جەڭگىۋار روس مىللىتىنىڭ كىشىنىڭ تەسىرلەندۈرىدىغان يەنە بىر خىل تۇرمۇشى
ئۇ دۇنيانى گۈزەللىككە ئىگە قىلىدۇ، ئۇ كىشىلەرگە ئۈمىدنى، ياشاشنىڭ ئەھمىيىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ، ئۇ كىشىلەرنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدۇ. ئۇ بولغاچ بۇ دۇنيا ئادەمگە شۇنداق بەختلىك تۇيىلىدۇ، ئۇ بولغاچ ئادەم ئادىمىيلىكىنى يوقاتمايدۇ، ئۇ بولغاچ ھەممە يەر كۈلكە، ئاقكۆڭۈللۈككە پۈركىنىدۇ، ئۇ مېھىر-مۇھەببەتتۇر.
مېھىر-مۇھەببەت ھەرخىل شەكىلدە ساقلىنىدۇ ۋە ئىپادىلىنىدۇ،ئۇ مەڭگۈلۈكمۇ بولىدۇ،بىردەملىكمۇ بولىدۇ.مېھىر-مۇھەببەت ئۆز-ئارا كۆيۈنۈش،ئۆز-ئارا ئىشىنىش،ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى ئاساسىي ماتېرىيال قىلىدۇ.مېھىر-مۇھەببەتلىك ئادەم باشقىلارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە ئېرىشەلەيدۇ،ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ.
تۆۋەندىكى سىن ئارقىلىق روسىيىلىكلەر دۇنياسىدىكى ئاددىيغىنە لېكىن چوڭقۇر بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى بىرلىكتە ھېس قىلىپ باقايلى.
تورداش yaxa10 نىڭ تەۋسىيەسىگە رەھمەت
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تەسىرلىك، تۇرمۇش، سىن، مۇھەببەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 14,964 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 13-كۈنى
- يازما مەنزىلى: kind-russian.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يېڭى «ئانارخان» ھەققىدە سۆھبەت | ئانارخاندىن نىمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز ؟
- كېيىنكى يازما > 21-ئەسىردىكى خاسىيەتلىك پالۋانلار – يەنە بىر يۈرۈش قاننى ئۇرغۇتىدىغان كىرىشتۈرمە فىلىم
- ھوللىۋود سەھىيسىدىكى قىسقا فىلىم – ئانا مۇھەببىتىنىڭ قۇدرىتى
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- مۇھەببەت ھەققىدىكى تەسىرلىك قىسقا فىلىم – سوۋغا
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- مۇكاپاتقا ئېرىشكەن دوستلۇق ھەققىدىكى تەسىرلىك كارتون فىلىم – قەيسەر يىگىتلەر
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- روسىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ھەقىقىي تۇرمۇش نۇسىخىدىكى GTA 5 | بەزى كۆرۈنۈشلەرگە قاراپ توۋا دەپ قالىسىز
مەن ئەزەلدىن روسلارنى ياخشى مىللەت دەپ ( تۇلكە )
مەن ئەزەلدىن روسلارنى ياخشى مىللەت دەپ قارىمەيمەن ئۇلار يىلىگەر تۇلكىگە ئۆخشايدۇ
رۇس دېگەن بىر-ئىككى كىشىدىن تەركىب تاپقان مىللەت ئەمەسقۇ؟ئەسكىسىمۇ بار،ياخشىسىمۇ بار،ئوغرىمۇ بار،ساخاۋەتچىمۇ بار…ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەيلى…
مەن روسلارنىڭ فىلىملىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرىمەن. بولوپمۇ ئۇرۇش تەسۋىرلەنگەن كونا فىلىملەرنى.
روسلار ھەقىقەتەن جەڭگىۋار مىللەت
راستىنلا ئاق كۆڭۈلكەن
دۇنيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر
سۆيۈپ قويدىيا ئا گۇينى! خەق بىلىپ قاسا نېمە دەيمەن دېمەي.
ئەمەلىيەتتە بۇ سىن ھەرگىزمۇ روسلارنىڭ پەزىلىتىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. روسىيەدە 70 پىرسەنت ماشىنىدا مۇشۇنداق كۈزىتىش ئاپارىتى سەپلەنگەن دېگەن بىر ئۇچۇرنى كۆرگەن. شۇپۇرلارنى قاقتى سوقتى قىلىدىغان ئىش ئەڭ جىق دۆلەت بۇ.
روس چوشقىلرىغا بەك ئۆچ مەن چۇنكى بىزنى مۇشۇ ‹ياخشى تۇرمۇش›قا ئاشۇلار ئېرىشتۈرگەن .
ماۋۇ سىندىكىسى موسكىۋانىڭ بىرقىسىم يەرلرىدىكى ئىشلاركەن،باشقا يەردە قانداق بىلمىدىم،كۆرۇپ بىقىپ بىرنىمە دىگۇلۇك بۇ روسلارغا… http://v.youku.com/v_show/id_XNTUzNjQ1NDI4.html
روسلارنىڭ ئىچىدىمۇ ھەرخىل ئادەملەر بار . روسلارنى بىزگە ئەسكى كۆرستىپ قويغىنى ئۇلار ئەمەس ،بەلكى ئۇلارنىڭ ھۆكىمىتى ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى سىياسيونلار. روسىيىدە، ماشىنلارنىڭ ئالدىغا كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورۇنلاشتۇرۇرۇلغىنى راست. بۇ فىلىمدىمۇ روسيىدىكى ياخشى ئىشلار تەسۋىرلىنىپتۇ، مەنچە ئۇيغۇرلار بۇ خىل پەزىلەتتە رۇسلاردىن ئېشىپ كەتسە كېتىدۇكى ھەرگىز قالمايدۇ. خەنلەر ھەيران قالغۇدەك ئىشلاركەن مەن ھەيران قالمىدىم.لېكىن تەگ مۇزىكىسى يارىدى …
ياخشىنى ياخشى دېگۈلۈك يامان بولسا يامان ، بىرمىللەتنىڭ بىر ئادىمىنىڭ مەلۇم بىر ئىشى سەۋەبلىك پۈتكۈل بىر مىللەتكە ھۆكۈم چىقىرىش ئەخمىقانىلىق ئەينى ۋاقىتتىكى روس ھۆكىمىتى ئۆزنەپىسىگە چوغ تاتقاچقا بىز ئۆچ !
ئۇغۇر مىللىتىنىڭ ھەقىقى دۈشمىنىنى مۇشۇ روسلار دىيىشكە بولىدۇ مىنىڭچە
قىرىندىشىم بىر ‹ي› چۈشۈپ قاپتۇ،ئۇيغۇر دەڭ
قايسى ئۇغۇر مىللىتىنى دەيسىز
مىنىڭچە ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ياخشى يامان ئوبرازلىرى تەڭ مەۋجۇت،پەقەت زىدىيەتنىڭ ئاساسلىق تەرىپى شەئىينىڭ خۇسۇسىيىتىنى بەلگىلەيدۇ،يەنى بىز بىلىشكە مۇيەسسەر بولغان، بىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان تەرىپىدىكى سەلىبي ياكى ئىجابىي بولۇشى بىزنى شۇ شەئىيگە جۈملىدىن مۇشۇ روس مىللىتىگە بولغان كۆز قارىشىمىز تونۇشىمىزنى بەلگىلەيدۇ،بەلكى بىز ئەسكى بولمايدۇ دىگەن مىللەتنى باشقىلار بەك يارام ياخشى مىللەت دىيىشى مۇمكىن،
ئەمما كىسىپ ئىيتىشقا بولىدىكى بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋەتەنسىز بولۇپ دىنسىزلىشىپ كۈنسىرى كاپىرلىق پاتقىقىغا چۆكىشىمىزگە شۇنداقلا مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ پارچىلىنىشىغا تاشقى سەۋەپ بولغان بىر ئامىل.شۇڭا بىر قىسىملىرىمىزنىڭ يامان كۆرۈشى تەبىئي ئەھۋال.ئەمما ياخشى كۆرۈش بىلەنمۇ ھىچ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدۇ، بىزنىڭ بۇيەردە بىلىشكە تىگىشلىك ئىشىمىز مىللەت نۇختىسىدىن چىقىپ باھالاش ئەمەس بەلكى مىھرى مۇھەببەتنى ئازىراق ھىس قىلىش.ئوخشىمىغان ماكاندىكى ئوخشىمىغان مۇھەببەت شۇنداق مەنىلىك تىما ئىكەن بۇمۇ….
چىن ئىنسانىيلىقىنى يوقاتمىغان ئادەملا دۇنيادا ئەڭ گۈزەل ئادەمدۇر.
ئۆتكۈر ھاشىموفنىڭ مۇنداق بىر بايانى ئېسىمدە تۇرىدۇ: «ئادەم دۇنيادا ئاش- نانغىمۇ، مال- دۇنياغىمۇ، ھوقۇق- مەرتىۋىگىمۇ، ھەتتاكى ئۆمۈرگىمۇ تويىدۇكى، بىر نەرسە بار ھىچكىم تويماي ئۆتۈپ كېتىدىغان. ئۇ بولسىمۇ مېھىر- موھەببەتتۇر. بىر ئېغىز تاتلىق سۆز، خۇش مۇئامىلە ئارقىلىق خەستە دىللارغا خوشاللىق ئاتا قىلىپ، مىسكىن يۈزلەردە تەبەسسۇم جىلۋىلەندۈرۈشتىنمۇ ئاسان ئىش يوق. بىراق بىزلەر شۇنچىلىك كىچىككىنە ئىشقىمۇ پىخسىقلىق قىلىپ ياشاۋاتىمىز…»
باللا ئۇنتۇپ قالدىڭلاما …. بۇرنقىنى قۇيۇپتۇراي 70 – يىللاردا بىزنى روسقا باغلانغان ئۇنسۇر دەپ زىندانلارغا سولاپ قويغان … بۇ روسلارنىڭ دەردىنى ئاز تارىتمىدۇق بىز .. … باشقىلارغا ھەۋەس قىلىشتىن بۇرۇن ئۇزىمىزنىڭمۇ قالتىس ئىنسان ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى .. بىز ھېلىمۇ باشقىلارغا قارغۇلارچە ھەۋەس قىلىشنىڭ زىيىنىنى ئاز تارىتمىدۇق … مەسلەن بەزەنلەر ئامرىكا ۋە ياۋرۇپالارغا ھەۋەس قىلىشىدىكەن .. يىنە بەزەنلەر ئەرەپلەرگە ھەۋەس قىلىشىپ ياشاپ يۇردى .. يىنە بەزەنلەر روسقا .. بەزەنلەر خەنلەرگە .. يىنە بەزەنلەر ھىندىلارغىمۇ ھەۋەس قىلىشتى .. مەيلى بىز كىمگىلام ھەۋەس قىلمايلى بىز بەرىبىر بىز …. باشقىلارغا قارىسىغا ھەۋەس قىلىش ئۇلارنى قارىسىغا دوراش مەڭگۇ باشقىلارنىڭ كەينىدىن مىڭىش ئومۇلەش مەڭگۇ مەغلۇپ بۇلۇشتۇر ..
باشقىلارنى چوڭ بىلىدىغان ئەمما ئۇزىمىزدىكى ئىسىل ئەزىمەتلەرنى تۇنىمايدىغان قىلمىشتىن يىراق تۇرىشىمىز كىرەك ..
روسلار ئۇنداق مۇنداق دىمەيلى،ئۇيغۇرلار ئۇنداق مۇنداق دەيدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس، بىرنەچچە ئىشنى كۇرۇپ بىرمىللەتكە باھا بەرمەڭ، مۇسۇلمان ئارىسىدا كاپىر مۇناپىق بولغىنىدەك، شۇلار ئارىسىدىمۇ ئىسىل ئادەملەر يوق دىيەلمەيمىزئەلۋەتتە . شۇ بىز تىللاۋاتقان كىشىلەرچىلىك ياخشى ئىتىن بىرنى قىلىپ باققانلاردىن قانچىمىز بار ھە……………..
قوشۇلسىڭىز قىزىل خەتنى بېسىۋېتىڭ ماقىما
بىزنىڭ ئۈنتۈنسىز قىلۋاتقان ياخشى ئشلىرىمىزنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئۇئىشلىرنى تىلغا ئالغۇچىلىكى يوقۇ، بىزنىڭ مىللەتەك ئاق كۆڭۈل مىللەتلەر ئازمىكىن دەيمەن.
ئاغىنىلە.. ئۇنىمۇ دىدۇق بۇنىمۇ دىدۇق. توردىشىمىز كىكەچ يوللىغان تور ئادرىسىنى كۆرۈپ بېقىڭلا… ( سىنغا ئېلىنغىنى روسلارمۇ ياكى باشقىلارمۇ بۇنى بىلمىدىم )باشقىلار ئۇرۇشۇپ قالسا ھېچكىمنىڭ كارى يوقكەن. لېكىن بىرەر مۈشۈك يولدىن ئۆتۈپ قالسا ماشىنىلىرىنى توختىتىپ يول بېرىدىكەن. ئاۋارىچىلىككە يولۇقۇشتىن قورقامدۇ يا بۇخەخ. خۇددى بىزنىڭ مالىمدەك!
بۆرىسى يوق ئورمان بولماس ، ئوغرىسى يوق (شەھەر) دىگەندەك – ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ياخشى تەرىپىمۇ ، يامان تەرىپىمۇ بار .
بۇ دۇنيادا ياخشى ، مېھىر – مۇھەببەتلىك ئادەملەر،ھامان يامان ئادەملەردىن كۆپ ……
ياخشى تېما ئىكەن … مۇھەببەت ياشنىسۇن …………
بۇسىننى كۇرۇپ بۇلتۇر توردا كۆرگەن بىر سىن ئىسىمگەكەپقالدى بۇ ئارقاكۇچىغاقۇيۇلغان كامىراغا چۇشۇپ قالغان كۇرۇنۇش ئىكەن تورداشلارمۇ كۆرگەن بۇلىشى مۇمكىن بۇنىڭدا كۇچىدا ئويناۋاتقان 5ياشلاردىكى بىربالىنى قارشى تەرەپتىن بىرماشىنا ئاستا كىلىپ سۇقۇپ يىقىتىپ پۇتىنى يۇتىسىدىنلا دەسسەپ ئۈتۈپ كىتىدۇ بالا جان تالشىپ قالىدۇ ئادەمنىڭ غەزىۋىنى قوزغايدىغىنى بۇيولدىن كۈپكۈندۈزدە ئۆتكەن قىرىق نەچچە ئادامنىڭ ھىچقايسىسى قۇتقۇزۇشقا ھەركەت قىلىپ قويمايدۇ پەقەت بىر ئەسكى تۈسكى تەرگۈچى ئاقكۈڭۈل مۇماي ئەخلەت خالتىسىنى سۆرىگەندەك سۆرەپ بىرچەتكە تارتىپ قۇيىدۇ بۇنىمە دىگەن تەسىرلىك كۈرنۈش ھە يەرشارىدا پەقەت ئىككىلا مىللەت مۇشۇنداق خۇسۇسىيەتكە ئىگە باشقا پىلانتتاقانداقلىغىنى بىلمىدىم لىكىن يەرشارىدا باشقا ھەرقانداق مىللەت بۇنداق ئىشنى كۆرسە يۇرىكى ئېچىشىدۇ
روسلارنى قىرىپ تاشلاش كېرەك!!!
مۇشۇلا راسمىدۇ؟
بۇرادەرلەر شۇنى ئۇنتۇپ قالمايلى قۇرئاندا بىزنى ئادىل بولۇشقىمۇ چاقىرغان،روسلارنىڭ شۇ تۇلكىگە ئۆزگىرىپ كىتىشىدىمۇ بىزنىڭمۇ ھەسسىمىز بارغۇ دەيمەن. ئەينى ۋاقىتتا كىم يامانغا يانتاياق بولۇپ چىڭگىز دىگەن قانخور بىلەن بىرلىشىپ ئۇخلاپ ياتساق چۇشىمىزگىمۇ كىرمەيدىغان كىيىۋ،ياروسلاۋل،سۇزدال،رىيازان قاتارلىق يەرلەرگە باستۇرۇپ بېرىپ بىز بىلەن ئاداۋىتى يوق روس خەلقىنى(شۇ چاغلاردا) قىرغىن قىلغان!ئىنساب بىلەن سۆزلەيلى !ئەگەر مىللەتنى ياخشى يامان دەپ ئايرىشقا توغرا كەلسە، بىزنىمۇ ھاغىچە تىل ئاھانەتلەر كۈتۈپ تۇرۇپتۇ.شۇڭا دوستلار يۇقارقى كورۇنۇشتىن ئۈلگە ئالايلى،ھەق ناھەقنى ئېنىق ئايرىيلى!