بىز كۆرگەن ئوسكار ساھىبى «Life of Pi» دىكى كۆرۈشكە نىسىپ بولمىغان بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر ھەققىدە

يىقىندا تورخۇماردا تونۇشتۇرۇلۇپ، تورداشلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن تەيۋەنلىك رېژىسسور لى ئەن نىڭ يەنە بىر داڭلىق فىلىمى «Lire of Pi» ھەققىدىكى گەپ سۆزلەر ھازىرغىچە ئاخىرلاشقىنى يوق. بۇ يىللىق ئوسكار فېستىۋالىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا بۇنداقلا نەزەردىن چۈشۈپ قالسىمۇ ياراشمايدۇدە. ئېشەك ئېشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس دەپ، بىزمۇ بۇگۇن «Lire of Pi» دىكى سۈرەتكە ئېلىنغان، ئەمما ئاخىرىدا يەنىلا كېسىۋېتىلگەن بىر قىسىم بۆلەكلىرىنى كۆرۈپ باقايلى (كىسىۋىتىلگەن فىسىمنىڭ ئومومى ئۇزۇنلىقى 13مىنۇت16سىكۇنت).

life of pi

بىرىنچە بۆلەك :

فىلىم بىشىدا Pi نىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئاغىرىپ قېلىپ، Pi ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇسۇل سىنىپىغا يانداش مۇزىكا چالغىلى بارىدۇ. دەرىس ۋاقتىدا مۇزىكا ئورۇنداۋاتقان Pi ئىختىيارسىز ھالدا Anandi غا تىكىلىپ قالىدۇ ۋە ئۇقۇتقۇچىدىن ئانچە-مۇنچە گەپ ئاڭلايدۇ. كىيىن ئوقۇتقۇچى Anandi نى ئالدىغا چىقىپ ئۇيناشقا بۇيرۇيدۇ. بۇ ۋاقىتتا Anandi مۇ Pi دىققەت قىلىدۇ. بىز كۆرگەن كىنودىكى بۇ بۆلەك مانا مۇشۇنداق ئاخىرلىشىدۇ. ئەمما ئەسلى سۈرەتكە ئېلىنغان قىسىمى بولسا:

1

تولۇق قىسىمى : [ قىسقارتىلغان بۇ بۆلەكتە ئەسلى Anandi نىڭ يەنە بىر بۆلەك خېلى ئۇزۇن داۋاملىشىدىغان ئۇسۇلى بار.]

2

[ Anandiمۇ ئۇسۇل ئويناش جەريانىدا بىلىپ-بىلمەي Pi بىلەن كۆز نۇرى ئارقىلىق ھېسىيات ئاملاشتۇرىدۇ ]

3

[ خۇددى ھەممە سەبىلەرگە ئوخشاشلا، ھاياجىنىنى باسالمىغان Pi مۇزىكىنى ئۆزى بىلگەن سەنەمدە قالايمىقان چېلىشقا باشلايدۇ.]

3

[ ئوقۇتقۇچىنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كېلىپ، ئۇنىڭغا «قارىغاندا سېنىڭ رېتىمىڭنى Anandi نىڭ سېھرى كۈچى قالايمىقان قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ. ئوقۇتقۇچۇڭ بالدۇراق ساقايمىسا بولماپتۇ» دەپ تەنبېھ بېرىدۇ.]

ئىككىنچى بۆلەك :

Pi نىڭ دادىسى كاناداغا كۆچمەن بولۇشنى قارار قىلغان چاغدىكى ئائىلە يىغىنى، Pi نىڭ «لېكىن كولۇمبونىڭ دېڭىز سەپىرى دەل ھېندىستاننى تېپىش ئۈچۈن ئەمەسمىدى؟» دىگەن بىر ئېغىز گىپى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. لېكىن پەردە ئارقىسىدا يەنە مۇنداق ئىشلارمۇ مەۋجۇت:

1

[ Pi ياتاق ئۆيگە قايتىپ كىرىپمۇ قاتتىق ئاچچىقلىنىدۇ. ئاتا-ئانىسىمۇ ئارقىدىن كىرىپ بىر مەيدان تالاش تارتىشنى باشلايدۇ. ]

2

[ Pi دادىسىنىڭ ئۇلارنى پەقەت يەنە بىر مۇستەمىلىكە رايۇنىغا كۆرچۈرمەكچى بولغانلىقىغا قاتتىق غەزەپلىنىدۇ. ]

3

[ Pi غەزىپى سەۋەبلىك گەپ سۆزى چەكتىن ئېشىپ كېتىدۇ ۋە ئاپىسى تەرىپىدىن بىر كاچات يەيدۇ. ]

51f53745gw1e2ip0iqnagj

[ ئاپىسى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن بولسا، ئۈمچەيگەن ھالدا “ئۇ قىزنى دىمىسەم بۇنچە قارىشلىق قىپمۇ كەتمەيتىم” دەيدۇ. ]

ئۈچۈنچى بۆلەك :

بۇ بۆلەكتە ئاز بولمىغان دېڭىز ئۈستىدىكى كۆرۈنۈشلەر قىسقارتىۋىتىلگەن( خەپ دەپمۇ قالىسىز).

1

[ قاغجىراپ كەتكەندە بەزىدە بېلىق يىلىكىنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. ]

2

[ بېلىق سۆڭىكىنى ئۇۋىتىپ، گۈل سىزىش ئارقىلىق ئاپىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەيدۇ.]

3

[ زېرىككەندە بىردىنبىر ھەمراھى يولۋاسنى دوراپمۇ قويىدۇ ئەلۋەتتە ]

تۆتىنچى بۆلەك :

بۇ بۆلەكتە قىسقارتىلغان كۆرۈنۈشلەر كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ئاچلىق دەردىدە Pi نىڭ كۆزلىرى تورلىشىپ خاتا سېزىم پەيدا بولىدۇ. ھەتتا ئېلان قىلىنغان نەشىردىكى فىلىمدە يوق بىر قىسىم ئادەملەرمۇ كۆرۈنىدۇ.

1

[ ئاخىرى چىقماس بۇ دېڭىز سەپىرى Pi نى چارچىتىپ كۆزلىرىنى تورلاشتۇرىدۇ. ]

2

[ توساتتىن بىر ئەر كىشىنىڭ گەپ قىلغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدۇ. Pi خىيالىدا يولۋاس ماڭا گەپ قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلايدۇ.]

Pi بۇ ئادەم بىرلەن داۋاملىق يىمەكلىك ھەققىدە پاراڭلىشىدۇ. توساتتىن ئۇ بۇ كىشىنىڭ فىرانسىيە ئېنتۇناسىيەسىدە سۆزلەۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. ئەسلى بۇ يولۋاس ئەمەس ھېلىقى ئاشپەز ئىدى. قېنى داۋاملىق تۆۋەنگەل:

3

51f53745gw1e2ip0iqnagj

[ Pi نىڭ خىيالىدىكى بۇ ناتونۇش ئەر ئۇنى يەۋەتمەكچى بولىدۇ. لېكىن قارىماققا بۇ ھېلىقى ئاشپەزگە ئوخشىمايتى. فىلىمدە ئاشپەز قارا رەڭلىك بېشىر كىيگەن ھالەتتە كۆرۈنىدۇ. ئەمما موھىم نۇقتا بۇ ئەرنىڭ ھېلىقى ئاشپەز ياكى ئەمەسلىكى ئەمەس بەلكى Pi ئاشپەز دەپ تەسسەۋۇر قىلغاندىن كېيىنكى ئىنكاسى ]

مانا بۇ بىز كۆرگەن «Lire of Pi»دىكى بىز كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغان كۆرۈنۈشلەر. بەلكىم سىز”ھەي ئىسىت، نىمە دەپ بۇ بۆلەكلەرنى قىسقارتىۋەتكەندۇ” دىيىشىڭىز مۈمكىن. ئەمما شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى تېخىمۇ كۆپ بۆلەكلەرنىڭ قىسقارتىلىشى بىزگە تېخىمۇ كۆپ تاللاش ۋە ئويلىنىش بوشلقى يارىتىپ بەردى. لى ئەن نىڭ بۇر بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەرنى قىسقارتىشى مەنچە بولسا ئۇنىڭ مول تەجىربىسى ۋە ئاقىلانە تاللىشى. شۇڭا بىز مەزكۇر كىنونى شۇنچە ياقتۇردۇق ھەم يۇقىرى باھا بەردۇق.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئابىز 2013.03.11 , 19:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يائاللا دېۋان دېگىنىڭلا مۇشۇما .. ئەجەپ تالىشىپ كېتىدىكەنسىلەا:arrow::arrow::arrow:
    تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاس يازايلى بولامدا :evil:

    • Forever 2013.03.11 , 19:48

      ھەممەيلەن ئىشنى ئاۋال ئۆزىمىزدىن باشلايلى ! قانداق دىمىدىم ؟!:roll:

    • ئابىز 2013.03.11 , 20:02

      ئالدىرماي كەمەيلىما …. بەش بارماقنى بىراقلا ئېغىزغا تىقساق بولماس…:idea:

    • ئابومجان 2013.03.11 , 20:28

      10 قېتم تاھارەت ئېلىپ بىرنى ئۇساسا قانچىسى قالىتى؟ چۈشەندىڭىزلا ھەقچان ھې ھې ھۇ ھا ھې

  2. بەختىم 2013.03.11 , 19:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر F5 نى بېسىۋىتىپ يازاي دەپ قارىسام ئابىز يىتىۋاپتا دىۋاندا..:mrgreen::mrgreen:
    تاس قاپتىمە 7-قىتىم دەپ يىزىپ سالغىلى.. ئىناۋەتنى شالاققىدە تۆكۈۋىتىدىكەنمىز بولمىسا…:idea::mrgreen:

  3. قارا ھەرە 2013.03.11 , 20:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ فىلىمنى مەن مۇشۇ تورخۇماردىن چۈشۈرۈپ ئىككى قېتىم تەپسىلى تۆت قېتىم ئۆزۈم ياقتۇرغان كۆرنۈش بار يەردىن باشلاپ كۆرۈپ چىقتىم.
    ۋىروسجان دىگەن كۆرنۈش راسلا يوق.

    ئەمدى نەق گەپكە كەلسە، ۋىروس سىز دىگەن تولۇق نۇسقىسىغا بەك قىزىقىپ قالدىم. تولۇق نۇسقىسىنى تاپقىلى بولامدۇ يوق؟

    • ۋىروس 2013.03.11 , 20:12

      شۇ ھەقتىكى فىلىملەر چىقىپ قېلىشى مۈمكىن. ئەمما ئۇ كۆرۈنۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن كىنو مەنچە يوق.

    • قارا ھەرە 2013.03.11 , 20:25

      مەنمۇ بايانىڭ ياقى ئىزدەش ماتورلىدىن ئىزدەپ باققانتىم. لىكىن تولۇق نۇسقىسىغا ئائىت بىر قىسىم ماتىرىياللار ئۇچىرىدى خالاس.
      سىز دىگەن ئاشۇ 13 مىنۇت 16 سىكونتلۇق كۆرنۈش ھەقىقەتەن قىزىقتۇرۋالدى دىسە.

    • تورخۇمار 2013.03.11 , 21:15

      بۇ ئەسلى فىلىمدىن چىقىرىۋېتىلگەن بۆلەكلەر ئىكەن، بۇ كۆرۈنۈشلەر كىنوخانىدا قويۇلغاندىمۇ كىنودا چىقمايدۇ. يەنە بىر قىسىم كىنو-فىلىملەر دۆلىتىمىزگە كىرگەندە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش باسقۇچىدا، دۆلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ماس كەلمەيدىغان بۆلەكلىرى چىقىرىپ تاشلىنىدۇ، بۇنداق فىلىملەرنى ئادەتتە توردىن چۈشۈرۈپ كۆرگەن چېغىمىزدا كىنوخانىدا كۆرمىگەن شۇ كۆرۈنۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. يەنە بىر خىل نەشىرى – يەنى 导演剪辑版 دەپ ئاتىلىدىغان نۇسخىسى بولىدۇ. بۇ نۇسخىسى رېژىسور بىلەن فىلىم كىرىشتۈرگۈچى بىرلىكتە فىلىمنى كېسىپ تەھرىرلەپ بولغاندىن كېيىن، فىلىم ئىشلىگۈچى بىر قۇر كۆرۈپ چىقىدۇ ۋە ئەسلى توختام بويچە بېكىتىلگەن مەزمۇنلاردىن سىرت مەزمۇنلار بولسا كېسىپ چىقىرىۋېتىش تەلەپ قىلىنىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ، بۇ كېسىپ چىقىرىۋېتىش تۈگىگەندىن كېيىن كىنو رەسمىي ھالدا كىنوخانىدا تولۇق ھالەتتە قويۇلىدۇ. ئەلۋەتتە بەزىدە رېژىسورنىڭ تەلىپى ياكى سەنئەت نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ قارىغاندا، بۇ مەزمۇنلارنى كېسىۋەتمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. 导演剪辑版 دېگەن نەشىر نامى قويۇلغان كىنولارنى كۆرسەك، دەل ئاشۇ كېسىۋېتىلگەن، ئەمما رېژىسور تەرىپىدىن ساقلاپ قېلىنغان كۆرۈنۈشلەر بولىدۇ، بۇ خىلدىكى فىلىملەر كىنو قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەر خىل ۋاستىلەر ئارقىلىق تارقىلىپ بىزگە يېتىپ كېلىدۇ.
      يۇقارقى كۆرۈنۈشلەرمۇ بەلكىم دەل Life Of Pi نىڭ 导演剪辑版 نۇسخىسىدىن چىقىپ قېلىشى مۇمكىن، لېكىن بىلىشىمچە بۇ نۇسخىسى تېخى تارقالمىدىغۇ دەيمەن.

    • قارا ھەرە 2013.03.11 , 23:45

      مۇنداق ئىشلارمۇ باركەندە، سىز دىگەن ئەھۋاللارنىڭ بارلىقىنى ئەسلا خىيالىمغا كەلتۈرۈپ باقماپتىكەنمەن.

      بەرگەن چۈشەنچىڭىزگە رەھمەت!

      ئەمدى قىلىدىغان ئىشىم بۇ فىلىمنىڭ رېژىسو مونتاژ قىلغان نەشىرى (导演剪辑版) نى پات-پات ئىزدەپ تۇرۇش بولىدىغان بولدى دىسە.

    • مىسكىن 2013.03.12 , 16:24

      ماۋۇ ئوبدان ساۋاتكەن

  4. ئابدۇۋاھاب 2013.03.11 , 20:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تىمىسى خاتامۇ قانداق مەن خاتا كۆرۋالدىممۇ، ئەسلى،
    life of Pi،.لىكىن يىزىلغىنى Lire of Piبوپ قالدىمۇ قانداق…..

    • ۋىروس 2013.03.11 , 21:07

      شۇنداقكەن. ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت!

  5. ئايشەم تورى 2013.03.11 , 20:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    فىلىم ئاخىرىسىدا پەيدا بولغان ھېلىقى كىچىك ئارال ،بەك گۈزەل ئارالكەن ، ئۇنى قانداقلا بولمىسۇن ھەقىقىي كۈچ چىقىرىپ ياساپتۇ ، ھېلىقى ئۇششاق ھايۋانلار، ماداغاسقار فىلىمىدە چىقىدىغان
    I LIKE MOVE MOVIE
    I LIKE MOVE MOVIE
    دەپ ناخشا ئېيتىدىغان ئۇششاق جانۋارلار ھەقىقەتەن بەك كۆپكەن ، ئۆزۈم كۈرىۋېتىپ ساختا يالغاننى پەرىق ئىتەلمىدىم ، ئىشقىلىپ مىنىڭمۇ كۆزۈمنى تورلاشتۇرۇپ ئېچىپ قويدى ، مىنى ئېزىقتۇرۇپ ئىشلەنگەن كىنو ئەلبەتتە ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشىشكە لايىقتە !:mrgreen:

    • قارا ھەرە 2013.03.11 , 23:49

      كېلەر قېتىملىق نادىر فىلىملەرنى باھالاش، ئوسكار مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ نامزاتلىقىغا سىزنى كۆرسەتسەك بولغۇدەك جۇما :mrgreen:

    • ئەركە 2013.03.12 , 12:57

      i Like Move Move ئەمەس، i Like to Move it Move it دەيدۇ.

    • Forever 2013.03.13 , 12:29

      i Like to Move it Move it بۇنىڭ ئەسلى ناخشىنى بەيدۇدىن ئىزدەپ ئاڭلاپ باقتىم، خېلى يامان ئەمەسكەن جۇمۇ، ئامراق بوپ قالدىم …:mrgreen:

  6. ئاۋزەر 2013.03.12 , 11:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    www.tom365.com ماۋۇ ئادىرىستن چۈشۈر سەڭلار تولۇق نۇسخىسى چىقىدۇ.

  7. ۋاقتىم 2013.03.12 , 18:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن ئېسىل كىنوكەن بۇ …

  8. تۈركبوي 2013.03.12 , 22:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇنداق بۇفىلىم ھەقىقەتەن ياخشىكەن مەنكۈرۈپ ھەققىقەتەن ياقتۇردۇم

  9. تۈركبوي 2013.03.12 , 22:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇنداق بۇفىلىم ھەقىقەتەن ياخشىكەن مەنكۈرۈپ ھەققىقەتەن ياقتۇردۇم

  10. نۇرشات 2013.03.14 , 16:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇكېنۇنى كۆرۈپ ئاخىرىغا كەلگەندە ھەممىنى چۈشۈنۈپ يېتىدىكەنسىز ، ئاخىرىدا سۆزلەنگەن يەنە بىر ھېكايىنى تولۇق ئاڭلاپ باشتىكى يولۋاس بىلەن سەپەر قىلغان دېكى ۋەقەلىك بىلەن بىرلەشتۈرسىڭىز بۇ بىر يېڭىچە فىلىم ئىشلەش ماھارىتى ئىكەنلىكىنى ئەمەلىيەتتە يولۋاس تاغىل ئات مايمۇن كاتارلىقلارنىڭ تۈپتىن مەۋجۈت ئەمەسلىكىنى نەقەدەر چوڭقۇر ۋاكالەتەن ئوخشۇتۇش ئىشلىتىلگەنلىكىنى ھېس قىلىدىكەنسىز ، بۇ فىلىمنىڭ رېجىسورىغا قايىل بولماي تۇرالمايدىكەنسىز .

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量