BMW ئاجايىپ سەتەڭ يېڭى تىپلىق ماشىنىدىن بىرنى چىقىرىپتۇ، سارغۇچ يېشىل رەڭلىككەن
BMW نىڭ كلاسسىك 3.0 CSL تىپلىق ماشىنىسىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن، BMW شىركىتى تېخىمۇ ئاقسا يېڭى ماشىنىدىن بىرنى ياساپ چىقىمىز دېيىشىپتىكەن.
ئىلگىرى تېخى لايىھە رەسىمىنىمۇ ئېلان قىلغان ئىدى.
ھازىر بۇ يېڭى ماشىنا ياساپ چىقىلىپتۇ، رەڭگى سارغۇچ يېشىل رەڭدە ئىكەن. ماشىنىنىڭ ئۆزى لايىھە رەسىمدىنمۇ سەتەڭ چىقىپتۇ! بۇ يېڭى ماشىنا ئىتالىيەدىكى Concorsod’Eleganza ماشىنا كۆرگەزمىسىدە تۇنجى بولۇپ كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
چەتئەلدىكى ماشىنا كۆرگەزمىلىرىدە ئاساسلىق كۆرىدىغىنىمىز يەنىلا ماشىنا بولىدىكەن.
ئىلگىرىكى لايىھەلىگەندە ماشىنىنىڭ ئىچى مۇشۇنداق لايىھەلىنىپتىكەن.
ياسىلىپ چىققاندىكى تۇيغۇ مۇسابىقە ماشىنىلىرىدىن قېلىشمايدىكەن
ئالدىرىماي ھەيدەپ چىققاندىكى تۇيغۇ
كەينىدىكى بىر تۇتاش چىراقلىرى
دۆلەت ئىچىدە قاچان سېتىلىدۇ، قانچىگە سېتىلىدۇ بۇ توغرىسىدا تېخى گەپ يوق. ئىشقىلىپ ۋاقتى كەلگەندە بايۋەتچىلەرنىڭ بىرىنچى ۋاقىتتا قولغا كىرگۈزىدىغانلىقا ئىشىنىمىز. شۇ چاغدا يولنىڭ بويىدا تۇرۇپ بايۋەتچىلەرنىڭ ھەيدىگىنىنى كۆرۈۋالارمىز.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ماشىنا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 49,780 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2015-يىلى 05-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: bmw-3-0-csl.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مىكروسوفت چىقارغان «سۈرەتكە قاراپ يېشىنى تېپىش» تور بېكىتى، ياش يوشۇرىدىغان قىزلار ئېھتىيات قىلىڭلار
- كېيىنكى يازما > Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- گېرماننىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرى مۇنداق ۋەھشەتكەن!
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- BMW شىركىتىنىڭ ئالداش بايرىمىدا قىلغان چاقچىقى، كەلمىگەن تەلەيدە ……
- باشقىلار ماشىنىسىنىڭ ئەينىكى توپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن، ئوبدان كۆرۈڭ
- ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسىڭىز ئاقىۋەت سىز بىلەنلا تۈگمەيدۇ
- شوپۇرسىز ماشىنىنىڭ كەلگۈسى زادى قانداق؟
- مېرسېدېس GLA نىڭ ياپوندا ئىشلىگەن ئېلانى، مارىيو ئۆزى بىۋاستە باش رولغا چىقىپتۇ
- قاتناش ئاۋارىيەسىدە مەسئۇلىيەتنىڭ ئايرىلىشى
- قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىشتىن بىر سكونت ئىلگىرى، ناۋادا پاراڭلاشقىلى بولغان بولسا…
ماۋۇ ماشىنا ئالامەتكەن ئەمما…
دىۋان دەپ قالدىم
ئۆزەڭلىچە …؟
ئىشقىلىپ ۋاقتى كەلگەندە بايۋەتچىلەرنىڭ بىرىنچى ۋاقىتتا قولغا كىرگۈزىدىغانلىقا ئىشىنىمىز. شۇ چاغدا يولنىڭ بويىدا تۇرۇپ بايۋەتچىلەرنىڭ ھەيدىگىنىنى كۆرۈۋالارمىز.
…..
ماۋۇ گەپكە سەت كۈلۈپتىمەن
ھە شۇنداقمۇ ؟ ئەسلىدە مۇنداقكەندە …
ھىم ما بولدىغان گەپكەن ، قېنى مەسلىھەتلىشىپ بىريەنى دەڭلا ، شۇ يەرگىلا ھەيدەپ باراي ، خالىغانچە بە ھۇزۇر كۈرۈۋالاسىلە
ھازىر ھەيدەۋاتقان ماشىنامنى ئالماشتۇرىدىغان ۋاقىتمۇ بولغان. ئەمىسە مۇشۇنى ئويلاشسام بولغۇدەك
راس ئالماشتۇرىدىغان ۋاقىتى كەلگەن ، قاچانغىچە ئۈچ چاقىلىق ماشىنا ھەيدەۋېرىمىز دەيمەن
قېنى بۇ ماشىنىنىڭ ئات كۈچى ، سائەتلىك ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى ، قوزغىلىش تېزلىكى ، ماي سەرپىياتى ، ئوق ئارىلىقى ، ئىچىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى ، سېتىلىش باھاسى دىگەن سان – سېفىر ئۇچۇرلار ؟
سەتىراچتەك تېما يېزىپ قويۇپ قايلاپ ئولتۇرىدىكەنيا ما ئوغابالا ئەكەك ….
ھەي دىياۋسى، شۇلارنى دەپ بەسەم ئالالايدىغاندەك گەپ قىلىسىزغۇ، كۆرۈۋالغانغا خوش بولىڭە
ئات كۈچى دەپ بۇ ماشىنا بىلەن تاغدا چاپمايلا ھەقچان ، ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى دىگەن بىلەن ، شەدە 50 ، 60 تىن ، گاۋسۇدا 120دىن ئاشاممايلا ھەقچان ، قوزغىلىش تىزىلىكى دەپ قاپلا ، بۇ ئۈرۈمچىنىڭ كوچىسىدا سىلىگە قانچىدە قوزغىلىپ بەسە بۇلتى بۇ ماشىنچاق ؟ ماي سەرپىياتىچۇ تېخى ، ماشىنا ئەپ گاز قويمىغاننى دەلتىكەن دەپ دۆڭ كۈرۈكتە بىرمۇنچە ئەدەم تىللىشىپ ئولتۇرىدۇ بايا ~~ شۇنىڭ بىلەن يىغىپ ئېيتسام ، سان سىفىر قېنى زادى ؟
1:54سىكىنوتلىق يىردىكى يارقىن نوقتا نىمۇ ھە ؟
رۇلى نىمداق غەلىتىلاڭ ؟
BMW نىڭ تۇلۇق ئاتىلىشى Bayerische Motoren Werke ئىكەن ، چەتئەلدە قىسقىچە قىلىپ Bimmer دەپ ئاتاپ قۇيدىكەن .BMW،MINI،Rolls-Royce ھەممىسىBMW بايرىقى ئاستىدىكى ماركا ئىكەن ، قىززىق يىرى BMW نىڭ ماشىنلىرى ئاساسەن دىگۈدەك ھەممىسى ئارقا چاق كۈچەيدىكەن .
ماندا ئىزدەپ باقسام چىقىپ قالدى ، يېزىپ قويدۇم
بۇرۇن BMW نىڭ بىر كېڭەيتىلمە نامىنى كۆرگەن… ماۋۇ ئوخشىمايدىكەن.
ھە، ئەسلى مۇنداقكەندە … ( ھې ھې ھې )
…
ما تېمىغا لىق جەينەن يىغىلىپتۇ. پىلەكتىن تاتىپ سېپىغىچە زادى.
ئابوممۇ يوقاپ كەتسە بىرە يىل يوقاپ كىتىدىكەن . پەيدا بولسا ئىنكاس بىلەن كۆمۈۋېتىپتۇ …………….. ئەھۋالدىن قارىغاندا توي قىلىپ ئاجراشقان چىراي…..
مەن دىدىمغۇ ، مەن يوقاپ كەتمىدىم ، پەقەت يوقاپ كەتكەندەك قىياپەتكە كىرىۋالدىم دەپ
ﮪﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ؟ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﻜﻪﻧﺪﻩ …
بەكلا چىرايلىق ئىكەن. كۆزۈمنىڭ ئاچچىقى چىقىپ قالدى.
سىلىمۇ تىچلىق تۇدىلا ؟ ئۇزۇن بوپتىيا …
يەلتاپان دەپ بىرنەسە بۇلدىغان ، ئاشىنىڭدا ئاداشتۇق ھە ھې
ئاشنا ئاداشتۇق دەپ ئوقۇۋاپتىمەن، سەت بولدى كەچۈرۈڭلا ھە…
سىلە كورمۇ ياكى مەن بەك جىق نەسە بىلىپ كەتتىممۇ تۇرمامدۇ ماي سەرپىياتى 3.0 دەپ
مانىڭدىن بىرنى ئالاي دىسەم ،دادام لەمبورىگىنىڭنى ھەيدەۋەسەڭ بوممامدۇ دەپ ئاغىلى قويمىدى
تولۇق خىتايچىلىشىپ كەتكەن كاللىكەن ماۋۇ. نېمە ئۇ بىرىنچى ۋاقىتتا دېگەن؟ 第一时间دېگەن گەپما؟ ئىككىنچى ۋاقىت، ئۈچىنچى ۋاقىت دېگەنلەر قايسىلار ؟
دياۋسى دېگەن خىتايلارنىڭ ئەڭ جىق ئىشلىتىدىغان ئەڭ ماز گېپى. تېخنىكا بىلسەڭلارلا ھېساپ ئەمەس فۈكې!
نەچچە يىلنىڭ ياقى تورخۇماردا ئاجايىپ ئەدەملەنى ئۇچراتتىم ، تىما يېزىشنىڭ قانچىلىك جاپالىق ئىكەنلىكىنى يېزىپ باققانلار بىلىدۇ ، يازغان تىمىدىن مانا قوناقچىلىك چاتاق تېپىۋالدىمۇ بولدى ، يوق دوپپىسىنى ئاسمانغا ئېتىپ سازايى قىغىنى قىغان … دىمەكچى … ئالدى بىلەن ئاپتورغا ھۆرمەت ، ئاندىن كىيىن چىرايلىق قىپ ئاستىغا پىكىر يازسا بۇلدىغۇ ؟ تەدبىركارنىڭ بىزگە تىما تەييارلايدىغان مەجبۇرىيىتى يوقتۇ ؟ ھەممىمىزنىڭ تاماق يەيدىغان قاچىمىز ئايرىمغۇ ؟
ياقتۇرسا كەلسۇن بىللە گۇرۇڭ مۇرۇڭ ئولتۇرىمىز ، بوممىسا …
توۋا دەي ، ئەدەم قانچە بىلىملىك بوغانسىرى شۇنچە كەمتەر بۇلدىكەن ، بەزى ئىنكاسلارغا كۈلگۈم كەلدى …
نېمە دەيمىز ئەمدى، يۇمۇر دەپ بەرسە تەربىيىۋى ئەھمىتىنى تەتقىق قىلىدىغانلار مىشەدىمۇ جىق، خاپا بولاي دېسە جاھاننىڭ ھەممە يېرىدە بار بۇنداقلار، شۇڭا سالامەتلىكنىڭ ئاسراپ بۇنداقلارغا ﮪﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ؟ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﻜﻪﻧﺪﻩ … دەپ قويسا كۇپايە.
BMW ماركىلىق ئاپتوموبىللارنىڭ ئالدى سەتكىسى نېمىشقا بىرلا خىل، يەنە كېلىپ ئەرزان ماشىنىغىمۇ يارىشىدىكەن، ماۋۇنىڭغىمۇ يارىشىپتۇ. ئۇستاملارئوتتۇرىغا چىقىڭلا، نېمە ئۈچۈن؟
ئالدى سەتكىسنىڭ ئوخشاش بولوشى ب م ۋ نىڭ ئۈچ ئالاھىدىلكنىڭ بىرسى 80يىل بوپتۇ ئۈزۈلمەي شونداق بوغىلى
ئالدى سەتكىسى بىلەن چىرىقى ئۆزگىچە ھە زادى.
قەنەبۇ چىقمايدىيا
بۇلىدىغان ماشىنىكەن بۇ.
بولىدىغان ماشىنىكەن، بىر ئالايمىكى دەپ قالدىم
قايسىڭلار بىلىسىلەر بۇ ماشىنىنى گازغا ئالماشتۇرغىلى بولارمۇ ……..
تۇلپارنىڭ شۇ ئالدى سەتكىسى بىلەن چىراق ئۆزگىچە تۇرىدۇ ئۆزگەرتىۋەتسە تۇلپارنىڭ ئالاھىدىلىكى يوقاپ كەتمەمدۇ