BMW شىركىتىنىڭ ئالداش بايرىمىدا قىلغان چاقچىقى، كەلمىگەن تەلەيدە ……
بۇ يىلقى ئالداش بايرىمىدا، BMW شىركىتى يېڭى زىللاندىيە تارماق شىركىتى شۇ يەرلىك گېزىتقا بىر ئېلان بەرگەن – ئالداش بايرىمى كۈنى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بېرىپ كونا ئاپتوموبېلنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ، ھەيدەپ كەلگىنىڭىز بىر 54 تراكتور بولسىمۇ ئالماشتۇرۇپ بېرىمىز. ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددى، دۇكانغا بېرىپ Tom ئىسىملىك خىزمەتچىنى ئىزدىسىڭىزلا بولىدۇ. پەقەت ئەڭ بالدۇر كەلگەن خېرىدارلا بۇ پائالىيەتتىن بەھرىمان بولالايدۇ.
ئىشقىلىپ ھېچكىم بىكاردىن بىكار بۇنداق ياخشى ئىشنىڭ يۈز بەرمەيدىغىنىنى بىلىدۇ، بەلكىم كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇ ئېلاننى ئالداش بايرىمىدىكى بىر چاقچاق دەپ چۈشەنگەن بولسا كېرەك، ئانچە ئېرەنشىمىگەن. شۇڭا بۇ ئىشنىڭ داۋرىڭىمۇ چوڭ بولمىغان، پەقەت ئىككى قىزچاق(قىزلار يالغان گەپكە ئامراق بولىدىغان ئوخشايدۇ) دۇكانغا بېرىپ Tom نى ئىزدىگەن.
ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان يېرى شۇكى، بۇ بىر چاقچاق ئەمەس، بەلكى BMW شىركىتىنىڭ ئالداش بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. ھالبۇكى، بۇ ئىككىيلەن شۇ كۈنى كەلگەن تۇنجى ھەم تەلەيلىك خېرىدار ئىكەن، شۇنداق قىلىپ ئىككىيلەن ھەيدىگىلى 15 يىل بولغان ياپوننىڭ ماشىنىسىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا 50 مىڭ دوللارلىق يېپيېڭى BMW غا ئالماشتۇرىۋالغان.
BMW يەنە ئۇلار ئۈچۈن مەخسۇس خاتىرە شەكلىدە ئاپتوموبېل نومۇر تاختىسى ئىلتىماس قىلىپ بەرگەن، نومۇر تاختىسىنىڭ نومۇرى NOF00L (ئەخمەق ئەمەس) ئىكەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئاپتوموبېل، ئامەت، ماشىنا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 34,369 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2015-يىلى 04-ئاينىڭ 04-كۈنى
- يازما مەنزىلى: nof00l.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بوئېن 737 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ قۇراشتۇرۇلۇش جەريانى
- كېيىنكى يازما > پۇل خەجلەپمۇ ھۆرمەت تاپالمايدىغان 12 ئىش
- گېرماننىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرى مۇنداق ۋەھشەتكەن!
- BMW ئاجايىپ سەتەڭ يېڭى تىپلىق ماشىنىدىن بىرنى چىقىرىپتۇ، سارغۇچ يېشىل رەڭلىككەن
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- باشقىلار ماشىنىسىنىڭ ئەينىكى توپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن، ئوبدان كۆرۈڭ
- ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسىڭىز ئاقىۋەت سىز بىلەنلا تۈگمەيدۇ
- شوپۇرسىز ماشىنىنىڭ كەلگۈسى زادى قانداق؟
- مېرسېدېس GLA نىڭ ياپوندا ئىشلىگەن ئېلانى، مارىيو ئۆزى بىۋاستە باش رولغا چىقىپتۇ
- ئاتىنىڭ كۆچمە قەلئەسى – قىزى ئۈچۈن تۆت يىل ۋاقىت مىليون دوللار خەجلەپ كاتتا ئاپتوموبېل ياساپ چىققان دادا
- قاتناش ئاۋارىيەسىدە مەسئۇلىيەتنىڭ ئايرىلىشى
دىۋاننن باوۋما شىركىتىنىڭ خېرىدار جەلىپ قىلىش ئۇيۇنىكەندە باشقا چاغدا قىلغان بولسا بەك زىيان تارتىشى مۇمكىن ئىدى
قىززىق ئىشلار بوپتۇردۇدە
دوستلار ما تەلەي ئۆزگىچە بوپتۇ ! ئالداشنىڭ كۇۋادىراتى دىيىشكە بولىدۇ
كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭىنىڭ ھەققىي بارمۇ دىگەن شۇ دە
ئاھ خۇدا ،بىزنىڭ شىنجاڭدا ئالدىسىمۇ بىرەر قېتىم قىلسىچۇ بۇنداق پائالىيەتنى.
ئۇ ئىككى قىزچاق ئالداش بايرىمىنى ئۇخمايدۇ ياكى ئۇنتۇپ قالغان …
ھەر قايسى شىركەتلەر مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى پات پات ئۆتكۇزۇپ تۇرسا بۇلىدۇ ئەسلى كىشىلەرگىمۇ ئۆزگىچە تەسىرات ئاتا قىلالايدىكەن ..
ماۋۇ بۇلدىكەن
ما بۇلدىغان ئىشكەن…
50 مىڭ دوللار سەرىپ قىلىپ ھەممىسىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئېلاندىن بىرنى ئىشلەپتۇ مانا …
بىر تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم : ئاۋۇ ئىككى بودەك خوتۇن بىلەن BMW نىڭ تىلى بىر بولىشى مۇمكىن ، ئاتالمىش بايرام تۈگەپ بۇ ئىشلار ھەممىسىنىڭ ئېسىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئىككى بودەك خوتۇن ماشىنا ئىسكىلاتىدىن ماشىنىنى ھەيدەپ چىقىپ BMW نىڭ مەخسۇس سېتىش ئورنىغا بېرىپ ئەينى ۋاقىتتا ئاچقۇچنى بەرگەن تام دىگەن ئاداشقا ماشىنىنى ساق سالامەت تاپشۇرۇپ بېرىپ قىپ قالغان ئىش ھەققىنى ئالغاندىن كېيىن بۇرۇنقى قوتا ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېتىپ قېلىشى مۇمكىن …
—————————–
ئەتىگەندە سەل جىق گەپ قىلىپ قويدۇم ، ئويلاپ باقسام ئەسلىدە دورامنى ئىچىشنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن …
بۇنداق ئەھۋالنى يۈز بەرمەيدۇ، دېگىلىمۇ بولمايدۇ. ئەمما ئۇنداق قىلغان بولسا ھەممە ئىشنى زىر-زىبىرىگىچە قىلنى قىرىققا يېرىپ باقىدىغان ئەجنەبىيلەر ئاۋۇ ئىككىسىنىڭ تېگى-تەكتىنى ئېنىقلاپ توردا ئېلان قىلىۋەتسە BMWنىڭ يۈزىگە بەكلا سەت بولىدۇ. داڭلىق ماركىلىق بىر كارخانا مېنىڭچە ئىناۋىتىنى تۆكىدىغان ئىشنى قىلماسمىكىن. كىم بىلىدۇ، بۇ خەۋەرنى كۆرگەن شۇ يەرلىك ئىتنىڭ بالىسى مۇخبىرلار (狗仔) ما ئىككىسى مۇكاپاتقا چىققان ماشىنىسىنى ھەيدەۋاتامدۇ-يوق؟ دەپ نەچچە كۈننىڭ ياقى كەينىگە كىرىۋېلىپ مەخپىي تەكشۈرۈپ يۈرەمدۇ تېخى
ئۇ خىل ئېھتىماللىقنىمۇ يوق دېيىشكە بولمايدۇ. بىراق BMW دەك دۇنياۋى ئاپتومبىل كارخانىسى ئۈچۈن 50 مىڭ دوللار دېگەن ھېچقانچە گەپ ئەمەس. ئازغىنە پۇلنى دەپ ئىناۋەتنى خۇيمەن قىلدىغان ئىشنى قىلماس. بىرە ئاپتومبىل سوۋغا قىلغانغا ئۇلار ھېچنىمە بوپ قالمايدۇ. بىكا مۇخبىرلار بىلىپ قالسا 50 مىليون دوللار تۆلەپمۇ تۆكۈلگەن ئىناۋەتنى قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولمايدۇ.
ئىشقىلىپ مۇشۇ BMW شىركىتى يېڭىلىق يارتىشىقا ماھىر، ئالداش بايرىمىدىن پايدىلىنىپ يۈز تېپىۋاپتۇ مانا.
پاھوي ھەجەپ ئوبدانكىنا بۇلار!
بىزنىڭ ماۋۇ جۇڭگۇدىكى ماشىنا سېتىش شىركىتىدىكىلەرمۇ ئايدا-يىلدا مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ تۇرسا بولاتتىكەنتۇق
50 مىڭ دوللارنى باشقىلار بېرىش ئارقىلىق نەچچە ھەسسىلەپ قايتۇرۇپ كېلىدۇ ئۇلار. تەشۋىقات دېگەننىڭ كۈچىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ.
ھامىنى دىگەن بىلەن خەلقارالىق شىركەت تۇرسا بۇ ھەم ياسىغان ماشىنىلىرىمۇ شۇنداق چىرايلىق ،پوچى پۇختا تۇرسا
تۇلپار بۇ ماشىنىغىزە كۈيىمەندە بۇلىدىغان ماشىنا بۇ ئىقتىدارلىرىمۇ بەك يۇقىرى