كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان فىلىم – بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان 680 گراملىق بوۋاقنىڭ مۆجىزىگە تولغان بىر يىلى
ئۈچ يېرىم ئاي بۇرۇن بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان Ward Miles ئىسىملىك بوۋاق توغرىلىق ئىشلەنگەن فىلىم، ئۇ تۇغۇلغاندا پەقەت 680 گرام كېلىدىغان بولۇپ، پۈتۈن بەدىنىگە ئۆزىدىن ئېغىر كېلىدىغان نەيچىلەر سانچىقلىق ئىدى، ئۇنى ئاز دەپ تۇغۇلۇپ ئون كۈندىن كېيىن بوۋاقنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشكەن بولۇپ، كۆڭۈل قويۇپ داۋالاش نەتىجىسىدە، 107 كۈندىن كېيىن مۆجىزە يەنىلا يۈز بەردى. فوتوگراف ئاتا Ben Miller بۇ مۆجىزىنىڭ بارلىق پەيتىنى سۈرەتكە ئېلىپ كىرىشتۈرگەندىن كېيىن، بۇ مۆجىزىگە تولغان ھاياتلىقنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن تورغا ئاشكارىلىدى.
Ward Miles ئىسىملىك بۇ بوۋاق 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ كۈن مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت ۋاقتىدىن ئۈچ يېرىم ئاي بۇرۇنقى ۋاقىتقا توغرا كېلەتتى. ئۇنىڭ تۇغۇلىشى ئائىلىسىدىكىلەرگە خۇشاللىق ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە نۇرغۇن ئازاپ ئېلىپ كەلدى. چۈنكى Ward نىڭ چوڭلۇقى ئىككى ئالقانچىلىكلا كېلەتتى، تىنىق ئېلىش ئۈچۈنمۇ مەخسۇس نەپەسلەندۈرگۈچنىڭ ياردىمىگە تايىناتتى. دوختۇر شۇ كۈنى ئائىلىسىدىكىلەرگە، بالىنىڭ ھايات قېلىش مۇمكىنچىلىكنىڭ پەقەت 50% ئىكەنلىگىنى ئېيتتى.
فىلىمدە، ئانىسى بالىنى قۇچىقىغا ئېلىۋالغان كۆرۈنۈشتە، دەسلىۋىدە ئاپىسى كامېراغا قاراپ كۈلۈمسىرەيدۇ، بىراق كەينىدىنلا ئۈمچىيىشكە باشلايدۇ. شۇ پەيتتە ئانا بۇ كىچىك ھاياتلىق ئۈچۈن كۆز يېشى قىلىۋاتامدۇ ياكى بالىسىنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە سانچىۋېتىلگەن نەيچىلەرگە قاراپ كۆڭلى بۇزۇلىۋاتامدۇ ئۇققىلى بولمايتى…دادىسى بولسا بۇ توغرىلىق توختىلىپ خاتىرىسىگە مۇنداق يازىدۇ: Ward نىڭ مېڭىسىگە قان چۈشكەنلىكىنى بايقىغان چاغدا يۈرىكىمگە پىچاق تىققاندەك ئازاپلاندىم، ئەمما شۇ كۈنى Ward بېشىنى بىز تەرەپكە بۇراپ، كۆزىنى ئېچىپ بىزگە تىكىپ قاراپ تۇراتتى، خۇددى بىزگە «ھېچ ئىش يوق، مەندىن ۋاز كەچمەڭلار!» دەۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى، شۇ دەقىقىلەرنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايمەن.
بەختكە يارىشا، Ward نىڭ مېڭىسىگە چۈشكەن قان بارا-بارا يېنىشقا باشلاپ، ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلىدى. Ward نىڭ تۇغۇلىشىدىن تارتىپ دوختۇرخانىدىن چىقىشىغىچە، پۈتكۈل جەريان كۆز يېشىغا تولغان ئىدى، ئەمما Ben ھەم ئايالى Lyndsey ئۆزىنىڭ ئېتىقاد كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ بۇ ئۆتكەللەرگە بەرداشلىق بەردى، بۈگۈنكى كۈندە، Ward ئاللىقاچان بىر نەرسە يېيەلەيدىغان، كۈلەلەيدىغان بولدى، ھازىر بىر ياشتىن ئاشقان Ward ئۆمىلەشنى ئۆگىنىۋاتىدۇ.
بۇ بوۋاق ئاپىسىنىڭ قورسىقىدىن چىقىپ بولغاندىن كېيىن، باشقىلار ئەسلىدە ئاپىسىنىڭ قورسىقىدا چاغدا تاماملايدىغان ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى باشتىن كەچۈردى، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوختۇرلارنىڭ قېتىرقىنىپ داۋالىشى ۋە كۆيۈنىشى نەتىجىسىدە، بۇ ئاجىز ھاياتلىق قۇتقۇزۇپ قېلىندى. فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن، ھەر بىر ھاياتلىقنىڭ بىر مۆجىزە ئىكەنلىكىگە چىن كۆڭلىڭىزدىن قايىل بولۇشىڭىز مۇمكىن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: بالىلار، مۆجىزە، ھاياتلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 7,732 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 02-كۈنى
- يازما مەنزىلى: video-del-primer.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يەمەندىكى بىر تويدا، قولىغا AK-47 ئېلىپ ئۇسۇل ئويناۋاتقان بىرەيلەن ئېھتىياتسىزلىقتىن 3 ئادەمنى ئېتىپ قوياپتۇ
- كېيىنكى يازما > پۇت-قولى يوق يىگىت CS:GO دېگەننى تىتىۋېتىدىكەن، ئۆزىنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان كىشىلەر ئاز ئەمەس
- ئامېرىكىلىق بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇرغا باي رۇخسەت سوراش خېتى
- سىزدە سەنئەت سېزىمى بارمۇ؟ ئەمسە سەنئەتكار بىلەن 4 ياشلىق بالىنىڭ سىزغان رەسىملىرىنى پەرىقلەندۇرەلەمسىزكىن؟
- بىر مىنۇتتا قېرىپ كېتىش | ھېچكىم مەڭگۈ ياش تۇرىمەن دېيەلمەيدۇ، ياشلىقىمىزنى قەدىرلەيلى
- بۇ رەسىملەرگە قاراپ بۇ ئاتا-بالىنىڭ ئۆز ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي تۇرالامسىز؟ ئۆگەي؟! ياق، ئۆگەي ئەمەسكەن…
- ھازىرقى بايلىق ۋە مەرتىۋىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمىلەردىن ئايرىلىپ قالغانسىز؟
- موتسىكىلىت ئۆگىنىشنى بوۋاق ۋاقتىدىن باشلاش كېرەك! موتسىكىلىت مەكتىپىدىكى بۇ ساقىلارنىڭ يامانلىقىنى كۆرۈڭ!
- ئوماق بالىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن! بالىلىقتا بىزگە ھەمرا بولغان ئاشۇ كارتون فىلىملەر
- تور دۇنياسىنى قىززىتىۋەتكەن كىچىك مودېل مىلان.كورنىكوۋا – بۇ قىز چوڭ بولسا چوقۇم گۈزەل بىر ساھىپجامال بولغۇدەك!
- NASA دىكىلەر يەر شارىنىڭ ئايرىلىپ قالغىنىغا ئۇزاق بولغان قېرىندىشىنى بايقىغان!!!
- قانداق قىلغاندا باشقىلارغا تۇنجى تەسىرنى ياخشى ۋە مۇكەممەل بەرگىلى بولىدۇ؟
بىرىنچى بولۇپ مەن كۆرگەن ئوخشايمەن
مەن بۇ فىلىمنى كۆرۈش ئارقىلىق چەتئەلنىڭ دوختۇرخانلىرى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئوتتۇرسىدا زور پەرىق بارلىقىنى بايقىدىم. بىزنىڭ بۇ يەردىكى دوختۇرخانىلاردا پۇل تېپىشنى ئاساس، داۋالاشنى قوشۇمچە قىلىپ داۋالايدۇ، لىكىن چەتئەللەردە بولسا بارلىق ئاماللارنى ئىشلىتىپ، كۈچىنىڭ يىتىشىچە داۋالاپ ساقايتىشقا تىرىشچانلىق كۆرستىدىكەن.
دوختۇر بىر سەۋەپكار خالاس ،ئەگەر دوختۇر راستىنلا ھەممىنى داۋالىيالىسا ئۆلىدىغان ئادەم قالمايدۇ ،مەنمۇ بىر دوختۇر ھەتتا ئۆزۈممۇ يېڭى تۇغۇلغان بالامنى قۇتقۇزۇپ قالالمىدىم ئاللاھ رىزىق بەرسە سەكىراتقا چۈشۈپ قالغان ئادەممۇ ساق قالىدىكەن،ئادەم قۇتقۇزۇشنىڭ تىخنىكا بىلەن ئانچە كۆپ مۇناسىۋىتى يوق ،تىخنىكا پەقەت داۋالاشنى ئاسانلاشتۇردۇ خالاس.
راس دەيسىز!
مېنىڭ نەۋرە ئاكامنىڭ بالىسىمۇ بالدۇر تۇغۇلغان. ئۇ 2011-1-19 توغۇلدى. ھازىر 2 ياشقا كىرەي دېدى. 6 ئايلىق بولغان ۋاقتىدا 2.5 كىلو كىلەتتى. بىر ياشقا كىرگۈچ نەچچە قېتىم ئېغىر ئاغرىپ قېلىپ داۋالاندى.ئۇ بالىنىڭ ئەي بولىشىغا دوختۇرلارمۇ،بىزمۇ ئىشەنمىگەن. كىيىن بىر يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ ئۇ بالا ساقايدى. ھازىر سېمىز. نورمال ..شۇنداق ئوماق ماڭىدۇ. ئانچە مۇنچە تىلىمۇ چىقىپ قالدى. ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ..
ھەجەپ تەسىرلىككەن بۇ ~~~~ ئاللانىڭ قۇدرىتى چەكسىز
پاختىنىڭ ئىچىدە چوغنى ساقلىغان ئاللاھنىڭ قۇدرىتى چەكسىزدۇر، بىزگە مۇشۇنچىلىك كۈن بەرگەنلىكىڭگە مىڭ مەرتىۋە شۈكرى…
راستىنلا بىر مۆجىزە دىسەك بۇلىدىكەن.ئاتا ئانا مىھىرى ۋە دوختۇر سېستىرالارنىڭ غەمخۇرلىقى بىلەن بۇ بالا ھايات قاپتۇ.
ئاللاھ ئەڭ ئۇلۇغ ئەڭ بۈيۈكتۇر..
تۇلىمۇ تەسىرلىك كۆرنۇش ئىكەن جېمۇ دوستلار !!!!
مەن ئاۋۇ ‹‹مەنسۇر›› دەپ تەخەللۇس قۇيغان دوستىمىزنىڭ سۆزىگە ئەگىشىمەن .
رىزىق بەرگۇچى ئىگىمىز ، قالغىنى سەۋەپ .
ئاللاھنىڭ قۇدرىتى چەكسىز،بۇيەردىكى مەسلە مەيلى چوڭ مەيلى كىچىك بولسۇن بىر جان، ھوقۇقتىن ،داۋالىنىشتىن تەڭ بەھرىمان بولىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. بەلكىم شۇ بالا چوڭ بولۇپ مۇشۇ سىننىڭ ئەينى ۋاقىتتا كۆرۈلىشى ئالدىنقى قاتاردىكى سىن ئىكەنلىگىنى كۆرۈدۈ.
بالا ئائىلىنىڭ خۇشاللىقى،.. بەك تەسىرلىك كورنىشلەركەن…