نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)

ئىككىنچى باسقۇچقا كىرگەن Marvel، قىساسكارلاردىكى ئاساسلىق پالۋان كىنولىرىنىڭ داۋامى ئارقىلىق ماركىسىنى داۋاملىق تونۇتۇپلا قالماي، تېخىمۇ كەڭرى بولغان كائىنات تۇپرىقىنى ئېچىش ئۈچۈن كۈچەشكە باشلىدى. كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن «سامانيولى قوغدىغۇچىلىرى» مارۋىل كائىناتىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغىچە يېتىپ بارغان بولسا، چۈمۈلە ئادەم فىلىمىدە تەسۋىرلەنگەن مىكرو دۇنيا تەسۋىرى كۆپچىلىكنى يەنىلا ئۆزىگە قاتتىق جەلپ قىلدى. ھالبۇكى، Marvel كائىناتىنىڭ كېڭىيىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، «چەكسىز ئەڭگۈشتەر»نى تالىشىش جېڭىدىن ئىبارەت كەلگۈسىدىكى مارۋىل كىنولىرىنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان بۇ ھېكايە ھالقىسىمۇ بارا-بارا كۆرۈرمەنلەرنىڭ نەزىرىگە سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۇ مەزگىلدىكى مارۋىل تېخىمۇ كېڭىيىشچانلىققا ئىگە بولغان غايەت زور بىر كىنو كائىناتىنى بەرپا قىلدى دېيىشكە بولىدۇ.

تۆمۈر ئادەم 3 2013

بېلەت كىرىمى: 1 مىليارد 215 مىليون دوللار، دۇنيا بويىچە 7-ئورۇندا

كىنو كائىناتىنىڭ 2-باسقۇچىدىكى تۇنجى فىلىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۆمۈر ئادەم3 ئەسلى كومىكتىكى ھالاكەت گىردابىدىكى ۋىرۇس يۈرۈشلۈكلىرىدىن ۋەقەلىكنى تېما قىلىپ تاللاپ ئىشلەتكەن، ئەمما ئۆزلەشتۈرۈشگەندىن كېيىنكى پەرق بىر قەدەر چوڭ بولغاچقا، ئەسلى كومىكتىدىكى بىر قىسىم ئوبرازلار ئوتتۇرىغا چىقمىغان، سەلبىي كاتتىۋاش مەن غوجامنىمۇ بىر قورچاق شەكلىدىلا ئوتتۇرىغا چىقارغان. بىراق فىلىمدىكى تۆمۈر ئادەمنىڭ ئىدىيىسىدىكى داۋالغۇش تەسۋىرلىرى يەنىلا مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان دېيىشكە بولىدۇ.

پالۋاننىڭ غەيۋىتى: ئەسلى بۇ كىنو تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو-ئامېرىكا ھەمكارلىقىدا سۈرەتكە ئېلىنغان فىلىم بولۇپ، كېيىن جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەرەپنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا ھەمكارلىقىدا فىلىم ئىشلەش قائىدىسىگە يېڭى ماددىلارنى قاتقانلىقتىن، ئاخىرىدا يەنىلا چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىنغان فىلىم شەكلىدە چوڭ قۇرۇقلۇقتا قويۇلغان.

چاقماق پالۋان 2 2013

بېلەت كىرىمى: 640 مىليون دوللار

چاقماق پالۋان 2 نىڭ 2-باسقۇچلۇق كىنو كائىناتىغا نىسبەتەن ئەھمىيىتى زور دېيىشكە بولىدۇ، فىلىمنىڭ ئاخىرىدا بىزگە كائىنات كۇبىنى ئاشكارىلايدۇ، لوكىنىڭ خىسلەتلىك ھاسىسى قاتارلىق قوراللارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدىكى 6 تال تەڭداشسىز ئەڭگۈشتەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئەڭگۈشتەر توپلاشتىن ئىبارەت بۇ ھېكايە بۆلىكى رەسمىي ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

ئامېرىكا كاپىتانى 2 2014

بېلەت كىرىمى: توققۇز باشلىق يىلان گۇرۇھىنىڭ قايتا قەد كۆتۈرىشى، Shield نىڭ تاقىلىشى قاتارلىق ۋەقەلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن باشقا، مەزكۇر بۆلۈمنىڭ يارقىن نۇقتىسى يەنىلا مارۋېلنىڭ ئۇنۋېرسال بىرىكتۈرۈش ئىقتىدارىدا دېيىشكە بولىدۇ. رەھبەرلىك رولىنى ئويناۋاتقان ئامېرىكا كاپىتانىنىڭ فىلىمدىكى ئىپادىسى قالتىس چىققان.

پالۋاننىڭ غەيۋىتى: فىلىمنىڭ رېژىسورى روز ئاكا-ئىنىلەر 突袭 يۈرۈشلۈك فىلىملىرىنىڭ تەسىرىگە بەك ئۇچرىغاچقىمىكىن، ئامېرىكا كاپىتانى2 نىڭ ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈشلىرى ئالدىنقى بۆلۈمگە قارىغاندا خېلىلا كۆپ ۋە نادىر چىققان.

سامانيولى قوغدىغۇچىلىرى 2014

بېلەت كىرىمى: 770 مىليون دوللار

سامانيولى قوغدىغۇچىلىرى مارۋىل بىلەن دىسىي شىركىتى بىرلىشىپ قالسا، ئانچە تايىنى يوق بىر گۇرۇپپا گوروزلىنىمۇ قىزاتىپ چولپان قىلىۋېتىدىغان ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى دۇنياغا تونۇتۇپ قويدى. فىلىمدىكى كۆپ مىقداردىكى ئامېرىكا مودا مەدەنىيىتى ئېلىمېنتلىرى ۋە كلاسسىك ناخشىلار فىلىمگە كۈچلۈك تەسىر كۈچى قوشقان ئاساستا بىزگە بىر مەيدان كائىنات كومىدىيىسىنى تاشلاپ بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا مەزكۇر فىلىممۇ مارۋىل كائىناتىغا بىر دانە تەڭداشسىز ئەڭگۈشتەر تولۇقلاپ بەردى.

پالۋاننىڭ غەيۋىتى: فىلىمدىكى باش پېرسوناژنىڭ رولىنى ئالغان ئارتېس كرېسنىڭ كومىدىيە ۋە يۇمۇرغا تولغان ئىپادىسى بۇ ئارتېسنى شۇ فىلىم بىلەنلا 1-سەپتىكى چولپانلارنىڭ قاتارىغا تىزىپ قويدى. يېقىندا قويۇلغان 侏罗纪世界 فىلىمىدىمۇ بۇ يىگىت ئېگىز پاشنىلىق ئاياق بىلەن دېنوزاۋېردىن تېز قاچىدىغان بىر چوكاننى ئېلىپ خېلى كۆپ پۇل سۈپىرىۋالدى.

قىساسكارلار 2 2015

بېلەت كىرىمى: بىر مىليارد 400 مىليون دوللار، دۇنيا بويىچە 3-ئورۇندا

ئىككىنچى باسقۇچنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قىساسكارلار 2 ئەسلى كومىكتىكى داڭلىق سەلبىي كاتتىۋاش ئۇلتراننى ئوتتۇرىغا چىقاردى. 快银 بىلەن 红女巫 نىڭ دەسلىۋىدە سەلبىي پېرسوناژ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى، كەينىدىن قىساسكارلارنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىشى، 幻视 نىڭ چاقماق پالۋاننىڭ بولقىسىنى يېنىكلا كۆتۈرىۋېتىشى بىلەن قىساسكارلار يەنە بىر قېتىم تولۇق يىغىلدى.

پالۋاننىڭ غەيۋىتى: قىساسكارلار 2 ئۈچىنچى باسقۇچ ئۈچۈن قاتۇرۇلغان تاش بولۇش سۈپىتى بىلەن، فىلىمدە كۆپ مىقداردا كېيىنكى باسقۇچقا تەييارلىق ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈرمەنلەرگە سۇندى، مەسىلەن، ئىچكى جەڭ(تۆمۈر پالۋان VS ئامېرىكا كاپىتانى)، 灭霸 نىڭ قەد كۆتۈرىشى دېگەندەك.

چۈمۈلە ئادەم 2015

قىساسكارلار 2 دىن كېيىنكى باشقا فىلىملەرگە قارىغاندا، چۈمۈلە ئادەمنىڭ داۋرىڭى ئانچە بولمىدى. ئەمما فىلىمدە يورۇتۇلغان مىكرو دۇنيا قارىشى مارۋىلنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئىقتىدارىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى، قارا يۇمۇرغا تولغان بۇ فىلىم مارۋىلنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسلۇبتىكى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئەسىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمدى چۈمۈلە پالۋاننىڭ كېيىنكى ئىپادىسىنى ئىچكى جەڭدە كۆرۈشكە تەشنامىز.

پالۋاننىڭ غەيۋىتى: چۈمۈلە پالۋاننى سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتى مارۋىلغا نىسبەتەن ئاسانغا توختىمىدى، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئاساس قىلغان مارۋىل كائىناتى بىلەن رېژىسورنىڭ شەخسى قارىشى زىت كەلگەچ، دەسلەپكى رېژىسور Geek مۇ مارۋىل بىلەن قېيدىشىپ چاپاننى مۆرىگە ئارتىپلا چىقىپ كەتكەن پېتى خەۋىرى يوق، ئاخىرى يەنە بىر سولتەك دويەن سۈرەتكە ئېلىپ تۈگەتتى.

ئۇنىڭدىن باشقا ئىككىنچى باسقۇچقا تەۋە مەزمۇنلاردىن يەنە Marvel بىلەن ABC تېلىۋېزىيەسىنىڭ ھەمكارلىقىدا قويۇلىۋاتقان Shield ئىدارىسى، ئالاھىدە خادىم كارتېر دېگەن تىياتىلارمۇ بار. مەزكۇر تىياتىرلار ئۆز-ئالدىغا ۋەقەلىك راۋاجى بولۇشتىن سىرت، ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، پۈتكۈل تىياتىرنىڭ راۋاجى Marvel كىنو كائىناتى بىلەن ماس قەدەمدە. قىززىققۇچىلار كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.

شۇنداق قىلىپ Marvel كىنو كائىناتى 2-باسقۇچ ھەققىدە توختىلىدىغانلىرىمىز تۈگىدى. 3-باسقۇچتىكى كىنولار تېخى قويۇلغىنى يوق. بىراق Marvel تەرەپ ئاللىقاچان قويۇلىدىغان فىلىملەرنىڭ ۋاقتى ۋە نامىنى ئاشكارە قىلىپ بولدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە كىشىنى ئەڭ تەقەززا قىلىدىغىنى، كېلەر يىلى قويۇلىدىغان ئامېرىكا كاپىتانى3: ئىچكى جەڭ ھېسابلىنىدۇ. 3-باسقۇچ توغرىسىدا يەنە ۋاقىت بولسا داۋاملىق توختىلىمىز.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ،
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 33,637 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: marvel-universe-two.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئىستىقلال 2015.12.20 , 21:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەمنۇن بولدۇم :shy::shy::shy::oops:

  2. ۋاپاسىز 2015.12.20 , 21:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن چۈمۈلە ئادىمنى تىخى كۆرمەپتىمەن ئىسمىنى قالۇرۇڭلار

    • banker 2015.12.21 , 22:07

      ئادىرسى مانا، شۇنلىيگە چاپلاڭ
      ftp://2:2@dx.dl1234.com:7268/蚁人BD国英双语双字[电影天堂www.dy2018.com].mkv

  3. ئابدۇبەگ 2015.12.21 , 10:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاھ ئىسىل كنولاغۇبۇ.:mrgreen:

  4. مۆتىۋەر 2015.12.21 , 12:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن ئىسىل كىنولار بۇ :se:

  5. مۆتىۋەر 2015.12.21 , 12:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن ئىسىل كىنولار بۇ :se:مەن چۈمۈلە ئادىمنى تىخى كۆرمەپتىمەن ؛

    • ئوۋچى 2015.12.22 , 22:23

      http://www.tizyol.net/?p=16653

      چۈمۈلە پالۋاننى بۇ تور بەتتىن چۇشۇرۇڭ

  6. كامىرا 2015.12.21 , 12:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تەدبىركار ئۇستاز سىزنىڭ بۇ تىمىنى يازغىنىڭىز بەك ياخشى بۇپتۇ . مەن ئويلايمەن ھازىر بۇرۇنقىدەك سەرخىل مەزمۇنلارنى يوللىمايدىغان بۇلۇپ قالدىڭىز ، بىر ئىش پەقەت كاللامدىن ئۆتمەيدۇ، بۇ مارۋېلدىكىلەر پالۋانلارنى نىمىشقا ئۇرۇشتۇردىغاندۇ ،مەسىلەن«iron manVS kaptan amrika»دىگەندەك تېخى ۋارنېر كىنوچىلىقىمۇ شەپەرەڭ پالۋان بىلەن خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ ئۇرۇشىنىمۇ چىقىردىكەن، كىلەر يىلى بۇ سىنارىسلارغا يازغىدەك مەزمۇن چىقمىغان ئوخشايدۇ.، بىزلەرمۇ قاچان فانتازىيەلىك ۋە ھەركەتلىك فىلىملەرنى ئەۋجىگە ئەچىقىپ ئىشلىيەلەمىز ھەي ھەي ھەي .!!!؟

  7. ئوقۇغۇچى 2015.12.21 , 15:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارنىڭ ئايدا بىر يېڭىلىنىشى ئادەمنى ئۆزىگە تېخىمۇ جەلىپ قىلۋاتىدۇ ! :arrow:

  8. مىسران 2015.12.23 , 18:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قارىسام مىھمانخانىنىڭ بىر بۇرجىكىگە بولسىمۇ پاتقىدەكمەن. كىرىۋالاي. مارۋېلدىكىنى چاقماق پالۋان دېسەك، د س دىكى قىزىل ئاداشنى نېمە دەمىز ئەمدى؟ مەن خاتا بولدى دېمەكچى ئەمەس، مۇشۇنداق ماس كەپ قاپتۇ. :mrgreen::mrgreen::mrgreen:

    • يانغىن 2015.12.26 , 16:00

      ئۇچقۇر پەلۋان دەمىز دى س دىكىنى،تۈپتۈز تەرجىمغۇ ئۇ چاقماق پاۋان دىگنى😝😝😜😜

  9. ئېلياس 2015.12.26 , 19:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەپتىدە بىر قېتىم بولسىمۇ يېڭىلنىپ تۇرشىنى ئۈمۈد قىلمىز :???:

  10. كۆك كەپتەر 2015.12.28 , 00:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نىمىشقىكىن مارۋىلنىڭ مۇشۇ پىلاندىكى كىنولىرىنى بەكلا كۆرگۈم كىلىدۇ.بىرسىنىمۇ كەم قىلماي كۆرۈپتىمەن. shield ئىدارىسىنىمۇ قوغلاپ كۆرىۋاتقان ئىدىم، ئۈچىنجى ئايغىچە توختىتىپ يامان قىلدى.

  11. تاماشىبىن 2016.01.01 , 23:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يېڭى تېما بولمىغاندىن كېيىن تېمىلارنىڭ ئىچىگە قوشۇلغان‹‹تۆۋەندىكى يازمىلارمۇ ناھايىتى قالتىس يازمىلار›› قاتارىدىكى كونا-يېڭى تېمىلارنى خالىغىنىمچە مالتىلاپ يۈردۈم . قارىسام بۇرۇن يوللىنىپ ھازىر كۆرۈنۈشى ئۆچۈپ پۈتۈنلىكىنى يوقاتقان تېمىلار تورخۇماردا ئانچە مۇنچە ئۇچرىدى. مەسىلەن ماۋۇنىڭدەك: windows-blue-screen.html
    تورخۇماردا تېما توختاپ قالغىلى خېلى بولغان بولسىمۇ، ھەممە تېمىلاردا جەلپ قىلىش كۈچى تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. سەيياھ زىيارەتچىلەر ئۈچۈن كونا تېمىلار يەنىلا يېڭىلىق، شۇڭا كونا تېمىلاردىكى ئۆچۈپ كەتكەن سىنلارنىمۇ يېڭىلاپ قويسىڭىز.

  12. فارس 2016.01.07 , 19:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    未来之战دەپ يانفۇن ئوينىمۇ رەسمى ئېلان قىلنىپ بولدى،پالۋانلارنىڭ ھەممىسى دىگىدەك بار،قىزقىدىغانلار ئويناپ بىقىڭلار ،مۇشۇ پالۋانلارنى بىريەگە جەم قىلسا پىچەت بولدىكەن:grin:

  13. قاشقالىق 2016.01.21 , 05:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئادانالىق دىگەن فىلىمنى تەرجىمە قىلغان ئالىپ ئەر ستۇدىيەسىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ياكى تور ئادرىسىنى يوللاپ بەرسەڭلار سىلەردىن مىننەتدار بولاتتىم

  14. كەپتەر 2016.01.29 , 18:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم كۆك كەپتەر ئەپەندىم سىزنىڭ بىلوگىڭىز نىمىشكە تاقىلىپ قالدى بەك سەرخىل تىمىلار بار ئىدى بىلوگىڭىزدا باشقا بىرەر توربىكەت ئىچۋالدىڭىزمۇ يە

  15. كىنوقارى 2016.02.06 , 22:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار مەن ۋىندوۋسفۇن ئىشىلتىمەن، (پ ك ئەپەندى) دىگەن ئامىرخاننىڭ كىنوسىنى بىر كۈرەي دىگەن تىم ،يۇۋكۇدىكى ياكى باشقا توردىكى ئادرىسىنى يوللاپ بەسەڭلا
    ۇيغۇرچىسىنى،ياكى بولسابولسائۈزىنى يوللاپ بەسەڭلار،ئاندىن رەخمەت دەيتىم،چ چ 710470122

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量