2014-يىلىڭلارغا مۇبارەك! تورخۇمارنىڭ سۈرئىتى تېزلەشكەندەكمۇ؟
يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان تورخۇمار يېڭىلانمىدى، ئۇنى ئاز دەپ ئېچىلىش سۈرئىتىمۇ بەكلا ئاستا. يەنى، كېيىنكى سەۋەپ، بىۋاستە ئالدىنقى نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇنداق ئاستا بولۇپ كەتسە، بېكەتنى يېڭىلاشقىمۇ كىشىنىڭ رايى بارمايدىكەن. شۇ سەۋەپتىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا ئالدىنقى ھەپتە كارىدوردا توختالغان ئىدىم.
كارىدوردا ئېيتقىنىمدەك، تورخۇمار تۇيۇقسىز ئاستىلاپ قالدى. مۇلازىمېتىرنى نازارەت قىلىدىغان ئېلخەت مۇلازىمىتىمۇ ھە دېسە مۇلازىمېتىرنى زىيارەت قىلىش مۇمكىن بولمىدى دېگەن ئېلخەتنى يوللاۋەردى، بىراق بېكەتنى نورمال ئاچالايمەن، سۈرئەت شۇنداق ئاستا. شۇنىڭ بىلەن نېمە چاتاق ئىكەنلىگىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن رازۋېتكىنى باشلىدىم. دەسلەپتە مۇلازىمېتىرنىڭ بايلىق ئىگىلەش ئەھۋالىنى كۆزەتتىم. MySQL ۋە PHP نىڭ ئىگىلىگەن CPU سى ئۆزىلا 90 غا بېرىپ قاپتۇ. توردىن ماتېرىيال ئاختۇرۇش ئارقىلىق توختىماي ئىز قوغلاپ تەكشۈردۈم………
نەتىجە شۇ بولدىكى، بىر ھەپتە ئىز قوغلاپ ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى. شۇ سەۋەپلىك مۇلازىمېتىردىكى بارلىق مەزمۇنلارنى زاپاسلاپ، تورخۇمارنى نەچچە كۈن تاقاپ سىستېمىنى قايتىدىن تەڭشەپ چىقىشنى قارار قىلدىم(lnmp مۇھىتى تەڭشەش، بىر قاتار ئەلالاشتۇرۇش، بىخەتەرلىك تەڭشىكى، ئېلخەت تەڭشىكى…بەك جىق ئىشلار بۇ)، دەل شۇ پەيتتە مۇلازىمېتىرنىڭ دەل ئالدىنقى ھەپتە WordPress نى 3.8 كە كۆتۈرگەندىن باشلاپ ئاستىلاپ قالغانلىقىدەك بىر ئىنكاس كاللامدا پەيدا بولدى. شۇنىڭ ئىشى بولمىسۇن يە؟ WordPress 3.8 نىڭ ئۇيغۇرچىسى ئېلان قىلىنغاندا شۇ ھامانلا نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرىۋالغان ئىدىم، گەرچە خېلى كۆپ كىشىلەر نەشىر كۆتۈرگەندىن كېيىن ئاق بەت بولۇپ قالغانلىقى، نورمال بولمىغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تورخۇمار ئۈچۈن پەقەت 1 سكونتلا ۋاقىت كەتكەن ئىدى، بۇنىڭدىن ئۆزۈمچە مەمنۇن بولۇپ يۈرگەن ئىدىم تېخى.
شۇنىڭ بىلەن WordPress نىڭ نەشىرىنى ئىزچىل ئىشلىتىۋاتقان 3.5.1 نەشىرىگە چۈشۈردۈم. يېرىم سائەت كۆزىتىشىمگە ئاساسلانغاندا مۇلازىمېتىرنىڭ بايلىق ئىشلىتىش ئەھۋالى تامامەن نورماللاشقاندەك قىلاتتى، نازارەت سىستېمىسىمۇ بەش مىنۇتتا بىر ئېلخەت ئەۋەتىدىغان خۇيىنى تاشلىۋەتكەندەك، جىملا قاراپ تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر كۈن قاراپ بېقىش ئۈچۈن سىرتقا ئىش بېجىرگىلى چىقىپ كەتتىم. كەچتە يېنىپ كېلىپ قارىسام ھەممە نورمال جايىدا، توختىماي كېلىدىغان ئېلخەتلەرمۇ غايىپ بوپتۇ. ئۇف دېدىم ئىچىمدە.
گەپكە كەلسەك، تورخۇمارنىڭ يېڭىلانماسلىقى، يەنى ئاستىلاپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ WordPress 3.8 نىڭ سەۋەبىدىن بولغانلىقى ئېنىق بولدى. توردىن ماتېرىيال كۆرۈش ۋە بىر قانچە خەنلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلىنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇدلىقىنى، WordPress نىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرىلا ئەمەس، 3.8 نىڭ ئۆزىدىكى ئەھۋال ئىكەنلىگىنى بىلدىم. ئەلۋەتتە، نورمال ئىشلىتىۋاتقان تورداشلارمۇ بولۇشى مۇمكىن. تورخۇماردەك مەخسۇس مۇلازىمېتىردا مېڭىۋاتقان بېكەتلەر ئۈچۈن، بۇنداق ئەھۋاللارنى پۈتۈنلەي ئۆزىمىز ھەل قىلىمىز. لېكىن بوشلۇق ئېلىپ ئىشلىتىۋاتقان تورداشلار ئۈچۈن بۇ مەسىلە ئەمەس.
شۇنداق قىلىپ تورخۇمارنى دەسلەپكى قەدەمدە ساقايتتىم. ساقايتىپ بولۇپلا بولدى قىلغۇم كەلمىدى، بىر ھەپتە قۇلۇلىدەك ئاستىلاپ قىينىغان بۇ جانۋارنى تۇلپاردەك بىر چاپتۇرغۇم كەلدى. شۇنىڭ بىلەن خېلى بۇرۇنلا ئورنىتىشنى ئويلاپ يۈرگەن Memcache قۇرۇلمىسىنى بېكەتكە ئورنىتىۋەتتىم. Memcache دېگىنىمىز، ئىچكى ساقلىغۇچتىن ئوقۇيدىغان غەملەك دېگەن مەنىدە بولىدۇ. يەنى مۇنداق دېسەك، سىز تورخۇمارنى ئاچقان چاغدا، بارلىق بېكەت ئۇچۇرلىرى، html/css/js ھۆججەتلىرى، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئالدىنئالا ئىچكى ساقلىغۇچقا يېزىلىپ تۇرىدۇ، سىز زىيارەت قىلغان چاغدا بۇ ئۇچۇرلارنى سانداندىن ياكى مۇلازىمېتىرنىڭ قاتتىق دېسكىسىدىن ئالماي بىۋاستىلا ئىچكى ساقلىغۇچتىن ئوقۇيدۇ. ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ دۇنيادىكى سۈرئىتى ئەڭ تېز ساقلىغۇچلارنىڭ بىرى ئىكەنلىگىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ، شۇڭا بۇنىڭدا سۈرئەت ئەڭ كامىدا 90% تېزلىشىدۇ دېگەن گەپ.
ھازىر تورخۇمارنى ئېچىپ پەرقنى ھېس قىلىپ باقساڭلار بولىدۇ. مەيلى ھېلىقىدەك رەسىم بولسۇن، مەيلى ماقالە بېتى بولسۇن، ھەممىسى دەقىقە ئىچىدە ئېچىلىپ بولىدۇ. بۇ بەلكىم تورخۇمارنىڭ يېڭى يىلدىكى كۆپچىلىككە سۇنغان ئازغىچە سوۋغىسى بولۇشى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن، كۆپچىلىككە قولايلىق يارىتىش، بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز. ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ يېڭى بىر يىلىنى مۇبارەكلەيمەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: تورخۇمار
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 36,785 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 02-كۈنى
- يازما مەنزىلى: torhumar-memcached.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > غەرىبكە ساياھەت ھەققىدىكى سىز ئوقۇمىغان بىر قانچە پارچە خەت
- كېيىنكى يازما > يىگىتىڭىز ياكى يولدىشىڭىزنىڭ نېمىشقا دائىم يالغان سۆزلەيدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- تەييارغا ھەييار
- مەن بار
- ھېلىقىدەك فىلىملەر – پۈتۈنلەي يېڭىچە قىياپەتتە ئېچىۋېتىلدى!
- ھېلىقىدەك رەسىملەرگە ئىنكاس يېزىش ئىقتىدارى قوشۇلدى
- تورخۇمار ئەسلىگە كەلدى
- تورخۇمار ۋە ئۈندىدار
- [ئۇقتۇرۇش تېمىسى] تورخۇمارلار كۇلۇبىنىڭ ئىنكاس/باھالار ئۈچۈن مەخسۇس قائىدە تۈزۈلمىسى
- تورخۇمارلار كۇلۇبىدىكى 2013- يىللىق بىرىنچى پەسىللىك بىر قىسىم يىڭى ئىقتىدارلار | سىزمۇ دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيسىز
- تورخۇمار يەنە بىر قېتىم ئەسلى ئورنىدا تولۇق قان بىلەن تىرىلدى!
راست تېزلىشىپتۇ، ئەمدى دىۋانچىلارغا ئۇۋال بولىدىكەندە ! توخۇماردىكى بارلىق دوستلارغا يېڭى يىلدا توخۇماردەك تېز سۈرئەتتە بەخىتكە ئېرىشش يار بولسۇن!
ما ئىنكاسىمنى يېزىپ ، يېزىپ بولدۇمنى باسقىلى بىر كۇن بولدى .
قايتا سىناپ بېقىڭ. ئەگەر يەنە ئاستا بىلىنسە، تور ئالماشتۇرسىڭىز بولغۇدەك.
ماڭىغۇ خېلى تېزلەشكەندەك تۇيۇلدى. ئەمما لېكىن باش بەت تولۇق ئېچىلىپ بولۇنغاندا ئېرىشىلگەن تۆۋەندىكى مەلۇماتلار مېنى سەل ھەيران قالدۇرۇپ قويدى:
جەمئىي 167 ئىلتىماس (requests)؛
10.3MB مەلۇمەت يوللانغان (transferred)؛
جەمئىي سەرپ بولغان ۋاقىت 30.66 سېكوند، بۇنىڭ ئىچىدە DOMContentLoaded غا كەتكەن ۋاقىت 5.72 سېكوند، load غا كەتكەن ۋاقىت 18.19 سېكوند.
سىناق مۇھىت:
Ubuntu 13.10 x64
Google Chrome 31
تور سۈرئىتى 6MB
بۆرە كەلدى دېگەندەك ئىش بوپتۇ. ئۇيقۇچىلىقتا مۇلازىمېتىرنى بىر قوزغاتقان، Memcache قوزغىتىلماي قاپتۇ. ھازىر قايتا قوزغىتىپ قويدۇم. مەندىكى requet 16، ۋاقىت 0.5 سكونت ئىچىدە. سىزنىڭ قانداق تەكشۈرگەنلىكىڭىزنى ئۇقماي قالدىم. تەپسىلىي توختىلىپ باقامسىز؟ مۇلازىمېتىرغا بېسىم چۈشۈرۈپ سىناش دېگەندەك ئىشلارنى ئەمدىلەتىن ھەپىلىشىپ بېقىۋاتىمەن.
ئالدى بىلەن خۇماداشلارنىڭ يېڭى يىلغا دەھشەت مۇبارەك بوسۇن !
دىققەت قىلدىڭلامۇ تەدبىركار دىگەن گەپنى يامان يۇمشاق سىلىق قىلىدىغان ئەدەمكەن بۇ ، تىمىنى ئۇقۇغىچە باشلانغۇچتىكى مۇئەللىممنى ئەسلىتىپ قويدى ، زىرىكمەي تىرىكمەي شۇندا بەلەن چۈشەندۈرۈپ قۇيۇپتۇ …
تورخۇماردا بەك كەسپىي پاراڭنى قىلىپ كەتسەم باللا قايمۇقۇپ قالمىسۇن دەپ، ئازراق ئېزىپ سالدىم
راس بەكلا تىزلىشىپتۇ
ئېچىلىشىغۇ دەششەت تىزلەشكەنلىكىنى ھىس قىلدىم ، ئەمما ئىسىل ئىسىل يازمىلارنىڭ چىقىش سۈرتى دەششەت ئاستا جىما ، ھەپتىدىن بىرى كۆزەم تۆت بوپ كەتتى
مەنچە ئوخشاشتەك تۇرامدۇ ياكى مىنىڭ تورۇمنىڭ ئىشىمىدۇ بۇ
يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشىدىلا قۇش خۇشاللىق بولىدىغۇ مانا ! شۇنداقمۇ تورخۇمارداشلار ؟
راسىت شۇنداق تېز ئىچىلىۋاتىدۇ ھىلقىدەك رەسىملارمۇ !
شۇنداق بولۇپ بۇگۇن يېڭى يېلنىڭ ئىككىنجى كۇنى بوپ قاپتۇ ، بارلىق تۇرخۇمارداشلارنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق ، تۇرمۇشىغا بەخىت تىلەيمەن .
راسكەن ،ھېلقىدەك رەسىملەر نىڭ ئېچىلىش سۈئىتى راسلا تىزلىشىپ كىتىپتۇ، بەت ئالماشتۇرغاندا قېتۋالدىغان ئەھۋاللارمۇ تۈگەپتۇ.
سۈرئەت راس تېزلىشىپتۇ
تورخۇمانى مەن ئاستىلىۋېتەلەيمەن،10مېگا كېلىدىغان ھېلىقىدەك رىسىمدىن تۆتنى يوللىساملا تىلى ساڭگىلاپ ئۆمىلەيدۇ.
ئۇنداق بولسا تورخۇمارنى كۆرۈش ئۈچۈن كومپۇيۇتىرىمىزنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىسى كۈچەيدىكەندە . جاپا چەكمەي ھالاۋەت يوق دىگەندەك ئىش قىپسىلەندە (بۇرۇننى زەردە بىلەن كولىغان چىراي ئىپادىسى)
بۇنىڭغا مۇلازىمېتىرنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى كېتىدۇ، سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزنىڭ تورى نورمال بولۇپ بەرسىلا بولدى، ئۇ تەرەپلىرىدىن ئەنسىرىمەڭ.
قارىغاندا سىز ئالى بابانىڭ 40ج لىق بۇلۇت مۇلازىمىتىرىنى ئىشلەتكەن ئوخشىمامسىز . ھەممە ئىشنى ئۆزۇم قىلىمەن دەيسىز . ئۆتكەندە شۇنداق بىر گەپلەرنى قىلغان . بۇلۇت مۇلازىمىتىرغىمۇ تازا قىزىققان . باھاسىمۇ خىلى باركەن . بولسا شۇ توغرىسىدا ئىككى كەلىمە سۆزلە بىلەن بى كۆزىمىزنى ئىچىپ قويساڭلار …
يانفۇن نۇسخىسى بىۋاستە كومپىيوتىردا ئاچقان ھالەتتە ئېچىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ.مىنىڭكى ئالما 5 ئىدى.
ھازىر سىنىدىم، نورمال تۇرىدۇ. قايتا سىناپ بېقىڭ.
مېنىڭمۇ بەزىدە كومپيوتېردا يانفۇن بەت ئېچىلىۋالىدۇ، قىسمەن ۋاقىتلاردا.
تېزلەشكىنى ياخشى
يېڭى يىلىڭلار ئۇتۇقلارغا تولسۇن! راستلا ھېلىقىدەك رەسىملەرنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى دەقىقىدە ئېچىلىپ بولدى، ساقلاش يوق. بۇ قېتىم بلوگلارنى باھالاش ئېلىپ بېرىلمىغان ئوخشىمامدۇ، باھالىغان بولسا شەخسى قارىشىم تورخۇمار ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمەيتتى. بارغانسېرى بىر قېلىپقا چۈشۈپ قېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن. كارىدور بالىلار، ئاپتورلارنىڭ زېھنىنى ئىككىگە بۆلۈۋەتكەندەك.
1. Google Chrome دىن New Incognito Window دىن بىرنى ئاچتىم؛
2. F12 نى بېسىپ، Developer Tools نى ئاچتىم؛
3. ئۇنىڭ ئىچىدە Network دېگەن خەتكۈشكە يۆتكەلدىم؛
4. ئاخىرىدا Chrome نىڭ ئادرېس بالدىقىغا www.torhumar.com نى كىرگۈزۈپ Enter نى بېسىۋەتتىم.
كۆرۈپ باقتىم. ئىلتىماسنىڭ بۇنچە كۆپ بولۇشى ۋە ۋاقىتنىڭ 10 سكونتتىن يۇقىرى كۆرۈنىشى ئاساسلىق 淘宝 ۋە Google Adsense نىڭ Script ئارقىلىق يوللىغان ئىلتىماسلىرىكەن، ۋاقىتمۇ شۇ ئىككىسىگە بەكرەك كېتىپتۇ. بېكەتنىڭ ئۆزىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ نەچچە سكونتقىمۇ بارمىغانلىقىنى بەلكىم بايقىغانسىز. تورخۇمارغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان خالىغان بىر بېكەتنى سىناپ باقسىڭىزمۇ پەرق جىق چىقمايدۇ.
مۇبارەك بولسۇن
تېزلىكى ئاشقاندەك بىلىندى.توخۇمارنىڭ تېمىلىرىمۇ تېزرەك يېڭلانسا دەپ قارايمەن.
مەن تېز-ئاستىلىقىنى بىلەلمىدىم، چۈنكى تورخۇماردا تېما يېڭىلانماۋەرگەچكە تۆت-ئۈچ كۈن بولغان كىرمىگىلى. شۇنداقتىمۇ يېڭى ژىلىڭلارغا مەرەك بولسۇن!
چەت دۈلەتلەردە يەنىلا سەل .استا
نەدە سىز
ھەممىڭلارنىڭ بىردىن مېزىغا مۇبارەك بوسۇن
تورخۇمارنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى راستىنلا تېزلىشىپ قاپتۇ، كۆپ رەخمەت كۆپ باش قاتۇرۇپسىز بىكەتنى مۇكەممەللەشتۇرۇپ ئەلالاشتۇرۇشقا، لىكىن مۇشۇ يېڭى يىل كىرىپلا نىم بولدۇمكى تىمىلارنى بەكلا تېز ئوقۇيدىغان بوپ كەتتىممۇ ياكى تىمىلار يېڭىلانمىدىمۇ تازا بىلەلمىدىم(دورىنىمۇ ۋاقتىدا ئىچىۋاتىمەن بولمىسا)،،،،،،،،،،،،،
تىمىلارنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرساق ياخشى بولاتتى،،،
راست تېمىلارنى يېڭىلاش سەل ئاستىلاپ قالغىلى تۇردى
ھەقىقەتەن تېزلىشىپتۇ ~~~~~يارايلا جۇما
ۋاي راس ئەمدى يىس قىلىۋاتىمەن ،راسلا تۇلپاردەك چىپىۋاتىدىيا
ھەقىقەتەن تىزلىشىپتۇ
مەن ھېس قىلماپتىمەن، سەۋەبى مەن تورخۇمارغا كىرىپلا بىرنەچچە يىڭى تىمىنى ئىچىپ قويۇپ ئالدىرماي ئوقوپ چىقىمەن، بەلكىم ئىلگىرى ئىچىلىش سۈرئىتى سەل ئاستا بولغاچقا شۇنداق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
مانى بەك چۈشىنىشلكىك پەچەت بايان ئەيلەپسىز ! تورخۇمار … ئەمما يەنە شۇ مەسىلە ئات يىلىدىن ئىشەك يىلىغىچە ئوخشاش مەزمۇن ….
تەبرېكلەش يۈزىسىدېن مېنى ئەزا قىپ قويۋەتكەن بولسېڭىزغۇ.كۈندە چىقىۋېلىپ تورخۇمار دېگەنگە…
مەندە تولاراقتا يانفون بېتى ئېچىلىپ تۇرۇۋالىدۇ…
تېخىمۇ تىرىشىڭ تەد”!
تورخۇمار تېزلەشكەندەك ، ۋەتەندە بەك تىز ئىدى ، لېكىن چەتكە چىقىپ ئاچسام قۇلۇلە ، بۇگۈن ئاچسام تىزلەشكەندەك تۈرىدۇ ، لېكىن باشقا بېكەتلەرگە قارىغاندا يەنىلا ئاستا ، قارىغاندا مۇلازىمېتىر ۋەتەندە ئوخشىمامدۇ . ئۇيغۇرچە بىكەتلەردە ئەڭ تېز ئېچىلىدىغىنى بىلىك كۇلۇبى ئىكەن .
本地化插件 قاچىلىدىڭىزمۇ ؟