ھېلىقىدەك رەسىملەرگە ئىنكاس يېزىش ئىقتىدارى قوشۇلدى
ھېلىقىدەك رەسىملەر سەھىپىسىدىكى رەسىملەرگە ئىنكاس يازغىلى بولسا بولاتتى دېگەن تەلەپ چۈشكىلى بولدى. بىراق پېقىرنىڭ ھورۇنلىقى تۈپەيلى بۇ ئىش كەينىگە سۆرۈلۈپ ئەمدى بولغاندا تەييار بولدى.
ھازىردىن باشلاپ ھېلىقىدەك رەسىملەر سەھىپىسىدىكى رەسىملەرگە ئىنكاس يېزىشقا بولىدۇ. يەنى ھەر بىر رەسىمنىڭ يېنىدىكى سازكەن/مازكەن ئىقتىدارىنىڭ يېنىغا ئىنكاس دېگەن ئورۇن قوشۇلدى. بېسىلغاندىن كېيىن 多说 ئىنكاس سۇپىسىنىڭ ئىنكاس رامكىسى كۆرۈنىدۇ. بۇ ئىنكاس رامكىسىدىن پايدىلىنىپ ئىنكاس يېزىش ئۈچۈن 微博 ياكى QQ دېگەندەك خالىغان ھېساباتتىن پايدىلىنىپ بىر 多说 سۇپىسىغا بىر تىزىملىتىپ قويىمىز. ئەلۋەتتە، ھازىر QQ سى يوق ئادەم يوققۇ دەيمەن. تىزىملىتىش ئاۋارىچىلىق ئەمەس، 10 سكونت ئىچىدە تۈگەيدۇ. دائىم ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېر بولسا، بىر قېتىملا تىزىملىتىپ قويساق كېلەر قېتىم تىزىملىتىش ھاجەتسىز، ھېلىقىدەك رەسىملەرنى ئېچىپلا ئىنكاس يېزىشقا بولىدۇ.
FAQ قىسمى:
1. ھېلىقىدەك رەسىملەرگە ئىنكاس يازغاندا چىقىدىغان ئىسىمنى تورخۇماردىكى ئىسمىم بىلەن ئوخشاش قىلماقچىتىم، قانداق قىلىشىم كېرەك؟
جاۋاپ: 多说 رامكىسىغا تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئورۇندىن تەڭشەك دېگەن قىسىمنى باسىمىز.
ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكى قىسىمدىكى 名字 دېگەن ئورۇنغا ھېلىقىدەك رەسىملەرگە ئىنكاس يازغاندا كۆرۈنىدىغان ئىسىم(تورخۇماردىكى ئىسمىڭىز بىلەن ئامال بار ئوخشاش بولسۇن) نى يازىمىز.
2. ھېلىقىدەك رەسىملەرگە ئىنكاس يازغاندا چىقىدىغان باش سۈرەتنى تورخۇماردىكى بىر تۇتاش باش سۈرىتىم بىلەن ئوخشاش قىلماقچىتىم، قانداق قىلىشىم كېرەك؟
جاۋاپ: يۇقارقىدەك تەڭشەك دېگەن ئورۇنغا كىرىمىز ۋە تۆۋەندىكى رەسىمدىكى Email دېگەن ئورۇنغا تورخۇماردا ئىنكاس يازغاندا ئىشلىتىدىغان Email ئادرېسىمىزنى(يەنى gravatar باش سۈرەت تەڭشەلگەن Email) نى يېزىپ ساقلايمىز.
ئاندىن سول تەرەپتىن 修改头像 دېگەن تاللاشنى ياكى سول ئۈستىدىكى باش سۈرەتنى باسساق تۆۋەندىكىدەك ئورۇن چىقىدۇ. بۇ جايدىن Gravatar دېگەننى تاللاپ قويساق، باش سۈرىتىمىز تورخۇماردىكىگە ئوخشاش بولىدۇ.
باشقا چۈشەنمىگەن ئىشلار بولسا مۇشۇ تېمىدا سورىساڭلار بولىدۇ. ھەپتە ئاخىرى بولغاچ باشقا تېما يوللاپ يۈرمەي مۇشۇ ئىشنى ئۇقتۇرۇش قىلىۋېتەي دېدىم. قوشۇمچە، تېخنىكىلىق ئىشلاردا ياردەم قىلغان FinalFantasy غا كۆپ رەھمەت.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [Blog ساۋاتلىرى]
- ھالقىلىق ســــۆز: تورخۇمار، ھېلىقىدەك رەسىم
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 20,275 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2015-يىلى 01-ئاينىڭ 16-كۈنى
- يازما مەنزىلى: comment-for-piccomment.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 8 نەپەر پەن-تېخنىكا ھۆكۈمرانلىرىنىڭ كومىك ئوبرازى! جوبز جادۇگەرگە ئوخشىتىلغان
- كېيىنكى يازما >
- تەييارغا ھەييار
- مەن بار
- ھېلىقىدەك فىلىملەر – پۈتۈنلەي يېڭىچە قىياپەتتە ئېچىۋېتىلدى!
- تورخۇمار ئەسلىگە كەلدى
- تورخۇمار ۋە ئۈندىدار
- 2014-يىلىڭلارغا مۇبارەك! تورخۇمارنىڭ سۈرئىتى تېزلەشكەندەكمۇ؟
- ھېلىقىدەك رەسىملەر توپلىمى 3- سان 1114[37P]
- ھېلىقىدەك رەسىملەر توپلىمى 2- سان 0727 [47P]
- ھېلىقىدەك رەسىملەر توپلىمى تۇنجى سان 0524 [60P]
- [ئۇقتۇرۇش تېمىسى] تورخۇمارلار كۇلۇبىنىڭ ئىنكاس/باھالار ئۈچۈن مەخسۇس قائىدە تۈزۈلمىسى
پاھ ئەجەپ ياخشى بۇلاپتۇ . ئەمدى بىر جۇيلۇپ ماڭغۇدەكمىزدە
دىۋان كەنغۇ بۇ ئەجەپ بىلمەپتىمەنيا
ئالمىچى ئاداش ، قاراپ ئولتاغانسىلە ھى ،دىۋاندا مىخ يوقتۇ
ھەجەپ بۇ قېتىممۇ بىر دەدەم كىيىن قاپتىمەن
يائىشى بوپتۇ ئەمدى رەسىملەرگە جان كىردىغان بولدى
مىق يۇقكەن ، ئادىچ يۇمشاق سىلىنغان كۇپە باركەن . سىلما بىر ئۇلتۇراپ بىقىڭلا دەيمەن
دىۋاندا ئولتاماڭ ، ئولتاماڭ !!!
ئولتاسا نىم بۇلىدا ؟
—مىخخخخخ چىركىتىدا !!
ئابومجان ھاياتكەنغۇ
ئابۇمجاندەك ئابۇمجان
باكەنلا ھە ‘
سىغىنىپ كەتتۇق دەيمەن
ئاندا قىممماي
پات پات چىقىپ قۇياڭلا
تىزىملىتىپ باش سۈرەتنى تەڭشىۋالدىم
««ھازىر QQ سى يوق ئادەم يوققۇ دەيمەن.»»
ماڭا تەس بولدىدە……………….
نىمىشقا دەمسىلە QQ سىمنى ئوغرى ئېلۋېلىپ 300-400 نى تەلەپ قىلسا بەسەممۇ يۇزسىزلىك قىلدى ئۇشۇم.
پېقىرنىڭ سەۋىيەم يىتىشمىگەچ تىڭشۇندىكىلەگە چۈشەندىرەلمىدىم
خالىس ياردەم قىلدىغانلاغا كوڭۈل سوغىسى با!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
كۆپ رەھمەت ھەشقاللا باشلىق ،
كۆپتىن كۆپ رەھمەت تورخۇماركا ، شۇ كىچكىنە تەلپىمنى ئورۇنداپ بەرگىنڭىزگە رەھمەت
مەن ئىككى تەكلىپ بىرەي
1- ئىلگىرى يېزىلغان ئىنكاسلار كۆرۈنۈپ تۇرسا كۆرۈش ئۈچۈن ئاتايەن چەكمىسەكمۇ
2- ئىنكاسنىڭ ھەرىپ سانىغا چەك قۇيۇلسا بولسا قانچە قىسقا بولسا شۇنچە ياخشى بولامىكى
3- تىزىملىتىش مۇرەككەپرەك بۇلۇپ قالدىمۇ قانداق ( بۇ تەكلىپ ئەمەس)
ئۇنداق قىلسا بولمايدا.رەسىملەرنىڭ خاسلىقىغا تەسىز يىتىدا،سىزنىڭ بىر چىكىشىڭىز شۇنچە قىممەتما؟ھازىرقى ھالىتى بەك ياخشى بوپتۇ
ھازىرقى ھالىتى ئۆزگەرتىلمىسە
ھەجەپياخشى بوپتۇ رەھمەت…
پەچەت بولدى جۇما ئىشقىلىپ
بولسا ياخشى ئىنكاسلار غا قايتۇرۇپ ئىنكاس يازالايدىغان قىلغان بولساق قىزغىنلىق بەك ياخشى بولاتتى …ئاندىن تورخۇمارغا كىرىپلا كىمنىڭ ئۆزىگە قايتۇرۇ پ ئىنكاس يازغىننى كۇرسە ۋاي ۋاي ياخشى بولاتتى …رەھبەرلەرنىڭ ئويلىششىنى سىيىپ ئۇلتۇراپ ئۇمۇت قىلمەن
چۇشنىكسىز بىر ئىشلانى قىلىپ قۇيدىغۇ ما بالا ئۈزىچىلا ئەمدى
ھەي باللا نەدىن كىرىدۇ،نەدىن تەھرىرلەيدۇ باش رەسىمنى… قەنى ئۇ بەت ؟؟؟
ياردەم قىلىدىغانلا يوقما؟
ماۋۇ بەلەن ئىش بوپتۇ .ئىنكاس كېلىۋاتىمەن دېمەيدۇ .
تورخۇماركا ،يانفۇن نۇسخىسىدا ئۇنداق سەھىپىنى تاپالمىدىميا .كۆرۈنمىيتۇ .
يانفون نۇسخىدا رەسىملەر ئېقىم مىقدارىنى بەك يەيدىغان بولغاچ، كۆزگە كۆرۈنىدىغان ئايرىم ئورۇنغا ئۇلانمىسىنى قالدۇرمىغان. ناۋادا Wifi بولسا تور بەت نۇسخىسىدىكى ئادرېس، يەنى تۆۋەندىكى
www.torhumar.com/pic
نى بىۋاستە بېسىپ كىرسىڭىز ھېلىقىدەك رەسىملەرنىڭ يانفون نۇسخىسى ئېچىلىدۇ، بىراق يانفون نۇسخىسىغا رەسىملەرگە ئىنكاس يېزىش ئىقتىدارى قوشۇلمىدى، پەقەت كۆرۈش بىلەن چەكلىنىدۇ.