىس ھىھى پۇل بولسىغۇ ھازىرلام ئىلىپ 10-15كىلو ئورۇقلىسا بولغۇدەك بۇنىڭدا قوش ئۇنۇم ياراتقىلى بولغۇدەك … راس باھاسى قانچە ئەتراپىدا بۇنىڭ :se:

  4. باتۇر143 2013.09.02 , 14:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ‏تىمىنى ئوقۇسىڭىز بىلىسىز،بەك تەپسىلى يازغان.

  5. ئەتىۋا 2013.09.02 , 14:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بىژ ئېغىز گەپ قىسام خۇماداشلا:
    يېقىننىڭ ياقى شۇنداق ئىسىل يازمىلار يوللانسىمۇ ئىنكاس يازىدىغان ئەدەمنىڭ تايىنى يوق ، ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئەدەم كۈرىدىكەن، چۈشكەن ئىنكاس ئونغىمۇ يەتمەيدۇ تېخى، بۇندا بۇلاۋەسە تىما يوللىغان ئەدەمنىڭ ھاردۇقى چىقمايدۇ، شىپپىدە چىرىپ غىتتىدە چىكىتىۋەمەي ، خەق بىرمۇنچە ئىزدىنىپ نۇرغۇن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ بىر تىما يوللىغاندىكىن، بىزمۇ تىمىنى كۈرۈۋېلىپلا غىپپىدە تىكىۋەتمەي ،بىرە مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ بىرە ئېغىزدىن سۆزلەپ باقمامدۇق ، شۇنداق ئىسىل ئىنكاسلا چۈشىدۇ بەزىدە …
    ئىنكاس يېزىشقا پەقەت ۋاقىت چىقمىدى دىگەندىمۇ ئىۋۇ سازكان مازكەننى بېسىپ قويساق بۇلىدا ئەمەسمە … تورخۇمار ئاندا ياخشى ماندا دەيدىكەنمىز شۇنىڭغا چۇشلۇق تىما يوللىغۇچىنىڭ ھۆرمىتىنى قىپ ئىنكاس قايتۇرۇپ قويمامدۇق دەيمە … بوسا يەنە نەچچە سىكونت چىقىرىپ ئىۋۇ ئىلاندىن بىرەنى چىكىپ قۇيىلى بىزگە موچەنلىك زىيىنى بوممىغاندىكىن، مەن تەدبىركارنى تۇنۇمايمە ، بۇنى يېزىشىم پەقەتلا ئۆزەمنىڭ ئويلىغىنى ، گىپىم سەل ئۇرۇنلۇق بوسا خۇماداشلا بۇندىن كىيىن تىمىنى كۆرگەندىن كىيىن خاپومماي مۇبارەك ئىزىنى بى قالدۇرۇپ قويسا ، تىما يوللىغان ئەدەممۇ سەل ھاردۇقى چىقىپ تېخىمۇ ئىسىل يازمىلارنى يوللاپ تۇسا دىمەكچى …

  6. ياغاچ قۇلاق 2013.09.02 , 14:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىمەك قوش تەرەپلىك يىشىۋىتىلگەن نۇسقىسى بولىدىكەنغۇ بىزلەگە.خۇدايىم بۇيرىسا قۇربان ھىيتقابىرنى سېتىۋىلىپ ئالدىغابىريېرىم سانتىرلىق ئەينەك ئۇرنىتىپ مىھمانخانىغىلاقۇيۇپ قويساق گۆشمۇ تىجىلىپ قالغۇدەك ھەممىسى ئۇيۇن ئويناپ تاماق يىمەي كەتسە:mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen:

    • رىچارد 2013.09.02 , 17:41

      ۋاھ ئۇنداق قىلىمەن دىسىلە ئىشنى خام ئويلاپلا…
      سىزچە مىھمانلار شۇنداق كۆڭۈللۈك ئولتۇرغان سورۇندىن گۆش پۆش يىمەيغۇ چىقىپ كىتەر… ئەمما ئۆيىڭىزدىن قاچان چىكىتەر…ھىھ.!
      مەنچە شۇنداق قىلسىڭىز.. شەخسەن مەن بولساممۇ ھېيتنى سىلەنىڭكىدىن كەلمەي ئۆتكۈزىمەنغۇ…. ھىھ….
      مېنى بەلكىم تونىيارلا. كۆرسىللىرى…

      ئەمسە شۇنداق بولسۇن. ھازىردىن باشلاپ ياغاچ قۇلاققا قۇربان ھېيتقىچە. Xbox 360دىن بىرسى گەدىنگە ئۆتتى…. تامام..

  7. چاتقال 2013.09.02 , 14:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئې مۇشتلىشىدىغاننىمۇ ئىككى ئادەم مۇشتلىشىپ تۇرۇپ ئوينامدىغاندۇق يا

  8. ياغاچ قۇلاق 2013.09.02 , 15:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەتىنىڭ ياقى ئىزدەپ ھېچبىرئەزىگۈدەكلىرىنى ئۇچراتمىدىم ئېپ باققان ياكى ئىشەنچىلىك سېتىش ئادىرسىنى بىلىدىغانلاقالدۇرۇپ قۇيمامسىلەمەن كومپىيوتىرنى ئالماشتۇرغىچەمۇشىنىڭدىن بىرنى ئالاي دىگەن.

  9. جاللات 2013.09.02 , 15:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پەيزىلىكىدىن ئادەمنى ھوشىدىن كەتكۈزۋەتكىدەك ئويۇنكەن بۇ ؟

  10. جاللات 2013.09.02 , 15:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باش سۈرتىمنى چىقىرالمىدىم ، قانداق چىقىرىدۇ، ئۈگۈتۈپ قويمامسىلە؟ بىرادەرلەر.

  11. مۇرات 2013.09.02 , 15:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كىيىنچە بۇمۇ بۇلاپ قالا بىزنىڭ ئۇيلاردە كىيىنچە ئىلىپ قالسام تۇرخۇماردىكى خۇماداشلارنى ئۇيگە چاقىرمەن . ياق دىمەسسىلە ھە خۇماداشلار :mrgreen:

  12. باتۇر413 2013.09.02 , 15:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ‏مەن سېتىۋالغان دۇككاننىڭ ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قوياي.پايدىلناسىز.

    • ياغاچ قۇلاق 2013.09.02 , 16:24

      رەھمەت سىزگەسىزقايسى سىز قايسى ئادرىستىن سېتىۋالغانتىڭىز.

  13. تاماشىبىن 2013.09.02 , 16:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    xbox360 ئەمدى تارىخ بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. مىكروسوفىتنىڭ 3_ئەۋلاد ئويۇن ماشىنىسى Xbox One يېقىندا ئېلان قىلىندى. بۇ توغرىسىدا قۇتيار تورىدىكى kaisar809 ئىسىملىك تورداشنىڭ ئۇچۇرى تۆۋەندىكىدەك: http://qutyar.net/mb/thread-6746-1-3.html

    ھە راست تورداشلارنىڭ ps3 ئويۇن ماشىنىسىغا توردىن ئويۇن قاچىلاشنى بىلىدىغانلار بولسا ياردەم قىلىشىنى سورايمەن. خەنلەرنىڭ قېشىغا ئاپارسا بىر ئويۇننى 20 يۈەندىن قاچىلاپ بېرىدىكەن. بىزمۇ بىلىۋالساق بۇنىڭ تىلىنى.

  14. باتۇر413 2013.09.02 , 16:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    4Xbox One-ئايدا ئىلان قىلغان، تېىخى جوڭگو بازىرغا كىرمىدى،ئۇنىڭ 破解 بولشىغا 1 يىل ۋاقىت كىتەرمىكىن.
    ps4 مۇشۇ يلنىڭ ئاخىرى 12-ئاينىڭ ئاخىرى بازارغا سالىدۇ.

  15. باتۇر413 2013.09.02 , 16:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ توربەتتە xbox360 ۋە ps3 توغۇرسىدا نۇرغۇن بىلىم بار،ئويۇن چۈشۈرگىلىمۇ بولىدۇ.
    www.tgbus.com

  16. ھەۋەسكار 2013.09.02 , 16:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    XBox360 توغرىسىدىكى ئوبدان تېما بوپتۇ. تېما ئىگىسى ۋە مۇشۇ تېمىدىكى باشقا ئويۇنخۇمار باللا، مۇشۇنداق ئويۇن ماشىنىلىرىدىن يەنە PS3 دەمدۇ ياكى Wii دەمدۇ باشقا خىللىرى بار ئىكەن. مۇشۇلار توغرىسىدىمۇ يەنە توختىلىپ باققان بولساڭلار فەچەت بولاتتى.

  17. باتۇر413 2013.09.02 , 16:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن مۇشۇ دۇككاندىن ئالدى كەينى بولۇپ 3 نى سېتىۋالغان.سېتىۋالغىلى بىر يىل بولاي دىدى.
    http://tradearchive.taobao.com/trade/detail/tradeSnap.htm?spm=a1z09.2.9.216.dT7oUA&tradeID=166359619746796

  18. باتۇر413 2013.09.02 , 17:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئادىرسى ئىككىگە بۆلنۈپ كىتىپتۇ،بىرلەشتۈرۈپ تور كۆرگۈگە چاپلىسىڭىز بولىدۇ.

  19. رىچارد 2013.09.02 , 17:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەھمەت. مۇشۇ مەھسۇلات ھەققىدە ئېنىق بىر چۈشەنچىگە ئىگە بۇلالماي يۈرگەنتىم…… ھەشقاللا(مۇنۇ يازمىنى تەدبىركار يازدىمۇ ۋە ياكى باشقا بىر تورداش يازدىمۇ تېلىفۇندا چىققانىدىم ئۇ كۆزنەك كۆرۈنمىدى..)

    مۇنۇ ئويۇن خالتىسىنى سىزمۇ سېتىۋالغانمۇيە ئاپتۇر. سېتىۋالغان بولسىڭىز مەۋەدە بىر ئىككى دوستلار. سېتىۋالساق ئانداقەي مۇنداقەي دەپ يۈرىدۇ..
    مېنىڭمۇ بىر سېتىۋالغۇم بارىتتى بۇنى ئەمما ئۇچرىشىپ باقمىغان بۇ مەھسۇلات ھەققىدە چۈشەنچەم سەل خام !
    ھەم. خەنچە سەۋىيەم تايىنلىق(ھازىر خەنزۇتىلى بىلمىسە توردىن مال سېتىۋالسا ئېنىقلا قويۇلۇپ كېتىدىغان گەپ ئىكەن)
    گەپنىڭ پوس كاللىسى سېتىۋالغان بولسىڭىز ئازراق سۆزلەپ باقسىڭىز. ھەم يول كۆرسەتسىڭىز!

    رەھمەت

  20. ئاخماق 2013.09.02 , 17:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ بىر ئۇيۇن ھەۋەسكارى بۇلۇپمۇ 单机 ئۇيونلارنى بىر كىشلىك ئويناپ قۇيىمەن .XBox360 مۇشۇ نەرسىنى پۇل تاپقاندا چۇقۇم ئالامەن .بۇ تىمىنى كۇرۇپ يۇروكىمگە ئۇتتىن بىرسى تۇتۇشۇپ كەتتى .

  21. ئويۇنچى 2013.09.02 , 18:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خەپ ، پۇل تاپقان كۈننىڭ ئەتىسىلا بىرنى ئالمىسام ، PS2 دە ئويناپ بېقىپتىمەن ، لېكىن مۇشۇنىڭدا ئويناپ باقماپتىمەن …:grin::grin::grin:

  22. باتۇر413 2013.09.02 , 18:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورداشلارنىڭ تىمىنى ۋە ئىنكاسنى تولۇق ئوقۇپ كىيىن ئاندىن ئنكاس يىزىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.مەن توردىن سېتىۋىلىش ئادىرسىنى ئىنكاس شەكىلدە يوللاپ قويدۇم.
    ئەگەر توردىن مال سېتىۋىلىشنى بىلمەيدىغانلار بولسا بىلىدىغان دوستىڭىزدىن ياردەم سوراڭ.
    ياكى بولمىسا ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق شەھەردىن ئىزدەپ بېقىڭ،ئۈرۈمچى قىزىل بايراق كوپپىيوتېر شەھەرچىسىدە ساتىدىغانلار بەك كۆپ،قەشقەر شەھىردە يىجىيا تاللا بازىردا ساتىدىغان يەر بار،يەنە بىرسى پىيادىلەر كوچىسى步行街 ئىچىدە بىر دۇككان بار،شۇ يەردە ساتىدۇ. ئۇ يەردىكى باھا بىلەن توردىكى باھانىڭ پەرقى بار.قىززىقىپ قالغان تورداشلار كۆرۈپ،ئويناپ بېقىپ ئاندىن سېتىۋىلىشنى ئويلاشسڭىزمۇ بولىدۇ.
    باشقا ۋىلايەت شەھەرلەردىمۇ چوقۇم بارغۇ دەيمەن.
    ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ بىر تونۇشۇمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىر سائەت ئويناپ بېقىپ شۇ كۈنى كەچتىلا توردىن بىرنى زاكاس قىلغانتىم.:mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  23. نۆل ۋە بىر 2013.09.02 , 19:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى نەدىن توپلىدىڭىز؟يىللىق سىتىلىش مىقدارى 700 مىليون؟؟:evil:بازارغا سىلىشتىن بۇيانقى سىتىلىش ئومومىي مىقدارى 70 مىليون بولغان… …ئىلان بەرسىڭىز مۇ لايىقىدا بولسۇن ھە؟!

  24. PolatAlemdar 2013.09.02 , 19:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ps4 توغرىسىدىمۇ بىرە تىما يازسىلا بۇلاتتى.

    • نۆل ۋە بىر 2013.09.02 , 20:12

      ئاللاھ بۇيرىسا مەن يازاي دەپ ئويلىشىۋاتىمەن…:mrgreen:شۇ ۋاقىتتا ئوبدان پىكىرلىشەرمىز؟

  25. مەمىتو 2013.09.02 , 19:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    لېكىن 2 سەئەت ئوينىسىڭىز 3 كۈندە ئاران ئەسلىڭىزگە كېلىسىز تۇنجى قېتىمدا، ئىدىيەدە تەييارلىق بولسۇن

  26. باتۇر413 2013.09.02 , 20:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ‏مەن ئۇ ئۇچۇرنى بەيدۇدىن تاپقان.
    ‏2012-يىلى 10-ئايغىچە سېتىلىش مىقدارى. چارچاپ كەتكەنىدىن بولسا كىرەك خاتا يوللىنىپ كىتىپتۇ.گەپنى چىرايلىق قىلشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.مەن بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئىلانىنى بىرۋاتقىنىم يوق.بۇ يا مىنىڭ مەھسۇلاتىم ئەمەس.خاتالىقنى كۆرسىتىپ بەرگىنىڭزگە رەھمەت ،لىكىن ماڭا تاپا-تەنە قىلماڭ.

    • نۆل ۋە بىر 2013.09.02 , 20:17

      گەپنى چىرايلىق قىلىڭ دەمسىز ؟ھاياجانلانماڭ.بۇ پەقەت دوستانە ئەسكەرتىش.مەن ھاياجانلىنىپ كېتىپ قالغان چىراي.ھازىرغا قەدەر ھەرقانداق مەھسۇلاتنىڭ يىللىق سىتىلىش مىقدارى 700 مىليونغا يەتكىنى يوق.

  27. باتۇر413 2013.09.02 , 21:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دوستانە ئەسكەرتىشڭزنى سەمىيىمى قىلىڭ. سىزمۇ تولا بلەرمەنلىك قىلماڭ،يللىق سېتىلىش مقىدارى 700 مىليونغا يىتىدىغان مەھسۇلات يوق دەمسىز؟ئۇنداق كىسىپ ئېتىۋەتمەڭ.ئۇنداق مەھسۇلات بار.جىقراق ماتېريال كۆرۈپ بېرىڭ.ئەگەر بىلگىڭىز بولسا پىنگۋىن نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ.
    سىزمۇ جاپا تارتىپ كىچە ئۇخلىماي تما يوللىغان ۋاقتىڭىزدا باشقىلار ئۇنى بۇنى دەپ پۇتاق چىقارسا،تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرسە ئاندىن بۈگۈن ماڭغا قىلغان تاپا تەنىڭىزنى چۈشۈنۈپ قالاسىز.

    • نۆل ۋە بىر 2013.09.03 , 11:18

      نىمانداق ئەسكى خۇيىڭىزنى چېقىرىسىز؟كېچە كىچىلەپ تەييارلىغان تىمىڭىزغا رەھمەد… …ئۆزىڭىز 7000万نى 700مىليون دەپ تەرجىمە قېپقاپسىز شۇ.مەن شۇ بىلەنمەنرەك.تىخنىكىلىق مەھسۇلارتلار ئىچىدە يىللىق سىتىلىش مىقدارى 700مىليونغا يەتكىنى راس يوق.بۇنى مەن ئەمدى بايقىدىم.بۇنداق تىمىلارنى ھەممە ئادەم ماختەۋەرمەيدۇ.مەندەڭ ئەستاھىدىللارمۇ يوق ئەمەس.تولا تورخۇمارنى موتوروللا قىلماي 627654587غا ئىشتراك… …

    • سەھرالىق 2013.09.03 , 21:03

      توخۇ تۇخۇمى ۋە جۇڭگودا باشقا نەرسىلەرنىڭ سېتىلىشى چوقۇم سىز دېگەندىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ:mrgreen:

    • نۆل ۋە بىر 2013.09.04 , 01:30

      شۇڭا ئەسكەرتتىم تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار دەپ.تۇخۇم چۆجىلەردە گۇناھ يوق ئارلاشتۇرۇپ قويماڭ.

  28. بىرتال نۇقتا كوم 2013.09.02 , 21:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ نەرسىنى شۇ ھەۋەس بىلەن قايلاپ قويساقلا بولىدىكەن ، باھاسى ئادەمنى ئىچىنى ئېچىشتۇرۇدى دە ! :se:

  29. نەۋقىران 2013.09.03 , 00:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەلىمىزدىكى ناۋاينىڭ يىللىق سىتىش مىقدارىنى كىم بىلە ئۆزىمۇ بىلمەس لىكىن ئۇ ئويۇنچۇق بوپ قويدۇ خوشنام بەسەينىڭكىنى سىناپ باققانتىم بوممايدىغان يىرى شۇ چوڭ ئىكران ئازادە موھىت كىرەككەن تىمايازغۇچىغا ھەشەكاللا

  30. تاڭنۇرى 2013.09.03 , 01:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەجەپ ئىچىم قىززىدا…….خەپ مەنمۇ بىرنى ئالارمە ھە…شۇ چاغدا باشقىلارنىڭ ئوينىغىنىغا قاراپ ئولتۇرمىسام تازا…:lol::lol:

  31. تەكلىماكان ئوغلى 2013.09.03 , 02:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنى مەنمۇ خىلى بۇرۇن سىتىۋىلىشنى ئويلاشكان
    لىكىن بۇنىڭ ئۇچۇن بەلگىلىك بوشلۇق يەنە ئازادە ئائىلە جاودۇقلىرى ئاز بولغان بوشلۇق شۇنداقلام چوڭ ئىكران
    قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشىيەنە يىتەرلىك جىسمانى
    ساغلاملىق بىردەم ئويناپلام ھىرىپ قالىدىغان ياكى بۇگۇنى ئوينىسا ئەتە ئوگۇن كارۋاتتىن چۇشمەي دەم ئالىدىغان لار بۇلۇپ قالسا بولمايدىغان چىراي
    ئەڭ مۇھىمى ئازادە بوشلۇق شۇنداقلا چوڭ سۇيۇق كىرىستاللىق ئىكران مۇشۇ زارايىت ھازىرلانغانلار سىتىۋالسا بولغۇدەك دەپ ئويلايمەن
    خۇدايىم بۇررىسا مۇشۇ شاريىت مەندە ھازىرلانغان كۇننىڭ بىر نەچچىنچى كۇنى بۇ ئاقەتنى سىتىۋالمىسام بولمايدىغان چىراي

  32. ئىيار 2013.09.03 , 03:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    Xbox360 بۇ خازىر مۇدىدىن قالدى، ھازىر مودا بولۋاتىنىps4،ps4نىڭ ئويۇنلىرى Xbox360دىن نوچى

    • نۆل ۋە بىر 2013.09.04 , 01:37

      مەن بىر تېپىك سونىي مەستانىسى… …لىكىن بۇنىڭلىق بىلەن سونىيغا قارىغۇلارچە يان باسمايمەن.راس ps4 ئەلۋەتتە xbox360دىن نوچى،بىراق ئۇنتۇپ قالماڭ xbox oneنىڭ مەھجۇتلىقنى.ئەلۋەتتە ps4قاتتىق دىتال،يالغۇز سۇپا ئويۇنلار جەھەتتە xbox oneدىن ئۈستىن تۇرىدۇ.لىكىن xbox oneنىڭ ئىسىل جايلىرىمۇ ئاز ئەمەس.ئاللاھ بۇيرىسا مەن بۇتوغۇرلۇق تېما يوللىماقچى… …شۇ ۋاقىتتا ئوبدان پىكىرلىشەرمىز.

  33. قامچا 2013.09.03 , 05:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    700مىليون ؟؟؟؟ توۋا دەڭلا بىر . نەزىرىيە جەھەتتىنمۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىشقۇ بۇ ؟؟؟ مىكرو سوفىت بىر ئۈسكۈنىسىنى بۇنداق ساتقىلى تۇرسا ئالما چۆلدە قالاتتى .
    ‏مۇشۇ ئۈسكىنىنىڭ بىر دانىسىنىڭ پايدىسىنى ئەڭ تۆۋەن مۆلچەرلىسەكمۇ 1000يۈەن . 1000نى 700مليونغا كۆپەيتىپ بېقىڭلا . قانچە چىقىدىكن …

    ‏بۇ دۇنيادىكى ھەر 10 ئادەمنىڭ بىرىدە مۇشۇ ئۈسكۈنە بار دېگەن نەزىريەنى شەكىللەندۈرىدۇ . تېلفونمۇ بۇنداق ئومۇملاشمىغاندۇ ھە

    • ئىمكان 2013.09.03 , 12:14

      2012-يىلى 1-ئايغىچە جۇڭگۇ يانغۇن ئابۇنتلىرىنىڭ سانى 900 مىليۇن 875مىڭدىن ئارتۇق.
      كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 655 مىليۇندىن ئارتۇق.
      بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 200 مىليۇندىن ئارتۇق.
      تېلگىرافنىڭ 100 مىليۇن 292مىڭدىن ئارتۇق.
      (مەنبە: بەيدۇ تورى)
      دۇنيا بانكىسىنىڭ بىر دوكلاتىدا كورسىتىلىشىچە، 2012-يىلنىڭ بېشىدىكى پۈتۈن دۇنيادىكى يانفۇن ئابۇنتلىرى 6مىليارت ئەتراپىدا.
      ==============
      ئەمدى ماۋۇ ئۈسكىنىنىڭ سېتىلىشىغا كەلسەك، ماتىرىياللاردا 2012-يىلى 10-ئايغىچە ، پۈتۈن دۇنيادىكى سېتىلىش يېغىندى مىقدارى 70 مىليۇن دەپتۇ.

    • مەنسۇر 2013.09.03 , 15:35

      1000 نى 700 مىلىيۇنغا كۆپەيتمەيمىز، 700 مىلىيۇننى 1000 غا بۆلىمىز.
      يەنە بىر گەپ: ئاپتور يازغان ئىنكاستا 70 مىلىيۇن 700 مىلىيۇن دەپ يېزىلىپ قاپتۇ دەپتۇ.
      سىز دىگەن بويىچە 1000 يۈەن پايدىغا بۆلۈپ ھېسابلىساق:
      70000000 بۆلىمىز 1000 = 70000 دانە
      شۇنداق بولغاندا 700000 دانە سېتىلغان بولىدۇ. ( سىز دىگەندەك دانىسىغا 1000 يۈەندىن پايدا ئالسا، لىكىن ئاۋۇ 70 مىلىيۇن پۇل ئومۇمىي سېتىلىش كىرىمىمۇ ياكى ساپ پايدىسىمۇ؟ بۇنىسى نامەلۇم)
      ئەگەر 70 مىلىيۇن ساپ كىرىم بولماي ئومۇمىي سېتىلىش كىرىمى بولۇپ، ئۈستىدىكى تېمىدا ئېيتىلغاندەك (1600، 2000، 3000 يۈەن) باھادا بولسا:
      70000000 بۆلىمىز 2000 يۈەن = 35000 دانە بولغان بولىدۇ. بۇ خەلقئارادا ئانچە كۆپ سانمۇ ئەمەس.
      مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا دۇنيادىكى ھەر 10 ئادەمنىڭ بىرىدە ئەمەس، بەلكى جۇڭگودىكى ھەر 37143 ئادەمگە ( 1 مىلىيۇن 300 مىڭ نوپۇس بىرلىك قىلىندى) بىرسى توغرا كەلگەن بولىدۇ.
      ئاخىرىدا يەنە بىر گەپ: يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان پۇل دوللارمۇ، ياۋرۇمۇ ياكى خەلق پۇلىمۇ؟ بۇنى بىلمىدىم.

  34. سەرسان 2013.09.03 , 06:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ‏راس ھەقىقەتەن ئەقىلگە سىغمايدۇ

  35. ئابدۇۋاھاب 2013.09.03 , 10:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقى نەشىرىنى ئالغان ئادەم،پلاستىنكىغا چىداش كىرەككەندە،بىزنىڭ بۇ يەردىكى تورلاردا نورمال ئوينىغىلى بولامۇ،؟

  36. باتۇر413 2013.09.03 , 13:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىزنىڭ بۇ يەردىكى توردىمۇ بولىدۇ.

  37. نەۋقىران 2013.09.03 , 13:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي

  38. قامچا 2013.09.03 , 15:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سېتلىش مىقدارى 700مىليون دەۋاتسا نەدىن كەلگەن 700مىليون پۇلدۇ بۇ ؟

  39. باتۇر413 2013.09.03 , 17:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    2012-يىلى 10-ئايدا Xbox360 نىڭ پۈتۈن دۇنيادا سېتىلىشى مىقدارى 70 مىليوندىن دانىدىن ئېشىپ كەتتى دىگەن گەپ ئۇ.بولمىسا گۇگىل ياكى بەيدۇدىن ئىزدەپ بېقىڭلار.

  40. باتۇر413 2013.09.03 , 17:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    627654587 قوشقىلى بولمىدى.ئىلىخەت ئادىرسىنى سوراۋاتىدۇ.

    • ئويۇنچى 2013.09.03 , 18:57

      بولسا كىيۇ كىيۇ نومۇرۇڭلىنى قالدۇرۇپ قويمامسىلە :smile:

    • نۆل ۋە بىر 2013.09.04 , 01:24

      شەخىس ئىنكاسىخا باھا يېزىشنى بىلمەمسىز؟مەن تېخى كىمگە دەۋاتقاندۇ دەپتىمەن.abdunuris@gmail.comبىلەن ئالاقىلىشىڭ.

  41. باتۇر413 2013.09.03 , 19:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    406436310پىنگىېىۋن نومۇرۇم

  42. سەھرالىق 2013.09.03 , 21:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي-ۋۇي،سۆزلىگۈچىدە گۇناھ يوق،ئاڭلىغۇچى تۈزىتىپ ئاڭلىسا بولىدۇ.

    • نۆل ۋە بىر 2013.09.04 , 01:26

      مەن ئاڭلىغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۆزلىگۈچىنىڭ كەمچىللىكىنى تۈزىتىش دەپ بىلگەن چىراي.

  43. قاشتېشى 2013.09.04 , 02:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توردىن قانچە پۇل غا ەكەلدۇر گەن

  44. رىچارد 2013.09.04 , 10:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ يازمىنىڭ ئاشۇ بىر يېرىگە ھەممىللىرى ئېسىلىۋاپلا ھە!

  45. تومپاي 2013.09.04 , 14:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    Kinect ماۋۇ ئۈسكىنىسىنى كومپىيوتۇرغا ئۇلاپ ئويناشقا بولمامدىغاندۇ .

    • باتۇر413 2013.09.07 , 00:27

      Kinect نى كومپىيوتېرغا چېتىپ ئوينىغىلى بولمايدۇ.

  46. چاقماق 2013.09.05 , 12:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    XBOX360 نى ئاۋۇ گېتلىرمۇ ئويناپ كىتىپتا :mrgreen:

  47. ئاكاش 2013.09.05 , 17:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دوسلار بۇبىرنىمىگە تىلىۋىزوردىلا مەشىۇلات ئېلىپبارغىلى بۇلامدۇيا پىرىكسىيە ئاپراتىدىمۇ ئوينىغىلى بۇلامدۇ مەسىلەن 投影机3d دىگەندەكلەرنى ئىكرانقىلىپ ئوينىغىلى بۇلامدۇ ئۇقىدىغانلار بولسا ھايت دىسەڭلا بوپتىكەن

  48. باتۇر413 2013.09.07 , 00:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    投影机 دىمۇ ئوينىغىلى بولىدۇ.

  49. خىيال 2013.09.09 , 12:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئۈلۈشكۈن بىرنى سېتىۋالدىم، راست بەك نوچى نەرسىكەن بۇ. Kinect نى ئىككى كۈن ئويناپ پۈتۈن بەدىنىم ئاغرىپلا قوپۇپتىمەن. چىنىقىش ئېغىر كىلىدىغان مەندەك ئادەملەرگە بەك ماس كىلىدىكەن. 2500 كويغا 750 GB لىق يېشىۋىتىلگەن نۇسخىسىنى ئالدىم. قىزىل بايراق يولى يەر ئاستى قەۋىتىدە بەك جىقكەن. تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچە لازىم بولسا 496190735 نى قاچىلاڭلار…

  50. پىرخون 2013.09.11 , 18:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نول ۋە بىر دىگەن ئاداش بەك تەكەببۇرلۇق قىلماڭ , ئۇ قىرىندىشىمىش سىزنىڭ پۇتاق تىپىشىڭىز ئۈچۈن ئەمەس ,كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن جاپا تاتىپ يوللاپتۇ, ئەگەر قىلغۇدەك ئىشىڭىز بولمىسا ئادەمدىن پۇتاق تاماي ئۇخلاپ قىلىڭ

  51. ئۇيغۇر05 2013.09.22 , 17:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمما ئويۇننىڭ قاتىللىرىمۇ بۇنىڭغا باش ئېگىدىكەن دىسە خەپ پۇل يىغىپ بۇنىڭدىن ئاللاھ خالىسا بىرنى ئالىمەن.
    دېڭىز قاراقچىسى ، نارۇتو دىگەندەك كارتونلارنىڭ ئويۇنلىرىمۇ ئوينىغىلى بولىدىكەن تېخى بۇنىڭدا
    شۇنى سوراپ باقسام ئەگەر Kinect نى قوشماي ئالسا قانچە پۇللار كىلەر ، يىشىۋىتىلمىگەن نۇسخىسىنى ئالساق ئۇنى قانداق يەشكىلى بولىدۇ.

  52. يۇلتۇزى 2014.08.06 , 15:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بولىدىغان ئوقەتكەن ھە بۇ ، ئويۇن ئوينايدىغان ئادەم يوقمىكىن دەپ يۈرۈپتىكەنمەن ، توۋا ئەمدى ماۋۇ ئىنكاسلارنى كۆرۈپ باركەن دېدىم ئۆزۈمگە :shock: ، ئويۇن ئوينىمايدىغانلاردىن مەنلام قالدىممۇ نېمە ، لېكىن ئاۋۇ ماشىنىغا قىزىقىپ قالدىم .:kiss:

  53. بامۇ باللا 2015.01.10 , 10:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بامۇ باللا

باھا بېتى: 1 2 3
         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量