دۇنياغا داڭلىق سېھىرگەر David نىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى – بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈش
دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق سېھىرگەرنىڭ بىرى بولغان David Copperfield ئۆتكەن ئەسىردىلا سېھىرگەرلىكنى بىر پەللىگە كۆتۈرىۋەتكەن دېيىشكە بولىدۇ، ھوللىيۋودتىكى ئابرويلۇق شەخسنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىزچىل ئۇدا يەرشارى بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر سېھىرگەر دېگەن نام بىلەن تەرپلىنىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرىدىن «ئەركىنلىك ئىلاھە ھەيكىلىنى يوقىتىۋېتىش»، «سەددىچىننى تېشىپ ئۆتۈش» قاتارلىقلار بولۇپ، تۆۋەندە كۆپچىلىككە كونا بولسىمۇ، سەھنىدە ئورۇندىلىپ نەقمەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان ۋەكىللىك ئەسىرى – بوشلۇقتا پەرۋاز قىلىش ماھارىتىنى ئېلىپ كەلدىم…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: سېھىرگەر، سېھىرگەرلىك
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 08-ئاينىڭ 22-كۈنى
- يازما مەنزىلى: david-fly-magic.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئوسكار(Oscar) مۇكاپاتى نامزاتىغا ئېرىشكەن قىسقا كارتون فىلىم – موماي بىلەن ئەزرائىل
- كېيىنكى يازما > ناۋادا ئويۇنلارنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى مۇشۇ دەرىجىدە ئاددىلىشىپ كەتسە…
- سېھىرگە تولغان ھايات! داڭلىق سېھرىگەر -داۋد كوپپورفىلد(David Copperfield)نىڭ ھېكايىسى
- سېھرىگەر Simon يەنە ئوتتۇرىغا چىقتى! بۇدا ئۇ تېخى ئېلان قىلىنمىغان iPad3 نىڭ كارامىتىنى كۆرسەتمەكچى!
- ئادەمنىڭ ئاغزى ئېچىلىپ قالغۇدەك دەرىجىكى يانچۇقچىلىق تېخنىكىسى! كەسپى ئوغرىنىڭ نەقمەيدان ماھارىتى!
- پاجىئە!! سېھرىگەرلىك نومۇرىدىن چاتاق چىقىپ، سېھرىگەر ئۆزىنىڭ ئايالىنى ئېھتىياتسىزلىقتىن ھەرىدەپ قويۇپتۇ!!!
- دۇنيادىكى ئەڭ ھەجۋى سېھرىگەر – David Copperfield نىڭ ھەجۋى نۇسخىسى
مەنغۇ بۇنى زامانىۋىي تېخنىكا ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلدىمىكىلا دەيمەن…
ئالامەت كەنغۇ بۇ ”` ئۇچىۋاتىدۇ دىسە ”`
چۈش كۆرۈۋاتقاندەك بولۇۋاتقاندۇ ئاۋۇ ئولتۇرغانلا.
سىزدىن بىر ئىشنى سورىسام تورخۇمار ئەپەندى؟
مۇشۇ تىمىللىرىڭىزنىڭ باش قىسىمىدىكى تىمىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى قەيەردىن تاپىسىز؟
Google
ما ئەدەشنى قولىغا AK دىن بىژنى تۇتقۇزۇپ تاڭ راھىبى شاگىتلىرىغا قوشاپ قويىدىغان گەپكەن ئۇچالىغاندىكى، سۇن مايمۇن يامانلاپ كەتسىمۇ راھىپ غەرىبكە بىمالال بارالايدىغان قىلىدۇ.
مەن چۈشۈمدە ئالامەت ئۇچۇۋىتەتتىم، ماۋۇنى كۆرۈپ شۇ چۈشلىرىم يادىمغا كەچتى، بەزىدە ئوڭۇمدىمۇ تاس قالىمەن.. يۈگىرەپ كېلىپ خاسىيەتلىك ئادەمدەك ئۆزۈمنى ئاتقىلى…
克里斯安吉尔بۇنىڭدىن پەيزى ئۇچىدۇ .
سىھرىگەرلىكنىڭ سىرى دەيدىغان ھۆججەتلىك فىلىمدە بۇ سىھرلەرنىڭ ئارقا كۆرنىشى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بار ئىكەن.
بۇ ئاداشنىڭ توك ھەرىسىدە ئىككى پارچە بولۇپ كىيىن يەنە ئەسلىگە كىلىدىغان ئويۇنى، سەددىچىننى تىشىپ ئۆتىدىغان ئويۇنى دېگەنلەر ئەمەلىيەتتە «مۆجىزە» ئەمەس. بەلكى رىئال موھىتتىكى ئەڭ ئىنچىكە، پايدىلانغۇچىلىكى بار نەرسە، شارائىتلاردىن يۈكسەك دەرىجىدە پايدىلىنىپ تاماششىبىنلارنىڭ سەزگۈسىنى ئالداشتىن ئىبارەت. سىھرىگەرلىككە ئائىت فىلىملەرنى تەتقىق قىلىپ باقسا ئادەمنى تەپەككۇر قابىلىيتىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
بۇ بىر ئاددىي سېھىرگەرلىك، تۇلۇق ئوتتۇر فىزىكىسىدىكى ماگنىت مەيدانىغا ئائىت مەزمۇننى ئەسلىسەكلا بولىدۇ، مەيداننىڭ ئاستى ئۈستىدە ماگنىت مەيدانى ھاسىل قىلىدىغان ئۈسكىنە بار، يانە بىر مەسىلە ئۇ نېمە ئۈچۈن ئۇنچىۋالا قېلىن كىيىنىۋالىدۇ …
تەھلىلىڭىزگە تەشەككۈر، ماگنىت مەيدانىمۇ ھاسىل بولدى دەيلى. ئادەمنى ئۇچۇرتقۇدەك شۇنچە كۈچلۈك ماگنېت مەيدانى ئەتراپتىكى باشقا شەيئىلەرگە تەسىر قىلمامدۇ؟ يەنە بىرسىگە ماگنېت مەيدانىدا مۇشۇنداق لەرزان ئۇچۇش ھەرىكىتىنى ھېچقانداق سىرتقى جىسىمغا تايانماي ئېلىپ بارغىلى بولامدۇ؟
ماگنېت مەيدانى بولسا چاپلېشېپ كالمامدو
بۇ ئەمىليەتتە جاپالىق مەشىقنىڭ نەتىجسى.
بۇنىمۇ يالغان دىسەلڭلار ، دۇنيادا راست ئىشلار قالمىغان ئوخشايدۇ.
ناھايىتى قالتىس ،،،، بۇ ئاداش سىھرىگەرلىككە راسلا بەك ئۇستا ،مەن ئۇنىڭ نۇمۇر لىرىنى كۈرۈشكە بەكلا ئامراق . مەنمۇ سىھرىگەرلىككە شۇنداق قىزقىمەن . ئۈگۈنۈشنى ئويلىغان لىكىن ئۈگۈتىدىغان ئادەمنى تاپالمايۋاتمەن . ھە راس تورداش دوسلار سىلەر بۇ توغرىسدا بىرەر ئۇچۇر نى بىلەمسىلەر .؟ئەگەر بىلسەڭلار ماڭا ياردەم قىلىپ ئېيتىپ بەرسەڭلار بوپتىكەن .