نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

تورخۇمار يەنە بىر قېتىم ئەسلى ئورنىدا تولۇق قان بىلەن تىرىلدى!

ھەر يىلى ئەتىيازدا بىر قېتىم ئارام ئېلىش ۋەزىپىسى باردەك، بۇ يىل 3-ئايدىمۇ تورخۇمار بىر ئايغا يېقىن ئاغرىپ يېتىپ قالدى ۋە خېلى ئوبدانلا داۋالاندى. بۇ قېتىمقى ئاغرىپ قېلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش، ئەتىياز ئايلىرىدىكى مۇلازىمېتىر غېمى ۋە بۇدا يېڭى قوشۇلغان ICP غېمى ئىدى.

torhumar-back-online

تورخۇمار بىر ئايغا يېقىن ئارام ئالدى، بۇ توغرىسىدا مۇنداق ھېكايەت بار

ئۈستىدە ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، بۇ ئاينىڭ بېشىدا تورخۇمار تۇرۇشلۇق مۇلازىمېتىردىكى مەلۇم تور بېكەت ھۇجۇمغا ئۇچراپ، پۈتكۈل مۇلازىمېتىرنىڭ IP سى بىراق پېچەتلەنگەچ تورخۇمار بىر كۈن توختاپ قالدى(بىچارە يولداش تورخۇمار ئىزچىل ئوپچە قورۇدا قىستىلىشىپ ئولتۇرۇپ كەلدى، كۆز يېشى…)، كەينىدىن ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئوخشاش ھۇجۇمغا ئۇچراش سەۋەبى مۇلازىمېتىرنىڭ IP سى يەنە بىر قېتىم پېچەتلەندى(بۇدا ساق بىر ھەپتە پېچەتلەندى)، تورخۇمارمۇ ئاشۇ ئوپچە قورۇدىكى باشقا قوشنىلىرىغا ئوخشاشلا ئامالسىز كۈتۈشكە مەجبۇر بولدى، بىراق بىر ھەپتىنى تەشنالىق بىلەن ئۆتكۈزۈپ ئاخىرلاشتۇرغان تورخۇمار تېخى يورۇقنى كۆرمەستىن، يەنىلا بۇ قورۇدا ئولتۇرۇشقا ئامالسىز قالدى، چۈنكى بۇ بىر ھەپتە جەريانىدا تورخۇمارنىڭ ICP ئۇچۇرلىرى ئۆچۈرۈلۈپ، ھەقىقىي ئۆي-ماكانسىز ۋە قارا نوپۇسقا ئايلانغان ئىدى…

شۇنداق بىر قاتار سەۋەپلەر تۈپەيلى، تورخۇمار تاكى ھازىرغىچە ئېچىلمىدى، ئارىلىقتا بىر ئاماللارنى قىلىپ باش بەتنى نورمال زىيارەت قىلىشنى قولغا كەلتۈرگەن بولساقمۇ(باشقۇرۇش قىسمىغا كىرىشكە ئامالسىز، شۇڭا بۇ بىر ئايغا يېقىن ۋاقىتتا تورخۇمارنىڭ ئىزچىل يېڭىلىنالماي كەلدى)، ئەمما يەنىلا پالەچ ھالدا يېتىپ قالدى. بۇ قېتىم مۇلازىمېتىر تەرەپنىڭ كۆرسەتكەن باھانىسى(ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، تورخۇماردىكى دىۋانچىلار قوشۇنى زورىيىپ بېرىپ، دىۋان تالىشىدىغانلار ئاۋۇپ كەتكەنلىكتىن تورخۇمارنىڭ مۇلازىمېتىرغا چۈشكەن بېسىمى ئاۋۇپ كېتىپ، دىۋاندا قىستىلىش، دەسسىلىش ھادىسىلىرى يۈز بېرىپتۇدەك) مېنى ئۇزۇندىن بېرى ئويلىنىپ كەلگەن يەنە بىر قارارنى چىقىرىشقا قىستىدى: تورخۇمارغا ئايرىم مۇلازىمېتىر ئېلىش كېرەكمۇ؟

تورخۇمار رەسمىي ھالدا بۇلۇت مۇلازىمېتىرىغا كۆچۈپ كىردى، سۈرئەت قانداقراق؟

بۇ قېتىم ئاخىرى قولنى كېسىپ قان چىقارماي بولمىدى. ئويلىنىش ئارقىلىق، تورخۇمارنى مۇستەققىل ھالدىكى بۇلۇت مۇلازىمېتىرىغا يۆتكەپ چىقتىم، كۆپچىلىكتە ئېچىلىش سۈرئىتى قانداقراقكىن؟ ناۋادا خېلى تېز بولسا، ئۇنداقتا خەجلىگەن پۇل ۋە كەتكەن ۋاقىتقا ھەر ھالدا قورسىقىم ئاغرىمىغۇدەك. كۆپچىلىك ئېچىلىش سۈرئىتى ۋە باشقا بايقالغان مەسىلىلەر بولسا سىناپ بېقىڭلار.

تورخۇمار ئىلگىرى ئىزچىل مەۋھۇم تور بوشلۇقىدا، يەنى ئوخشاش بىر مۇلازىمېتىردا باشقىلار بىلەن تەڭ تۇرۇۋاتقان بولغاچ، ھەم بۇ خىلدىكى مۇلازىمېتىرلارنىڭ ئارتۇقچە غەلۋىسى بولمىغاچ، تەدبىركارنىڭ بۇ جەھەتتىكى غەملىرى ئانچە بىلىنمىگەن ئىدى. ئەمما بۇ قېتىم تېخنىكا جەھەتتىنمۇ ئىلگىرى يولۇقۇپ باقمىغان بىر قىسىم مەسىلىلەرگە يولۇقتۇم. ھەتتا، ئەسلىدە ئىككى كۈن بۇرۇنلا ئېچىلىپ بولىدىغان تورخۇمار تاكى ھازىرغىچە مېنىڭ بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش، بىر تەرەپتىن SSH ئارقىلىق Linux نى تەڭشەش، LNMP مۇھىتى قۇرۇش، WordPress نىڭ لازىملىق پارامېتىرلىرىنى ئېچىۋېتىش دېگەندەك ئىشلار بىلەن سوزۇلۇپ كەتتى. قانداقلا بولمىسۇن، جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، ھازىر بېكەت دەسلەپكى قەدەمدە ئەسلىگە كەلدى، ئەمما يەنە ھەل قىلىدىغان بىر مۇنچە مەسىلىلەر مېنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. شۇڭا بۇ بىر قانچە كۈندە بىر قىسىم نورمالسىزلىق كۆرۈلسە ھەيران قالمىغايسىلەر، بۇ تەدبىركارنىڭ كەينى تەرەپتە جىمجىت ھالدا قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنىڭ بىرى…

تورخۇمار داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ ۋە پات يېقىندا تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىقلارنى ئوتتۇرىغا تاشلىماقچى

تورخۇمارنىڭ يېڭىلاش چاستوتىسى بۈگۈندىن باشلاپ ئەسلىگە كەلتۈرىلىدۇ، بىزنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىگەن ئىختىيارى ئاپتورلىرىمىزنىڭ، تورداشلارنىڭ، دىۋانچىلارنىڭ داۋاملىق تورخۇماردا ئەركىن-ئازادە پائالىيەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئەستەغپىرۇللا 2013.03.30 , 12:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇبارەك بولسۇن. ھەنىمەبۇلساساقسالامەت قايتىپ كەپسىز.

    • ئابومجان 2013.03.30 , 13:04

      پەرىزىمچە بۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە يېڭى تىمىلار ئۈزۈلمەيدۇ ، دىۋانچىلار ئۇششا تۇراسىلە :mrgreen:

    • ئەلكان 2013.03.30 , 15:35

      ئەستەغپىرۇللا دەپ تۇرۇپ دىۋاندا ئولتۇرۋاپلا.
      تور خۇماردا بىر مەزگىل دىۋان تالاشمايلى!!! بولمىسا مۇلازىمىتىردىن يەنە مەسلە كۆرۈلسە پەگاغۇ ئۇ ياقتا بالسۇن داق يەرمۇ نىسىپ بولمايدىكەن.

  2. مۇشاۋىر 2013.03.30 , 12:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارنىڭ قايتا كەلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.:wink:

  3. ۋىروس 2013.03.30 , 12:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇف … بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كەتتى !

  4. خەزىنە 2013.03.30 , 12:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۈندە ئاچىمەن بىرخللا تۇرىدۇ،نىمە بولغاندۇ دەپ تاماق گىلىمدىن ئۆتمەي نەچچە كىلو ئورۇغلاپ كەتتىم مەن

    ئەممە ئىچىلىش سۈرىئى كۆرنەرلىك تىزلىشىپتۇ

    • ئۇيغۇرباي 2013.03.30 , 12:46

      ئەسستا ، ماۋۇ قىزلارنىڭ ئورۇقلايدىغان ياخشى دورىسى بۇلاپ قالاممدۇ نىمە ؟!

  5. ئۇيغۇرباي 2013.03.30 , 12:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تەقەززا بولۇپ ساراڭ بوپ كەتكەن !:mrgreen:

  6. خۇشال 2013.03.30 , 12:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇبارەك بولسۇن ، مۇبارەك بولسۇن ، مۇبارەك بولسۇنەي…… مۇبارەك بولسۇن . :wink::wink::wink:

  7. ئابومجان 2013.03.30 , 13:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالدى بىلەن تورخۇمارنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىگە دەششەت مەرەك بوسۇن .
    بىر نەسىگە مىھرى چۈپ قاسا ھەجەپ بۇلىدىكەن ، مەيلى ئېچىلسۇن ئېچىلمىسۇن كۈندە دىگۈدەك يوقلاپ تۇردۇم ئىشقىلىپ . :cry:
    تورخۇمارنىڭ ئېچىلشى ئۈچۈن جىق ئەجىر سىڭدۈرگەن تەدبىركار ئەپەندىگە ھەم نادىر يازمىللىرى بىلەن بىزنى تەمىن ئىتىپ كەگەن ئېۋۇ ۋىروسقارىمغا بەك رەھمەت ئېيتىمەن .

    خۇماداشلارنى قايتا كۆگەنلىكم ئۈچۈن شۇنداق خۇشالمەن :oops:

    • ۋىروس 2013.03.30 , 13:16

      تورخۇمارنى قەدىرلەپ، دىۋاندا ئوپچە ئولتۇرۇشتىن ساقلىنايلى !:mrgreen:

  8. شامال 2013.03.30 , 13:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۈندە ئاچىمەن تورخۇمارنىڭ بەتلىرىنى . يان تېلىفۇندا ھەم كومپىيۇتېرىمدا .تېخى كومپىيۇتېرنىڭ F5 كونۇپكىسىنى بۇزۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ، دەپ قاپتىمەن.. :roll:. :eek:..
    ھەرنېمە بولسا تېز سۈرئەتتە ئېچىلىدىغان بولۇپ قايتىپ كەپتۇ!!مۇبارەك بولسۇن جۇما !

    • شامال 2013.03.30 , 13:36

      ھە راسىت !
      ئاۋۇ ئېلانلارنىڭ ھەممىسىنى بىر چېكىۋېتەي!:cool:

  9. سەردار 2013.03.30 , 14:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يىڭىچە قىياپەي ،يىڭىچە مەزمۇن بىلەن تورخۇمارنىڭ بىز بىلەن يۈز كۆرشىشنى قىزغىن قارشى ئالمىز!

  10. ۋاقتىم 2013.03.30 , 16:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارنى قايتا كۆرگىنىمگە شۈكرى!!!:oops:

  11. yalhuntah 2013.03.30 , 17:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇدا يەنە دىۋان تاللىشىپ يۇرمەڭلەر بىكا ماۇۋى مۇلازىمىتىردە يەنە دىۋان قىستلىش يۇز بىرىپ قىستىلىش، دەسسىلىش ھادىسىلىرى يۈز بەرمىسۇن دەيمەنە :mrgreen::mrgreen::grin:

  12. كۆك كەپتەر 2013.03.30 , 17:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ تورخۇمارلار، دىۋان تالىشىپ دەسسەۋىرىپ مۇلازىمىتېر تەرەپنىڭ قاتتىق دىسكىلىرىمۇ مىجىلىپ كىتىپتىمىش. شۇڭا تورخۇمارلار كۇلۇبىنى قورودىن ھەيدەپ چىقىرىپتۇ. شۇڭا تەدبىركار ئايرىم قورودىن بىرنى سالدى. شۇڭا دىۋانچىلار دىۋان تالىشىپ دەسسەۋەرمەي، كۇلۇبنىڭ تاملىرىغا چاپلاپ قويغان ئىلانلارنىمۇ شاپاللاپ قويارسىلەر. :mrgreen:

    • تاماشىبىن 2013.03.31 , 22:27

      دىمىگەن بولساڭلار ئېسىمدە يوق چىقىپ كېتەكەنمەن. ئېلاننى باستىم. ئاياللارنىڭ ساقال ئالغۇچى چىقتىمۇ نىمە…..

  13. ئىسيانكار 2013.03.30 , 19:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خۇداغا شۈكرى ئاخىرى ئەسلىگە كەپتۇ

  14. بانكىر 2013.03.30 , 20:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نەچچە كۈندىن بىرى كۈندە كىرسەم ئىچىلمىغان، ئىككى كۈن كىرمەپتىكەنمەن ئۈچ تىما يىزىلىپ بوپتۇ مانا، :razz:
    مۇبارەك بولسۇن، مۇبارەك بولسۇن، ئوڭشالغىنڭىزغا يەي مۇبارەك بولسۇن. …… ناخشا:mrgreen:

  15. كېكەچ 2013.03.30 , 20:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يووووووووووۋۋۋ ئاخىرى يىڭى تىما يوللىنىپتۇ،مۇبارەك بولسۇن!!!!!

  16. مەرگەن 2013.03.30 , 20:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ! !

  17. ھەۋەسكار 2013.03.30 , 21:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سۈرئەت بۇرۇنقىدىن راۋۇرۇس تېز. ئايرىم مۇلازىمېتىر دېگەن يەنە باشقىچە ئىكەن قارىغاندا:smile:

  18. تەلبا 2013.03.30 , 23:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمار ۋەيران بولغان ئوخشايدۇ دەپتىمە تېخى…..:evil:

  19. ئەخمەتجان 2013.03.30 , 23:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇبارەك بولسۇن

  20. نىجات12345 2013.03.30 , 23:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ خېلى ساقلىغان ئىدىم ئاخىرى ئوڭشىلىپتۇ مۇبارەك بولسۇن

  21. مەيلى 2013.03.30 , 23:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك ياخشى بوپتۇ !خوشبولدۇم

    • ئايشەم نۇقتا كوم 2013.04.01 , 15:55

      نەچچە ئون كۈن كۈنى ئاچتىم …..
      بارا – بارا ئۇنتۇلۇپ قالغىلى تاس قالدى جۇمۇ …

  22. ئەززام 2013.03.31 , 00:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇف ئاخىرى ئېچىلدى …..

  23. Forever 2013.03.31 , 00:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سۈرئەت دىگەن ۋەھشىغۇ …. مائۇسدىن بارمىقىمنى تارتىپ بولغۇچە لاپ لاپ قىلىپ ئېچىلىۋاتىدۇ :grin:

  24. ۋاپاسىز 2013.03.31 , 01:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ كۇندە ئاچىمەن بىرخىللا تۇدۇ ھەنىم بولسا ساقىيپتۇ:smile:

  25. مەمنۇن 2013.03.31 , 01:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :wink::wink::wink:جاپا چەكتىڭلار ،،،

  26. بەختىم 2013.03.31 , 01:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چېيىنى قاچان بىرىسىز..؟؟:mrgreen::mrgreen::grin:

  27. مايماق 2013.03.31 , 02:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :cry:سېغىنىشلىق سالام

  28. بۆرەزادە 2013.03.31 , 02:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاخىرى ئېچىلدى بۇ تورخۇمار … :mrgreen: مۇبارەك بولسۇن .. :mrgreen:

  29. شاھزاد 2013.03.31 , 11:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇبارەك بولسۇن، بېكەتنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى ئەسلىدىنمۇ شۇنداق ياخشىتى، ھازىر تېخىمۇ تېز بىلىندى ! جاپا تارتتىڭلار !!:mrgreen::mrgreen:

  30. مېھمان 2013.03.31 , 14:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇبارەك بولسۇن، مۇبارەك بولسۇن، مۇبارەك بولسۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇن، مۇبارەك بولسۇن!

  31. بالقان 2013.03.31 , 15:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك ياخشى بۇلۇپتۇ، سۈرەتمۇ بۇلدىكەن

  32. سەردارى 2013.03.31 , 16:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمدى يىڭىلىنىدىغان بولدىدە بۇ كاساپەت

  33. hayatim538 2013.03.31 , 16:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خېلى بولغان ئىدى تېملار يېڭلانماي سەل خاپا كىلىپ كىسەل قىلغىلى ، خۇددى كۇندە ئۇخشاش ھەركەت ،كۇندە ئۇخشاش تەم ،كۇندە ئۇخشاش يەنە شۇ ئۇماچ ، راسلا زىرىككەن ئىدىم بەك ياخشى بولدى .

  34. رىستە 2013.03.31 , 17:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھە نېمە بولدىكىن دېسەم، بىر نەچچە كۈن چىقىالمايتۋاتقىلى!

    تورخۇمارنىڭ يېڭى ئۆيگە كۆچكەنلىكىنى قۇتلۇقلايمىز!

  35. قارا ھەرە 2013.03.31 , 19:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا تورخۇمارنى بالنىستتا يىتىپ قاپتۇ، بىر نەچچە قېتىم ھاسىغا تايىنىپ تۇرۇپ باققان بولسىمۇ يەنە يىقىلىپ چۈشۈپتۇ، داڭلىق دوختۇرخانىلارغا بېرىپ كۆرۈنگەن بولسىمۇ ئۈنۈمى بولماي، ئاخىرى مىللىي شىپاخانىدا داۋالىنىپتىكەن شاپپىدە تۇرۇپ كېتىپتۇ دەپ ئاڭلاپ دەرھال يۈگۈرەپ كەلسەم، ھەقىقەتەن شۇنداقكەن:mrgreen:

    • ئايشەم نۇقتا كوم 2013.04.02 , 13:16

      جوڭيىدىن مىللىي ياخشى دىگەن مانا شۇ دە …:grin:

  36. سۈپۈرگە 2013.04.01 , 19:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم!مۇبارەك بولسۇن!

  37. ئۇيغۇربەگ 2013.04.02 , 12:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاغىنىلەر جاپاتارىتتىڭلا:???::kiss::evil::idea:

  38. ئىلتەبىر 2013.04.02 , 23:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھە نېمە بولسا ئەسلىگە كەلدى. تورخۇمارغا بەك ئىنتىزار بولغان ئىدۇق. تورخۇمار بىخەتەر بولغاي ئىلاھىم.

  39. ئىلھام 2014.12.14 , 00:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن كۈندە كىرمەن ھىلقى 502 دىگەننى تور خۇمارنىڭ ئىلانى ئۇخشايدۇ دەپ ئۇتراپتىمەن …..

باھا بېتى: 1 2
         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量