3D ھەرىكەتلىك گىگانت ئويۇن – پارس شاھزادىسى5
ئالدىنقى مەزگىللەردە قويۇلغان «پارىس شاھزادىسى» فىلىمىنى تورداشلار كۆرۈپ باقتىمۇ يوق بىلمىدىم، بىراق «پارىس شاھزادىسى» ناملىق بۇ ئويۇننىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان ۋە ئويناپ باققان تورداشلار ئۈچۈن، بۇ ئويۇن ئانچە ناتونۇش بولمىسا كېرەك. ئەلۋەتتە فىلىم ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن Ubisoft مۇ «پارىس شاھزادىسى» ئويۇنىنىڭ ئەڭ يېڭى بەشىنچى ئەۋلاد نەشىرىنى ئېلان قىلدى، ئويۇن يېڭىچە ۋەقەلىك، يېڭى پېرسوناژ ۋە ئەڭ يېڭى 3D تېخنىكىسى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىقىپ، بۇ قاتاردىكى ئويۇنلارنىڭ دەرىجىسىنى يېڭى بىر بالداق كۆتۈردى دېيىشكە بولىدۇ.
تۆۋەندىكىسى «پارىس شاھزادىسى» ئويۇنىنىڭ تەشۋىقات فىلىمى بولۇپ، ئىشىنىمەنكى ئويۇندىكى نادىر كۆرۈنۈشلەر چوقۇم ئويۇن ھەۋەسكارلىرىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالالايدۇ!
كومپيۇتېر سەپلىمىسىگە بولغان تەلەپ:
مەشغۇلات سېستىما: Windows XP, Vista ياكى Windows 7
مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ: Intel Pentium D @ 2.6 Ghz / AMD Athlon 64 X2 3800+
ئىچكى ساقلىغۇچ: 1GB تىن يۇقىرى
قاتتىق دېسكا: 8GB تىن يۇقىرى بوشلۇق بولۇشى كېرەك
سىنكارتا: 256MB
DirectX: 9.0c دىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك
قاچىلاش كۆرسەتمىسى:
1. چۈشۈرۈپ پرېستىن يېشىمىز، 9GB قا يېقىن بوشلۇق بولۇشى كېرەك، قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن 6.1GB كېلىدۇ
2. setup.bat ھۆججىتىنى قوش چېكىپ قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز
3. ئۈستەل يۈزىدىكى تېزلەتمە ئايكون ئارقىلىق ئويۇننى باشلاپ كەتسەك بولدى
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار:
ئويۇن خەنچە نامى: 波斯王子5: 遗忘之沙
لاتىنچە نامى: Prince of Persia: The Forgotten Sands
ھۆججەت سىغىمى: 2.9GB
چۈشۈرۈش مەنزىللىرى(迅雷 دا چۈشىرىسىز):
پارىس شاھزادىسى تولۇق نەشىرى | مەنبەسى: torhumar.com | پارىس شاھزادىسى ئويۇنىنى يېشىش يامىقى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D,ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 09-ئاينىڭ 25-كۈنى
- يازما مەنزىلى: prince-of-persia-5.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > AI+CDR+PSD+PDF قاتارلىق فورماتلاردىكى ھۆججەتلەرنىڭ 缩略图 يامىقى(Win7 نىمۇ قوللايدۇ)
- كېيىنكى يازما > NOKIA S60v5 يانفونلىرىگە چۈشىدىغان تاللانغان تەگرەسىملەر توپلىمى(1)
مەن Xbox تا ساق 2 كىچە كۈندۈزدە بۇ ئويۇننىڭ ئاخىرغا چىقىۋەتكەن مەن ، ساق يېرىل يىل بوپتۇ .
دېمىسىمۇ بەك دەھشەت ئويۇن بۇ
ناھايىتى ياخشى ئويۇنكەن ،رەخمەت تونۇشتۇرغان دوسلارغا ،ئوينىغان سىرى زېھنى ئېچىلىدىكەن.
ماڭا قەتتى يارىمىدى يەنىلا كونىسى ياخشىكەن
بۇ ئۇيۇننى شۇندا بەك ياختۇرمەن دىسە.جەمى 5 قىسم چىقىپ بولدى. 鬼泣4 بۇ ئۇياننىمۇ ئۇيناپ قۇيمەن ..
مەنمۇ ئويناپ بۇلدۇم…
Ubisoft ، EA ۋە Blizzard قاتارلىقلارنىڭ ئويۇنلىرىغا زادى گەپ كەتمەيدۇ. شۇنداق كلاسسىك. 红色警戒 بىلەن 星际争霸 بۇنىڭ تىپىك ۋەكىلى
بۇ ئويۇننىڭ 2-3-نى ئوينىغان …1-نى تاپالمىدىم ، 4-ئازراق ئويناپ خوش ياقمىدى … 5-قانداقكىن ؟
بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىنچىسى ئەڭ ياخشى. ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشەلمىگىنى تۆتىنچىسى.