موتسىكىلىت ئۆگىنىشنى بوۋاق ۋاقتىدىن باشلاش كېرەك! موتسىكىلىت مەكتىپىدىكى بۇ ساقىلارنىڭ يامانلىقىنى كۆرۈڭ!
ئىسپانىيەلىك Jorge Lerenzo، ئۈچ ياش ۋاقتىدىلا كىچىك تىپتىكى موتسىكىلىت مۇسابىقىسىنىڭ رېكورتىنى بۇزىۋەتكەن، ۋە شۇ نەتىجىسى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك موتسىكىلىت چېمپيونى دېگەن نامغا ئىگە بولغان. كىچىكىدىن تارتىپلا كىچىك تىپتىكى موتسىكىلىت ۋە دالا موتسىكىلىتى مەشىقى بىلەن تەربىيلەنگەن Jorge Lorenzo، ئىزچىل ھەرخىل يەرلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، نەتىجىسى ئىزچىل تىك سىزىق بويىچە ئىلگىرىلىمەكتە ئىكەن.
مۇۋاپىقىيەت قازانغان Jorge Lorenzo بىر موتسىكىلىت مەكتىۋى قۇرغان بولۇپ، بالىلار ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ، يېڭى بىر ئەۋلاد خەلقئارالىق موتسىكىلىت ماھىرلىرىنى تەربىيلەش ئۈچۈن تىرىشىۋېتىپتۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: بالىلار، رېكورت، مۇسابىقە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,011 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 07-ئاينىڭ 23-كۈنى
- يازما مەنزىلى: jorge-lorenzo-motorcycle-school.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ياپونلارمۇ خېلى ئىجادكار خەلق، ياپونىيەدە ئىجاد قىلىنغان يەر ئاستى ئاپتوماتىك ۋېلىسپىت توختىتىش قۇرۇلمىسى
- كېيىنكى يازما > يەر شارىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى كىشى ئەقلىنى لال قىلدىغان گۈزەل ماكان
- 2015-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- مېسسى يېڭى يىلدا ياپونغا بېرىپ بىر تۈرلۈك رېكورد تاماملىۋېتىپ كەپتۇمىش
- دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مەزگىلىدىكى قىز-ئوغۇللار پائالىيەت قوللانمىسى
- بېشىدا ياڭاق چېقىپ دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان پاكىستانلىق يىگىت [V]
- خەلقئارا شاھمات شاھى بىلگەيتېسنى شاھماتتا 79 سكونتتا ياساپ قويۇپتۇ
- مۇسابىقە مەيدانىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاشۇ كىشىلەر، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان مىنۇتلار
- كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان فىلىم – بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان 680 گراملىق بوۋاقنىڭ مۆجىزىگە تولغان بىر يىلى
- ئامېرىكىلىق بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇرغا باي رۇخسەت سوراش خېتى
- سىزدە سەنئەت سېزىمى بارمۇ؟ ئەمسە سەنئەتكار بىلەن 4 ياشلىق بالىنىڭ سىزغان رەسىملىرىنى پەرىقلەندۇرەلەمسىزكىن؟
- بۇ رەسىملەرگە قاراپ بۇ ئاتا-بالىنىڭ ئۆز ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي تۇرالامسىز؟ ئۆگەي؟! ياق، ئۆگەي ئەمەسكەن…
ۋاھ تۇنجى قىتىم دىۋانغا ئولتۇرۇپ بېقىپتىمەن، ھەجەپ ئاخسا بولىدىكەن ھە …
مازكەندىن بىرسى ….
بۇ ئۇكاشلارغا ئاۋۇ موتسىكىلىت ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆزدەكلا ماس كەپتۇ ، ھەركەتلىرىمۇ شۇ يېشىغا نىسبەتەن بەكلا نەپىس ھەم ياخشى چىقىپتۇ ….
بۇ كىچىك شۇمتەكلەر جىنىدا بۇنداق ھەيدىگىلى تۇرسا، چوڭ بولغاندا تاشقى پىلانىتنىڭ ئادەملىرىنى خىجىل قىپ قويغۇدەك جىمۇ ….
مىسكىن بۇنداق دەپ قويسىڭز يەنە موتوسىكىلىت ھەيدەپ جەھەنەمگە يول ئالدىغانلار ئاۋۇپكەتمىگەي ،ھازىرقى يېزا باللىرى 90دىن كېيىنكىلەر دىن موتوسىكىلىت سەۋىبىدىن قازا قىلدىغانلار جىق ، باشقىلارغا شۇلارنى ئىبرەت قىلساق ، قاتناش ھادىسىسىگە يۇلۇققانلار بىزدەك ئۇستا ئەمەس دەپ قۇيىدۇ ،تېخى . ھەر يىلى بىزدىن مۇشۇ سەۋەپتىن ۋاقىتىسز كىتىدىغان ياشلار نۇرغۇن ، ھەي …
ۋاي ئۇنى بىر دىمەڭ ، بىزنىڭ يۇرتلادا ئۇنداق باللا بەك جىق ، ھۈكۈمەت موتو دىگەن جانىۋاغا قانات بەكەتكىلى قويغان بوسا ، ئا باللا موتو دىگەننى ئاسماندا ئۇچۇتۇپ ئوينايتى …
ھېلىمۇ موتونى ئۇ دۇنياغا ئۇدۇل ئۇچۇتۇپ ھەيدەيدىغان باللا پات پات چىقىپ تۇرىدۇ ، يەنە شۇ ئىبرەت ئالىدىغانلا بەك ئاز …
ما شۇملىنىڭ ژىقىلغان يەلىرى نەدىراق چىقا دەپ مىقتەك قالاپ ئولتۇرۇپ كۈرۈپ تۈگەتتىم …
تۇلۇقسىزدا مايلىق موتو ھەيدەشنى يېڭى ئۆگەنگەن ۋاخلادا ، ئەدەم با يەدە مىنسىم خۇددى ئەرىش يولۋىسىغا مىنىۋاغاندەك ھاياجانلىنىپ كىتىپ ماينى قۇلاققىچە تولغاپ ئۇچقاندەك مىنەتتىم ، خۇداغا شۈكرى شۇ كەپسىزلىكتە بىرە نەسىگە كاللا قويماپتىكەنمە
ھەي كەپسىزلىك … بىر قېتىم موتو ئۇچۇتقىنىمنى دادام كۆرۈپ قاپتىكەن ، دەشنام دىگەننى خېلى يەۋاغان …
شۇندىن كىيىن موتو دىگەننى سەت ئالىدىرىماي ھەيدەيتىم ، بىر قېتىم شۇنچە ئاستا مىنگەن بوممىسا ، دادام ئۇچراپ قېپ جىددىيچىلىكتە موتودىن چۈشۈپ ئالدىدىن يىتلەپ ئۆتكىنىم ئىسىمدە …
توۋا ، ھەجەپ قوقوپتىكەنمە دادامدىن ، خەپ بالاممۇ بۇلا ، دەردىمنى دادامنىڭ نەۋرىسىدىنغۇ ئالامە تازا
ئۆيىمىز چوڭ يولنىڭ ئۈستىدە، كۈندە يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا داردىن قاچقان بىرنىمە تازا شېرىن ئۇخلاۋاتقاندا موتسىكىلىتىنى غاقىراتقىنىچە ئۇياق-بۇياققا ئىككى-ئۈچ قېتىم ئۆتۈپ كېتىدۇ نېرۋامغا تېگىپ. ما قاتناش ساقچىسى دېگەن نېمىنى كۈندۈزى بۇلاڭچىلىق قىلغاندەك ھەممىسىنى تۇرغۇزۇپ قويغىچە كېچىسىگە بىر-ئىككىنى قويۇپ قويمامدۇ.
ھا ھا ھا ھەجەپ كۇلگۇم كىپكەتتا
ئابومجاننىڭ گىپىنى ….
مەنمۇ بۇرۇن قالتىس چاپتۇرۇپ قويىتىم، كاساپەت، ئەمدى بىي ئەدەمدەك ھەيدەشنى ئۆگەنگەندە ئوغرى ئالدى كاساپەتنى….
مەن موتۇسىكىلىتنى پەقەت ۋە پەقەت بىر قېتىم 105 كە چىقىرىپ باقتىم، ئەممسا ھىس قىلغىنىم شۇ:
1-كاللىسى نورمال ۋە ساق ئادەم موتۇسىكىلىتنى ھەرگىز بۇ سۈرەتكە چىقارمايدۇ، ئاشۇ چاغدىكى كاللامدىن ئۆزۈممۇ گۇمان قىلىمەن، چۈنكى موتۇسىكىلىتنى تېزلەتمەك ئاسان، ئەمما ئۇنى ساق-سالامەت توختىتىش بىر مەسىلىكەن.
2-ئەگەر ئۇ ئادەم كاللىسى ساق ۋە نورمال تۇرۇپ شۇ سۈرەتكە چىقارغان بولسا ئۇنىڭ جەزمەن ئۆلگۈسى كەلدى، ھاياتتىن بىزار بولدى.
ھېلىمۇ 90 دا كېتىۋىتىپ، ئورمان بەلبىغىغا كىرىپ كېتىپ ئادەم بولغىنى مەن.
مۇشۇ موتوسىكىلىت ھەيدەشتىن ئانچە قورقمايمەن ئەمما ھەيدەپ بىرسىگە ئۈسۈپ سالسىڭىز ۋاي خان ۋالىيدىنى باققاندەك باقىدىغان گەپكەن دەڭە خۇدا ساقلىسۇن….
دىسەم ئىشەنمەيسىلە مەنمۇ كىچىك چېغىمدا ئاكام بىلەن بىللە 250لىك kawasakiنى 160تىن ئاشۇرغىنىمىز ھېلىھەم يادىمدا بار ئەمما ھازىر ئويلىسام سەل قورقۇنجا باسىدۇ جۇما
بىزنىڭ مەھەللىدىمۇ كۆپ كىچىككىنە تار كۇچىدىن چوڭ يولغا 80 ئۇچۇپ چىقىدىغان نوچاملار ….
ئۆتكەندە بىر يىراق تۇققىنىمىزنىڭ بالىسىمۇ شۇنداق ھەيدەپ بىر پۇتىدىن ئايرىلىپ قالدى… كۆڭلۈم غەش بولىدۇ ئويلىساملا….
ھە راست بىزنىڭ ماۋۇ خوتەندە قەيەرگە ئۈسەرمەن دەپ غەمنى ئازقىلىپ جاۋتۇڭ نەدە تۇتىۋالاركىن دەپ ئەنسىرەيدۇ ھازىر
ئۆتكەندە تۇتىۋالسا بىر ئۇزاق يالۋۇرغۇزۇپ ئاندىن پۇل مەپ بىرەتتى…..
بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىپ موتوسىكىلىتنى تاشلاپ پىيادە مېڭىشقا ئىنتىلىڭلار……
160 دىن ئاشسا ئادەم قانداق تىنالايدۇ دەيمەن، مەن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 90 دىن ئاشۇرۇپ بېقىپتىمەن، لىكىن 80 دىن ئاشتىمۇ ئادەم نەپەسلىنەلمەي قالدىكەن
ھازىر يېڭى قانۇن چىقىپتىمىش پىراۋىسىز موتوسىكىلىت ھەيدىگەنلەرنىڭ موتوسىكىلىتىنى ئوقۇپ شۇ پىراۋىڭىز چىققاندا ئاندىن رەسمىيەت ھەققىنى تۆلەپ ئەپ كىتەلەيدىكەنسىز……. ھىم
نېمدا يامان شۇملا بۇ… مەن موتسىكلىتتا 90دىن يۇقىرى ھەيدەپ باقماپتىمەن، ھازىرقى قوتا موتسىكلىىتم 80گە ئاران چىقىدۇ.
چوووووووڭ ئادەملەر ئولتۇردىغۇ ئۇنىڭ ئۈستىدە…………….
ئاشۇ چوڭلار ھەيدەيدىغان موتوسىكىلىتلارنىڭمۇ كىچىكرەك چىققان خىللىرى باركەن شۇلارغا ئوخشاش قىلىپ ياسىغان موتوسىكىلىتلاركەن بۇ ….
پۇرسەت ۋە شارائىت نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزگەرتىۋىتىدىكەن…… يامان شا كىچىكلىكەن بۇ …
ماشۇملانىڭ مۇتۇىسكىلىتىنى بىژ مىنگۇم كەلدىيا ؟ مەنمۇ مىنىپ قۇيمەن مۇتۇرنى ئەمما تۇز يۇلغا چىقىۋالسام 120 ئۇينىمىسام كۇڭلۇم قۇيمايدۇ . (يۇقىرى سۇرەتلىك تاشيۇلدا جۇما يەنە )ئەممازە كىچىسى ھەرگىز مىنمەيمەن مۇتۇنى
ئۆمۈرۈمدە JOG YAMAHA نى ئەڭ يۇقىرى سۈرئەتكە چىقىرىپ باققىنىمنى بىلىمەن
ما ماڭقىلىنى،مەن بىر قېتىم 80 گە چىقىرىپ بېقىپتىكەنمەن،كۆزلىرىمدىن ياش توختىماي(ھاياجانلىنىپ ئەمەس جۇما) تاس قالغان ھېلىقى يەرگە كەتكىلى
ئەڭ قورقىدىغىنىم موتىسىكىلىتتا باشقىلارنىڭ كەينىدە ئولتۇرۇش (ئۆزۈم ھەيدىسەم پەقەت قورقمايمەن بولمىسا )
مەن تولۇقسىزدا يېزىغا چىقىپ ئاكامنىڭ ياماخا موتوسىنى مىنگەن پېتى ئورمانلىققا كىرىپ كېتىپ موتونىڭ چىرقىنى سۇندۇرۇپ،ئىشتىنىمنىڭ پۇشقىقىنى زەنجىر چايناپ بىر يېنىپ چىققانچە ئىككىنچى يېقىن كەلمەيدىغان بولغان بۇنېمىگە!
ئۆتكەن يىلىمۇ بىر نەۋرە ئىنىم موتومىنىپ پوچىلق قىلىپ ئىشەك ھارۋىسىغا قاڭشا تورمۇز قىلىپ ھازىرغىچە ياتىدۇ بالنىستا !
شۇڭا ھاياتنى قەدىرلەپ موتونى مىنمەڭ!مىنسىڭىز 40تىن ئاشۇرماڭ!