مەن بار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار.
مەن بار، تۇرمۇش، خىزمەت، تىرىكچىلىك، ئائىلە ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى تورغا تۈزۈك چىققۇدەك، ھەتتا تورخۇمارغا قارىغۇدەك ۋاقىتمۇ چىقىرالمىدىم. بىراق تورخۇمارنى ھەم سىلەرنى ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق، پۇرسەت بولسا تورخۇماردا يەنە كۆرۈشىمىز، بىراق قاچان ۋە قايسى خىل شەكىلدە ئىكەنلىكىگە ھازىرمۇ ئۆزۈم بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك توختىلاي، باشقا پاراڭلارنى يانفوندا كۆپچىلىك بىلەن ئالدىرىماي قىلىشارمەن، ئامان بولغايسىلەر.
سۈرەتتە: يېقىندا كۆرگەن كىنو ئىمكانسىز ۋەزىپە 5 تىن بىر كۆرۈنۈش
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: تورخۇمار
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 53,033 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2015-يىلى 09-ئاينىڭ 30-كۈنى
- يازما مەنزىلى: talk-about-torhumar-two.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Steve Jobs نىڭ جۇڭگودا مەۋجۇد بولۇپ تۇرالماسلىقىدىكى 6 چوڭ سەۋەپ
- كېيىنكى يازما > تەييارغا ھەييار
- تەييارغا ھەييار
- ھېلىقىدەك فىلىملەر – پۈتۈنلەي يېڭىچە قىياپەتتە ئېچىۋېتىلدى!
- ھېلىقىدەك رەسىملەرگە ئىنكاس يېزىش ئىقتىدارى قوشۇلدى
- تورخۇمار ئەسلىگە كەلدى
- تورخۇمار ۋە ئۈندىدار
- 2014-يىلىڭلارغا مۇبارەك! تورخۇمارنىڭ سۈرئىتى تېزلەشكەندەكمۇ؟
- [ئۇقتۇرۇش تېمىسى] تورخۇمارلار كۇلۇبىنىڭ ئىنكاس/باھالار ئۈچۈن مەخسۇس قائىدە تۈزۈلمىسى
- تورخۇمارلار كۇلۇبىدىكى 2013- يىللىق بىرىنچى پەسىللىك بىر قىسىم يىڭى ئىقتىدارلار | سىزمۇ دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيسىز
- تورخۇمار يەنە بىر قېتىم ئەسلى ئورنىدا تولۇق قان بىلەن تىرىلدى!
ئاخىرى خەۋرىڭىزنى كۆردۇق.
ۋاي ! باما سىللە قارغوجام يو پانا…قۇچاقلىشىپ كۆرشەمدۇقيا يىغلاپمۇ.
ۋاي ۋاي .. تورخۇمار بۇرادەر بۇنداق تاشلاپ قويماڭلا بۇ توربەتنى . ئەڭ يىڭى پەن تېخنىكا خەۋەرلىرى ۋە ھەر خىل كۇڭۇل ئىچىش خارەكتىرلىك مەزمۇنلار يوللىنىدىغان بۇنىڭدىن باشقا تۇزۇكرەك ئۇيغۇرچە تور يوقتى . يوقىۋالـماڭلا ئۇنداق ..
ئاللا ئاللا باكەنمىز ھە
ئاندا يوقاپ كەتمەڭلا ۋوي…….. ئاۋال ۋىروس قارىغا ۋىروس تەگدى ئەمدى سىلە يوق ……….
يا ئاللا! ھەرنىمە بولسا بارئىكەنلار، ئادەمنى ئەنسىرتىپ، ھەرقانچە بولىسمۇ ھەپتىدە يىرىم سائەت ۋاقىت چىقىرىپ تورخۇمارنى يوقلاپ تۇرۇڭ دەيمەن،
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، تورخۇمارنى ئېتىلىپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ دەپ بەك ئەنسىرىگەنتۇق جۇمۇ!… ھەرنىم بولسا ماۋۇ خەۋىرىڭىزنى ئاڭلاپ كۈڭۈل خېلى جايىغا چۈشتى، ئاندا يۇقاپلا كەتمەيلى تېددى ئەپەندىم
ھىجران دېغى ، ئازابلاردا مەن بار ،
تۇرمۇش ئازابى چۆلىردە مەن بار ،
ئېچىرقىغا دىلار ئارا يۇرۇپ ھەر ،
يېڭىلانمايدىغان بۇ يەردە مەن بار .
توم كروستەك قايتىپ كەلدىم دېگەن گەپما بۇ؟
ۋاھ ۋاھ مانە تەدبىركار ئاكام تېخى ھاياتكەن😁😱😱😱😱😱😱😱😆😆😆😆😆😆😆🙈🙈🙈🙈🙈🙈😧😧😧😧😧😱😱😱😱
ماشائاللا ئەمدى بىي يۇقاپ كەتمىسلە ھە سۈف سۈف سۈف سۈف لەپ قويغانكىن😁😂
ھەپتىدە بىرنەچچە رەت كىرىپ يانىمەن، جىمجىتلا. تورخۇمارغا خۇمار بوپ قاپتىكەنمەن، يېڭىلانماي خېلى قىينالدىم. تاشلاپ قويماي يېڭىلاپ تۇرايلى، تورخۇمار ئەپەندىم.
بولىدۇ، مەن تىرىشىپ باقاي
ۋېيشىندا تورخۇماردىكىلەرنى يىغىپ بىر توپ قۇرساق بۇلامدىكىن…
بولسا شۇنداق قىلساق بولاتتى
ماۋۇ گەپنى قوللايمەن! بولسا ئۈندىدار ياكى QQ توپتىن بىرنى قۇرۇپ توپ نۇمۇرىنى ئېلان قىلىپ قويسا شۇنىڭدىنلا قوشۇلۋالساق..
قوللايمە جۇما
چاتاق يۇق جۇما ؟ قۇللاش بىزدىن
ھېلىقىدەك فىلىملەر ھېلىقىدەك رەسىملەر دىگەن جايلارنى ئوڭشاپ قويمامسىز
بۇرۇن يوللانغان ھېلىقىدەك رەسىملەر دىگەن جايلار چىقمايدىكەن
تور كۆرگۈچىڭىزدە مەسىلە كۆرۈلمىگەندۇ؟ مەندە نورمالغۇ..
قاچان يېڭى تېما كىلەر
ھېلىقىدەك رەسىملەر شۇ ھېلىقىدەك ئەھۋالدا ، ھېلىقىدەك چىقىدۇ
ئاز قالدى، ھېلىقىدەك رەسىم دېگەن يە روكنىڭ خۇسۇسى رەسىم كۆرگەزمە زالى بولغىلى.
بىز قوللايلى ئىلان قويۇڭ بىز چوقۇم چىكەيلى سىزگە كىرىم بولسۇن ئەمما مانداق يوقاپ كەتمەڭ ~~ئىلان ۋىروسسىز بولسۇن بىز چوقۇم چىكىمىز ~~
مەن قوللايمەن قۇرايلى ئەمىسە
ئۈندىداردا توپ قۇرۇش ئىشى ناھايىتى ياخشى بوپتىكەن راسلا شۇنداق بوپ قالسا ھەممىمىز خەۋەردار بولساق بۇلاتتى
ئاجان ئاجان ما بالىنىوي كىلىشىدىن كىتىشى تىزياااا ھۆددەس مەرغۇلاڭ بالىكەن بۇ مۇندا كەگەندىكن تۈزۈك تېمىدىن ئىشككىنى ئاغاچ كەسە يا ئەدەسسىز غەلىتە بالىكەنھاي ماۋۇ
تورخۇمارداشلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئۈندىدار توپى قۇرۇلدى .
ئادەم تۇشۇپ كىتىپتۇغۇ كىرەلمىدۇق…500 ئادەم تۇشۇپ بولدىما؟
ئۈندىدار توپىغا قوشۇلاي دىسەم ۋاقتى ئۆتەپ قاپتۇ ئىككىلىك كودنىڭ.باشقىدىن بىر بەھىرلەپ قوياڭلا
ئەمدى قايتا راۋاج تاپقۇدەك بۇ بەت
ما بومماپتۇ بىزمۇ كىرسەك بۇلاتتى نىمىدىگەن كۆپ ئادەم بۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۇرداشلار ھەم بۇ تۇربەتنى قۇرغۇچى تۇر خۇمار مەن بۇ تۇر بەتكە ئەزا بولاي دىگەن مەن تۇرخۇمارنى ياختۇراتتىم قانداق ئەزا بولىمەن ھىچ بىلمىدىم
مەن قىسىلىپ يۈرۈپ كىرىۋاپتىكەنمەن
ئىنكاس يېزىشقا مۇناسىپ كەلگىنىمىز بىلەن بىزمۇ تېخى ئەزاسى ئەمەس ئوخشىمايمىز مۇ
ما تورخۇمار ئەپەندىم مەن با دەپ قوياپ يەنە يوقاپ كەتتىيا؟ بوپتۇ، قولى بوشانغاندا كىرىپمۇ قالار، ياخشى تىلەكلەرنى تىلەپ ئولتۇرغاچ تۇرايلى. ئەمما ماۋۇ ئۈندىدار توپى خېلى قىززىپ قويىۋاتىدۇ جۇمۇ. كېچىچە قىپقىزىل تەڭگە چۈشەپلا ئۇخلايدىغان بولدۇم توپقا قېتىلغاندىن بويان،
ئاڭلىسام خېلە جىق پۇلنى كوتۈرۈپ كۇلىغا قېچىپ كىتىپتۇ دەيدىغۇ بۇ ئادەمنى
مەنمۇ با جۇمۇ …
بەك يوقاپ كەتمەڭ، ئەنسىرەپ قالىدىكەنمىز.
بامو سىز
تېد ئېيىق تورخۇمارنى يېڭىلاپ تۇرۇڭلا دەيمەن
ئا توپقا مىنىمۇ قوشۇپ قويۇڭلار
نېمىشقا تورخۇمار يېڭىلانمايدۇ
يېڭىلىق يوققۇ
يېڭىلىنىش ئالدىدا.يېڭىلىنىۋاتىدۇ. مانا…. ھازىر…. بىردەمنىڭ ئىچىدە…. ئازراق ساقلاڭ…
ماڭاۋە، تەدبىركار نەچچە ئاينىڭ ياقى بلوگقا نېمە يازساق بولا دەپ ئويلىنىپ چاچلىرى چۈشۈپ تاقىر باش بوپ قاپتىكەن. :???:شۇنداق تۇرغاندا غەرىپكى ساياھەتتىكى جىن-شاياتونلارغا ئۇچىراپ قاپتۇ. تاڭسىڭنىڭ قەستىدە يۈرگەن جىن-ئالۋاستىلار تەدبىركارنى تاڭسىڭ دەپ ئويلاپ قېلىپ، پۇت-قۇلىنى باغلاپ چىمەن تاققا (خوتەندىكى) ئېلىپ كەتكەنمىش.
تەدبىركار شۇ چاغدا ئالۋاستىلارغا بلوگىمنى يېڭىلاپ قويمىسام، بىر ئېغىز بولسىمۇ مەن بار دەپ قويمىسام، تورخۇماردىكى بلوگداشلار گۇمانلىنىپ، مېنى ئىزدەشكە باشلايدۇ دەپ يالۋۇرۇپ يۈرۈپ يوللاپ قويغان تىمىمىش ماۋۇ. شۇڭا ھازىرغىچە ئەنە يېڭىلىنىۋاتىدۇ، مانا يېڭىلىنىۋاتىدۇ دەپلا تۇرامىش. تورخۇماردىكىلەرمۇ ئۈندىدار توپىدا پات-پات تەدبىركارنى يات ئىتىشكەچ، ھىكايە-چۆچەك دىيىشكەچ، قىزىل بۇلاق يىغىش قىلىپ ئۇنى قۇتقۇزۇش سەپىرىگە تەييارلىق قىلىۋېتىپتىمىش.
ۋاي .ئانام ئادەم نىمانچە كۆپ
مەن قوتۇلغاننىڭ ياقى تېلفوننىڭ زىۋانى ئۆچمەس بولدى مانىي