نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > رەقەملىك دۇنيا > يازما مەزمۇنى

نوكىيا ئاندروئىد تۇمانلىرى : Google قوللاشقا ئېرىشىدۇ، مىكروسوفت نەپكە ئېرىشىدۇ

كۆچمە ئالاقە تور مۇلازىمىتىگە  ئالمىشىش بولسا مىكروسوفتنىڭ ھازىرقى ئاساسلىق نىشانى . بەلكىم “Normandy” نىڭ ئىلىپ بېرىلىشى مىكروسوفتنىڭ كۆچمە ئالاقە سەھنىسىدىكى بىر قىتىملىق سىنىقى بولىشى مۇمكىن . Windows Phone نى ئوتتۇرا يۇقىرى بازارغا يۈزلەندۈرۈشبىلەن بىرگە ” Asha+ئەستايىدىل لايىھەلەنگەن ئاندروئىد ” ئارقىلىق تۆۋەن بازارنى ئىگەللىمەكچى بولىۋاتىدۇ .

nokia-getty

‘IT دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى يىڭى تاراتقۇ مەركىزى باھاسى’

نوكىيا ئەقلىي يانفۇنلىرىنىڭ مۇشۇنداق پەيدىنپەي زاۋاللىققا يۇز تۇتىشىىدا ، WP سىستىمىسىنىڭ باش تارتقۇسىز مەسئۇلىيىتى بار . ناۋادا نوكىيا يەنىلا سۇپەتنى ئەلا بىلىدىغان ئىسىل خىسلىتىدە چىڭ تۇرۇپ ، ئىستىمالچىلارنىڭ ئىھتىياجىغا ئۇيغۇن  تىلفۇن ئىشلەپ چىقىرىدىغان بولسا مەنچە ئاندروئىد سىستىمىلىق نوكىيا يەنىلا  بازار تاپالايدۇ ، بولۇپمۇ 80-يىللاردا تۇغۇلغانلارنىڭ نوكىياغا مىھرى يەنىلا  چوڭقۇر . بىراق مىكروسوفت مۇشۇنىڭ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىر پۈتۈن مۇلازىمىتىنى ئاندروئىد سىستىمىسىغا كىرگۈزىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قاتتىق دىتال جەھەتتىمۇ   بىر تەشۋىقات كاپالىتىگە ئىگە بولىدۇ ، ئومۇمەن پايدا زىياندىن چوڭراق .

يىقىندا خەۋەر قىلىنىشىچە ، نوكىيا 2-ئاي ياكى 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئاندروئىد سىستمىلىق يانفۇنلىرىنى بازارغا سىلىپ ، ئوتتۇرا تۆۋەن بازارلارغا قەدەم تاشلايدىكەن . بۇندىن بۇرۇنمۇ ، نوكىيانىڭ مەخپىي ھالدا ئاندروئىد سىستمىلىق يانفۇننى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى مىش-مىش پاراڭلار ئىقىپ يۈرگەنىدى ، يەنى ” Normandy ” نامىدىكى  تەتقىقات تۈرى .

ئەگەر باشقىچە ئەھۋال يۈز بەرمىسە ، ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان نوكىيانى سېتىۋىلىش سودىسى بۇ يىل بىرىنجى پەسىلدە ئوڭۇشلۇق تاماملىنىدۇ . بۇنىڭ بىلەن نوكىيانىڭ ئاندروئىد يانفۇن چىقىرىشى تېخىمۇ تەسلىشىدۇ . بارلىق مۇنازىرە ھەم گۇمانلار ئاساسەن ئىككى نۇقتىغا يىغىلغان :

نوكىيانىڭ ئاندروئىد پىلانى راستىنلا مەۋجۇتمۇ ؟ بۇ تۈر Google ۋە نوكىياغا نىسبەتەن نىمىدىن دىرەك بېرىدۇ ؟

 

 تۇمان ئارىسىدىكى ” Normandy ” .

مىكروسوفتنىڭ نوكىيانى سېتىۋىلىشى بالمىرنىڭ ئوكيان ئارا تىلفۇن سۆھبىتىدىن باشلانغىنىدەك ، نوكىيا بىلەن ئاندروئىدنىڭ ھىكايىسىدىمۇ شۇ خىلدىكى كۆۋرۈكلۈك جەريان يۈز بەرگەن بولىشى مۇمكىن ، پەقەت بىز ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىغا ئېرىشەلمىدۇق خالاس .

ھازىرقى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا ، ” Normandy ” تۈرى ھەقىقەتەن بار بولىشى ، يەنە كىلىپ مىكروسوفتنىڭ نوكىيانى سېتىۋىلىش ئىشىدىن بۇرۇن باشلانغان بولىشى مۇمكىن .

ئەمما مىكروسوفت تەسىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشى بىلەن ،  ” Normandy “نىڭ تەتقىقات ۋە بازارغا سېلىنىش پىلانى كىچىكتۈرۈلگەن بولىشى مۇمكىن ،. بىر نوكىيا خىزمەتچىسىنىڭ ئىپادىلىشىچە ، مىكروسوفت نوكىيانىڭ ئاندرويىد يانفۇن ئىشلىشىنى خالاپ كەتمەيدىكەن ، لىكىن ھازىر مىكروسوفتنىڭ پوزىتسىيىسى قارشى تۇرۇشتى سۈكۈتتە تۇرۇشقا ئۆزگەرگەن .

مىكروسوفتنىڭ پوزىتسىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئىھتىمال  ” Normandy ” تۈرىنىڭ “ چىراي ئۆزگەرتكەن ” لىكىدىن بولغان . ئەگەر بۇرۇنقى  ” Normandy ” ئاددىلا مەنىدىكى ” ئاندرويىد يۇمشاق دىتال + نوكىيا قاتتىق دىتال” بولغان بولسا ، كىيىن بازارغا سىلىنغان چاغدا ، كۆرىدىغىنىڭىز چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن سىستىما بولىدۇ .

Google قوللاشقا ئېرىشىدۇ ، مىكروسوفت پايدىغا ئېرىشىدۇ

گەرچە “Normandy” سىرلىق تۈستە بولسىمۇ ، بۇ مىكروسوفتقا ئاسىيلىق قىلغانلىق ياكى چىشىغا تەگكەنلىك ئەمەس . تۈرنىڭ ئىسمىدىن قارىغاندىمۇ ، نوكىيا Windows Phone سەھنىسىدىن باشقا ، ئەقلىي يانفۇننىڭ ئىككىنجى چوڭ جەڭگاھىنى ئېچىپ ، ئوتتۇرا تۆۋەن بازار قاپلاش دائىرىسىنى كىڭەيتمەكچى بولىۋاتىدۇ . گەرچە نوكىيانىڭ ئىچكى خادىملىرىنىڭ Windows Phoneسىستىمىسىنىڭ بازاردىكى ئىپادىسىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىگە نارازى ئىكەنلىك توغرىسىدىكى سۆز – چۆچەكلەر توختىماي تارقىلىپ يۈرگەن بولسىمۇ ، بىراق ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ئېلوپ (نوكىيا CEO) شىركەتنى باشقۇرغان مەزگىلدە ، شىركەت يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرى بىلەن مىكروسوفت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىزچىل يىقىن ھەمدە دوستانە بولغان .
نوكىيا ئەزەلدىن Windows Phone   سەھنىسىدىن چىكىنىشنى ئويلاپ باقمىغان ، بولمىسا ئۇلار بۇ تۈرنىڭ ئىسمىنى ”Dunkerque“ دەپ قويغان بولاتتى . مىكروسوفتنىڭ ئەقلىي يانفۇن ساھەسىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن ،  Windows Phone نى قوغداش ئارقىلىق ، نوكىيا مىكروسوفت تەرەپتىن نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ . بىراق “Normandy” نىڭ  تىخمۇ مۇھىم   . خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، نوكىيا “Normandy” تۈرىنى Asha قاتارىدىكى يانفۇن مەھسۇلات لىنىيىسگە كىرگۈزۇپ ، تۆۋەن قاتلامدىكى ئىپتىدائىي يانفۇن ئىشلىتىۋاتقان ئىستىمالچىلارغا يۈزلەندۈرمەكچى بولىۋىتىپتۇ . Asha نوكىيا يانفۇن لىنىيىسىدە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە ، ئۇ Lumia ئەقلىي يانفۇنى بىلەن ئەنئەنىۋى ئىقتىدار يانفۇنلىرى ئارىلىقىدىكى يانفۇن ، گەرچە ئىقتىدار يانفۇنلىرى قاتارىغا قىتىۋىتلگەن بولسىمۇ ، مەھسۇلاتنىڭ لايىھەلىنىشىگىچە ، مەشغۇلاتتىن ئىقتىدارغىچە ئەقلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئىزنالىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ . نوكىيا Asha ئارقىلىق ئوتتۇرا تۆۋەن قاتلامدىكى خىرىدارلارنى ئەقلىي يانفۇنىغا كۆچۈش باسقۇچىغا كۆچۈشىگە يىتەكچىلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن . گەرچە Google نوكىيانى سىپىگە قېتىۋىلىشنى ئىنتايىن ئۈمىد قىلسىمۇ ، ئاندروئىد تۈرىدىكى خادىملارنىڭ ئىيتىشىچە ، نوكىيا ئاندروئىد يانفۇنلىرىنىڭ تەقدىرى ” مىكروسوفتنىڭ پوزىتىيىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىكەن ” .مىكروسوفت بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى ھەرگىز خالىمايدۇ ، لىكىن ئىشنىڭ جەريانىدىن قارىغاندا ، ئەمەلىيەتچان شىمالىي ياۋروپالىقلار ھاكاۋۇر ئامرىكىلىق مىھمانلارنى قايىل قىلغاندەك قىلىدۇ .

نوكىيا  بىلەن ئاندرويىد قانداق قىلىپ ئەڭ يۇقىرى بىر گەۋدىنى ھاسىل قىلىدۇ ؟ ناۋادا ھەمكارلىشىش تىخىمۇ كۆپ Asha ئىشلەتكۈچىلىرىنى ئىپتىدائىي ئىقتىدار يانفۇنلىرىدىن ئەقلىي يانفۇنغا كۆچۈرەلىسە ، نوكىيانى سېتىۋىلىشنى تاماملىغان مىكروسوفت ماركىسى تىخمۇ كۆپ خىرىدار ۋە بازارنى ئىگەللىيەلەيدۇ . “Normandy” تۈرى ئاندرويىدقا چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ۋە ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرالىسا ، مىكروسوفت ئاندرويىدنىڭ چاپىنى ئاستىدا ئۆزىنىڭ كۆچمە ئىزدەش مۇلازىمىتى ، كۆچمە ئىشخانا مۇلازىمىتى ، ھەتتا كىيىنكى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىنى تىخىمۇ كۆپ ئىستىمالچىلارغا تەۋسىيە قىلالايدۇ . ۋاقتى كەلگەندە ئاندرويىد بازار ئۈلۈشىدىكى قوللاشقا ئىرىشكەن بىلەن ، مىكروسوفت ئىكىلوگىيە سىستىمىسىدىكى نەخ پايدىغا ئېرىشىدۇ .
كۆچمە ئالاقە تورىغا ئالمىشىش بولسا مىكروسوفتنىڭ ھازىرقى ئاساسلىق نىشانى . بەلكىم “Normandy” نىڭ ئىلىپ بېرىلىشى مىكروسوفتنىڭ كۆچمە ئالاقە سەھنىسىدىكى بىر قىتىملىق سىناق بولىشى مۇمكىن . Windows Phone نى ئوتتۇرا يۇقىرى بازارغا نىشانلاش ، Asha+ئەستايىدىل لايىھەلەنگەن ئاندروئىد ئارقىلىق تۆۋەن بازارنى ئىگەللىمەكچى بولىۋاتىدۇ .
نوكىيا بىلەن Google كىچىكىپ كۆرۈپ قالغىنىغا ئۆكۈنۈشىدۇ ، ئىسىت ، ۋاقىتنى كەينىگە ياندۇرغىلى

 بولسىدى
ئەمەلىيەتتە 2008-يىلىدىلا  نوكىيانىڭ ئىچىدە ئاندرويىد يانفۇن تەتقىق قىلىشقا دائىر مۇناسىۋەتلىك پىلان ۋە مۇمكىنچىلىكلەرمۇزاكىرە قىلىنغان ، شۇنىڭدىن كىيىن يەنە Google تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ  بۇ يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرلىمەكچى بولغان . لىكىن بىر ھالقىلىق ئامىل بۇ پىلاننىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى توسۇپ قويغان – نوكىيا ئۆزى ئۇزۇندىن بىرى تەتقىق قىلىۋاتقان Meamo سىستىمىسى .

نۇرغۇن نوكىيا خزمەتكارلىرى يۇمشاق دىتالغا ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كىچىپ ئاندرويىدقا بېقىنىشنى پۈتۈنلەي خالىمىغان ،  ئۇنىڭ ئىچىدە نوكىيادا مۇھىم ئەمەل تۇتقان “كونىلار ” Meamo سىستىمىسىغا  نىبەتەن گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلىرى بار  ئىدى . كىيىن نوكىيا  Intel بىلەن ھەمكارلىشىپ ، Meamo بىلەن Moblinنى بىرلەشتۈرۈپ ، Meago سىستىمىسىنى ياساپ چىققانلىقىنى  ئىلان قىلدى  ، شۇنىڭغا ئۇلاپلا تۇنجى ھەم ئاخىرقى   Meago سىستىمىلىق يانفۇن – NOKIA N9نى بازارغا  سالدى .بىراق Meago نوكىيانى ئەقلىي يانفۇن ساھەسىدە قايتا تىرىلىشىكە مۇۋەپپەق قىلالمىدى ، ئەكىسچە قىممەتلىك ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ كىتىپ قالدى ،  كىيىن  ئېلوپنىڭ كىلىپ ھوقۇق تۇتىشى بىلەنلا ، نوكىيا پۇتۈنلەي Windows Phone تەرەپكە ئاغدى .
مىكروسوفتنىڭ پوزىتسىيىسىنى نەزەرگە ئالمىغان تەقدىردىمۇ ، نوكىيا ئۆزىمۇ قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كىلىدۇ ،. گەرچە نوكىيا  يىڭى بىر پەسىللىك مالىيە دوكىلاتىدا بۇ شىركەتنىڭ يانفۇن كەسپى زىيىنى تىز سۈرئەتتە ئازىيىۋاتقان بولسىمۇ ، بىراق ئاندروئىد بازىرىغا كىرىشنى تاللاپ قالسا ، بۇرۇن سەرپ قىلىنغان  تەتقىقات ۋە ئىلان مەبلىغى  بىلەن كەسكىن بازار رىقابىتى نوكىيا  يانفۇن كەسپىنىڭ مالىيە دوكىلات سانىنى قايتا تۆۋەنلىتىۋىتىشى مۇمكىن  .

تىگى – تەكتىدىن ئىيتقاندا ، ئۆتكەن بىر نەچچە يىل ئىچىدە نوكىيا بەك كۆپ خاتا تاللاشلارنى تاللىدى ، گەرچە ئۇلار مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە قاتتىق ئىتىبار بەرگەن بولسىمۇ .
بىز  كۆرۈنۈشنى 2010 -يىلنىڭ ئالدىنقى يىرىمىغا ياندۇرۇپ كۆرۈپ باقايلى ،. شۇ ۋاقىتتىكى نوكىيا  CEO سى ئوللى پىككا فىنلاندىيە ئىسپو دىڭىز ياقىسىدىكى ئىشخانىسدا ئولتۇرۇپ ياغاچ ماتىرىياللىرى ياساش بىلەن ئىش باشلىغان بۇ شىركەتنى قانداق يىتەكلەپ مىڭىش ، بۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش توغرىسىدا كاللا قاتۇرۇۋاتاتتى .  شىركەت تىخى يىقىندىلا يۇقىرى قاتلام يانفۇنلىرىدا  سىمبىيان سىستىمىسىنى ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچكەنىدى ، بۇ ئوللى پىككىغا تىخىمۇ ئىغىر بىسىم ئىلىپ كەلدى . نۇرغۇن كىشلەر پەرەز قىلىشماقتا ئىدى : نوكىيا قايسىسىنى تاللار ؟ Android نىمۇ  ؟ Meego نىمۇ ؟ ياكى Windows Phone نىمۇ ؟

بۇندىن بۇرۇنراق نوكىيا  مىكروسوفت بىلەن يانفۇن كارخانىا ئەپلىرى ۋە مەھسۇلات يىڭىلىق يارىتىش قاتارلىق تەرەپلەردە مەخپىي ھەمكارلىق ئورناتقانىدى .

ئوللى پىككا تۇرۇپكىنى قولىغا ئالدى .

ھىكايە مانا مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى  .

ناۋادا  ، پەقەت ناۋادا  ، قارشى تەرەپتىن تىلفۇننى ئالغىنى بالمىر  بولماي  ، Googleنىڭ  شىمىت  بولغان بولسىچۇ ؟

نوكىيانىڭ كەلگۈسى باشقىچە بولغان بولارمىدى  ؟
IT  دەۋر  ھەپتىلىك ژۇرنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى  .

تەرجىمان : ئالماس 6302



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. يادىكار 2014.02.18 , 14:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالدىدا ئولتۇرۋېلىپ ئالدىرىماي ئوقاي :grin:

    • ئابومجان 2014.02.18 , 20:09

      ئىسىل يازما بوپتۇ، تەھلىلمۇ ئۇرۇنلۇق ، ما پەستە ئولتۇرۇشقانلانىڭ پىكىرلىرىمۇ جايىدا بوپتۇ ، مىكروسكوپنىڭ لاۋداسى بىلەن كۈرەشكەندە تەلىپىڭلانى ئەينەن يەتكۈزۈپ قۇياي ، يېڭى سېستىما يېڭى تېلفۇننى ئامال با سىلەنىڭ دىگىنىڭلاردەك قىپ ياساپ بەرگەي

  2. خەپ 2014.02.18 , 15:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي ..قاتتق دىتال بىلەن كارى يوق يۇمشاق دىتال دەۋىر سۇرۋاتىدۇ دىسە….:smile::smile::smile:

  3. ئابدۇخېلىل 2014.02.18 , 15:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نوكىيا ئاندروئىد سىستېمىنى قايتىدىن تۈزۈپ چىقىىپتىمىش، گۇگولنىڭ بارلىق مۇلازىمەتلىرىنىمۇ چىقىرىۋىتىپتۇ، سىستېما Asha ئۇسلۇبىنى ھازىرلايدىكەن، قارىماققا WP سىستېمىسىنى ئىشلىتىۋاتقاندەك كۆرۈنىدىكە دىمەك سىز نوكىيانىڭ ئاندروئىد تېلفونىنى ئالسىز WP سىستېمىسىنىڭ قانداقلىقىنى تېتىپ باقىسىز بىر چالمىدا ئىككى پاختەك دىگەن شۇ … سەپلىمىسى جەھەتتە تۆۋەندەك قىلامدۇ نىمە؟ خەۋەردە كۆرۈشۈمچە ئېلان قىلدىغىنى بىر خىللا ئاندروئىد تېلفونى ئەمەسمىش يەنە سەپلىمىسى يۇقۇرى، ئوتتۇرا تېلفونلارنىمۇ ئوتتۇرغا چىقىرامىش… بۇنىڭ بىر ياخشى باشلىنىش بۇلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. غەيرەت قىل نوكىيا!! بىز سىنى قوللايمىز( باھاسىنى ئەرزان چىقارساڭ):mrgreen:

  4. شامال 2014.02.18 , 15:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كونا ئامرىقىم نوكىيا. ھىي ھى…

  5. ئېلتەبېر 2014.02.18 , 16:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ نوكىيانىڭ قوللىغۇچىسى

  6. رىۋايەت 2014.02.18 , 17:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسلى مىكروسوفىت نوكىيا بىلەن ھەمكارلىشىپ گوگىلغا ئازىراق نەپ بەرگەن ئاساستا ئاندىروئىد ۋە ۋىندوۋىس سېستىمىسىنى تەڭ قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولدىغان قوشسېستىمىلىق ياكى ئاندىروئىت ئەپلىرىنى ۋىندوۋىستا ئىجرا قىلغىلى بولدىغان قىلىپ ئىشلىگەن بولسا ياخشى بولاتتى

    • ئابومجان 2014.02.18 , 20:06

      ما پىكىرنى قوللاپ قۇياي … قوش سېستىما قىلسا پەيزى بۇلاتتى ، قوش قىلاممىغان تەخدىردىمۇ ﺋﺎﻧﺪﺭﻭﻳﯩﺪقا ئاز تولا يېڭىلىق قاتسا ئىسىل بۇلىتى ، ئىشلەتكەن تۇنجى ئەقىللىق تېلفۇنۇم نوكايتى ، باللانىڭ ئالدىدا تېلفۇنۇم نوكىيا جۇما دەپ پو ئېتىپ قۇيىتۇق تېخى …

  7. ئابدۇخېلىل 2014.02.18 , 20:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئابومجان بوسا دەپ قۇيىڭە…بىكارغىلا تارقاتسۇن ئۇيغۇرچە سېستىما قاچىلاپ… نوكىيانى قوللىغىنىمىز بوپ قالسۇن… قۇشۇلدىغانلار سازكەننى چىكىڭلار!!:mrgreen:

    • ئابومجان 2014.02.19 , 09:31

      دىگىنىڭىز ئەمەلگە ئېشىپ قېلىش ئھتىمالى بەك چوڭ …
      مىكروسوفىت wp سېستىمىسىغا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن توردا پىكىر تەكلىپ قۇبۇل قىپتۇ ، بىر قېرىندىشىمىز ئۇيغۇرچە تىل قېتىش توغرۇلۇق تەكلىپ بىرىپتىكەن ، ھەم بىلەت تاشلاش ئېپ بېرىپتۇ ، ئىككى ھەپتە بۇرۇن دوسلۇق چەمبىركىدە بەك گەپ بۇلۇپ كەتكەن ، ھەر بىر ئادەم كۈندە ئۈچ بەلەت تاشلىيالايدىكەن ، مەن تۇنجى بەلەتنى تاشلىغاندا 40مىڭ ئىدى ، ھازىر 200مىڭدىن ئېشىپ كىتىپ بىرىنجى ئۇرۇنغا ئۆتتى ، مىنىڭچە ئۇلارمۇ چۇقۇم ياخشى ئويلىشىدۇ

  8. كامۇران 2014.02.18 , 21:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مانا مەنمۇ نوكىيا 525 نى ئەپ قويدۇم كىلىدىغان ۋاقتىمۇ بوپ قالدى .. لىكىن نوكىيادا يەنىلا ئۈمۈد با

  9. ئامبۇر 2014.02.18 , 23:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نوكىيانىڭ ئاندىرود سىستىملىق تىلپۇنى چىقىپ قالسا چۇقۇم بىرنى ئالىمەن جۇمۇ بۇلدىغان تىلپۇن .

  10. ئادىل 2014.02.20 , 00:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىسىت، ئىككى يىل ئاۋۋال سىمبىيان سىستىمىلىق نوكىيا 603نى ئاپتىكەنمەن. ئاپپاراتىنى دىمىگەندە ئارزۇلىغۇدەك ھىچ يىرى قالمىدى. ئۇيغۇرچە خەتنى تىخى ئوقۇغۇلى بولمايدۇ، قوللىنىشچان دىتاللىرىمۇ يوقنىڭ ئورنىدا. تور سۈرئىتىمۇ بەك ئەستا. ھازىر شۇ تىلىفۇن ئالماشتۇرۇشنىڭ كويىدا مەن. ھازىرچە نوكىيا ئىلىش نىيىتىم يوق.

  11. kamdidarد 2014.02.22 , 09:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    symbian s60v5 sestemeseneg yumxak dtalemu br tumanden axedu manda nokia5800w ba 2oo dak uyun kaqlesam domte toxmasten megese tuxup kaptu kasapatneg yana tehe bika tumay 内存不足 Dap qekwaldu .opera mobile kaqlesam nur.uqur.ulinix.torhumar…katarlek on naqqa tor batlam 100% uyghurqa kagan torbatla umuqukneg paqekedak .man yana nokia alaymeken dayma qunke u bak jeg س

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量