نوكىيا بىلەن بېنز ھەمكارلىشىپ شوپۇرسىز ئاپتوموبېل چىقارماقچىكەن
ئىلگىرى Google مۇ شوپۇرسىز ئاپتوموبېل ھەققىدە خېلى ئىزدەنگەن بولۇپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، نوكىيا بىلەن بېنزمۇ ھەمكارلىشىپ بىر ئەترەت تەشكىللەپ، شوپۇرسىز ئاپتوموبېل تېخنىكىسىدىن ئىبارەت بۇ ساھەگە يۈرۈش قىلماقچى بولغان. نوكىيانىڭ خەرىتە جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلار ئەقلىي ئاپتوموبېلغا بىر 3D خەرىتە قۇرۇپ بەرمەكچى، ۋە شۇ ئارقىلىق ئاپتوموبېلنىڭ شوپۇرسىز يۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان.
بۇ ساھەدە، Google ئىلگىرىلا ئۆزىگە تەۋە شوپۇرسىز ماشىنا ھەيدەش تېخنىكىسىغا ئېرىشكەن، Nissan شىركىتى بولسا ئۇلارنىڭ تېخنىكىسىنىڭ 2020-يىللىرىغا بارغاندا ئاندىن پىشىپ يېتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان، بۇنىڭدىن باشقا يەنە Ford، Toyota ھەم GM قاتارلىق شىركەتلەرمۇ ئۆزىنىڭ شوپۇرسىز ماشىنا ھەيدەش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ. بۇ تېخنىكىلار ھەممىسى كەلگۈسىدە ئاپتوموبېل ھەيدەشنى تېخىمۇ قولايلىق ۋە بىخەتەر قىلىشى مۇمكىن.
ئادەتتىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى يەنىلا، بۇ خىل تېخنىكىنىڭ قاچان پىشىپ يېتىلىپ تۇرمۇشىمىزدا ئومۇملىشىشى ھەمدە ئۇنىڭ بىخەتەرلىككە قانداق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت.
NOKIA غا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ يانفون كەسپىنى سېتىۋەتكەندىن كېيىنكى، بىر قەدەر چوڭ ھەم مۇھىم تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: NOKIA، ئاپتوموبېل، ماشىنا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,215 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 09-ئاينىڭ 12-كۈنى
- يازما مەنزىلى: nokia-and-mercedes.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يىگىتى قىسقا ئۇچۇرىنى تەكشۈرمەكچى بولغاندا يانفونىنى يۈتۈۋەتكەن بىرازىلىيەلىك قىزچاق
- كېيىنكى يازما > 13 يىلدىن بېرى، Apple تۇنجى قېتىم كوكا-كولادىن ئېشىپ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ماركىغا ئايلاندى
- گېرماننىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرى مۇنداق ۋەھشەتكەن!
- BMW ئاجايىپ سەتەڭ يېڭى تىپلىق ماشىنىدىن بىرنى چىقىرىپتۇ، سارغۇچ يېشىل رەڭلىككەن
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- BMW شىركىتىنىڭ ئالداش بايرىمىدا قىلغان چاقچىقى، كەلمىگەن تەلەيدە ……
- باشقىلار ماشىنىسىنىڭ ئەينىكى توپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن، ئوبدان كۆرۈڭ
- ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسىڭىز ئاقىۋەت سىز بىلەنلا تۈگمەيدۇ
- شوپۇرسىز ماشىنىنىڭ كەلگۈسى زادى قانداق؟
- مېرسېدېس GLA نىڭ ياپوندا ئىشلىگەن ئېلانى، مارىيو ئۆزى بىۋاستە باش رولغا چىقىپتۇ
- ئاتىنىڭ كۆچمە قەلئەسى – قىزى ئۈچۈن تۆت يىل ۋاقىت مىليون دوللار خەجلەپ كاتتا ئاپتوموبېل ياساپ چىققان دادا
ۋولۋونىڭ ماشىنىلىرىنىڭمۇ ئادەمنى خېلى جەلىپ قىلدىغان بەزى بىر تېخنىكىلىرى بار .
.
قەشقەردە تېلىفۇنچىلىق قىلىدىغان بىرنەچچە تونۇشۇم بار ئىدى ، قارىسام ئۇلار تېلىفۇنچىلىقنىڭ پايدىسىنى تازا كۆرۈپ بولالمىدىمۇ قانداق بىر ۋاقىتتا قارىسام ئىككىنجى قول توكسىكىلىت بازىرىدا ئىككىنجى قول توكسىكىلىت ئېلىپ – سېتىۋاتاتتى ، نوكىيانىڭ تېلىفۇنچىلىقنى تاشلاپ ماشىنا ساھاسىگە قەدەم باسقىنىنى كۆرۈپ شۇلار يادىمغا كېلىپ قالدى …..
قېنى بۇلارنىڭكىنىمۇ كۆرۈپ باقايلۇق ؟!
نوكىيا بىر قازان ئۇماچقا ئوخشاپ قالاي دىدىغۇ ، گوگىل شوپۇرسىز ماشىنا ياسايمىز دىگىلىمۇ سەككىز يىل بوپتا ، ياسىغان ماشىنىسىنىڭ يولغا چىقىرىپ يۈگۈرگىنىنى كۆرمىدۇق ، كۆرسەكمۇ شۇ سىناق قىلىۋاتقانلىرى ، نوكىيا قاچانمۇ بىژ ماشىنا ياساپ يولغا چىقارغۇدەك بۇلا ، ئۇ ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ ماشىنلىرى ئاسماندا ئۇچقۇدەك بۇلا ھەقچان ، چەتئەل شىركەتلىرىدە يۈرەك دىگەن باكەن جۇمۇي
ئاڭلىشمچە ۋولۋونىڭ ماشىنلىرىنىڭ بىخەتەرلىك سۈپتى خېلى بوپ قالدىكەن ، شۇڭلاشقىمۇ چ چ نىڭ لىدىرى ماخۇاتىڭ ئەپەندىم ئەزەلدىنلا ۋولۋونىڭ ماشىنىسىغا ئامراقمىش، جان تاتلىقتە ھەي …
ۋولۋونىڭ ماشىنىلىرنىڭ باشقا ماشىنىلاردىن قانداق ئارتۇقچىلىقلىرى بار؟ بىزمۇ بىلىۋاللايلى
پەيزىغۇ ، بەلكىم بۇمۇ نوكىيا ئۈچۈن يىڭى باشلىنىش بولۇپ قالار ~ نوكىيانىڭ خەرىتە كەسپى شۇنداق ياخشىمىدۇ، قارىسام ھەممە يەردە نوكىيانىڭ خەرىتىسىنى بەك ماختىشىدۇ ~؟
راست پەيزىكەن، ھەتتا تورسىز مۇھىتتىمۇ ئىشلەيدىغان يېرى قىزىقكەن. تورنى بىر ئېچىپ، ئورۇن بەلگىلەپ قويۇپ، ئاندىن تورنى ئۆچۈرۈۋەتسە تولۇق ئىشلەيدىكەن. يەنە تېخى بىر تەتەي ئوڭغا سولغا دەپ ھاماي گەپ قىلىپ بېرىدۇ.
پارتلاشقا چىداملىق سۈپىتى ياخشى ئادەتتە خېلى كۈچلۈك پارتلاشقىمۇ چىدىيالايدۇ دەپ ئاڭلىغاغ ۋولۋونى…فوردنىڭ قول ئاستىدىكى شېركەت
ۋولۋو بىر مەزگىل دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر ماشىنا دىگەن ناملار بىلەن ئاتالغان، دۇنيا ئىقتىسادى كىرزىس ۋاقتىدا ۋولۋونى فورد ناھايتى ئەرزان باھا بىلەن جۇڭگۇنىڭ جىلى گوروھىغا سىتىپ بەرگەن.
ھەممە ئىشنى بولغاندا كۆرۈڭ،ئىشتاننى سالغاندا كۆرۈڭ دەپتىكەن ،قىنى ۋاقتى كەلگەندە كۆرمەمدۇق،
مەن يانفۇندا تورخۇمارغا چىقسام بىر بىزەڭ قويغۇچنىڭ ئېلانى چىقىۋېلىپ، ئۆچەسەم يا ئۆچەگىلى بولمايۋاتىدۇ، تور كۆرگۈچمۇ ئالماشتۇرۇپ باقدىم ئوخشاش، سىمسىز توردا چىققان
باشقا تورلار نورمال زادى نەدىكى گەپتۇ كومدا چىقسام ، يانفۇندىلا شۇنداق
ۋولۋونىڭ ماشىنا بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى تۆھپىلىرى بەك كۆپكەن، ئاددىيسى بىخەتەلىك تاسمىسى، يان كەينىنى كۆرۈش ئەينىكى دىگەنلەر ۋولۋو ھەقسىز تارقىتىۋەتكەن پاتنىتلاركەن
ئادەمسىز ماشىنىنى بەك نوچى ياسىۋەتتى دىگەندىمۇ ما بىزنىڭ ژۇتقا ئەكەپ ھەيدەش مۇمكىن ئەمەس. مۇمكىن دىگەندىمۇ دۆلەت يولى ۋە شەھەر ئىچىدىكى بىر قەدەر چوڭ يوللاردا ماڭالا. نىمىلا دىمەيلى ئامال بار قولدا ھايداشنىمۇ پىششىق ئۆگىنىپ قويايلى.
ئەمدى NOKIA ماركىلىق ماشىنا چىقسا …ما ئىشنى .