يېڭى «ئانارخان» ھەققىدە سۆھبەت | ئانارخاندىن نىمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز ؟
قايسىدۇر بىر زامانلاردا تور ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىدە تەشۋىق خىزمەتلىرى قاتتىق ئەۋىج ئالغان يىڭى «ئانارخان» فىلىمى مەركىزى تىلىۋىزىيە 1- قانىلى ۋە شىنجاڭ 2- قانىلىدا قويۇلۇشقا باشلىدى. ئانارخان ھەققىدە ئاجايىپ ھېكايەتلەرنى بىلىدىغان چوڭلىرىمىز ۋە ئانارگۇلنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان ياشلىرىمىز ئوخشىمىغان ئىككى خىل قاتلامدا تۇرسىمۇ، مەزكۇر فىلىمگە نىسبەتەن ئوخشاش بىر خىل ھېسىياتتا بولماقتا …
7-مايدىن باشلاپ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ، شىنجاڭ «داسىن» مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلىگەن 20 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ‹‹ ئانارخان ›› مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 1-قانىلىدا پۈتۈن مەملىكەت كۆرۈرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشكە باشلىدى . بۇ ، شىنجاڭدا ئىشلەنگەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ تۇنجى قېتىم مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 1-قانىلىدا ئالتۇن ۋاقىتتا قويۇلۇش ھېسابلىنىدۇ.
24-ئاپرېل ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى باشقۇرۇش مەركىزى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار بېيجىڭدا ‹‹ئانارخان›› ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا تۇنجى قويۇلۇشى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى . ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇ ۋېي يىغىنىغا قاتنىشىپ ، مۇھىم سۆز قىلدى.
بەلكىم دىيارىمىزدا سۈرەتكە ئېلىنغان، ئۇيغۇر جەمىئىتى ھەققىدىكى بىر فىلىمنىڭ مەركەزدە بۇنداق تەسىر قوزغىشىدىن نۇرغۇن كىشىلەر قاتتىق ھاياجانلانغان بولىشى مۈمكىن. لېكىن مەزكۇر فىلىم ئۇيغۇر قانىلىدا قويۇلۇشقا باشلىغاندىن بۇيان، تور دۇنياسىدا بۇ فىلىم ھەققىدىكى گەپ- سۆز قايتىدىن قىززىشقا باشلىدى. كۆپ قىسىم (ھەممىسى دىسەكمۇ بولىدۇ) تورداشلار فىلىمدە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ۋەقەلىكنىڭ كونا «ئانارخان» فىلىمىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئىچكى زىدىيەتنىڭ ئالاھىدە كۆپتۈرۋېتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالماقتا. ھەتتا مىكرو بلوگلاردا شىنجاڭنىڭ كونا جەمئەت تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن فىلىملەردە بەزىلەرنىڭ ھەمىشە قۇتقازغۇچى ئورۇندا بايان قىلىنىشىغا نىسپەتەن ئەكىس شۇئارلارمۇ توۋلانماقتا. بەلكىم تورخۇمارلارمۇ «ئانارخان»ھەققىدە ئاز بولمىغان تەسىراتقا ئىگە بولىشى مۇمكىن. قېنى بۈگۈن بۇ ھەقتە بىردەم مۇڭداشمايلىمۇ ؟
يىڭى ئانارخان : 1- قىسىم
يىڭى ئانارخان : 2- قىسىم
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، جەمئىيەت، فىلىم، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 73,892 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 11-كۈنى
- يازما مەنزىلى: anarxan-heqqide-sohpet.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > سىز iPhone ھەۋەسكارىمۇ ياكى SAMSUNG ھەۋەسكارىمۇ ؟ مەنچە يەنىلا NOKIA نى تاللىغان دۇرۇستەك قىلىدۇ
- كېيىنكى يازما > جەڭگىۋار روس مىللىتىنىڭ كىشىنىڭ تەسىرلەندۈرىدىغان يەنە بىر خىل تۇرمۇشى
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
ئىشقىلىپ ماڭا ياقمىدى ،ئويدىكىلەر مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ كۆرىۋاتىدۇ.مەنچىمۇ ئۆيدىكى ئىشنى باشقىلارنىڭ ھەل قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان ئىدىيە بەكرەك ئېنىق ئىپادىلىنىپ قاپتۇ.
رىجىسسور شۇلاردىن ئەمەسمۇ؟
ئەگەردە تۆمۈر خەلپە ، غوجىنىياز ھاجىلار ئەينى زاماندا بىرىنچى ئەۋلات كومىنىست چېن دۇشيۇ قاتارلىقلار بىلەن بىللە تەلىم ئالغان ، ئۇلۇغ كومىنىزىم ئىشلىرى ئۈچۈن قۇمۇلدا ئىنقىلاپ قىلىپ كومىنىزىم ئىشلىرى ئۈچۈن ، (جۇڭخۇا مىللەت ) لىرىنىڭ ئازاتلىغى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ كۆرەشلىرى ماۋزېدوڭنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ئىلگىرىكىلەرنىڭ بۈيۈك كومىنىزىم كۆرەشلىرىنىڭ داۋامى دېيىلىپ كىنو ئىشلەنسە ….. قىززىققانلىق بىلەن قان ئىچەر مەلئۇنلارغا جېنىنى سېلىپ بېرىدىغان ئوت يۈرەكلىرىمىز ئاز ئەمەسكەن قارىغاندا !!! ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر ! بۇنداق دېسەم قاراپ تۇرامدۇق دېمەڭ ! ئەقلىڭىزنى ئىشقا سېلىڭ ! گەندى كىم ؟ نىمە ئىش قىلغان ؟ توغرا !ھازىرقى زاماندا ھۆكۈمرانلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن تۈزۈلگەن قانۇن بار …. شۇڭا تېرە تاراقشىتقانغا ئاچچىقنى يامان قىلىپ مۇشت كۆتەرگەنگە ئىش ھەل بولمايدۇ ، ئەكسىنچە جىنايەتچى سانىلىپ ئەتراپىڭىزدىكى ئادەملەرنىڭ كۆزىنى ياشلايسىز ! قانۇن ئۇنچە مۇكەممەل ئەمەس ! تەمكىنلىك بىلەن قىلىنغان قارشىلىق ئەڭ ئاقىلانە ! قانۇن رامكىسىغا چۈشۈرمەي ھەرقانداق قارشىلىقىڭىزنى ئىپادىلىسىڭىز بولىدۇ !!! ئۇنتۇپ قالماڭ ! بىزلەرنى مەخسۇس تەتقىق قىلىدىغان ئادەملەر بار ! ئۇلار شۇنداق قالايمىقانچىلىق زوراۋانلىقنىڭ چىقىدىغىنىنى بىلىپ تۇرۇپ بېكارلا بىزنىڭ چىشىمىزغا تېگەمدۇ ؟؟؟؟؟ ئۇساپ قالغاندا ، قان ئىچكۈسى كەلگەندە شۇنداق چىشىمىزغا تېگىدۇ ....
خۇلاسە : قانۇن مۇقەددەستۇر ! دۆلىتىمىز قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت ! جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ! خەلىقنىڭ ئەمىنلىكى ئۈچۈن قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان ياۋاش پۇخرالاردىن بولايلى ! مۇقىملىق بەخىت ، قالايمىقانچىلىق ئاپەت !
…ماڭىمۇ تازا يارىمىدى …. لىكىن ئانارخاننڭ رولىغا چىققان بۇ قىز بەك ئۇماخكەن …
ئانارخان رۇلىدا دىلرابا ، 1992-يىلى تۇغۇلغان ،ھازىرغا قەدەر خېلى داڭلىق رىژىسسورلارنىڭ تاللىشى بىلەن بەزى كىنو فىلىملەردە رول ئالغان ھەم بىرقانچە نۇپۇزلۇق مۇكاپاتلارغىمۇ ئىرىشكەن،15 ياش ۋاقتىدىلا شىنجاڭ سەنئەت ئۆمەكنىڭ ئارتىسلىقىغا تاللانغان ، بۇ قىزدا تالانت ، تىرىشچانلىق خېلى باركەن ، ھېچ بولمىغاندا مەندىن خېلىلا يامانكەن
يولى بەك ئوچۇق قىز بۇ… بەختلىك ئائىلىنىڭ شادخورام پەرزەنتى…
بۇ قىز تۇنجى قېتىم رول ئېلىشىم دەۋاتاتتىيا؟
4 قىسىم كۆرۈپلا كۆرگۈم كەلمىدى ……
بۇ فىلىمنىڭ مەزمۇنى يارىمىدى لىكىن سۈرەتكە ئىلىنىشى بولسۇن ياكى باشقا تىخىنىكا ئىشلىرى بولسۇن شىنجاڭچىلىققا قارىغاندا خىلى يامان ئەمەس …….
قىزىل…
ئازاتلىق ئارمىيە چىقمىسا،ئۇلار بولمىسا كىنو كىنودەك بولمايدىغان چىغى.قاندالا كىنو ئىشلىسە شۇلارنى قۇشۋالدىغان بوپتۇ،شۇ داڭلىق سەنئەتچىلىرىمىزمۇ تارىخىمىزنى بۇرۇملاشقا بىر كىشلىك ھەسسە قۇشۇپتۇ،قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق سەنئەتچىلىرىمىز.
توغرا دەيسىز، سۆڭەك ئۈچۈن جاننى ئايىمايدىغان ئىتقىلا ئوخشاپتۇ داڭلىق ئارتىسلىرىمىز.
توۋا ، ھەجەپ ئويلايدىكەنسىلە باللا ، كىنو توغرىسىدا گەپ بولىۋاتسا ئارتىسلارنى تىللاپ كىتىپسىلە ، توق نىمىنى دىمەيدۇ ، ئاچ نىمىنى يىمەيدۇ
ئاتام زامانىسىدىن قالغان بىر سۆز بولىدىغان ‹تارىخنى غالىپلار يازىدۇ› دەيدىغان، بىزلەرگە ئامال يوق.
ئارتىسلارغىمۇ ئامال يوق، ئۇلارمۇ ھۆكۈمەت بەرگەن تۆت تەڭگىنى ئىلىپ تۇرمۇشىنى قامداپ، باللىرىنى ئوقۇتىشى لازىم، ئاشۇ داڭلىق ئارتىسلىرىمىز ئالمايمەن دىيشىگە ھەددى ئەمەس، بۇ دىگەن سىياسىي ۋەزىپە. ئۇلار ئالمىسا ئورنىغا ئادەم تەييار. ئۇلارمۇ كومپارتىيەنىڭ چاقىرقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشمىسا بولمايدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ تۆت تەڭگە پۇلىنى ئالماق ئۇنچە ئاسان ئەمەس، ئۇلارنىڭ رايىغا قويۇپ بەرسە ئۇلارمۇ سىز، بىزدەك ئويلايدۇ.
ئۇلارنىڭ مەن بۇ رولغا چىقمايمەن دەيدىغان ھوقوقى باردۇ؟ ياكى بۇ گەپلەرنى قىلسا خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالامدىكەن يا بولمىسا سىياسىي جىنايەتچى بۇلۇپ قالامدىكەن؟ مېنىڭىچە جىق سەنئەتچىلىرىمىز ئۆز تارىخىنى چۈشەنمەيدۇ.ئۇلارنىڭ تارىخ ئۆگۈندىغان ۋاقتىمۇ يوق ھەم قىزىقمايدۇ.سىياسىي ۋەزىپە دەپسىز،ئۇلار ھەممىسى بىرلكىتە قارشى تۇرسا سنارىيەنى قايتا يېزىشقا بۇيرىسا بولمامدىكەن؟ ئەڭ مۇھىمى سىنارىيەنى يازغان ئادەم ۋە رولغا چىققان ئادەم،رولغا چىققان ئادەم ئۆز تارىخىنى بىلسە قارىشى تۇرسا،قايتىدىن ياز،تارىخقا ئۇيغۇن كەلمەپتۇ،تارىخنى بۇنچىۋالا ئۆزگەرتىۋەتمە دېسە بولمامدۇ؟
ئارتىسلىرىمىزدا گۇناھ يوق… ئۇلارنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىگە قايىل بولماي تۇرالمايمىز، لېكىن قىپقىزىل يەرلىرىزە بۇ كىنونىڭ….
مەيلى ئارتس ياكى شائىر يازغۇچى بولسۇن ئۆزىنىڭ مىللىتىنىڭ تارىخنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن زەررىچە تۆھپە قوشىدىكەن مەيلى سەۋەبى نىمە بولسۇن ئۇ بۇ مىللەتنىڭ غىمىنى يەيدىغانلاردىن،ئەمەس بەلكى پەرزەنتلىرىمىزگە نىسپەتەن تارىخنىڭ جىنايەتچىسى بولىدۇ خالاس، ئۇلار مەجبۇرلاندى شۇڭا قىلدى دىسەك بىزدىن نۇزۇگۇم سادىر پەلۋانلار چىققان،ھەمىشە بىر چىشلەم نانغا مەھكۇم بولغانلار ئۆزىنىڭ قۇللارچە تەقدىرىدىن ئەنسىرەپ ئاقىۋەت ئىتلارچە ياشايدۇ.ئەجىبا ئۇلار ئۆز پەززەنتىنىڭ ئىت كەبى ياشاپ قىلىشىنى ئويلىيالمامدىغان.ئەجىبا ئۇلار ھازىر ئۆزىنىڭ بىزر چىشلەم نانغا زار بولۇپ تارىخقا تۆھپە قوشسا كىيىنچە پەرزەنتلەرنىڭ بىرچىشلەم نان ئۈچۈن ئەزەلدىن بولمىغان ئىشلارنى قىلىشىدىن قوقمامدۇ؟
قۇرۇپ كەتسۇن نام- شۆھرەت .ئارتىسلىرىمىزغا قارىشى ئەمەسمەن،پەقەت مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى ئۆزىنىڭ ھازىرغا تىگىشىپ ئۆيىدە سۆڭەك قاينىتىپ ئۆزىنىڭ پەرزەنتىنى قايسىبىر دۆلەتتە مۇساپىر ۋەياكى كۆچمەن قىلۋاتقان ياكى قىلىش ئۈچۈن تىرىشۋاتقانلارغا ئىچىنىمەن،…
ناۋادا تارىخ مۇشۇنداقلا يىزىلىدىغان بولسا نۇزۇگۇم سادىر پالۋانلارمۇ نەچچە ئون يىلغا بارمايلا كومپارتىيە ئەزاسىغا ئايلىنىدۇ.بۇلارنىڭ رولىنى ئىلىشقىمۇ ئادەم چىقىدۇ،بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدە ئىش تاپالماي ئاچلىقتىن ئۆلۈپتۇ دەيدىغان خەۋەرنى مەن تۇغۇلۇپ ئاڭلاپ باقمىدىم،ئەمما ئۇلارغىمۇ بەك تەس دىگەننى بەك ئاڭلىدىم،….
بىلىشقا تىگىشلىك ئىكەنكى بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىز نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىمىزنى شۇنداق مۇشەققەتتە بىر چىشلەم نانغا تىز پۈكمەي قەيسىرانە روھ بىلەن يىزىپ چىققان،سەۋەبى بىزنى پەخىرلەنسۇن بىلسۇن دەپ.ھەرگىزمۇ ياتلار ئۆزگەرتسە تۆھپە قوشسۇن دەپ ئەمەس………
ھەركىمنىڭ قەلبىدىكىنى بىلگۈچى پەقەت ‹اللە›دۇر….
داغدۇغا قوزغىسىلا ھېساپمۇ؟؟ چىنلىق يوقكەن . ماغا ياقمىدى.
ئاشۇلار فىلىمدا رول ئالمايمىز دېسە، ئەپچىقىپ «پاڭ» قىلىپ ئېتىۋېتەرما؟ كوچىغا چىقىپ تېزەك تېرىپ قالارما؟…
ئۆزىنى قەدىرلىمىگەننى ئۆزگە ھەرگىز ئادەم قاتارىدا كۆرمەيدۇ.
مەن سەرقۇتنىڭ پىكىرىگە خېلى قارشى
بىز پارىخور ئەمەلدارنى ، ھەرخىل ئارقا ئىشىكلەرنى تازا تىللايمىز ، خىزمەت ئىزدەپ ھارغاندا ئاشۇلارغا يېلىنىمىز ، ئارقا ئىشىك قىلىمىز ، ساقچىلارنى ئۇنداق مۇنداق دەپ تىللايمىز ، ساقچىلىققا تازا تىزىملىتىمىز ، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزى قىلىشقا تىگىشلىك ئەمما قىلىشنى خالىمايدىغان نۇرغۇن ئىشلىرى بۇلىدۇ ، ھەممىمىز ئۆز بېشىمىزغا كەلگەندە بىلىمىزغۇ ، توغرا مۇلاھىزە قىلىلى ئارتىسلاردا گۇناھ يوق
ئابومجاننىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن
سىزنىڭچە تىللىغانننىڭ ھەممىسى شۇ ئىشنى قىلۋاتقانمىدۇ؟ شۇنداق ئەتراپلىق تەپەككۇر قىلغاندەك كۆرۈسىڭىزمۇ ئەمما يەنىلا مەسىلىنىڭ بىر تەرىپىنى ئىنكار قىلۋەتتىڭىز؟
تەپەككۇر قىلىش ياخشى ئەمما شۇلارنى تىللىغان يەنە نۇرغۇنلار بۇ ئىشتىن ھەم شۇنچىلىك يىراقتا،شۇنداق ىلۋاتقانلار بولسا پەقەت ئەگىشىپ ياشىغۇچىلار،شۇنداق بىركۈن كىلىپ ياپۇن باسقۇنچىلىرى كىلىپ جۇڭگۇنى بىسۋالغانغا ئوخشاش بىرەرى كىلىىپ يۇرتىمىزنى تالان تاراج قىپ باقسۇن،ئەنە شۇ بىز تىللاۋاتقان ياكى كىشىلەر بەسلىشىپ بولۋاتقان باشلىق، ساقچى ۋەياكى ئارتىس لىرىمىز،ھازىر ئۆزلىكى ئۈچۈن كۆرەش قىلالمىغاندەك كىيىن ياپۇنلۇقلارغا قۇيرۇق شىپاڭلىتىپ يۈرگەن لاتا خەي كىيىپ ۋىلىسپىت مىنۋىلىپ پۈتۈن ئۆمرىدە ‹‹ھايت›› دىيىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ئىتلار كەبى بىزگە مۇناپىق بولىدۇ.
شۇڭا ئۇ تالىشىپ قىلسۇن ياكى تالاشماي قىلسۇن ئاۋال ۋىجدانىدىن سوراپ باسۇن،مەن كىم؟ كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن؟ دەپ.
ئابومجان ۋە بەلكىم ھازىر تالىشىپ قىلۋاتقانلارنى ئىچىدە بۇرۇن ئۇكەسىپنى تىللىغانلارمۇ بولىشى مۇمكىن ئەمما بىلىپ قىلىشقا مۇيەسسەر بولۇڭكى بىراۋ چىن قەلبىدىن ئۇ كەسىپنى تەرك ئەتكەن بولسا ئۇنىڭغا مەھكۇم بولمايدۇ.سىز كۆرگىنىڭىز پەقەت ساختا دۇنيادىكىلەرنىڭ يالغان چىنلىقى.
ئادىمىيلىككە مۇھەببەت بولغاندەك ……مۇھەببەت بولسۇن.
ئالامەت گەپ قىلدىڭىز بۇرادەر يارايسىز
بىز نىمانداق بىر ئىشتىن ھۇزۇر ئېلىشنى بىلمەيدىغان خەق ، كىنودىكى مۇھەببەت ۋەقەلىگى نى نى كورىيەنىڭ پوق كىنولىرىدىن نوچىكەن ، ئەمدى تارىخقا كەلسەك ، تارىخ دېگەن شۇ يەڭگۈچىلەر يازىدىغان نەرسە، ۋەقەلىك ھەقىقەتەن ئاشۇرۋېتىلگەندۇ، بىراق سىزنىڭ بىزنىڭ كاللىمىز بار ، مېغىزىنى يېيىشنى بىلەرسىز، بۇنداق دېسەم باشقىلارنىڭ دىلىغا تېكەتمىسۇن، مۇشۇ تورلاردا ھازىر يامان گەپ تولا ، غەيۋەت تولا، شۇڭا مەنمۇ ئانچە مۇنچە گېپىمنى قېتىپ قويدۇم توغرا چۈشىنىڭلار، كىنونى ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ماھارىتىمۇ ناھايىتى ئېسىلكەن بۇمۇ ھوزۇرلىنىشقا تېگىشلىك قىسمى….
مەن باشتا كۇرۇپلا قەتتى كۆرگۇم كەلمىدى
چىنلىقى يوق!
مېنىڭچە ، داغدۇغا بىلەن باشلىنىپ سوغۇق بىر كەيپىياتتا ئاخىرلىشىشى ئېنىقلا .خۇددى بايدىن تارتىپ كەمبىغەللەرنىڭ ھەممىسى ئىگە – چاقىسىز قېلىپ ياشىغاندەك … ،چوقۇم باشقا بىراۋلار كېلىپ قۇتقۇزۇۋالمىسا بولمايدىغاندەك… بېقىندىلىق ئىددىيىسى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ .
بۇ ئەزەلدىنلا ھەقىقەت ئەمەس نەرسە، پۈتۈنلەي ئويدۇرۇلما. تارىختا ئۇنداق ئادەمنىڭ ئۆتكىنى يالغان. بۇ دېگەن «پارتىيىمىزنىڭ نۇرىنى» كەڭ خەلقىمىزگە ئىختىيارىي ھېس قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ئويدۇرۇلۇپ چىققان ۋەقەلىك…
مېنىڭ باشقا پىكىرىم يوق. ئۆزۈم بىلسەملا بولدى. لېكىن تورخۇمارنىڭ تاقىلىپ كىتىشىنى كۆرگۈم تېخىمۇ يوق. باشقۇرغۇچىلار دېققەت…
قىپقىزىل كىنوكەن!!!!!يەنىلاشۇنى ھىسقىلدىم!!!
يەجۈجى لەرنىڭ نەزەربەنتى ئاستىدا ئىشلەنگەن…..
ۋىروس ئەپەندى تورخۇمار توغۇرلۇق سۇئال سورىسام بولامدۇ مۇشۇ سۇپىدا؟؟؟
سوراۋېرىڭ …
بۇ فىلىمنى بۇيلۇقتا سۈرەتكە ئالغان ۋاقىتتا،بۇيلۇقتىكى چوڭ ئۆستەڭدىن سۇ تېشىپ زور كۆلەمدە كەلكۈن ئېلىپ كەتكەن ئىدى.
ماڭىمۇ ياقمىدى!…فىلىمگە قاتناشقان داڭلىق ئارتىستلىرىمىزنى كۆرۈپ،بۇ فىلىمدىن خېلى سۆيۈنگەن ئىدىم.بىراق فىلىمنىڭ مەزمۇنىنى كۆرۈپ…
مىلتىق بىلەن بىلەن باش ئەگدۈرۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلان بولسا كاللا يۇيۇشنى سىناپ بېقىۋاتقاندۇ
مەن شۇنداقلىقىنى بىلىپ پەقەت كۆرۈپمۇ باقمىدىم، لېكىن ھەنىمىدۇر، بىر كۆرۈپ چىقماقچىمەن، ئاندىن قايتىدىن پىكىر يۈرگۈزۈشۈم مۇمكىن.
يىڭى بىر نوۋەتلىك مىڭە يۇيۇش ھەركىتى ..يىتىلىۋاتقان ياش ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىلوگىيىسى ئوزگەرتىۋىتىشنى مەخسەت قىلىدىغان فىلىم
ۋوي بۇ كىنونى مەركەز1دە قويىمىز دەپ ئوت چىقىرىۋەتكەنتىغۇ؟ شۇ غەلۋە-غۇدۇرنى كۆرۈپلا كۆرمەسلىككە نىيەت قىلغان مەن. كونىلار دەيتتىغۇ ئوت بىلەن ئويناشما دەپ.
تېلىۋىزورنى ئاچسام ئىككى گۇي بىر قىز توغرىسىدا يىغلىغىلى تۇرۇپتىكەن، ئاچچىقىم كىلىپ بىر مىنۇتمۇ كۆرگۈم كەلمىدى.
سىزمۇئۇنداقلاغائۆچكەنسىزدە
نەق گەپ، مۇشۇنداق يەرلەرنى كۆرسەم قۇسقۇم كىلىدۇ، يولداشلار ئۆزىگە ئوخشۇتۇپ قېلىۋاتىدۇ، مۇقام بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر دىگەن كىنودىمۇ ئابدۇللا ئاكىنىڭ رولى شۇنداق غەيۇرانە، جەسۇر رول ئىدى، شۇنداق رول ئالغان بولسىمۇ لېكىن بەزى يەرلىرىدە ئۆز پىسىخىكىسىغا ماس كەلمىگەن ھالەتتە ھۆكىرەپ يىغلاپ كىتىدۇ، مۇشۇنداق يەرلەرنى دىسەم …ھەي ……….
مەن بۇ فىلىمنى كۈرۈپ باقمىدىم ، لىكىن باللانىڭ ئارتىسلار توغرىسىدىكى بەزى پىكىرىنى تازا قوللىمايمەن ،تارىخنى بۇرمىلىدى دەپ قارىساق بۇنى تامامەن سىنارىيەدىن كۆرسەك بۇلىدۇ ، ئارتىسلارغا تىل تەككۈزۈش تازا ئاقىلانىلىك ئەمەس
ئىشلىمەيمەن دىسە سۆرەپ ئېچىقىپ ئېتىۋەتمەيدىغانلىقى ئېنىق ، لىكىن بۇ ئاشۇلارنىڭ خىزمىتىدە ، رەھبىرىڭىز سىز قىلىشنى خالىمىغان ئىشقا بۇيرىسا سىز مەيدىڭىزنى كېرىپ تۇرۇپ قىممايمە دىيەلەمسىز، ئەڭ ياخشىسى كىنو ئۈستىدە مۇزاكىرە بۇلىۋاتقانكىن ئارتىسلارغا ئۇنداق مۇنداق دەپ ھاقارەت قىلمايلى ، بۇلۇپمۇ ھازىرقى ۋەزىيەتتە سىنارىيەڭ ئۇنداقكەن بۇ رولنى ئوينىمايمەن دىسە بەزى بىر قالپاقلارنى كىيىپ قېلىشى مۇمكىن ، باشقىلارنىڭ مەيدانىدىمۇ تۇرۇپ ئويلاپ باقىلى
ئابومجان توغرا دەۋاتىدۇ
گېپىڭىز ئورۇنلۇق، مەنمۇ ئاچچىقىمدا يېزىپ بولۇپ، ئاشۇرىۋەتكەنلىكىمنى ھېس قىلىپ ئۆچۈرىۋەتمەكچى بولغان، بىراق تەھرىرلىيەلمىدىم.
بىزدەك ئاددىي پۇقراغا نىسبەتەن جان بېقىش، قالپاق كېيىپ قېلىشتىن قۇرقۇش ئادەتتىكى ئىش ھېسابلانسىمۇ؛ خەلقىمىزگە نىسبەتەن زور تەسىر كۈچى بار «داڭلىق»لىرىمىز قېرىنداشلىرى ئالدىدا، ئۆزىنى بېشىدا كۆتەرگەن خەلق ئۈچۈن بەلگىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك دەپ قارايمەن.
تارىختىن ئايانكى «ياق» دېيەلىگەننىڭ قەدرى بولىدۇ.
ئۇ ئارتىسلارنىڭ تولىسى بىزنىڭ ئىتوت چولپانلىرمىزكەن .،.ئەجىبا ئۇلار مەن پەقەت ئىتوت ئىشلەشنىلا بىلىمەن ، باشقا ئىشنى قىلالمايمەن ، ئېتەلمەيمە ، ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا كىنوغا رولغا چىقىشنى قاملاشتۇرالمايمەن دەپ تۇرۋالسا ئەپ چىقىپ گوممىدە ئېتىۋەتمەس بولغىيتى .،…ئۇيغۇرلىرمىز رولغا چىقىپ ئىشلەپتۇ دەپلا كۆرسەك بولمايدۇدە ئۇنى .،مۇھىمى خەلىقنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىقسا بولدىغان گەپ ئۇ .،ئەڭ مۇھىمى مۇشتا كىتىۋەرسە ئەتە ئۆگۈن بىزدىن كىيىنكىلەرنىڭ كاللىسىنى روتمىتلاشتۇرۇپ ، چوڭ بولغاندا ئاتا بوۋىسىنىمۇ تىللايدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ .،.،…تەكلىۋىم ، بېرە قسىمىنى كۆرۈپ بېقىڭ ئابومجان ،.ئاندىن كىيىن ھىس قىلىپ باشقا قىسىملىرنى كۆرۈشكە رايىڭىز بارمايدىغان بوپ قالىدۇ مەنچە ،..،
ئارىئان گىپىڭىزنى قوللايمەن ، ھەم ئۆزەمنىڭ پىكىرىنىمۇ ساقلاپ قالىمەن ، ئەڭ ياخشىسى مەن كۈرۈپ بېقىپ ئاندىن بىرنىمە دەي
ناۋادا سادىر پالۋان نۇزۇگۇملارمۇ سىزدەك دىگەن بولسا بىز بىلەرمىتۇق شۇ قەھرىمانلارنى.جنىڭىز مىلىڭزدىلام قالسىڭىز مىلتىز تۈگەيدۇ.قۇرۇپ كەتسۇن مىللەتنى تۈگەشتۈردىان باشلىق
سىز باشلىقىڭىز نىمە قىلدىسە شۇنى قىلامسىز ؟سىز شۇنىڭغا ئازراق قارشىلىق كۆرسەتمەي ھازىرقى ئەرنەك ئىتتەك ئەكىلىپ قىلىۋارسىڭىز باشلىقىڭىز سىزنى ئۇنچىقمايدىغان لالما ئىت قاتارىدا كۆرمەسمۇ؟ۋاقتانى ۋاقىت كەلگەندە سىزنى تەرەت قىلىپ بولدۇم ئەمدى كىلىپ …..سۇرتۇپ قوي دىسە سىز ئۇنچىقماي ئىتىدىغان ئوخشايسىز . چۈنكى ئۇ سىزنىڭ باشلىقىڭز ئەمەسما.
ياخشىلىق ،ھەجەپ ۋىجدانىڭىز قايناپ سۆزلەپ كىتىپسىزغۇ ، دىۋېلىپ ئىچىڭىز سەل بۇشىدىمۇ ؟ گەپ دىگەننى ئويلاپ دىگۈلۈك بۇرادەر ، مەن ئاستىدا ئەسكەرتىپ قويدۇم ، مىنىڭ بىلىدىغىنىمنىڭ تايىنى يوقكەن ، شۇڭا چىرايلىقچە باللادىن ئەپۇ سوراپ قويدۇم ، بۇ گەپلەرنى دىۋالغىنىڭىزغا سىزگە قايىلمۇ بوپ كەتمەيمە ، خالا پۇراپ تۇرغان گەپلىرىڭىزدىن سىزنىڭمۇ تايىنىڭىز شۇنچىلىك ئوخشايدۇ ، ئىلمى مۇنازىرە قىلمامدۇ ، نەدە بىر مۇنبەردە لاغايلاپ كۈنۈپ قېلىپ بۇ يەگە كىلىپ ئەدەمنى تالاپ يۈرمەڭ
ئابومجان مەندەكلا ئويلاپتۇ
توغرا دەيدۇ، ئابۇمجاننىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن. ئابۇمكام خىلى ئورۇنلۇق گەپ قىلىدۇ….
ئانارخان فىلىمىنى ئازراق كۆرۈپلا قەتئى كۆرگىىم كەلمىدى،تارىخ بۇرمىلانغان ،ئۇيغۇرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ماس كەلمىگەن ،مىڭىنى يۇيۇشنى مەقسەت قىلغان ئەخلەت فىلىمكەن!!! بىر قىسىم كۆرىنىشلەرگە قەتئى چىكىدىن ئىشىپ كەتكەن ! بەزى ئارتىسلارنىڭ ماڭقۇرتتىن پەرقى يوققكەن!!! ئەخلەت!!!ئەخلەت!!!ئەخلەت!!!ئەخلەت!!!ئەخلەت!!!ئەخلەت!!!ئەخلەت!!!
قارغاندا ئابۇم جاننىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ بىرەرسى ئارتىس ئوخشايدۇ
سىزنىڭمۇ بىرەر ئارتىسقا قەرزىڭىز بار ئوخشايدۇ
مەن ماۋۇ يېڭى ئانارخاننىڭ 1-، 2-قىسمىنى كۆرگىچە كونا ئانارخاننىڭ 1-، 2-قىسمىنى كۆرەي، نىمىلا دىگەن بىلەن بۇ كونا ئانارخان كونا زاماننىڭ ھەقىقىي شاھىدى بولالايدۇ. چىنلىق دىسە چىنلىق… ئىشقىلىپ ھەممىسى بار.
باھا بەرگەن،ما، ئۇيغۇرلىرىمىزغا يارماپتىمىش بۇلارگە خەنلەرنىڭ تۇركىيەنىڭ كىنوسى بولغان بولسا بولامتې
ھا ھا
بۇ يېڭى ئانارخان تېلىۋىزىيە فىلىمىدىن قاراڭ ئاۋۇ ئامرىكىنىڭ ھېلقى فىلىملىرى ياخشىراق بىلىپ قېلىڭ
ئىنكاس پىكىر دىگەننى كاللامغا كەلدى دەپ يېزىۋەرمەيدىغان
باھايىڭلارغاقوشۇلدۇم
ئانارخان قىسسىسى بۇنداق ئەمەستى . نىمە ئۇ باشقا ئەركەكنىڭ ئەلدىغا چىقىپ ئۇسۇل ئويناپ قىلىقسىز بىزدە يوق ئىللەت بار . بۇ كىنو توغرىسىدا گەپ قىلسا تالاش تاتىش چىقىدۇ . كومپارتىيەمىزنىڭ روھىنى داغدۇغىلىق ئەكىس ئەتتۇرگەن ئوخشايدۇ . كومپارتىيەنىڭ روھىنى بۇ كىنونى كۆرۈپ چۈشەنمىسەكمۇ جەمىيەتتىنلا كۆرۈپ چۈشىنىمىز ….
ئېسىمدە قىلىشىچە،مەن ئاچىماق ئىشتان كىيىپ يۈرگەن چاغلاردا،كەنت قورۇسىدا ناھايىتىمۇ چوڭ بىر كىنوخانىمىز بولىدىغان،تۈۋرۈكلىرىگە ھازىرقى مانا مەن دېگەن ئەركەكتىن ئۈچىنىڭ غۇلىچىنى تۇتاشتۇرسىمۇ يەتمەيتى،پۈتكۈل كەنتتىكى ئادەم كىرسىمۇ بىر بۇلۇڭىغا پېتىپ ئېشىپ قالىدىغان…
ئاشۇ كىنوخانىدا«ئانارخان»نى كۆرسە مىشىلداپ يىغلاپ چىقاتتۇق باللار بىلەن…
ما ئانارخاننى كۆرسە،ئادەم چۆرگىلىتىپ قويۇپ بەرگەندەك بولۇپ قالىدىكەن
باش رولچى دىلرابانى ئېلىپ ئېيتساق كىچىدىن تارتىپ خەنچە مەكتەپتە ئۇقۇپتىكەن ، ھېلىغۇ بۇ قىزكەن، ساپ ئۇيغۇرچىدا ئۇقۇغان بەزى باللامۇ ئۆزىمىزنىڭ تارىخىنى ئۇنچە بىلىپ كەتمەيدۇ ، ياق دىيەلىگەنلەرنىڭ قەدىرى بۇلىدۇ دەپ بەك توغرا دەپسىز سەرقۇت ،ئەمدى نىمە ئۈچۈن ياق دەيدىغىنىنى بىلگەن بولسىدى چۇقۇم ياق دەر ئىدى ئاشۇ بىز تىللىغان سەنئەتكارلار
ئوخشاشلا قوش تىل مائارىپىدىن بەك ئاغرىنىمىز ، گەپ توردىلا قالدى ، قانچە قاخشىساقمۇ ئۈنۈم كۈرۈلىشى ناتايىن ، ئەمدىكى گەپ پەرزەنتلىرىمىزگە ئائىلىدىمۇ بولسا ئانا تىل تەربىيىسى ، تارىخى تەربىيەلەرنى بىرىش بىز مۇشۇ ئەۋلاد ياشلارنىڭ بۇرىچى ، پەرزەنتىمىز ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمىسە ، تارىخنى بىلمىسە بۇ بىزدىكى مەسئۇلىيەت بۇلىدۇ
«ئۈمىدسىز شەيتان» دەپتىكەن، ئازراق جېگەر يوقما؟ نېمە بۇنچە قۇلچىلىق، نېمە بۇنچە چۈشكۈنلۈك؟ نېمە بۇنچە…
ھېلىقى خەنسۇ ئېتوتچى چاغانلىق پائالىيەتتىكى نومۇر ئورۇنلاشتۇرىشى ئۆزىنىڭ دېگىنىدەك بولمىغىنى ئۈچۈن قاتنىشىشنى رەت قىلىۋىدى، پۈتۈن خەلقى ئاپىرىن ئوقۇمىدىمۇ؟
ئۇ ئارتىس رەت قىلىپ چىقمىغان ئىش ئەمەس، بىر مىلىيارت نوپۇسى بار خەقنىڭ يىلدا بىر كېلىدىغان چاغىنىغا يارىمىغۇدەك ئەسەرنىڭ بولماسلىقى ناتايىن، ئۇنداق چەتئەل نوپۇسىغا ئۆتۈپ كەتكەن بىرەيلەنگە پارتىيەنىڭ سەھنىسىدىن ئورۇن بەرمەسلىكى نورماللا بىر ئىش، ئەمدى گەپ شۇنداق دىيىلىدۇ شۇ
سىزگە دىسەم پىكىرىڭىزدە قوش بىسلىق تەھلىل باركەن. توغرا دەپ تۇرۇپ قارىشى تۇرىدىغان.ياق دەپ تۇرۇپ قىلىدىغان.كەچۈرۈڭ چىشىغىزغا تەگمەكچى بولمۇدۇم.شۇنداقلا ھىس قىلدىم….
ئۇنىڭ بىر مۇشۇلا كىنوسى ئەمەس باشقا كىنولىرىمۇ باركەن نۇمۇس قىلمايدىغان نىمىكەن بىلمەي تۇرۇپ ئاخلىماڭ ئاخلاشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ!خىتتاي بىلەب پەرقى يوق نىمىكەن ئۇ!
ئانارخان، چاپسان قاچ
ئوسمان تاز، كېلىۋاتىدۇ
مەقسەت يوق نۇرغۇن پۇلنى بىكاغاخەجلىمەيدۇدە كومپارتىيە شۇڭلاشقابۇفىلىمنى كۆرمەسلىك نىيىتىگەكەلدىم.
ئاشۇئانارخان دىگەن بىرقىسىم تورداشلارياقتۇرمىغىنى بۇفلىمىنى ماختاپ كۆردىغان ۋىزدانىنى ئىشەك پىتىغلىۋەتكەرمۇئازئەمەس
ئاللا تائالا مۇقەددەس قۇرئان كەرىمدە،ھاراققا مۇناسىۋەتلىك 10تۈرلۈك كىشىگە لەنەت قىلغان،ھاراق ئىچكۈچىگىلا ئەمەس،ھاراق ئىچىلىۋاتقان سورۇندا ئولتۇرۇشۇپ بەرگەنلەرگىمۇ
ماڭا شۇ ۋوللىۋودنىڭ كىنوسىدىن باشقىسى بىكا جۇمۇ ، كۆپ قىسىملىق كىنولارنى كۆرىدىغان ئۇنچە كۆپ ۋاقىت يوق مەندە
ئۆمەر ئىبن ئابدۇلئەزىزنىڭ زامانىدا كىشىلەر ئۇ زاتنىڭ ئالدىغا كەلدى:
–ئى ئەمىرۇلمۇئمىنىن، بۈگۈن بىز ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغان بىر جامائە كىشىنى تۇتۇۋالغان ئىدۇق، ئۇلارنى دەررىلەيلى دەپ تۇراتتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر كىشى بار ئىكەن، قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ھېچ بىلمىدۇق.
–نېمە ئۈچۈن؟–دەپ سورىدى، ئەمىرۇلمۇئمىنىن.
–چۈنكى ئۇ كىشى ھاراق ئىچمىگەنكەن، يەنە كېلىپ روزىدار ئىكەن.
–ئەنە شۇ كىشىنى تۇنجى بولۇپ دەررىلەش كېرەك. ئەجىبا ئاللاھ ئۈچۈن روزا تۇتقان كىشىگە ئۇنداق سورۇندا نېمە بار؟
تارىخنى بۇرمىلاشنى مەخسەت قىلغانلىقى ئېنىق بولغان فىلىمدە ئۇلارغا نېمە بار؟تۆت تەڭگە بار،خەلقىمىزنىڭ لەنىتى بار…
ھاياتنى قەدىرلەپ ئانارخاندىن يىراق تۇررۇڭلار .
ما ئاداش بەك توغرا دەيدۇ .يىراقراق تۇرايلى .مەنغۇ Jacky Chen نىڭ كىنوسىدىن باشقا چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئىشلىگەن ھەرقانداق كىنوسىنى ياقتۇرمايمەن . خۇددى تارىخنى شۇلار ياراتقاندەك . (ما ئاستىدىكى چىراي ئىپادىلىرى ئىچىدە تۈكەرگەننىڭ يوقكەن يە!!)
جىق ئادەمگە ياقماپتۇ بۇ كىنو
لاۋزا بولسا ماشداق بولا دەيمەن. ھەرقايسى تور بەتلەردە نارازىلىق خېلى كۆپ. يوكۇ تورىدا خەنزۇچە نارازىلىقىڭلارنى يېزىپ قويمامسىلەر؟ خەنزۇلار كۆرۈپمۇ قالار.
مەن بىرىنچى قىسىمىنى كۆرۈپلا شۇندا سەسكىنىپ كەتتىم .،.بىزنىڭ دىنى ئۆرىپ ئادىتىمىز ، كىشلىك مۇناسىۋەت ، مەسىللەرگە تۇتقان پوزىتسىيمىز پۈتۈنلەي تاجاۋۇزغا ئۇچۇرغان ، قېرىنداشلىق مىھىر مۇھاببەتتىنغۇ ئەسلا ئەسەر يوق دىسىمۇ بولىدۇ .،.فىلىم باشلىنىپلا باينىڭ بىر غالچىسى بىر قىزنى دەرەخكە باغلاپ قامچا بىلەن ئۆلگۈدەك ئۇرىدىكەن .،.ئەتراپتىكى كىشلەرنىڭ بېرەسى بۇ ئىشىڭ بولمىدى دەپ قارشى چىقماقتا يوق ھەممىسى مۇردىدەك تۇردىكەن .،.ئاشۇ دەۋىردە ئاتا بوۋىللىرمىز، شۇ قەدەر قورقانچاقمىتى .،.ياق ئۇندا ئەمەس 40، 50 -يىللاردا جەڭچىللىرمىز ،ئەزىمەتلىرمىز دۈشمەن ئىستىكاملىرنى ياپراقتەك تىتىرتىپ .،يۈرەكلىرنى لاينى دەسسىگەندەك ئىزىپ يۈرگەن چاغ .،. يەنە بىر يىرى باركەن تېخى ،.بىر غالچا بىر دېھقانغا يەرنىڭ پۇلىنى تاپشۇر ياكى قىزىڭ بىزنىڭ باي غوجامغا ئۇسۇل ئويناپ ناخشا ئېيتىپ بەرسۇن دىسە ، ھېلىقى ياۋاش دېھقان قىزنىڭ قېشىغا بېرىپ ھىچنىمە بولمىغاندەك ،.بوپتۇ بالام بەرىبىر شۇ ئۇسۇل ئوينايدىغان ئىشكەن بېرىپ كىلىڭ ، بولمىسا قەرىزمىزنى قايتۇرالمايمىز دەپ يولغا سەپ قويدىكەن .،.شۇ جايدىلا توۋا دەپ ياقامنى چىشلەپتىمە .،.بىزنىڭ ئاتىللىرمىز شۇ قەدەر مەسۇليەتسىز ، سولامچىما ..،؟؟؟!!! .،…بىز بايلىرمىزمۇ ئۇنچىۋالا قانخور زالىم ئەمەس ،.،…پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنىڭ شانۇ شۆھرىتى بىلەن ئۈلگە بوپ كەلگەن ئۇيغۇر مىللىتى ئەمدىلىكتە خەقنىڭ مايمۇن ئوينىتىشىغا قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇردىغان بۇندا شەرمەندە فىلىمنى ھەرگىز ئىتىراپ قىلمايدۇ .،..
مەنمۇ تازا ياقتۇرمىدىم ، بىز ئۇيغۇرلار قاچانمۇ يېشىل رەڭدىكى تورمۇش تەسۋېرلەنگەن ئۆزىمىزگە ماس كەلگەن خۇددى چوڭلار مىدىرلىماي كۆرىدىغان كورىيىنىڭ فىلىملىرىدەك فىلىملەرنى ئىشلىيەلەرمىز، ئۇيغۇرلارنىڭ قايسىلا كۆپ قىسىملىق فىلىمىغا قارىسا ئا شۇجىنىڭ شەپقىتىدە ، ما باشلىقنىڭ ھىمايىسىدە دېگەندك كىنولاركەن ، كۆرۈش ئەمەس ئاۋازىنى ئاڭلىسىمۇ ئادەمنىڭ نېرىغا قاچقۇسى كەلگۈدەك .
بۇ تىما ناھايتى جايىدا دىيىلگەن . ئارتىسلىرىمىز كىنوغا چىقتۇق دەپلا ئىشلەۋىرىپتۇ لىكىن بىز كۆرگەنلەر ھەرگىز بۇنداق ئويلىمايدىكەنمىز . بۇ كىنودا مۇسۇلمانلىق قارىشى دىن يوقكەن . پەقەت پومىشچىكلار بىلەن ئىزىلگەن قۇللارلا تەسۋىرلەنگەن كىنودەك قىلىدۇ . مەن ياقتۇرمۇدۇم بۇ كىنونى .
مەنگۇ كۇمىدىم ماۋۇ سۇزلانى ئاڭلاپ قەتتى كۇمەسلىككە نىيەت قىلاي .ئەمدى
بۇ فىلىمنى ئىشلىگەنلەرنى ۋە رېجىسسور ئەرىز قىلىش كىرەك …
نىمى بۇ؟ نۇمۇس قىلمايدىغانلار! مۇشۇما كىنو بولدىمۇ؟لەنەت ! قىزلېرىنى شۇنداق روللاغا چىقىشقا قول قۇشتۇرۇپ تۇرغان ئاتا-ئانىلارغىمۇ لەنەت!
بۇلارنىڭ قولىدىن چىققان فىلىمنڭ قايسى بىرسنڭ تارىخى بۇرمىلانمىغان …مەنچە بۇ فىلىمنىڭ سىنارىسىنى ئارتىسلار باشتىن ئاخىر ئوقۇماي ئالدىغا كەلگەن رولنى ئىلىۋەرگەندەك قىلىدۇ…مەنچە جۇما باللا ، قاچاندا قارسا شۇ ھەي، فىلىمنىڭ مۇزىكىللىردىن ئىغىز ئاشماي بولدى،ئەمىدى بۇ كىنىونى مەكتەپ باللىرغا قويۇپ بىرىپ ھەربىر بالىدىن تەسسرات ماقالىسى يازغۇزدىكەن،ئۇ كىچىك بالىلار بۇرمىلانغان ئىدىيە بىلەن نېمە دەپ يازارئەمدى. بىزغۇ ئاق قارىنى پەرىق ئىتەرمىز لىكىن شۇ گۈدەك باللارنىڭ مىڭىسى نېمە بولار…تارىخىتىكى بىزنى چۈشۈنلەلمىسە كىيىنىكى ئەۋلاتلار بىزنى نانقىپغا ئوخشىتشىتن باشقا نېمە چارە…
كىشى ئۆز ئىشىنى جۆندەيدۇ ئوبدان ،لىكىن يوق يات تىلىنى باغلاشقا ئىمكان .
بىلگىنىمىز دىن كۆپ بىلمىگىنىمىز ، بىلمىگەننى بىلمىز ئۆلمىگىنىمىز .
ياقتۇرمىغان كىنونى ئەزەلدىن ئاخىرغىچە كۆرمەيدىغان ياخشى ئادىتىم بار ،شۇڭا بۇنىڭ ئورنىغا كارتون فىلىم ئەقىللىق يىشۇنى كۆرۋاتىمەن ئالتۇن ۋاقىتلار دا…. :mrgreen
ئەسكەرتىپ قۇياي دەپ ئۇنتۇپ قاپتىمە ، بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ئارىسدا ئارتىسلار يوق ، ھەم مىنىڭ بۇ ئارتىسلار بىلەن يېرىم موچەنلىك باردى كەلدىممۇ يوق ، بىر تىۋىپكامنىڭ ئىنكاسىنى تۇلۇق ئۇقۇپ چىقتىم ، ھەم باشقا مۇنبەرلەردىكى مۇنازىرىنى كۆرۈپ باقتىم ، تارىخى بىلىممنىڭ كەمچىللىكى ھەم بەزى بىتەرەپلىمە كۆزقارشىم سەۋەبىدىن مەسلىنىڭ ماھىيتىنى ئېنىق تۇنۇپ يەتمىگەن ئوخشايمە ، بەزى باللا بىلەن مۇنازىرە جەريانىدا كۆڭلۈڭلارغا كەلگۈدەك گەپ قىپ ساغان بوسام خاپوممىغايسىلە ، ھەم خۇماداشلارنىڭ نادىر ئىنكاسلىرى ئارقىلىق نۇرغۇن نەسىنى بىلىۋالدىم ، ھەممىڭلاغا بەك رەھمەت
چەمبىرىكىدە كۆپ قىسىملىق تىياتىر ««ئانارخان» ھەققىدىكى پىكىرلەرنى ئوقۇپ چىقتىم، كۆپىنچە پىكىرلەر بىر قەدەم ئىلمىي-پاكىتلىق بولۇپ، تورداشلارنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرىلىقى چىقىپ تۇرۇپتۇ. ئەلۋەتتە، بۇ فىلىم ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىشلەپ بەرگەن فىلىم بولماستىن مەلۇم مۇددىئا بىلەن ئىشلەنگەنلىكى پىرسوناژلارنىڭ دىئالوگلىرىدىن چىقىپلا تۇرۇپتۇ، بۇنداق فىلىمنىڭ ئىشلىنىشى تۇنجى قېتىملىق ئەمەسلىكى ھەممىمىزگە ئايان. تولىمۇ ئەپسۇسكى بەزى تورداشلار ھاياجىنىنى ۋە نەپرىتىنى باسالماي رولغا چىققان ئارتىسلارنى تىللاپ،ھاقارەت قىلىپمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ، ھەتتا دوستلار چەمبىرىكىدە بۇ فىلىمدە رول ئالغان ئارتىسلارنى بايقۇت قىلىش باياناتىنى ئېلان قىپمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ. مەنچە، بۇ خىل چەتكە قېقىش، ھاقارەت قىلىش ئۆتۈپ كەتكەن ھاماقەتلىك، ئەخمەقلىقدىن باشقا ھېچنېمە ئەمەس، بۇ پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا تاشلاشدىن ئىبارەت، بۇ باشقىلار چالغان داپقا ئۇسسۇل ئويناش، سىزغان چەمبىرىكىدە دومىلاش. مەن ئېيتمىساممۇ كۆپىنچە ئارتىسلىرىمىزنىڭ بۇ روللارنى مەجبۇرىيەتەن ئالغانلىقىنى بىلىمىز ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ فىلىمدا رول ئېلىشدىن بۇرۇن خەلقىمىزگە مەنىۋىي زوق ئاتا قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك تىرىشقانلىقىنى ھەم ئوبدان بىلىمىز، بۇلارنىڭ نەتىجىلىرىگە كۆز يۇمۇۋېلىش ئۆتۈپ كەتكەن شەرەفسىزلىك. مۇشۇنداق بىر شارائىتتا بىز ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيەتەن رولغا چىققانلىقىنى توغرا چۈشەنمەي، ھىسسىياتىمىزغا تايىنىپ ئۇلارنى ھاقارەت قىلساق، بەزىلەرنىڭ قوڭىدا كۈلۈشىگە سەۋەبكار بولىمىز، گەپنىڭ قىسقىسى قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئىشتا سوغۇققان بولىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن، بىزگە مۇھىمى ئىتتىپاقلىق….
سىز بىز سوغۇققان بولۇپ مۇشۇ كۈگە ئۇلاشتۇق، دوستۇم سۈكۈتتە تۇرۇش بەزىدە غەلبىدىن دىرەك بەرسە بەزىدە ئامالسىزلىق مەغلۇبىيەتتىن دىرەك بىرىدۇ.جۇڭگۇلۇق مەلەم بىر يازغۇچىنىڭ بىر كىتاپىدا دىيىلگەن ئىكەن‹ئۇيغۇرلار بۇرۇن شۇنداق قاۋۇل بەستلىك ،ئىسيانكار خەلىق ئىدى،ھەر بىرىنىڭ يىنىدا بىر تالدىن پىچىقى بار ئىدى،ھەتتا بىرەر جۇڭگۇلۇق ئۇلارنىڭ زىتىغا تىگىپ قويسا ھەممىسى بىر بولۇپ ئۇنى قىنىدىن جۇدا قىلۋىتىشىمۇ مۇمكىن ئىدى،ئەمدى قارىغىنىمدا ئۇيغۇرلار پىچىاق تۈگۈل قەلەمتىراچمۇ ئاسالمايدىغان ھالەتتە بولۇپ قاپتۇ،يۇۋاشلىشىپ جۇۇڭگۇلۇقلار غەرەزلىك بوزەك قىلسىمۇ سۈكۈتتە قىمىرلىماي ئولتۇرىدىغان بوپقاپتۇ….››دىگەن ئىكەن بۇ ۋەقەلىكلەر تىخى مۇشۇ نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا 2003-2006 يىلغىچە بولغان ئارلىقتا يىزىلغان،بىز داۋاملىق ئۇ باشلىق بۇ خەلپەم ئاۋۇ موللام غىمۇ تەس دەپ يۈرسەك بەلكىم باللىرىمىز بىزدىنمۇ بەتتەر كۈنلەردە مەھكۇملۇق ئىلىكىدە ۋەتەنسىز سەرسانلىقتا ياشىشى مۇمكىن،باشقىلارنى تىللاش توغرا ئەمەس. ئەمما باشقىلارنى خاتالىقىنى يۇشۇرۇش تىخىمۇ يەنى مىللەتنىڭ تارىخى ئۈچۈن قىلىنغان خاتالىقنى يۇشۇرۇش قوغداپ داۋاملىق قىلىشىغا يول ئىچپ بىرىش چوڭ بىر خاتالىق، جىنىم كەتسىمۇ كەتسۇن دەپلام چىقمىسۇن قىنى يىڭى ياتى سوينەكلەردىن چىقارسا كۆپ سانلىق ئۇيغۇر قەۋىمداشلىرىمىز بۇنى ئۇنچىلىك ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدۇ،ئاددىي بىر فىلىم قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدۇ خالاس.شۇڭا كۈچىنىڭ يىتىشىچە قوساققا جان بىقىشقا ئەمەس ئۆزىنىڭ ئەۋلادلىرىغا جان كۆيدۈرىشى كىرەك.تورداشلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە ھاقارەتلىشىنى قوللىمايمەن، ئەمما ھەر بىر تورداشنىڭ ئۇلارنى ماختىغىنىغا ئوخشاش ئەيىپلەش باھاسىنى بىرىش ھوقوقى بار.تورداشلىرىمىز،شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى مىللەت نوختىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ بەرگەن باھالار.
ئەمدى بىز مۇشۇ باھا بىرىش ئىشىدىمۇ سۈكۈتتە تۇرۇپ گەپ سۆز قىلماي تۇرساق ياخشى بولارمىدى؟
بىرتىۋىپ ھەقىقەتەن توغرا پىكىر قىلىپتۇ،ئەمدى بۇنىڭغا يەنە قارشى پىكىر بولسا سىزمۇ بىر قىزىل پاچاقكەنسىز.
ئىنكاسىمنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىگەنلە قالپاق كەيدۈرىمەن دەپ ئاۋارە بولمىساڭلار قانداق؟ قالپىقىڭلار بەك ئېغىر، مەن كۆتۈرۈپ بولالمايمەن. ئىنكاسىمنىڭ پوسكاللىسىنى يەنە بىر ئېيتاي قالپاقچىلارغا، كۆزنى يوغانراق ئېچىپ ئوقۇغايسىزلەر: كەمىنە پرېزىدېنت ئېيتىدۇلەركى، كىنوغا پىكىر بەرسىڭىز ئېسىل، ئارتىسلارغا پىكىر بەرسىڭىز ئېسىل، نورمال پىكىر بەرسىڭىز ئېسىل، ئاغرىنسىڭىز ئېسىل، ئەمما ئېغىزنى بۇزۇپ ھاقارەت قىلىش، تىللاش قاتارلىك رادىكاللىق سىزگە پايدىسى يوق، خەققە پايدىسى يوق، بەلكى بەزىبىرلەرنىڭ تاماشا كۆرۈش مەقسىدىگە يېتىشىگە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشىسىز، ئوكاي؟ بىر ئىت ئادەم چىشلىسە، ئۇ ئادەم بېرىپ ئىتنى چىشلىسە ئۇ ئادەمنىڭ ئىتتىن نېمە پەرقى؟
جاھالەت ئەھلىنىڭ كەتمىنىنى چىپىپ تۇرۇپ ئۆزىنى پالۋان سانايدىغانلار ئاز ئەمەس مىڭە يۇيۇش ھەركىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ كەتكەن ئوخشايسىز پىرىزدىنت ئەپەندىم.
تىۋىپجان قۇسۇر تاپمايدۇ ئەزەلدىن.ئۆزىڭىزنى قىينىماڭ.ئەركىن نەپەس ئىلىڭ…..
بەگزاد قاراھاجىم، تاھارەت ئالغانمۇ يا؟
پىرىزدىنت قارىم بىز تاھارەتسىز يۈرمەيمىزغۇ?ھەجەپ تاھارەتلىرى سۇنغاندەك گەپ قىلمىزغۇ?
ھە، بىز تاھارەتنى يېڭىلاپ تۇرىمىز، بىر ئېلىۋېلىپ بەش يىلغىچە سۇندۇرماي يۈرمەيمىزدە.
تاھارىتىڭىز بولسا ئاستا سىيىپ كىرىپ ماڭا چاپان كەيدۈرىمەن، قالپاقلايمەن دېمەي ئىبادەت قىلسىڭىز ياخشى بولارمىكىن؟
ياق، داۋاملىق كەيدۈرىمەن دېسىڭىز يۇقىرىدا دىلبىر كەيدۈرگەن قالپاق يېتەرلىك ماڭا.
تاھارەتسىز يۈرمەسلىكنى 5يىلدا بىر تاھارەت يىڭلاش دەپ ھىس قىلغان بولسىڭىز باشقاگەپنىڭ ھاجىتى يوق….قىينالماڭ چارچاپ كىتىسىز. يىنىك نەپەسلىنىڭ…
سىزمۇ تاھارىتىڭىزنى باشقىلارغا قالپاق كەيدۈرۈش ۋە تۆھمەت قىلىشقا ئىشلەتمەي، ئىبادىتىڭىزغا ئىشلىتىڭ، تاھارەتنى چىڭ تۇتىمەن دەپ بەك چىڭقىلىپ كەتتىڭىز.
ئىسىت ساڭا قىلغان ئەقىدەم سەندەك ئىشەككە ئاپىرىپ باغلاپ قوياتتىم قېرى كۆتەككە ! ئانارخان ئانارخان دەپ كىچىچە ئۇيقۇم كەلمىگەنتى ، ئەسلى بىزنىڭ ئانارخان خەنزۇچە سۆزلەيدىكەن ئەمەسمۇ !!!!
ھېي پەسەندىلەر ، ئوبدانراق ئويلاپ بېقشە بىر ساپ فىلىم بولۇپمۇ تارىخى فىلىم مۇشۇنداق بولامدۇ دەيمەن …..
مەن كۆرگەن فىلىم بەسەيدىن كۆپ ، ھەرقانداق فىلىم ئىشلىسە ئارتىس ئۆز تىلىدا ئۆز ئاۋازىنى ئېلىپ يارمىسا ئۆزگەرتىدىغان ئىشتى ، بۇلار خەنزۇچە سۆزلەپ ئۇيغۇرچە ئاۋاز بەرسە بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك …..
بۇ مىليۇن پۇلنى مۇشۇ يەر تەۋرەشكە ئىشلەتسە يا بولمىسا چەتئەلدىن سۈت پاروشوكى ئىكىسپورت قىلسىچۇ كاشكى ، ئوغامنى قاينىتىپ گەجگەمنى ئاغرىتتى …
ئىمپورت دەڭلا مۇنداق…
بۇرۇنقى كىنوغا رولغا چىقانلار قۇتۇلۇپ قالدى دە!
بولغۇلۇق مۇشۇ ‹ئانارخان›غا كەپتۇ!
پىشانىسى شوركەن بۇ فىلىمنىڭ
مەن بىر سەنئەتكار بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى بايان ئەيلەنمەنكى؛
ئارتىسلىق مىىنىڭ كەسپىم.خوتنۇمنى باشقىلار خوتون دەپ ئېتوت كىنو ئىشلىسە نىمە قىلسا مەيلى توغرا چۈشىنىمەن.كەسىپ ئەمەسمۇ.
بۇ كىنو نىمىىتى.
بىز ھىس قىلغاندىن تەسىرات سۆزلەيمىز.خوتنىڭىز ئىتوتقا چىقسا تارىخنى بۇرمىلاپ خەقنىڭ خوتۇنى بولمىغاندۇ.كىشىلەر ياقتۇرمىغىنى شۇنچە ياخشى كىشىلەرنىڭ مۇشۇنداق تارىخقا تۆھپەقوشۋاتقانلىقى….
سىزگە ئوخشاش خوتۇنىنى كۈللىمەيدىغانلارنى دەيۈز دەيمىز بىلىۋېلڭ
« سازكەن » دىن بىرسى كەتتى !
دانا بوۋىلىرىمىز مۇنداق دېگەن: ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمنى.
خوش، بەزىبىر بەشموچىلارغا شۇنى دېگۈم كەلدى: كىنونى تىللىيالمىساڭ تىللا ئارتىسنى!
ئەنگىلىيە ئارمىيىسى مەلۇم بىر ئاجىز دۆلەتكە ھوجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنى ئۆز ئىلىكىگە ئېلىپ بولۇپتۇ. ئەمدىلەتىن دىكتاتورا يۈرگۈزۈش ئۈچۈن سىياسەتلەرنى چىقىرىپتۇ. خەلق قورال، نامايىش ۋە ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن قارىشى تۇرۇپ، نەتىجىسى ياخشى بولماپتۇ. ئاخىرى ئورتاقلىشىپ، ھەممىسى ئەنگىلىيە ئۈچۈن گاس گاچا بولىۋىلىپ، ئەنگىلىيەنىڭ دىكتاتورا يۈرگۈزىشى تەس ئەھۋالغا دۇچار بولۇپتۇ. ئەنگىلىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلىيالماس، ئىشلىرىنى كۆرمەس، كىشىلىرىگە گەپ قىلماس بولىۋىلىپ، ئاخىرى ئەنگىلىيە بۇ دۆلەتنى تاشلاپ چىقىپ كېتىپ، ھەممە ئىشلار ئەسلىگە كەپتۇ. چۈنكى بۇنداق گەپ قىلالماس، كۆزى كۆرمەس، قۇلىقى ئاڭلىماس خەلققە قانداقمۇ دىكتاتورا يۈرگۈزگىلى بولسۇن؟
ھەممە ئىشتا سوغۇق قان بولايلى، ئازىراق ئاچچىقنى بېسىپ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرايلى. بۇ يەردە ھەرخىل ھىسسىياتىمىزنى مەجبۇرىي ئىپادىلەپ، ئىلمىيلىك قارىشى يۇقىرى پىكىر بەرگەنلەرگە قالپاق كەيگۈزۈپ يۈرمىسەكمۇ، ھازىرقى زاماندا ياشاۋاتقان ھەرقايسىمىز سىزنىڭ ئاغزىڭىزدىن ئاڭلاپ چۈشەنمىسەكمۇ، ئۆز-ئارا جىدەللىشىپ چاتاق تاپمىساقمۇ، ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ۋە ئۇچراۋاتقان بىر خىل ئىشلارنى چۈشىنىمىز ۋە سىزدىن بەكرەك ھېس قىلىمىز. باشقىلارنىڭ چالغان دېپىغا بۇ يەردە تولا ئۇسسۇل ئوينىماي، قوڭىمىزنى غىت قىسىپ، ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرايلى. بىر قەدەم بىر قەدەمدىن تەرەققىي قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ دۇنيادىكى تەسىرى ۋە كۈچىنى ئاشۇرايلى. قۇرۇق گەپ ئارتۇقچە يۈك، ئېغىر بولسا ياخشى ھادىسە يۈز بەرمەيدۇ. ۋە بۇنداق پىكىرلىرىمىزنى ئاممىۋىي سورۇنغا تاشلاشتىن بىزگە ھېچقانداق پايدىسى بولۇپلا قالماي ئاۋارىچىلىق كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا كاللىمىزنى چايقىۋىتىپ، ئۆزىمىزنى بىلىپ، ئارتۇقچە دەپ قارالغان ئىشلارغا ئارىلاشماي، تېنچقىنە تەرەققىي قىلساق، بىر كۈنى بىزنىڭ ھېلىغۇ پىكىر بېرىشكەن ھەتتا قارار چىقىرىدىغان كۈنلىرىمىزمۇ يىراق ئەمەس…. گەپلىرىم ئارتۇقچە بولۇپ كەتكەن بولسا، قالپاقلىرىڭىزنى كەيدۈرىمەن دەپ ئاۋارە بولماي، كۆرۈپ قويسىڭىزلا بولدى. چۈشەنگەنلەر چۈشەنسە بولدى. باشقىلارغا يەنە مەلۇم مەزگىل كەتسۇن.
گەندى؟
nazlangan ni yahturmayman gapni uquk kilix kerak , tillisahmu
شىئېر دىگەننى ئۆتتۈرۋېتىدىكەنسىز !
خىيال — دىگەن نىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بېلمىدىم لىكىن مەنمۇ خىيال بىلەن ئورتاق قاراشتا مەن قوللايمەن سىز يالغۇز ئەمەس نۇرغۇن دوسلا شۇنداق ئويلايدۇ بىر بىرىمىزگە ئىشەنسەكلا بولدى.
سىزنىڭ يازغان ئىنكاسىڭىزغا ‹‹سازكەن ›› دىن بىرنى قېتىپ قويدۇم ھە
ئۇفىلىمنىڭ مەزمۇنىنىغۇ قويۇپ تۇرايلى،ئاۋازى ئەسلىدىنلا خەنزۇچىدەك قىلىدۇ.ئارتىسلارنىڭ ئېغىز ھەرىكىتىدىن قارىغاندا. ئۇلار قوش تىلنى ياخشى ئۈگەنگەن ئوخشايدۇ.مەن تېخى ئۇلار ئۇيغۇر بولغاندىكىن كىنونى ئۆزتىلىدا ئىشلەپ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان ئوخشايدۇ دېسەم…………..
خاتالاشتىڭىز!…فىلىم سۈرەتكە ئېلىنغان ۋاقىتتا،داڭلىق ئارتىستلىرىمىز ھەممىسى ئۇيغۇرچە سۆزلىگەن ئىدى…
قىسقىسى ئاۋۇ باش رول ئالغان قىزچاقنىڭ يېرىم يالىڭاچ ئىشلىگەن كىنولېرىنى كۆرسىڭىز ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلەيدىغىنىغا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ ، ئېغىز ھەركىتىگىمۇ قاراپ بېقىڭ ، نۇرنېجات ، يا سىزمۇ سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشقانمۇ يا ؟!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئۇ فىلىمنى ئەسلىدىنلا بىزلەر ئۈچۈن ئەمەس، ئاۋۇ خەنلەر ئۈچۈن ئىشلىگەن. چۈنكى ئىلگىرى شۇنداق بىر فىلىمنىڭ تەسىرىدىن چەتئەللىكلەر جوڭگۇلۇقلارنىڭ ئۇزۇن چېچى بولۇشى كېرەك دەپ يۈرۈپتىكەن. بەلكىم ئۇلارمۇ بۇنى ئەۋلادلىرىغا بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈپ، ئېڭىغا سىڭدۈرۈۋەتمەكچى. ھازىر قايسىبىر فىلىم چىقىپ بولغۇچە خەن تىلىغا ئۆرۈلىدۇ يا شۇ تىلدا بولىدۇ. ئۇلار كۆرەي دېسە كىنو ئاز ئەمەس، بولمىسا ئۇيغۇرچىنى ئۆرۈپ كۆرۈپ يۈرمەس؟!
مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەن بولسام دېمەس ئىدىم…مەن ئۈستىدىكى ئىنكاستا،داڭلىق ئارتىستلىرىمىز دەپ ئېنىق ئەسكەرتكەن…
ياخشى بۇلاپتۇ، كۈندە ئىشلىسە مۇشۇندا كىنونى،ئې ئارتىسلىرىمىز ئاشقالمايتى
پۇل دىسە ئانىسىنىمۇ – قىزىنىمۇ ، ئىشقىلىپ ساتىۋېرىدۇ ئې ئارتىسلىرىمىز
بولدى مەن سۆزلىمەي، باكا ……………………..
ئەگەر گەپ قىلالمىساق چوشقا ئورنىدا تاماق ئۈستىلىگە چىقىپ قالامىز؟……..
مەن تېخى كۆرىگەن كۈرۈپ باقسام بولامدۇ نىمە
مەنمۇ كۆرمەسلىكنى قارار قىلدىم، قىلىمنىڭ بېشىدىلا ئادەمنىڭ ئوغىسنى قاينىتىدۇ
راستلا شۇنچە داڭلىق ئارتىسلىرمىزنىڭ مۇشۇنداق فىلىمنى ئىشلىگىنگە ھەيرانمەن…
مىنىڭ ئويلىغانلىرىم ھەممىسى دىيلىپ بوپتۇ، بۇنىڭغايەنەت سۈكۈت قىلىمىزدە…
سەلبىي پىكىرلەرمۇ خېلى يىغىلىپ قاپتۇ. قورقماي ئىجابىي پىكىر بېرىپ باقىدىغانلار يوقما؟
PS: كىنونى باھالاشتىن ئۆتۈپ، ئارتېسنى تىللاپتىمىز، ئارتېستنى تىللاپ پۇخادىن چىقمىغاندا ئارتېستنى ئاقلاپ قويغان باللىغا قالپاق كەيدۈرۈپ ئۈلگۈرۈپتىمىز…
ۋوي ئەجەب قىززىپ كېتىپتۇ بۇ يەر،108ئىنكاس دېگەننى كۆرۈپ كىرىپ قاپتىمە.
تەسىراتىم:بەك جىقكەن بۇ ئىنكاسلار،ئوقۇشقا چولام تەگمىگۈدەك. ئىنكاسلار قېلىڭلار بۇ يەردە،مەن چىقىپ ئىشىمنى قىلاي.
ئاۋۇ كىنونى كۆرۈپ باقمىدىم لىكىن قارىسام كونا جەميەتنى ئەمەس ھازىرقى ئەھۋالىمىزنى ئىچىپ بەرگەندەك ) تازنى تاز دىسەڭ ئۆلگۈسى كىلەر ساقنى تازدىسەڭ كۈلگىسى كىلەر دەپ( ئاۋۇ غەرىپكە ساياھەتنى ۋاي سونۇكۇڭ دەپ كۈلۈپ تۇرۇپ كورەتتۇق يالغان بولسىمۇ ماۋۇ كىنونى تىللاپ تۇرۇپ كۆرىۋاتىمىزدە تىللاپ تۇرۇپ .
‹‹ئانارخان››بىلەن‹‹غەربكە ساياھەت››ئىككىسىنىڭ خاسلىقى ئىككى خىل…‹‹غەربكە ساياھەت››نىڭ ئاشۇرۇلغان فانتازىيەلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز…ئۇنى پارتىيەمۇ راست دېمىگەن.بىراق‹‹ئانارخان››دەك يالغاننى راست دېگەن فىلىملەر ھەممىمىزنىڭ غەزىپىنى تاشقۇزىدۇ…
تازمۇ قاملاشمىغان،نەدىمۇ ئۆزيارىنى باشقا كىشلەر ئېسىپ قۇيۇپ ئۇرسا بىر يىگىت بولغۇچى قاراپتۇردىغان ئىش با،بىز ئۇيغۇرلادا.نەدە چوڭ بوپقاغان موزاي بالسى ئۇ!
مەنمۇ كۆرۈپلا ھەيران قالدىم. كېلىپ كۈچىنىڭ يېتىشىچە تازا بىر سالىدىغان بولدى، دېسەم قىلغان ئىشىنى كۆرەي. فىلىم يېزىشقىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيتى بولمىسا!
سەن يار ئۈچۈن تاياق يىدىم بىرمىڭ ئالتە يۈز،
يەنە يىسەم شۇنچە يەرمەن يايرىم قارا كۆز
ھەممە ئىشنىڭ كەينىدە بىر ھېكمەت بار دېگەن ھەقىقەتەن توغرا گەپكەن، ئاللا خالىسا ئەمدى بۇنداق فىلىملەرگە ئارتىسلىرىمىز كۆزىنى يوغان ئېچىپ چىقىدىغان بولدى
بايا يەنە ئازراق كۆرۈپ ساپتىمەن، مانا شۇ تۇرقىدا ئاچچىقتىن ئۇخلىيالمايۋاتىمەنھەي سەۋر… ئاللا ئۆزى تۈگكەن تۈكۈچنى ئۆزى يېشىدۇ…يامغۇردىن كېيىن، ھامىنى قۇياش پارلاپ چىقىدۇ…
بولدى ، نىمە بولدى ، باشقىچە گەپ قىلسەنغۇ ئۇكام ؟
ھە، دادام ئىشقا بۇيرىغان باشقا ئىشلىرىمنى تاشلاي بولدى ، دادام چوڭ تۇرسا گىپىنى ئاڭلىمىسام ئويدە قانداق قوساق تويىدۇ
nima diyximni bimidim ….yahxi kino kan ……..muxundah ghulghula kozgigidak kinoni ixlax ongay amas artsilirimizni kino ixliguqilarni sinariya yazghuqilarni tillaxka salayitimiz toxmaydu muxu kinoni muxundah ixlimisa kandah ixlaydu bu tehi adattikiqa bop kaptu xundah amasmu ……….. yahxi kinokan ………torda bundah kop inkas kurup bakmigili uzun zaman boptikan …………haminglarnin tinigha salamatlik tilayman …………..
ئىنكاسىڭىز تەھرىر تەرىپىدىن ئۆرۈپ قويۇلدى، بولسا بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرچە يېزىڭ
———————————————————–
نېمە دېيىشىمنى بىلمىدىم…ياخشى كىنو ئىكەن…مۇشۇنداق غۇلغۇلا قوزغىغۇدەك كىنونى ئىشلەش ئوڭاي ئەمەس، ئارتېستلىرىمىزنى كىنو ئىشلىگۈچىلەرنى سىنارىيە يازغۇچىلارنى تىللاشقا سالاھىيىتىمىز توشمايدۇ، مۇشۇ كىنونى مۇشۇنداق ئىشلىمىسە قانداق ئىشلەيدۇ؟ بۇ تېخى ئادەتتىكىچە بوپ قاپتۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ياخشى كىنوكەن، توردا بۇنداق كۆپ ئىنكاس كۆرۈپ باقمىغىلى ئۇزۇن زامان بوپتىكەن، ھەممىڭلانىڭ تىنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.
artislirimizgha rahmat …….. ozining wijdanini ghororini kurban kilip amilyatni bizga korsitip barginiga …….kop taxakkur eytsangla bulidu aziz kerindaxla …………bu kinoni kormisingiz amilyatni kandah bilidu ……………bu digan amilyat riyanlih ……. axu kinoda rol algan aziz kerndaxlirimning tinigha salamatlik ixlirigha utuh tilayman ………. kerndaxla oynap sozlisakmu oylap sozlayli ….. bu kino mahtaxka arziydighan kinokan jumu ……… muxundah kop inkas kozgigandikin ….muxu torda ghul ghula kozghaxning uzimu bak qong ix ……………
ئىنكاسىڭىز تەھرىر تەرىپىدىن ئۆرۈپ قويۇلدى، بولسا بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرچە يېزىڭ
———————————————————–
ئارتېستلىرىمىزغا رەھمەت، ئۆزىنىڭ ۋىجدانىنى غورورىنى قۇربان قىلىپ ئەمىلىيەتنى بىزگە كۆرسىتىپ بەرگىنىگە كۆپ تەشەككۇر ئېيتساڭلار بولىدۇ ئەزىز قېرىنداشلار، بۇ كىنونى كۆرمىسىڭىز ئەمەلىيەتنى قانداق بىلىدۇ… بۇ دېگەن ئەمەلىيەت رېئاللىق، ئاشۇ كىنودا رول ئالغان ئەزىز قېرىنداشلىرىمنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن. …قېرىنداشلار ئويناپ سۆزلىسەكمۇ ئويلاپ سۆزلەيلى. بۇ كىنو ماخشاشقا ئەرزىيدىغان كىنوكەن جۇمۇ، مۇشۇنداق كۆپ ئىنكاس قوزغىغاندىن كېيىن، مۇشۇ توردا غۇلغۇلا قوزغاشنىڭ ئۆزىمۇ بەك چوڭ ئىش..
ئەسلى بۇ تېمىغا ھىچنىمە يازماي، ھىچنىمە دېمەي دېگەنتىم، ئەمما سەل چارچاپ قالدىم، چارچاپ قالساملا قالايمىقان سۆزلەيدىغان ئادىتىم بار، ئەپۇ قىلغايسىلەر.
قاراڭ، قىرىندىشىم، بۇ يەرگە بۇ كىنونى ياقتۇرمىغان، بۇ كىنونىڭ تارىخىي چىنلىقتىن چەتنەپ كەتكەنلىكىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىننىي ۋە مىللىي ئادەتلىرىگە قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىقىغا نارازى كىشىلەر كۆپرەك كىرىپ قاپتۇ، شۇڭا بۇ يەردە بۇنداق تەربىيە ئىشلىسىڭىز ھىچكىم ئاڭلىماسلىقى مۇمكىن، ھەم سىز كۆزلىگەن ھىچقانداق نەتىجىگە ئىرىشەلمەيسىز، بۇ يەردە بىزگە بۇنى ماختاپ بەرسىڭىز سىزنى تېلېۋىزۇرغا چىقىرىدىغان قىزىل مۇخبىر يوق ياكى سىزنىڭ سادىقلىقىڭىزنى دەپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرىدىغان كومپيارتىيە ئىشخانىسى تورخۇماردا ئەمەس. شۇڭلاشقا سىز ئاۋال، 50مىڭ خەتلىك تەسىرات ماقالىسى يېزىپ، بۇنى پارتىيە گېزىتىگە ئەۋەتىڭ، ئاندىن خۇلۇم-خوشنىلىرىڭىزغا، ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىڭىزگە بۇ توغرىسىدا توختىماي تەشۋىق قىلىڭ، بولسا ئەتىگەندىن-كەچكىچە ئاھالە كومىتىتى ياكى بىرەر پارتىيە ئورگىنى ئالدىدا ياخشى ئىش، ياخشى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىڭ، مەسىلەن، كوچىلاردىكى ئەخلەتلەرنى تىرىۋىتىڭ، تاپقان پۇلىڭىزغا يولداشلارنىڭ باللىرىغا ئوقۇش قوراللىرى ئېلىپ بېرىڭ، مەھەللىڭىزنى ئىزدىسىڭىز تەلىيىڭىزگە قېرىپ، بىر تومۇردا جېنى قالغان ئىگە-چاقىسىز يولداشتىن بىرەرسى ئۇچراپ قالار، شۇنى بېقىۋىلىڭ، ئاندىن سىز كۆزلىگەن مەقسەتكە بىرىنچى قەدەمدە يېتىسىز ھەمدە تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا نامىڭىز چىقىدۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ سىز بۇ ھەركەتلەرنى ئۈزمەي داۋاملاشتۇرۇپ بەرسىڭىز ئىشىنىمەنكى تاپىنىڭىزدىن تارتىپ چوقىڭىزغىچە قىزىرىپ تۇرىدىغان بولىسىز ۋە مەقسەتكە ئاسانلا يېتەلەيسىز. رەھمەت.
ئەمدى مېنى تىللىساڭلارمۇ مەيلى…..
داڭلىقلىرىمىز ئوتتۇرغا چىقىپ بىر نېمە دېسە بۇلاتتى ، ئەسلى ھۆكۈمەت ئۇستامغا بىر نەرسە يېزىپ بۇ فىلىمنى قويۇشنى توختۇتۇش كېرەك ئىدى.
ئۇيغۇرلارنى بېقىندىلىق بىلەن ياشىغان، زىددىيەت كۆپ، ئازاتلىق ئارمىيە ئازات قىلىپ بەرگەن دەپتۇ شۇ، نەرى ھەق بۇ كىنونىڭ
بۇ فېلىمنى قىزىقىپ ئەمەس بىزار بولۇپ كۆرسۇن دەپ ياكى بولمىسا يۈرەك كېسىلى يوق قېرىنداشلارنى تېزراق يۈرەك كېسەل بولسۇن دەپ ئىشلىگەن بولسا كېرەك … شۇڭا ھەرگىز ئاچچىقلانماي، ھاياجانلانماي كۆرۈپ تۈگۈتەيلى قىېرىنداشلار…!
بىزمۇ شۇلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ خىزمەت قىلىپ باقايلى ،بىز قانچىلىك قىلارمىز؟بەلىكم شۇنداق رەددىيە بەرگۈچىلەرئو يلىمىغان يېڭىلىقلارنى ئەپچىقىشتىن مۇستەسنامىدۇ؟……لىكن ئانارخاندىن شۇنى سوراپ باققۇم بار-سىز ئەسلى «ئانارخان»فىلىمىنى كۆرگەنسىزمۇ؟
قاچانمۇ بىر «ئاكىلىرىمىز»نى ئارلاشتۇرماي،«ئۆزىمىز مۇستەقىل»كىنو ئىشلىگۈدەك بولارمىز؟؟قاچانلا قارىسا ئاشۇلار بولمىسا بىز كۈن كەچۈرەلمەيدىغاندەك،شۇلارنىڭ شاپائىتىدىن قۇياش پارلاپ چىقىۋاتقاندەك( كىنولارنى ئىشلەپ…)چۈشەنمەي كۆرەۋېرىدىغانلارغا بۇ بىر « ياخشى» فىلىم.بىراق ھەق مەيداندا كۆرەكنى كېرىپ سۆزلەيدىغانلارغا بۇ بىر «پىلتە» بوپتۇ.
ئەقىلگە ئىشارەت نادانغا جۇۋالدۇرۇز! خەقكە بوزەك بولمايمەن دەيدىكەنسىز ، چوقۇم كۈچلۈكلەردىن بولۇڭ.بۇيەردە قۇرۇق گەپ قىلغاننىڭ پايدىسى يوق.
ئۆگىتىپ قويغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.مەن« بىلمەي» يۈرەتتىم …..
بۇ كىنودا مىللىتمىز خۇددى‹ سگانلار›غا ئوخشاپ قاپتۇ.
راستىنى ئىيىتسام مەن ئۇيغۇر بوپقالغىنىمغا ئىچندىم ،بىز نىڭ يا ئۇزومىزگە خاس بولغان مەدەنىيتىمىز يوق ،ھەممىنى باشقىلار بىزگە يارتىپ بەرگەن بولسا بۇنىىمە بولغىنى ھەي ھەي ؟؟؟؟؟؟
كىم بىزنىڭ ئۇزىمىزگە خاس مەدىنىيىتىنمىز يوق دىدى سىزگە گەپنى ئۆيلاپ قىىللى بولمىسا گەپ قىلمايلى مەن ئۇيغۇر بوپ قالغىنىمدىن ئىنتايىن رازى پەخىرلىنىمەن مەن سىزگە ئۆىشاش
ئادەمنى ياقتۇرمايمەن
مەن ئۇيغۇر بوپ قالغىنىمدىن ئىنتايىن رازى پەخىرلىنىمەن
ساڭا ئوخشاشلارنىڭ تولىلىقىدا مەدىنىيىتىمىزنىڭ ئۇلى تەۋرەۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە سالاپىتىگە تەسىر يېتىۋاتىدۇ، بەلكىم تەپەككۇرۇڭ ئاجىز، بىلىمىڭنىڭ تايىنى يوق نېمە ئوخشايسەن. سەندەكلەرنى مەنتىقە جەھەتتىن ئېيتقاندا مۇناپىق دېيىش كېرەك. لېكىن مەن سېنى پەقەت نەزەر دائىرىسى تار، ئىش كۆرمىگەن، بىلىمىنىڭ تايىنى يوق، تۈزۈك دۇنيا قارىشى ۋە ئىشەنچى يوق سويما دەپلا ئويلىدىم، لېكىن سېنى مۇناپىق دېيىشكە سالاھىتىم توشمايدۇ. چۈنكى مەن ئاددىي پىكىرلىك بىر بەندىمەن. ماڭا قالپاق كەيدۈرىمەن دەپمۇ يۈرمە، قالپاقلىرىم بەك جىق مېنىڭ، نۇرغۇن جايلاردا ئارتۇق گەپ قىلىپ قويۇپ مۇكاپات ئالغان.
ئۆز- ئۆزەڭنىڭ پەخىرلەنگىدەك نۇرغۇن خاسلىقلىرىڭنى ئۆزەڭ كۆرەممەي قاپسە، ئۇيغۇردىن نېرى يەردە ياشاۋاتقان بوساڭ بىزنىڭ ما قەشقەرگە كېلىپ بىر مەزگىل ياشاپ باق . قالغىنىنى دېمەي بولدى…
مىنىڭ غەزىپىمنى كەلتۈرگىنى ئۇسمان باينىڭ غالچىلىلىرى بولماستىن بەلكى خەلىقنىڭ ئاشۇئاتالمىش قوچاق ۋالىغا90 گىرادۇس ئىگىلىپ تازىم قىلغىنى بولدى !
تارىختىن بىرى پادىشاھ سۇلتانلارغا ئىگىلمەي كەلگەن ئۇيغۇرمىللىتى تىلىۋىزىيەتىياتىدىكى قورچاق ۋالىغائىگىلگىنى ئۇيغۇرمىللىتى يۇيۇپ چىقارغىنى بولمايدىغان قاراداغ
biz axundak almetduk a,,,,,towa…?
پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سورىشى بۇندىن كىيىن قويماسلىقى كىرەك
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،قىرىنداشلار.بىر ھەپتىدىن بىرى باھا سۆزلىرىڭلانى تەپسىلى كۆرۋاتىمەن،بەزىلەرنىڭ بەزى سۆزلىرى ھەقىقەتەن توغرا،مەن پەقەت يۈزەكىلا باھايىڭلارنى كۆرگەچكە سىلەرگە بەزى تورداشلارغا ئاپىرىن ئىيتقان،باھا يازغانلارنىڭ ئىچىدە ئارتىسلارنىڭ يامان گىپىنى قىلغانلارمۇ بار ئىكەن.كونىلاردا (ئۆزەڭنى ئۆزگى دەپ بىل،ئۆزگىنى ئۆزەڭ دەپ بىل.ئۆزەڭنى ئۆزەڭ دەپ بىل،ئۆزگىنى ئۆزگى دەپ بىل.)دەيدىغان بىر گەپ بار،يەنە ئەسكەرتمىسەممۇ نىمە دىمەكچى بولغىنىمنى ئەقىللىق تورداشلار چۈشىنىپ بولدىغۇ دەيمەن،دىققەت قىلىپ باقساق بىز ياشلار شۇنداق ئۆچ كۆرگەن بۇ(ئانارخان)فىلىمىنى چوڭلار قىزىقىپ ئولتۇرۇپ كۆرۋاتىدۇ،بولۇپمۇ مىنىڭ ئۆيۈمدىكى چوڭلار.مەن بۇ فىلىمنى شۇنداق قىزىقىپ كۆرۋاتقان بىر نەچچە ياشتا چوڭراق خىزمەتدىشىمدىن يەنە داداملاردىن بۇ فىلىمدە (چىنلىق) بار يوقلۇقىنى سوراپ باقتىم،ئۇلارنىڭ دىيىشىچە ھەممىسىلا راس ئەمەس لىكىن شۇ ۋاقىتتا ھەقىقەتەن شۇنداق ئىزىش-ئىزىلىشنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى (ھەتتا ھازىرمۇ بەزى جايلاردا بار ئىكەنلىكىنى )ئىيتتى.يەنە بىر يىرى فىلىمدىكى ئوسمان بەگنىڭ قول ئاستىدىكىلەر ھازىرقى بەزى غالچا مىجەز كىشىلىرىمىزگە سىمۋول قىلىنغان،بۇ يەردە جىق سۆزلىگەەننىڭ زەررىچە پايدىسى يوق…….كۆپچىلىكنىڭمۇ ياخشى تەرەپلەرگىمۇ كۆز يۇمۇۋالماسلىقىنى،يامان تەرەپلەردىن ئۆزىگە ساۋاق ئىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن،پىكىر قىلىش ياخشى ئىش،لىكىن مۇنۇ ماقالە ئسىڭلاردا بولسۇن (ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە).پىكىر بەردۇق باھا يازدۇق دەپلا بىراۋلارغا ئازار بەرمەيلى،بىراۋلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرىغا كۆز يۇمۇۋالمايلى،بىلسەڭلار( كۆرەلمەسلىكمۇ )بىز ئۇيغۇرلاردىكى ئادەتتىكە پىسخىكا.ئاخىرىدا قەدىرلىك تورداشلارنىڭ بىزدىكى كەمچىلىكنى بۇ فىلىمدىن ئەمەس ئۆزىمىزدىنمۇ ئىزدىنىپ بىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن!!!
يا ئاللا ، نەچچە ھەپتىدىن بۇيان ماڭا يارىغان ئىنكاسلارنىڭ بىرى ماۋۇ
گەپ دىگەننى ئۇنداق مۇتلەق دىسەك بولماس ، مەيلى ياخشى گىپىنى قىلغان ، ياكى يامان گىپىنى قىلغان باللا بولسۇن ھەممىسىنىڭ گىپىنىڭ ئاساسى باركەن ، لىكىن ئۆزىنىڭ گىپىنى توغرىلا دىۋالدىمۇ بولدى باشقىلارنىڭ گىپىگە قاراپمۇ قويمايدىكەن
ئۇھ ….. ئىلمى مۇنازىرە قىلىشساق ياخشى ، بەزى باللانىڭ پىكىرلىرىنى كۆرسە ھەي ، نەدە بىر فىلىمنى دەپ بىر بىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىپ ئولتۇرىدىكەنمىز
ئۇيغۇرلاردا تىۋىپ، 80 خالتا ئۇقۇمىنىڭ نەچچە يۈز يىل بۇرۇن پەيدا بولغىنى ئېسىمىزدىن چىكەتتىمۇ قانداق؟ ئۇكۇل سانجىيدىغان دوختۇر پەيدا بولاپ قاپتۇ دېسە…
پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سورىشى كىرەك؟؟؟؟؟؟ئەلى120 سىزچە مەن ئۇيغۇر دەيدىغانلارنىڭ ھەممىسىلا ………..بىلىپ قىلىڭكى شۇ اىلىمدىكى ئوسمان بەگنىڭ قول ئاستىدىكىلەر ھازىرقى بەزى غالچىلارغا سىمۋول قىلىنغان!!!بىزنىڭ ئارىمىزدا شۇنداق كىشىلەر تولا بولغاچقا مۇشۇ كۈنگە قالغان خەق بىز…شۇلارنىڭ دەستىدىن نىمىشنى قورقماي قىلالىدۇق؟!مۇشۇنداق توردا باھا يىزىشتىن باشقا؟؟؟!!!
تىمىدىن چەتنەپ كەتتىڭىزمۇ قانداق؟qaynam
ۋالىغا 90 گىرادۇس ئىگىلىپ دىگەننىمۇ سىز دەپسىز،ئەجىبا ئارىمىزدا شۇنداق خەق يوقما؟؟؟
بىزدە ھەقىقەتەن ئېغىر مەسىلە مەۋجۇت…
ھەممىڭلارنىڭ گېپىنى كۆردۈم، ھەممىڭلار ھەقىقەتەن ئۇيغۇر مىللىتىمىز ئۈچۈن سۆزلەۋېتىپسىلەر، مىللىتڭلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆرپ-ئادىتىنى قوغداش مەقسىدىڭلا ئېنىقكەن، توغرا، فىلىمدە ھەقىقەتەن كۆپتۈرمىلىك بار، لېكىن ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇنىڭغا ئاچچىغىڭلار بار، مەنمۇ ھەم شۇنداق، مېنىڭ كاللامدىن ئەڭ ئۆتمەيدىغىنى، بۇ فىلىمنى ئىشلىگەن ئاشۇ ئۇيغۇر چولپانلىرىمىز نېمىشقا فىلىم ئىشلەش جەريانىدا ئاشۇ ھالقىلىق نۇقتىلارغا دىققەت قىلمايدۇ؟ ئەجىبا فىلىم پېرسوناژلىرىنىڭ پىكىر بېرىش ھوقۇقى يوقمىدۇ؟ بۇ يەدە ئازراق گەپ بارمۇ قانداق؟
قاراڭ سىز ئېنىق كۆردىڭىزما بۇ يەردە
ئاپپاق ساقال بوۋايلامۇ ، يىگىتلەمۇ قىز-چوكانلارمۇ بار ئەلۋەتتە. شۇلانىڭ بەگلەرگە تازىم قىلىشى راس ئش ھە !!! سىزنىڭ كۆزدا تۇتقىنىڭىز بىر قىسقم پوداقچىلار ئەجىبا يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى… ما؟
karas afsus siz baxkilaga uni buni diyix tin awal tahallusigiz ni ozbakqayazmay uyghur qa apsus dap ozgar tiwilig
باشقا بەتلەردىكى، جۈملىدىن مىنىڭ بىكىتىمدىكى سىننى ئالما يانفۇندا كۆرگىلى بولمايدىكەن، لىكىن تورخۇماردىكى سىننى نورمال كۆرگىلى بولىدىكەن. بۇنىڭ سىرىنى دەپ بەرسىڭىزچۇ تەدبىركار ئۇستاز!
ئەسسىلاممۇ-ئەلەيكۇم ئەزىز قىلىنداشلىرىم،مەنمۇ ئۆزۇمنىڭ ئازراق ئويلىغىنىمنى دەپ باقاي،مەنچە بۇ كىنونىڭ ياخشى تەرپىمۇ باركەن،لىكېن بەزى جايلار ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرلىۋىتىپتۇ،مەسلەن: ئۇيغۇرلىرىمىزنى بەك قورقانچاق،بىلىمسېز ، ھەم باشقىلارغا تىزلىندىغان چىقىرىپ قۇيۇپتۇ . بىزدىمۇ نۇرغۇنلىغان ئالىملىرىمىز با، ئۇلۇغ (ئاللا) ھەممىمىزنى ئۆزپاناھىدا ساقلىغاي.
يۇقارقى قاملاشمىغان پىكىركەرنى قىلغان كىشى، ئەجەبا بۇ دۇنيادا شۇنداق نۇقسانسىز بىر مىللەت مەۋجۈتمىكەن، مۇكەممەللىك ئىنسانغا خاس سۈپەت ئەمەس، دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەت ئىنتايىن قورقۇنچلۇق خاتالىقلارنى، زور گۇناھلارنى سادىر قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنى كىم تىللىدى… سىزنىڭ كمچىلىكىڭىز يوق ئوخشىمامدۇ، ئەگەر راستلا سىز ئېيتقاندەك ھەممە ئادەم سىز گە ئوخشاش خىزىر سۈپەت بوپ كەتكەن بولسا، راستلا بىز بۇ كۈنگە قالمايتتۇق.ئەپسۇس، ئاينىڭمۇ يۈزىدە داغ بارغۇ،بەش بارماقنىڭ ئوخشاش بولغىنى نەدە بار…ئەجەبا مۇشۇ ئەجۈجى مەجۈجىلەرنىڭ دەستىدىن بېشىنى كۆتۈرەلمەي ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بۇ مىسكىن مىللىتىمىزنى سىز تىللاپ نەگە ئاپارماقچى… سىز سۆزلەپ ئۆتكەن غالچا كەبى ياشىغان كىشىلىرىمىز بەكمۇ ئاز ساندا، تارىختىن بۈگۈنگە سانىساق، ئون بارماق ئاشىدۇ، ئۇلارنى تىللىساقمۇ ئۆزىمىز تىللايمىز، تىللايدىغان گەپنى خەق بىزگە ئۆگىتىپ يېزىپ بەرمىسىمۇ، ئۆزىمىز تىللىيالايمىز، ئەجەبا سىز ئۆتمۈشتىكى غالچىلارنى تىللاپسىزيۇ، زامانىۋى غالچىلارنى نېمىشقا تىللىيالمايسىز؟ئۇلارنىڭ قىلغان تازىملىرىنى ئاللا كەچۈرگەي، بىز ئۇلارنى تىللىمىدۇق، پارتىيىنىڭ داغدام سىياسىتى ئاستىدا قورقماي باھا يېزىۋاتىمىز خالاس…قوشۇپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ، چوڭلارنىڭ بۇ فىلىمنى ياقتۇرۇپ كۆرۈشى ئۇيغۇرسىراپ كەتكەن تۇيغۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن خالاس، ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرگىنى ئەمەس
شاھزادە توغرا دەيدۇ، زامانىمىزدىكى غالچىلارنىڭ ئەمىلىيىتى فىلىمدە تەسۋىرلەنگەندىنمۇ بەتەر.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورخۇمار مۇنبىرىدىكى قىرىنداشلا،ر مېنىڭچە بىر ئىشقا ئىنكاس، مۇنازىرىلەرنىڭ بولماي جىممىدە قالغىنىدىن قىممەتلىك ۋاقتلىرىمىزنى چىقىرىپ پىكىر – تەكلىپلەرنىڭ بولۇپ تۇرغىنى ئىنتايىن ياخشى ئىش، دېمىسىمۇ بۇ فېلىمدە مېنىڭچىمۇ كىشى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەر نۇرغۇن مەۋجۇت بۇ مەسىلىلەرنى ئەسلىدە ئۆز خەلقىنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن سەنئەت ساھەسىدىكى چولپان دەپ ئورۇن ئالغان شۇ ئاكتىيۇر ئەرتىسلىرىمىزمۇ تونۇپ يېتىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئۇلار ئازغىنا مەنپەئەت (بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتمەك ھەقىقەتان قېيىن) ياكى بېسىم ۋە ياكى بىزگە نامەلۇم ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەقلى گەجگىسىگە ئۆتۈپ قېلىپ يۇقىرىقى ئىنكاسلاردىكى مۇھىم نۇقتىلارنى كۆرۈپ يېتەلمىگەن بولسا كېراك. شۇڭا بۇ قىممەتلىك ئىنكاسلارنى شۇ ئەرتىسلەرنىڭ 10\1 ى ئاڭلاپ كۆرۈپ چىقسىمۇ بۇندىن كېيىن ئويلىشىپراق فېلىم ئىشلەر ۋە ياكى رولغا چىقار، دېمەك زەررىچە بولسىمۇ پايدىسى بار دېگەن گەپ. مېنىڭچە ھەممىمىزنىڭ كىشىگە دېگىلى بولمايدىغان ئۆزىمىز بىلىدىغان دەردىمىز بار شۇڭا «ئېشىكىڭگە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمىنى» دېگەندەك بۇ ئاتالمىش خەلق قەلبىدىكى چولپانلارغا ھەممە گۇناھنى يۈكلەپ بەك ئەيىبلەپ كەتماي يەنە پۇرسەت بېرەيلى مۆھتىرام قېرىنداشلار. مەن ئەگەر ئەيىىبلەشكە توغرا كەلسە ئانارخان رولىغا چىققان شۇ ئازغۇن ئاۋاق شەيتاننى ئەيىبلەيمەن، چۇنكى ئۇنىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرىنى ۋە باشقا فېلىملەردە رولغا چىققان پەسكەش كۆرۈنۈشلىرنى كۆرۈپ نەزىرىمدىن بەكلا چۈشكەن.
بەك ياخشى ئىشلىنىپتۇغۇ بۇ كىنو نەرى يارىمىدىكىن سىلەرگە ياخشىكەن!!!!
ھە بەك ياخشى ئشلىنىپتۇ ھە!!!!كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىپ كاللىڭىزنى بەكرەك ئشىلتىپ كۆرۇپ بېقىڭ.
مەن شۇنداق بىژ ئۆش مۇشۇ كىنوغا
خەلىق ساڭا مىڭلاپ لەنەت دويدۇغۇ….. سەن بىر ئالدامچى ئاق نانچى ھۇقۇقلار بىر مەيلىغۇ….. مەن ئۆتسەملا خەق نىم بولسا مەيلى ،،،،،
مەن پەقەت «ئانارخان» فىلىمى چىقىپتۇ دىگەننى ئاڭلىدىم . كۆرۈشكە پەقەتلا رايىم يوق…
ئاۋۇ نۇمۇس قۇلمايدىغان يۇزى ئىشەكنىڭ ئالدى كەينىدىنمۇ قىلىن قىزبالا قاراپ تۇرۇپ تۇنجى رۇل ئىلىشىم دەپ يالغان سۇزلەۋاتكىننى ھىلقى ئىچكىردە قىرىنداشلىرى بىلەن ئىشلىگەن تالىىشىۋاتقان ئانداق ياخشى فىلىملەرگىمۇ چىككان دەپ دىمەيدىنا نۇمۇ قىلمايدىغان .ئەتەپ تىشىپ شىنجاڭ ئىچىدىن ئادەم ھىقمىغاندەك مۇشۇنداق يۇزى قىلىن تارتىنچاق بىرنىمىنى ئاساسى رۇلغا چىقارغىنى قىززىقتە.
ئىملا خاتالىقى بەك جىققۇ يازالىساڭلا يېزىڭلا دەيمەندە!
ئانارخان فىلىمى ئۇيغۇر جەمئىيتىدە كۈچلۈك ئەيىپلەشكە دۇچ كەلگەنلىكتىن فىلىمدىكى ئارتىسلار كوچىغا چىقىشقا پىتىنالماس بولۇپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن تۇرغۇن ئىمىر تىلەمچى قىياپىتىگە كىۋاپتۇ-دە يولدا كىتىۋاتقان بىر مومايغا يۈز كوي پول بىرىپ:
-مەن كىم تونۇمسىز؟؟
-سىز تۇرغۇن ئىمىر..
-قانداق تونىۋالدىڭىز؟؟
-باشقلارغا دىمەڭ مەن دىلرابا….
ھەي ھەى ماندا ئىشەكلەنىڭ ئۇيغۇرلار ئارسىدىن چىقىپ قالغىننى ئادەم بۇلماس ئىشەكلەر لەنەت
مەنمۇ ياختامىدىم بۇ فىلمنى
ئاچچىغىم بەك كەلدي قۇرۇپ كەتسۇن بۇنداق كىنو.
مەن دەيمەن فىلىمنى بالىلارغا كۆرسىتىش كېرەك، كۆرۈش جەريانىدا فىلىمدىكى بىزنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتىمىز ۋە دىننى ئېتىقادىمىزغا خىلاپ جايلارنى بالىلارغا چۈشەندۈرىشىمىز، نىمە ئۈچۈن شۇنداق ئىشلەنگەنلىكنىڭ سەۋەبىنىمۇ بالىلارغا بىلدۈرىشىمىز كېرەك.
سوراپ باقاي، سىز سىنارىست، رېدىكتور، رېژىسسورى يات مىللەتتىن بولغان فىلىمنىڭ سىزنىڭ خائىشىڭىز بويىچە ئىشلىنىشى مۇمكىنمۇ؟
كوپچىلىككە يەنى بىر نەرسىنى دىگىم كېلىۋاتىدۇ، ئوبرازلارنى نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆچمەنلىكىن قوزغىغىدەك ياراتقان ئارتىسلىرىمىز ھەقىقەتەن ئۇستا ئاكتيوركەن، مىسال:«رېھىمقان» ياراتقان ھەسەن ئوبرازى، شۇنچىلىك رەزىل ھەم پەسكەشكى كىشىنىڭ چانىغىسى كېلىدۇ، مانا بۇ چىن ئاكتيور.
مەن بۇئارتـىسلىرىمىزدىن بەك نەپرەتلەندىم ئانار خاننڭ رولچىسى ئۈلسىچۇ ئۇيفۇر مەن دەپ مىللىتىمىزنىڭ نامىنى بۇلفىفۇچە
بۇ فىلىمگە نىسپەتەن تەنقىدى پىكىرىمىزنى بەرسەكلا بولدى . ئارتىسلىرىمىزغىمۇ ھەم شۇ ، بىراق كىنونى دەپ ئارتىسلىرىمىزنى ئۇنداق تىللاپ ، چۈشۈرۈپ يۈرسەك قەتئىي بولمايدۇ. ئەگەر بىز ئارتىسلىرىمىزنى مۇشۇنداق تىللاپ ، چۈشۈرۈپ يۈرسەك ، ئۇنداقتا بىزنىڭ ئارتىسلىرىمىزنى يەنە كىم كۆتىرىدۇ. باشقىلارما ؟ ياق ، ئۇلارنىڭ يەتمەكچى بولغىنىمۇ دەل مۇشۇ ئىش ئەمەسمىدى . ئانارخان فىلىمىنى بىز « بىزنى ئەسكى ، رەزىل قىلىپ ئىشلەپتۇ» دەپ قاقشاپ كەتتۇق . ھازىرچۇ بىزنىڭ ئارتىسلارغا قىلىپ كەتكەنلىرىمىز بىزنى بەك ياخشى كۆرسىتەرمۇ ، مۇشۇنداق قىلىپ يۈرگىنىمىزنى باشقىلار كۆرۈپ باشقىلار ئىچىدە قانچە كۈلۈپ كەتكەندۇ ھە ~~! ئاشۇ جاپاكەش ئارتىسلىرىمىز ئىلگىرى بىزگە نۇرغۇن كۈلكە ۋە مەنىۋى ئۇزۇق بېغىشلاپ كەلگەن ئەمەسمىدى ، بىز ئۈچۈن كىچە كىچىلەپ ئۇخلىمىغان ئەمەسمىدى ، ئۇلارنىڭمۇ بالىلىرى ۋە ئاياللىرى بىلەن بىرگە خاتىرجەم ئۆتكۈسى يوقما ؟ ئۇلار بۇ ئىشلارنى كىم ئۈچۈن قىلدى . ئەمدى بولغاندا زاى كىملەر ئۇلارنى تىللاۋاتىدۇ. كىم ئۇلارنى چۈشۈرىۋاتىۇ. ئويلاپ باقساق بولىدۇ . نىمە ئۇ بايقۇت قىلىش ئۇختۇرىشى دىگەن ، نىمە ئۇ چولپان ئەمەس چوكان دىگەن . ئىغزىمىزدىن چىقتى دەپ ھەممىنى دىيىش كېرەكما ؟ بىرسى پوق دىسە ھەممىسى پوق بولامدا ؟
نىمىشقا ئەتىدىن كەچكىچە بىز ئۇيۇشقاق مىللەتتۇق دەپ ئاغزىمىزدىن چۈشۈرمەيمىز، لىكىن ئەمىلىيەتتە قىلالمايمىز ، تەنقىدىي پىكىر سۆزلىسەك بولمىدىمۇ ، نىمىشقا تىللايمىز . نىمىشقا چۈشۈرىمىز …….
مىنىڭچە بۇ فىلىمنى ئىشلىمەكچى بولغانلار ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يېتىپتۇ . ئۇلار بىزنى چېچىلاڭغۇ ،ئەسكى ، ئىتىپاقلىشالمايدىغان قىلىپ چىقارماقچى ئىكەنتۇق ، مانا ئەمدى بىزنىڭ ئارتىسلىرىمىزغا قىلغىنىمىزغا قاراپ ، ئۇلار بۇ فىلىمنى توغرا ئىشلىگىنى تېخىمۇ ھىس قىلىپ كىتەر . ئىچىدە يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش فىلىمدىن بىر قانچىنى ئىشلەشكە تەييارلىق قىلىپ بولغاندۇ. شۇڭا دەيمەن . ئەمدى يىتەر ، بولدى بەس ~!
بەزى ئىشلارغا ھەقىقەتەن ئامال يوق، مېنىڭچە مۇشۇنچىلىك ئىنكاسنىڭ چىققىنى تولىمۇ ياخشى ئىش، بىز سۈكۈتتىكى سادا، خوتۇن ئېپ بەر دادا، دەپ يېتىۋەرگەچكە نۇرغۇن قىپقىزىل كىنولارغا پېشكا بولىۋەردۇق، سەۋرنىڭ چېكى، سۆڭەككە يەتكەندە، ئامال يوق مۇشۇنداق چىقىرايدىغان گەپ، بىز خەقتە ئايىقى چىقسىلا ئارتىس تولا، بېشىمىزغا ئېلىۋالمىساق نىم بوپتۇ، ئەجەپ ئالىملىرىمىز، ئۆلىمالىرىمىز ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ،بىلىدىغانلىرىمىز قەدرىگە يەتكەنلىرىمىز چاغلىق، ئالىمنى، ئىلىمنى ئۇنتۇلدۇرىۋاتقان ئەنە شۇ ئارتىس، مىللەتنى تېگىشىۋاتقان ئەنە شۇ تاما………..شا….، ھەق بولدى ئاللا ئۆزى مۇشۇنداق چىرايلىق تەڭشەيدۇ.
ۋاي ئاللاھ بۇرۇنراق ئەزا بولسام بولماسمىدى بۇ تورخۇمارغا ،پۇتۇن قىززىقچىلىق مۇشۇ يەردىكەن ئەمەسمۇ! قېرىنداشلار بىلىمىز شۇل فىلىمنى ئىشلىگەن ئارتىسلارغىمۇ تەس،ھەتتا شۇ فىلىمنى ئىشلىگەن ئارتىسلارنىڭ ئىچىدە مىللەتنى يامان ئىللەتلەرنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يۈرەك قىنىنى سەرپ قىلىپ ئىزدىنىۋاتقان بەزىبىر ئاكتىيورلىرىمىزمۇ بار ،لىكىن شۇنداق دەپلام ئۇلارنى شۇ قىلمىشىغا تۇشلۇق جاۋابكارلىققا تارتمىساق بولارما ئەجەبا، ياق ئۇلارمۇ بىلىپ قالسۇندە سەللە ئارتقاننىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇ قەدەر كەڭ قورساق ئەمەسلىكىنى، غەزەپ نەپرىتىنىڭ ئوچۇقلىقىنى….
تەسىرات ماقالەمنى باشلىۋىتەي!
توۋا خاتا كۆرۈپ قالدىممۇ يا…ئاۋۇ يەردە يالاڭباش سىرىق چاچ خوتۇن تۇرامدۇ نىمە؟نەدىمۇ ئۇ زامانلاردا ئاياللىرىمىز ئۇنداق يۈرىيدۇ؟ يا باشقا مىللەتنىڭ رولىغا چىققانمۇ؟خۇددى رولغا چىققۇدەك خەنلەر ئازدەك دىيارىمىزدا ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارغا ئىگىلىپ تازىم قىلىدىغان رولغا چىقمايدۇ دە…ۋاي-ۋۇي قايسى بىر كۆرۈنۈشلىرىگە يازاي بۇ تەسىراتلىرىمنى ،بىرىنجى قىسىمنى كۆرۈپلا ئاغرىپ قالدىم،بىزلەر ئەمدى بىر بەندىگە رۇكۇ قىلىدىغان بولۇپ قاپتۇدە،بۇ ھە دىسلا تازىم قىلىپ كۈچۈكلىنىدىغان ئىللەت بىزدە نىمە قىلىدۇ ،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەكسىنى ئىشلەپ قويۇپتۇ…ماۋۇ ئارتىسلارغا بولۇشۇپ يىزىلغان ئىنكاسلارنى شۇ كىنودىكى رولغا چىقىقانلار يىزىۋاتامدۇ يا……………………
ئانارخان دىگەن كىم؟
ھەي…………………………………………………..!؟
مەن مۇنداقلا بىرقىسىمنى كۆرۈپ باقتىم، ئۇنىڭدا باينىڭ قىزنىڭ نىكاھىنى ئوقۇيدىغان ئىمامنىڭ قۇلىقىدا ئېغىر مەسىلە بارلىقىنى بايقىدىم…
Hamma adam kalbidikini sozlaydu …
insan nig kalbida kandak yashash arzusi bolsa shundak sozlimay amali yoq …
likin bilip kiling lar , biz islam dinni kubul kilgilimu 10 esir bolmidi digan dimu 7 yaki 8asir boldi .. islam dinida allahdin bashka harkandak anrsiga tazim kilish imandin chikip kitish digan gap .. u dawir da islam dini tehi uyghur larda umumlashmighan digan larning aghizigha mawu kiri taytay lar kayniga seliwilip oyida bilmisini yalap yatidighan itni chishturup shu itning pokini aghizigha sap koysa boldu, chunki islam dini umumlashmisa damolla digan ishak bakam da …
man bulay yaki man din bashkisi bolsun hakiki , uyghur aeilisida toghulup hayatning achchik chuchikini bishidin utkuzgan ata anisi uyghur musulman , namaz ukuydighan la uyghur balisi bu kino gha narazilikini bildursa boldu ..
u artis la da amal yok diguchilar ga bolsa shundak jawap biriman ki artislik kilmay mu jan bakkili bolidu , man artis amas dadam artis amas anam artis amas ya bizning tukkan laning ichidin birasi artis amas , likin hal ahwalimiz allah gha shukri ach kalmaymiz sirtta yitip kalmaymiz , chat algimu aeila buyicha chikip nachcha dolatni aylinip kalduk …
rizik ni hizmat amas Allah biridu isingiz da bolsun na ahli , hizmiti ba ustida bashliki ba dap bashlik nima disa shuni kildighan laning haligha way … kiyamat kuni sorak kuni allah aldida man fani alamda tuprak bop kalsam chu dap nala kilidu ..
artislar gha yana kimlar ga yam baskan la silardin bir sual sorighum bar , ata -aningiz nig bira kitim namaz ukighinni yaki sizni namaz uku digini isigiz da bamu ?
bira kitim sizga musulman bulush digan nima dap sozlap badimu ?
yaki sizga kandak taharat ilish ni kandak namaz ukushni sozlap birip baktimu ?
boldi man yana gap kilmay … yana gap kilsam kungul sozlirim roman bop tizilghudak ..
———-
تەخەللۇس
uyghur cha hat yazalmighinim uchun mushundak yazdim , tuzutup ukuwalasilar
ئوغۇل بالىدەك گەپ قىلىپسىلە قوللايمەن
باشقۇرغۇچى ئەپەندى خاپا بولماي ئاۋۇ بۇلاڭچىنىڭ يازغان ئىنكاسىنى ئۆچۈرۋەتكەن بولسىڭىز،مەن بولسام (چانايمەن) دىگەن شېئىرنىڭ ئاپتورى ئەنىۋەر ئەمەت ئەزىز بولىمەن بۇلاڭچى يوللىغان ئىنكاستىكى شېئىر مىسرانىم مۇنبىرىغا يوللانغان (ئانارخان فىلىمىدىكى كۆز يۇمۇشقا بولمايدىغان نۇخسانلار) دىگەن تېمىغا يېزىلغان ئەلكىن مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى دانىشمەن ئىككىمىز يېزىشقان (ئارتىسلارنى چانايمىز) مەزمۇندىكى مۇشائىرە ئىدى . مۇشۇ مۇشائىرە يېزىلغاندىن باشلاپ كۆپ جايلاردا كۆچۈرۈلۈپ تارقىتىلىپ جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسىدىن كۆپ ئاۋارچىلىققا ئۇچىراۋاتىمەن. مېنىڭ يەنە ئاۋارچىلىقتا قالغۇم يوق شۇڭا خاپا بولماي يۇقاردىكى ئىنكاسنى ئۆچۈرۋەتكەن بولسىڭىز…
بولىدۇ. تەلىۋىڭىزگە بىنائەت ئۆچۈرۈلدى
مەنغۇ كۆرۇپ باقمىدىم لىكىن كۆرۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن! چۇنكى ئارتىسلىرىمىز ئىشلىگەن كىنولارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ چىنلىقى يوق ياكى بەكلا كۆپتۇرۋىتىلگەن ! كىنونىڭ ياخشى بۇلىشى مەسىلە ئارتىسنىڭ كىم بۇلىشىدا ئەمەس بەلكى كىنونىڭ مەزمۇنى باشقىلارغا بەرگەن تەسىرى ! ھەركاللاىدا ھەر خىيال ھەممىىز ئۆزىمىزنىڭ ئويلىغىننى دەيمىز باشقىلارغا سەن توغرا قىلدىڭ سەن خاتا قىلدىڭ دەپ سۆزلەپ قويىمىز بۇنىڭ خاتاسى يوق.
ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ قىلغىننى توغرا دەپ قارىشى ئىنىق چۇنكى مەندە بار كاللا سىزدىمۇ بار ئۇلاردىمۇبار ھەممىمىز ئۇزىمىزنىڭ قارىشىنى توغرا دىگەچكىلا پىكىر يېزىۋاتىمىز . ئاخىردا دەيدىغىنىم باشقا تور بەتلەدىكى ئىنكاسلار ۋە بۇتوربەتتىكى ئىنكاسلار دىن بۇ فىلىمنى قوللاش ياكى قوللىماسىق نى % گە سىلىپ باقىدىغان بولساق چىقىپ تۇرۇپتىكى بۇ «ئانارخان» ئىنىقلا ناچار ! ئەزەلدىن كۆپ سانلىق نى ئىگىلىگەن تەرەپنىڭ توغرا دەپ قارىلىدۇ چۇنكى شۇ قاراشنى توغرا دەيدىغان كاللا خاتا دەيدىغان كاللىدىن كۆپ .
بىر ئادەمدە پەقەت بىرلا كاللا بار
مەن مۇشۇنداق ئويىلىدۇم
دۇنيادا ئۆز تارىخى باشقا مىللەت تەرپىدىن يىزىلدىغان مىللەت نىمدىگەن بىچچارە مىللەت ھە…..
كەچرۈڭلا كەم بوپ قاپتۇ باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئارقىلىق ئۆز كەمچىللىكىنى يىڭىش ئاقىلانە ئۇسۇل دىمەكچى
ئانارخان.. قانداق فىلىمكەن ئۇ؟؟؟ مەن ئاشۇنى يېرىم قىسىممۇ كۆرمىدىم جۇمۇ…
بىزنىڭ كومپارتىيە ۋە ھۆكىمىتىمىز باش بولۇپ چىقارغان كىنو بولغانكى بەك تەسىرلىنىپ كەتمەي دەپ كۆرمىدىم. ھۆكىمەت بىر قوللۇق ئىشلىگەن بولغانكى ئەلىۋەتتە (پەچەت) چىقىدۇ دە….
چوڭقۇر مەسخىرىلىك كۈلكە بىلەن ئانارخاننى ئەسلەيمەن
مۇشۇ ئانارخان فىلىمى قۇيۇلغاندا بىزنىڭ يېزىدا مەجلىسخانىغا يىغۋېپتۇرۇپ كوسەتتى دەيسىلە تېخى تەسىرات سوزلەتتى ئاجايىپ ماز كىنو بۇ
لىكىن قارا باللا،نېمە دىسەك شۇ بىر خىل خىيال ،بىراق ھازىر كىشىلەر بەك ھۆكۈمەتنىڭ دەردىدىن نەفسى-خاھىشىدىن ھىس قىلىپ قالارمىدى. بىراق مەنمۇ بار.تەڭرىگە بولغان ئېدىقاد تىن ھىسقىلىشىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ. رەھمەت ئوقۇغىنىڭلارغا .
قېرىنداشلار سوغۇققان بۇلۇڭلار ، سەۋىر قىلىڭلار ، بۇ كىنوغا بۇنچىلىك قىلىپ كىتىش ئەرزىمەيدۇ ، بىلىسىلەرغۇ بۇلارنىڭ ياپوننى سۈكۈپ ئىشلىگەن كىنولىرىنى ، ئۇنىڭ ئالدىدا
بۇ نىمىتى