نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما مەزمۇنى

بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)

ئۆتكەن يىلىلا ھەرقايسى چوڭ ئويۇن ئويناش سۇپىلىرى، PS4/XBox قاتارلىقلاردىن ئورۇن ئېلىپ بولغان داڭلىق ئويۇن – GTA 5 نىڭ PC نەشىرى ئاخىرى ئېلان قىلىندى!

ئويۇن ھەققىدە

كۆپچىلىك تەرىپىدىن ماشىنا قاراقچىسى دەپ ئاتىلىپ قويۇدىغان بۇ ئويۇننىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى GTA 5 بولسا، Rockstar North خىزمەتخانىسى تەرىپىدىن ياسالغان، Rockstar Games تەرىپىدىن تارقىتىلغان. ئويۇن ھېكايىسى ئامېرىكىنىڭ لوس-ئانژېلىس ۋە ئەتراپىدىكى بىر قىسىم شەھەرلەرنىڭ ئەينەن ھالىتىدە يۈز بەرگەن. ئىشلىگۈچى ئورۇن ئويۇن ئۈچۈن 250 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت تارتقان بولۇپ، ئويۇننىڭ ھەقىقىيلىكىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن زور دەرىجىدە ئەجىر سىڭدۈرۈلگەن دېيىشكە بولىدۇ.

ئويۇندىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر

ئويۇننىڭ سەپلىمە تەلىۋى

ئەڭ تۆۋەن سەپلىمە چېكى:
OS: Windows 8.1 64 Bit, Windows 8 64 Bit, Windows 7 64 Bit Service Pack 1, Windows Vista 64 Bit Service Pack 2* (*NVIDIA video card recommended if running Vista OS)
Processor: Intel Core 2 Quad CPU Q6600 @ 2.40GHz (4 CPUs) / AMD Phenom 9850 Quad-Core Processor (4 CPUs) @ 2.5GHz
Memory: 4 GB RAM
Graphics: NVIDIA 9800 GT 1GB / AMD HD 4870 1GB (DX 10, 10.1, 11)
Hard Drive: 65 GB available space
Sound Card: 100% DirectX 10 compatible

تەۋسىيەلىك سەپلىمە تەلىۋى:
OS: Windows 8.1 64 Bit, Windows 8 64 Bit, Windows 7 64 Bit Service Pack 1
Processor: Intel Core i5 3470 @ 3.2GHz (4 CPUs) / AMD X8 FX-8350 @ 4GHz (8 CPUs)
Memory: 8 GB RAM
Graphics: NVIDIA GTX 660 2GB / AMD HD 7870 2GB
Hard Drive: 65 GB available space
Sound Card: 100% DirectX 10 compatible
Additional Notes:

قاچىلاش ئۇسۇلى:

1. پرىستىن يېشىمىز
2. RGSC نى قاچىلايمىز
3. ئويۇننى قوزغاتساق بولدى

چۈشۈرۈش مەنبەسى يېڭىلاندى

نۆۋەتتىكى چۈشۈرۈش ئادرېسىغا دۆلەت ئىچى 3DM گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ يېڭى يېشىش يامىقى + 简体中文 تىل بولىقى توپلاشتۇرۇلغان نەشىرى ئالماشتۇرۇلدى. يېڭىدىن چۈشۈرگەنلار بىۋاستە چۈشۈرۈپ قاچىلاش كۆرسەتمىسى بويىچە مەشغۇلات قىلساقلا بولىدۇ. ئالدىنئالا چۈشۈرۈپ قويغانلار ئۈچۈن يېشىش يامىقىمۇ ئايرىم تەمىنلەندى. يېشىش يامىقىنى ئۇرۇش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

1. پرىستىن يېشىمىز
2. Installers ھۆججەت قىسقۇچىدىكى ئويۇننىڭ زۆرۈر بۆلىكى RGSC نى يېڭىلايمىز ياكى قاچىلايمىز
3. Upate ھۆججەت قىسقۇچىدىكى دەرىجە ئۆرلىتىش يامىقىنى ئويۇننىڭ غول مۇندەرىجىسىگە قاپلايمىز
4. Crack ھۆججەت قىسقۇچىدىكى يېشىش يامىقىنى ئويۇننىڭ غول مۇندەرىجىسىگە قاپلايمىز
5. Launcher.exe ھۆججىتىنى قوزغىتىپ ئويۇنغا كىرسەكلا بولىدۇ.

چۈشۈرۈش مەنزىلى:

GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(60GB) | مەنبە: تورخۇمار | يېشىش يامىقى(386MB)



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ،
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 79,649 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2015-يىلى 04-ئاينىڭ 17-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: gta5.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. رىۋايەت 2015.04.13 , 13:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پەچەت ئويۇن بۇ
    مەن بۇ نەگە چىقىۋالدىن دى……………..ۋا……..ن

  2. Forever 2015.04.13 , 13:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كاساپەتنى چۈشۈرىۋاتقىلى 2 كۈن بولدى ، 500Kb دىن 62GB ھۆججەت يەنە نەچچە كۈندە چۈشۈپ بولار …

    • رىۋايەت 2015.04.13 , 14:13

      شۈنلېيدا خۇييەن قىلىپ ئاندىن چۈشۈرسە تېز چۈشەرمىكىن ،:lol::lol::lol::lol:

    • Forever 2015.04.13 , 14:23

      قايسى كۈنى تاۋباۋدىن 1 موچەنگە 12 سائەتلىك ئەزالىقىنى سېتىۋالسام 500Kb دىن چۈشىۋاتقان كىنونى 300~200 Kb غا چۈشۈرۈپ قويىۋاتمامدۇ … پۇل تۆلەپ ئەسلىدىنلا ئاستا تور سۈرىتىمنى تېخىمۇ ئاستىلىتىۋالغىنىمغا كۈلەي دىسەم تېخى … :shock:

    • تورخۇمار 2015.04.13 , 14:55

      3MB تىن چۈشىدىغان تور بار، قاچىلايدىغان كومپيۇتېر يوق:evil:

    • مەنسۇر 2015.04.13 , 17:56

      62GB :dizzy: مەن تېخى ئىككى- ئۈچ GB بوپ قاسا چۈشۈرۈپ قوياي دەپ ئويلىغانتىم. :evil: كومپىيۇتېرىمدىكى 500GB دېسكامنىڭ بىكار يېرىنى يىغىپ تۆشىسەممۇ ئوتتۇز- قىرىق GB ئاران چىقىدىكەن دىسە. :neutral:

    • مەنسۇر 2015.04.13 , 18:00

      ئاللا، مەن تېخى ئۆزەمچە قاتتىق دېسكام بىلەن بوپ كېتىپتىمەن، ئاۋۇ ئىچكى زاپچاسلارنى كۆسەم خېلىلا ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدىكەن ئەمەسمۇ…. :shock:

    • hayatim538 2015.04.14 , 11:18

      تورخۇمار ئەپەندىم بارمۇسىز ؟ تىژلىق تۇردىلىمۇ ياكى تىچ ئامان تۇردىلىمۇ ؟ مەن يېقىندا بىر رەسىمگە تارتىش ئاپپارات ئالغان ئىدىم ، canon ئىدى بولسا تارتىقان رەسىملەرنى تورخۇماردا ئېلان قىلسام ۋە ئىلان قىلساق بىللە ئۇرتاقلاشساق دەيمەن .1515026215 بۇ مىنىڭ كوت كوت نۇمۇرۇم.بىر ئالاقەلىشايلى

  3. مايماق 2015.04.13 , 15:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ps , Xbox ئالىدىغان كۈنلەرمۇ كېلەر :twisted:

  4. قايماق 2015.04.13 , 15:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بۇنىڭ تورلاشتۇرۇپ ئوينايدىغان ھەقلىق نۇسخىسىنى steam دىن سىتۋالغان ماڭا ئوخشاش لا بولسا مىنى قىتۋىلىڭلا ئويۇن چىققاندا بىللە تورلاشتۇرۇپ توپ قۇرۇپ ئوينايمىز steam دىكى ئابۇنىت نامىم KAYMAK33

    • ھۈسەنجان 2015.04.16 , 02:03

      قانداق سېتىۋالدىڭلا 优酷دا بىرسى stam يېرېرىم باھا دەپ video يولاپتىكەن مەن سېتىۋالامىدىم ھەقلىق نۇسقىسىنى ھازىر ئوينىغىلى بولىدىكەنغۇ يولكۆسۈتىڭلا بىللە ئوينايلى

  5. alisher 2015.04.13 , 21:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مېنىڭ كومپىيوتېرىمغا ئوبدانلا ماس كەلمىگۈدەك .ھې ھې .3نى ئوينىغاچ تۇراي .

  6. ۋاپاسىز 2015.04.14 , 00:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەندە شۈنلىنىڭ تىز سۈرئەتلىك نۇسخۇسى بار
    تورىڭىزنىڭ ئەڭ يۇقىرى چۈشۈرۈش تىزلىگىدە چۈشۈردۇ ،لازىم بولسا يوللاپ بىرمەن

    • باھادىر 2015.04.15 , 10:52

      ئۇ شۇنلىنى ماڭا يوللاپ بىرەلەرسىزمۇ قېرىندىشىم…………………
      مىنىڭ چ چ :1206643524…………………:oops::oops::oops::oops:

    • مۇسلىم 2015.09.09 , 15:25

      بولسا ماڭا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن كوت كوت نۇمۇرۇم:876238182 :mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  7. ۋاپاسىز 2015.04.14 , 00:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئويۇن چۈشۈرۈش دىتالىدا چۈشۈرگەن ئىدىم
    ئەتىگەنياقى ئاران 6gb نەرسە چۈشۈپتۇ
    مۇشۇ سۈرئەتتە ماڭسا 10كۇندە بىرگەپ بولغىدەك

  8. جەڭچى 2015.04.14 , 00:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن چۈشرۈپ قويدۇم .كومپىيوتىرىم خاتىرجەم سۆرىگدەك . 正当防卫 دەپ بىر ئويان با بەك ئوخشايدۇ . ئويناپ بىقىڭلا خىلى بوپ قۇيدۇ ..

  9. جەڭچى 2015.04.14 , 00:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    http://game.163.com/15/0215/09/AIG39E0000314K8K.html
    预告片 نى نىمدەپ تەرجىمە قىلمىز باللا ..

  10. بەھرام 2015.04.14 , 12:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سۆرەيدىغان كومپىيوتىر با ….لېكىن ئوينىغىم كەممەيدىكەن….

  11. دون—ئەپەندى 2015.04.14 , 14:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئويۇن ھەقىقەتەن ساز ئويناۋاتقانلارنى كۆرگەن. ئەمما خېلى كۆپ چىقىم كەتكۈدەك
    شۇڭا توختاپ تۇراي!

  12. نۇرنىجات 2015.04.14 , 17:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئويۇننى ئورگان بەتتە ئون تۆتىنچى ئاپرىل ئېلان قىلىمىز دەۋاتاتتى…
    قانداقسىگە بەزىلەر ئىككى كۈندىن بېرى چۈشۈرىدۇ؟

    • قايماق 2015.04.14 , 17:45

      ھەقلىق سىتۋاغانلارغا 7-چىسلا ئالدىن چۈشۈرۈش تەمىنلەنگەن:mrgreen:

    • نۇرنىجات 2015.04.15 , 22:06

      مەن سېتىۋالالمىدىميا؟
      ئورگان بەتكە كىرسەم جۇڭگو نوپۇسلارغا ساتماسمىش

  13. ئابلاجان ئېلى 2015.04.15 , 17:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    xbox تا ئويناۋاتقىلى خېلى بوپ قالدى:grin::grin::grin:

  14. خالىت 2015.04.15 , 18:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بۇئويۇننى xbox360 ئويناۋاتىمەن مۇشۇ ئويۇننى ئىشلەشكە قانچىلىك مەبلەغ كەتكەندۇ

  15. Vector 2015.04.15 , 19:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    21-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ خۇش خەۋەر !!!!! :mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  16. ئىستىقلال 2015.04.17 , 16:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يېشىش يامىقىنى ئېلان قىلمىدىما ؟؟؟؟:eek:

  17. تورخۇمار 2015.04.18 , 00:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چۈشۈرۈش ئادرېسى يېڭىلاندى ۋە يېشىش يامىقى قوشۇلدى.
    ئەسلىدە 16-چېسلا يېشىش يامىقى چىقىپ بولغان بولسىمۇ، بىراق تېخى پەقەت Win7 دىلا ئىشلەيدىغان بولغاچ، ھەم يېشىش يامىقىنى مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمىغاچ، ساقلاپ ھازىر تولۇق مۇكەممەللەشكەندە ئاندىن يازمىنى يېڭىلاپ قويدۇم.

  18. ئىلتەرش 2015.04.18 , 03:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەھمەت سىزگە …
    بولسا چچ نۇمۇرىڭىزئى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز تور خۇمار ئەپەندنم ؛

  19. ئەلى 2015.04.18 , 14:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تور نوسخسىمۇ قانداق مەن ھەپىلىشۋھتقىلى بەش كۈن بولدى پەقەتلا چىقرالمىدىم

  20. ئويۇنچى 2015.04.18 , 14:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بالىلار بىلەن ئويۇن ئېلان قىلىنغان كۈنى ئەسلى نۇسخىسىنى سىتۋىلىپ تورلاشتۇرۇپ ئويناۋاتقان، ھازىر 8-10 ئادەم بار بىللە ئويناۋاتقان، يەنىلا ئەسلى نۇسخىسىنى سىتۋىلىپ ئوينىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، چۈنكى تورلاشتۇرۇپ ئوينىسا بەك پىچەت…:wink:
    Steamنۇمۇرۇم: oYunchi ئويۇننىڭ ئىچىدىكى نامىم: Jahanbeg

    • نۇرنىجات 2015.04.19 , 13:07

      سىز جۇڭگولۇق ئەمەسما؟ قانداق سېتىۋالدىڭىز؟

    • ئويۇنچى 2015.04.19 , 13:31

      مەن جوڭگۇلۇق ھەم شىنجاڭدا سىتۋىلىش ئاسان ياردەم كىرەك بولسا مىنى ئىزدەڭ، YYدىكى باللار بىلەن بىللە ئوينايمىز. QQ:632985072 قوشقاندا GTA5دەپ ئەسكەرتىپ قويارسىز.

  21. مەن 2015.04.19 , 00:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلسام خاتالىق ئۇچۇرى چىقىپ تۇرۋالدىغۇ؟
    يۇقاردا دىگەن مەشغۇلاتلارنى سىناپ باقتىم بولمىسا…
    چۈشۈرۈپ نورمال ئويناپ باققانلار بارمۇ؟

  22. Alim 2015.04.19 , 09:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يانفۇن نۇسخىسى يوقمىدۇ

  23. مەردان 2015.04.19 , 12:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نۇرغۇن پىرىسلانغان ھۆججەتلەركەن،،قانداق قىلمىز؟قايسىنى پىرىستىن يېشىمىز؟

    • تورخۇمار 2015.04.19 , 23:49

      ھەممىنى چۈشۈرۈپ بىر جايغا قويۇپ خالىغان بىرسىنى يەشسىڭىز بولىدۇ.

  24. مەردان 2015.04.19 , 12:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باللا،مەن چۈشۈرۈپ بولغان ،قاچىلاشنى ئۈگۈتۈپ قۇيۇڭلارچۇ؟؟رەخمەت؟؟؟:arrow:

  25. ئىلتەرش 2015.04.19 , 15:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قاچىلاش ئۇسسۇلىنى قەتتى چۈشەنمىدىم ..

    مەن ئالدىن ئالا چۈشۈرمىگەن شۇڭا
    1. پرىستىن يېشىمىز
    2. RGSC نى قاچىلايمىز
    3. ئويۇننى قوزغاتساق بولدى
    مۇشۇنداقلا قىلسام بۇلامدۇ؟؟؟ياكى يىشىش يامىقىنىمۇ چۈشۈرۈشۈم كىرەكمۇ ؟؟

    • تورخۇمار 2015.04.19 , 23:48

      مۇشۇنداق قىلسىڭىزلا بولىدۇ، يېشىش يامىقىنى چۈشۈرىشىڭىز ھاجەتسىز. چۈشۈرۈش ئادرېسىدىكى مەنبەگە يېشىش يامىقى، خەنچە تىل بولىقى ھەممىسى قوشۇۋېتىلگەن.

  26. مىرزا 2015.04.22 , 13:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    rockstar启动码 مۇشۇنى كىرگۈزۈڭ دەپ چىقىۋالدى؟ بۇنى قانداق ھەل قىلىمىز . يېڭىدىن چۈشۈرگەن ئىدىم. يىشىۋېتىلگەن نۇسقىسىنى.

  27. دىلشات 2015.04.24 , 16:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئوىۇننى راۋان قېتىۋالماي ئويناش ئۈچۈن ئوتتۇرھال سەپلىمىلىك كومپىيوتېرلارغا PrimoCache ئىسىملىك يۇمشاق دېتال باركەن .
    مۇشۇ دېتال توغرىسىدا بىر تېما يوللانغان بولسا ياخشى بولاتتى.

  28. mercury 2015.04.25 , 01:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يائاللا 65 ج سىغىملىق ئويۇننى قانداقمۇ ئويناپ بولىدىغاندۇ بۇلار ؟

  29. arkin09971 2015.05.20 , 13:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئۇيۇننى ئويناۋاتقانلار ماڭا ياردەم قىلىڭلار، چ چ 1652953835

  30. رېئال 2015.05.29 , 14:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    rockstar启动码 مۇشۇنى كىرگۈزۈڭ دەپ چىقىۋالدى؟ بۇنى قانداق ھەل قىلىمىز . يېڭىدىن چۈشۈرگەن ئىدىم. يىشىۋېتىلگەن نۇسقىسىنى.

  31. تۇلپار 2015.07.02 , 12:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئۇيۇنغىزە ئالامەت ئىشتىياقىم باردە بەك پەچەت ئەمەلىيەتچانلىقى بەك يۇقۇرى ئۇيۇن بۇ

  32. شەمشەر 2015.08.16 , 17:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم تور خۇماردىكى ئويۇن خۇمار دوسلار ياخشىمۇ سىلەر . مىنىڭ بۇ ئويۇننى يىشىشىم توغرىمۇ ياكى خاتامۇ سىلەر بىلەن بىر ئورتاقلاشماقچى مەن . مەن GTA5 نىڭ مۇشۇ تور خۇماردا تەمىنلەنگەن ئادرىستىكى 60 GB لىق ھۆججىتىنى چۈشۈردۈم . ئاندىن يىشىش يامىقىنى چۈشۈردۈم . ئۇنى چۈشۈرۈپ بۇرن چۈشۈرگەن 60 GB لىق ھۆججەت بار ئورۇنغا تېمىدا دىگەندەك قويدۇم . GTA5 Luancher مۇشۇ ھۆججەتنى ئالدىن قوزغاتتىم قوزغاتسام 53 MB لىق سىغىمدىكى قوشۇمچە قاچىلاند . ئاندىن يەنە ئەزالىق نومۇرى كىرگۈزۈڭ دىۋىدى . تىزىملاتتىم ئاندىن كىرگۈزدۈم .ئەمدى قوزغىتاي دەۋاتسام قوزغىتىش ئاچقۇچ نۇمۇرىنى كىرگۈزۈڭ دەپ تۇرىۋالدى . يا مەندە ئاچقۇچ نۇمۇرى . يوق شۇنىڭ بىلەن ۋاز كەچكەچ تۇردۇم . يىشىپ ئويناپ باققان دوسلارنىڭ ئۆزىنىڭ قايسى ئۇسۇلدا مۇشۇ ئىشلارنى ھەل قىلغانلىقىنى بىر ئورتاقلاشساق بوپتىكەن .!

  33. شەمشەر 2015.08.16 , 18:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يىشىلىپ بولدى قوزغاتسام يەنە ئەزالىق نۇمۇرى سوراپلا تۇرىۋىلىپ بارىدۇ قانداق قىلسام بولا ئەزالىق نۇمۇرىغۇ بار لېكىن ئۇنى كىرگۈزسەم تىزىملاش ئاچقۇچى دەيدۇ . قانداق قىلىمەن يول كۆرسەتسەڭلار بوپتىكەن دوسلار

  34. گۈل 2015.09.08 , 18:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دوسلار مەن بۇ توربەتتە تام تۈشۈ كىدىن كىرگەن ھېسابلىنىمەنمۇ بۇنى ئۆزىممۇ تازا بىلىپ بولالمىدىم .
    بۇ توربەتنىڭ قۇرغۇچىسىغا بىر سۆزىم بار نېمە ئۈچۈن يېڭىلىق يوق.
    ئەمما مەن بۇ تۇربەتكە راس خۇمار بۇپ قاپتىمەن قۇمۇ.

  35. مۇسلىم 2015.09.09 , 16:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنgta5نى بەيدۇدىن 10كۈن سەرىپ قىلىپ چۈشۈرگەن توردىكى چۈشەندۈرۈشى بويىنچە 1-پىرىس ھۆججىتىنى پىرىستىن يېشىپ يامىقىنى ئۇچى-بۇچىلىنى قاچىلاپ،قاپلاپ ،چاپلاپ قىلدىم لىكىن ئويۇنى يەنىلا قوزغىتالمىدىم

  36. مۇسلىم 2015.09.09 , 16:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئويۇنىڭ ھەممە(مەن تورداكۆرۈستىلگەندەك 1-پىرىس ھۆججىتىنىلام يەشتىم ) پىرىس ھۆججىتىنى يېشەمدۇ، ياكى تورغا چىتىغلىق كومپىيوتىر بولمىسا بولمامدۇ يە ؟:mad::mad::mad::mad::mad: :mad:neutral: :neutral::neutral::neutral:

  37. سۇلتان 2016.02.02 , 10:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئويۇننى قوزغاتقىلى بولمىدى، بىلگىلى بولمايدىغان خاتالىق چىقىۋالدى. :neutral:

  38. ئەسكى 2016.07.01 , 14:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن gta5 ئۇيۇننى چۇشۇرەمىدىم بولسا چۇشۇرۇش ئادرسىنى يوللاپ بەرگەن بولساڭلا

باھا بېتى: 1 2
         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量