بالمېرنىڭ قورقۇنچلۇق چۈشى يېتىپ كەلدىمۇ؟ مىكروسوفتنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشىدىكى سەككىز سەۋەپ
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بالمېر(Steve Balmer) مىكروسوفتنىڭ مۇدىرىيەت يىغىنىدا %93 لىك قوللاش نىسبىتىگە ئېرىشكەن، ئەمما ھېلىھەم بەزىلەر ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. يەنە بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، بالمېر تەخىتتىن چۈشۈپلا قالماي، مىكروسوفتمۇ ھالاكەتكە قاراپ مېڭىۋېتىپتۇدەك. گەرچە مىكروسوفتنىڭ ھالاك بولۇشىغا يەنە خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىل بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بەزىلەر مىكروسوفتنىڭ ھالاكەتكە قاراپ يۈزلىنىشىدىكى سەككىز سەۋەپنى تىزىپ چىققان…
1. iPad نىڭ PC بازىرىنى يۇتىۋېلىشى
بۆرە كەلگىلى خېلى ئۇزۇن بولدى، يېقىنقى سىتاتسىكىلارغا قارىغاندا، iPad بازارغا سېلىنغان بىر يىل ئىچىدىلا بازار كۆلىمى PC نىڭ %13 گە يەتكەن، ناۋادا iPad نىمۇ PC نىڭ بىر تۈرى دەپ ھېسابلىساق، ئۇنداقتا ئالما ناھايىتى تېزلا HP دىن ئېشىپ(ئاللىقاچان ئېشىپ كەتتى) يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭ PC ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى ئائىلە ئىشلەتكۈچىلىرىگە قارىتىلغان.
2. سودا ساھەسىدىكى windows PC نىڭ ئازىيىشى
كارخانىلار ھەممىسى ئىستېمالچىلارنى ئاساس قىلىدۇ. ناۋادا ئىستېمالچىلارمۇ Windows ئىشلەتمىسە، ئۇنداقتا ئىشخانا سورۇنلىرىدىكى Windows مۇ بارا-بارا يوقىلىشقا قاراپ ماڭىدۇ. بىر قانچە يىللار ئاۋال، ئامېرىكىدا نۇرغۇن خىزمەتچىلەر IT بۆلۈمىگە Android ياكى iPhone يان تېلېفون سەپلەپ بېرىشنى توختىماي تەلەپ قىلىش باشلانغان. ھازىر، يەنە iPad ئويناش مودا بولدى. گەرچە Android ھازىرچە پەقەت كۆچمە ئالاقە ساھەسىدە تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما Google نى بىرەر ئىش چىقارمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ، ھالبۇكى Windows 8 بولسا تېخىچە بازارغا سېلىنىپ بولالمىدى.
3. Windows 8 نىڭ iPad بىلەن تۆر تالىشىشى ئۇنچە ئاسان ئەمەس
بالمېر Windows 8 نى مىكروسوفتنىڭ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن زۆرۈر پىشكا قىلىپ دوغا تىكتى. ئەمما، ۋاقىتنىڭ ئۆزى بىر ئامەت، پۇرسەت قولدىن كېتىپ قالسىلا چاتاق. ھازىر ئەمدى تاختا كومپيۇتېر قىلىمەن دېسە، ئاللىقاچان كېچىكتىكىمىن؟
4. مىكروسوفت سۇپىسى نۇرغۇن ھەمكارچىلىرىدىن ۋاز كەچتى
بۇنىڭدا ئاساسلىق كۆزدە تۇتىدىغىنىمىز، Win8 مىكروسوفتنىڭ ئاشۇ نۇرغۇن يىللاردىن بۇيانقى ھەمكارچىلىرىنى ئۆزىدىن بارا-بارا يىراقلاشتۇرىۋاتىدۇ. تاختا كومپيۇتېر تور كۆرگۈسى ئېچىش ئۈچۈن ئاساسلىقى HTML5 ۋە JavaScript ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ، ئەمما بۇ يىللاردىن بېرى، مىكروسوفتنىڭ ئاساسلىق كۈچەۋاتقان سۇپىلىرى NET ۋە Slieverlight بولدى. Win8 بىرلا چىقسا، ئاشۇ كاتتىۋاشلار ھەممىسى باشقا چىقىش يولى ئىزدىمەي ئامال يوق.
5. Windows Phone ۋە NOKIA نىڭ تازا ئاقمايۋاتىدۇ
Windows Phone يان تېلېفونى ھازىر پەقەت %2 ئەتراپىدا بازار ئىگىلىگەن. مۇۋاپىقىيەت ھەمىشە مۇۋاپىقىيەت قازانغان سۇپا ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ، ناۋادا ئىككى يىل ئىچىدە WP نىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %10 تىن ئاشالىسا، ئۇنداقتا يەنىلا ئۈمىد بار.
6. Office نىڭ كۆلىمىنىڭ كىچىكلىشى
Office ئىزچىل مىكروسوفتنىڭ ئاساسلىق تىللا دەرىخى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما مەسىلە شۇكى، Office ۋە Windows خۇددى ئاكا-ئۇكىلاردەكلا بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، ناۋادا Windows بولالمىسا، ئۇنداقتا Office يەنە نەگە بارار؟
7. مىكروسوفتنىڭ باشقا تۈرلىرىنىڭ كىچىكلەپ بېرىشى
Windows ۋە Office مىكروسوفتنىڭ يادرولۇق تۈرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، ناۋادا بۇ ئىككىسىدىن چاتاق چىقىپ قالسا، ئۇنداقتا شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن تۈرلەرنىڭ كۈنىمۇ تەسكە چۈشىدۇ، مەسىلەن Exchange، SharePoint دېگەندەك.
8. سۇپا تىجارىتىنىڭ يىمىرىلىشى
ناۋادا يادرولۇق تۈر ۋە ئەتراپتىكى تۈرلەر ھەممىسى يىمىرىلىشكە باشلىسا، ئۇنداقتا ئۆتكەنكى 10 يىلدا مىكروسوفتنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز بولغان مۇلازىمېتىر قورالى(Server & Tools) مۇ يىمىرىلىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ. بۇ ئىككى تۈر ئاساسلىقى Windows مۇلازىمېتىرى(يىللىق سېتىلىش مىقدارى ئالتە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا) ۋە SQL مۇلازىمېتىرى(يىللىق سېتىلىش مىقدارى تۆت مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا)نى كۆرسىتىدۇ. كىرىمنىڭ ئاساسلىقى مۇشۇلار ۋە Exchange، SharePont قاتارلىق شۇلارغا باغلانغان مۇلازىمەتلەردىن كېلىدۇ.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، مىكروسوفتنىڭ يەنە قانچىلىك ئۆمرى قالغاندۇ؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: Microsoft، windows، ئانالىز، تەرەققىيات، شىركەت، كارخانا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,715 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 06-كۈنى
- يازما مەنزىلى: 8reasons-why-microsoft-will-die.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > EXOdesk – كۆپ نۇقتىلىق سېزىمچان ئېكران شەكلىدىكى كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ كەلگۈسى!
- كېيىنكى يازما > 8000 تال تاماكا قېپىدىن پايدىلىنىپ ياساپ چىققان Lamborghini ماركىلىق «تاماكا تاشلاش» ئاپتوموبېلى
- بۇ يىل يازدا ھەقسىز Windows 10 سوۋغا قىلىنىدۇ، 3D كۆزەينەكنى پۇلغا ئالىسىز
- ئىرانلىق فوتوگرافنىڭ كامېراسىدىكى ئىران: رەھىمسىز دۇنيانىڭ يەنە بىر خىل قىياپىتى
- مىكروسوفتقا قايتىپ كەلگەن بىلگەيتىس بىر كۈن ھەپىلىشىپ Win8.1 نى قاچىلىيالماپتۇ
- نوكىيا ئاندروئىد تۇمانلىرى : Google قوللاشقا ئېرىشىدۇ، مىكروسوفت نەپكە ئېرىشىدۇ
- سىستېمىڭىزنى ئاجايىپ كۆركەم قىلىپ بېرىدىغان بىر ياخشى قورال – XLaunchpad
- شەخسى ئۇچۇرلىرىڭىز راستىنلا مەخپىيمىدۇ؟(2)
- ئوچۇق كود توغرىسىدا بىر قىسىم ئوي-خىياللىرىم
- ئالمىنىڭ تىجارەت تاكتىكىسى – iPhone 5C ھەرگىزمۇ ئەرزان باھالىق ئايفون ئەمەس
- Microsoft شىركىتى Nokia نىڭ يان تېلېفون كەسپىنى سېتىۋالدى
- مىكروسوفت CEO سى سېتۋى بالمېرنىڭ 57 يىللىق ھاياتىغا نەزەر
مىكروسوفتنىڭ كۆچمە قوراللار بازىرىدىكى ئىنقىلابى قاچان كېلىدىكىن، كەمىنىنىڭ قارىشىچە بەش يىل ئىچىدە چۇقۇم بىر ھەيرانۇ ھەس تۈر ۋۇجۇدقا چىقىدۇ
مەن مىكروسوفىتنىڭ سادىق ئىشلەتكۈچىسى ، ھىس قىلىشىمچىمۇ ، مىكروسوفىت مەھسۇلاتنىڭ يېڭىلىش ۋاقتى سەل ئۇزۇن، ۋاقىت ئاتقان ئوق دىمەكتۇر ، بازاردا ئالتۇن دىمەكتۇر، ھازىر مكروسوفىتىنىڭ رەقىبلىرى ئاز ئەمەس . گەپ ئەمدى مىكروسوفىتنىڭ كىيىنكى قەدەملىرىنى قانداق ئېلىشىدا ، ئەگەر بۇرۇنقى ئەندىزە ئۆزگەرتىلمىسە ، زاۋاللىققا يۈزلىنىشى مۇمكىن !
مېنىڭچە مىكروسوفتنىڭ يوقالغىنىنى كامىدا بىز كۆرەلمەيمىز، بالىلىرىمىز كۆرسە قانداقكىن؟ ھەرخىل فونلار ھەرخىل پەدلەردىن بىردەملىك ھاياجانلىنىپ ئۇنى بۇنى دەپ باققىنىمىز بىلەن، ئۆزىمىزنى تۇتىۋېلىپ سوغۇق قانلىق بىلەن ئويلىنىدىغان بولساق ھازىر دۇنيا PC دىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلالمايدۇ. مېنىڭچە Windows تىنمۇ شۇنداق.
مەنچىمۇ مىكروسوفتنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشىگە خېلى بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. لېكىن سودا ساھەسىدە پۇرسەت دېگەن بەك مۇھىم نەرسە. ئالمىمۇ يان تېلېفوندىن ئىبارەت بۇ پۇرسەتنى ئوبدان تۇتۇۋېلىپ NOKIA نى تەخىتتىن چۈشەردى، شۇنىڭدەك، ئەتە ئۆگۈن يەنە نېمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ، بۇنى ھېچقايسىمىز بىلمەيمىز.
بىز شۇ قۇدۇق ئىچىدىكى پاقا بولغاچقا مۇشۇنداق تەپەككۇردىن خالى بولالمايدىكەنمىز، ئەمەلىيەتتە ئالمىنىڭ جۇڭگودىكى ھالىتى بىلەن باشقا دۆلەتلەردىكى ھالىتى تۈپتىن پەرقلىنىدىكەن. قىزىقىدىغانلار توردىن ئىزدەپ باقساڭلار بۇلىدۇ. BlackBarry نىڭ ئامرېكىدىكى بازار ئىگەنلىشىدىن بۇ نۇقتىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.
4يىل بۈرۈن NOKIA نى بۈگۈنكى كۈنگە قالدۇ دىسە ئىششىنەمتىڭىز؟
IE نىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنىلىشىنى ھېچكىم خىيالىغا كەلتۈرمىگەن، ئەمما fiefox بېلەن chrome ئۇنىڭ 50% بازىرىنى يەپ كەتتى. مىكروسوفت مەشغۇلات سىستېمىسى قولايلىق تەرەپلىرىمۇ جىق ئىدى، ئەمما مەشغۇلات سىستېمىلىرىمۇ قاراپ تۇرمايدۇ-دە! رىقابەت بولمىسا تەرەققىيات بولمايدۇ! بۇلارنىڭ رىقابىتى قانچە كۈچەيسە پايدىسى ئىشلەتكۈچىلەرگە بولىدۇ. كىملا ئۇتۇپ چىقمىسۇن ئىشلەتكۈچىلەرگە پايدىسى تېگىدىغان رىقابەتنى قوللايمىز!
مىكروسوفتتىكىلەرمۇ بېكار ياتمايدۇ، ناۋادا گۈزەللىككە كۈچىيەلىسە ئۇنىڭدا يەنە ئۈمىد بار. بۇنچە ئالدۇرۇپ يىقىلمايدۇ بۇ بايقۇش
ۋىندوۋس7 نى ئىشلىتىپ بىرنەرسە كۆچۈرۈشكە بۇيرۇق بىرىپ كىيىن بۇيرۇقنى قالدۇرۋەتسەم ئىجرا بولمايدۇ. بەزىدە سىستىمىنىڭ قېتىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەرقېتىم مۇشۇ ئىشقا يلۇققىنىمدا بىر ئەخلەت ئىشلىتىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەپ قالىمەن.
مىكروسوفت بەلكىم بەزى ئىشلارغا ھەقىقەتەن سەل قارىغان بولسا كېرەك
مېنىڭچىمۇ گومىران بولمىغان تەقدىردىمۇ ھازىرقى مونوپوللىقىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. بۇ مىكروسوفىت مەھسۇلاتلىرىدا ئالما ياكى باشقىلارنىڭكىدەك كۈچلۈك تەسسەۋۋر يوق .
ئۇندا ئاسان يوقالمايدۇ.
مىكروسوفىتنىڭ پاتنېت سېتىش بىلەن مونۇپۇل قىلىش ئارقىلىق تەرەقى قىلدىغان دەۋرى ئۈتۈپ كەتتى. ئەمدى ھەقىقى مەھسۇلاتقا تايانمىسا بولمايدۇ!!!!
نېمىدىگەن قالايمىقان سۆزلەر بۇ ؟ سىز زادى «كۆزنەك» مەشخۇلات سېستىمىسىنى قانچىلىك چۈشىنىسىز ؟ بىڭسىڭىز بولسا «كۆزنەك» 8نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشمامسىز؟ QQ بىلەن IE نى بىلگىنىڭىز «كۆزنەك»مەشخۇلاتىنى باھالىشىڭىزغا يەتمەيدۇ.يۇقىرى ئۆرلىگەنلەنىڭ «ئەرۋاھ»قا ئايلىنىپ كېتىشىنى تىلىمەي ، ئورتاق ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئۇلارغا مەدەت بېرەيلى !
مىنىڭچىمۇ ئۇنداق ئاسان يوقىلىپ كەتمەيدۇ مەنمۇ مىكروسوفىتنىڭ قوللىغىچىسى
مىنىڭچە بۇ بىر جەريان مىكروسوفىت شۇنچە ئۇزاق پۇت دەسسەپ تۇرالىدى،يۇقۇلۇپ كەتسىمۇ يەن شۇنچىلىك ئۇزاق ۋاقىت كىتشى مۈمكىن ،چۈنكى كىشلەر ئىشلىتىپ باقمىغىچە ئۇنىڭ قانچىلىك ياخشىلىقىنى بىلمەيدۇ ، مەنمۇ ئالمىنىڭ زادى قانداقلقىنى بىلەيمەن